
سېتىۋېلىش ئورنى
مۇقام ئانسامبىلى
نەۋا مۇقامى
پلاستىنكا: ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2002
مۇقام ئانسامبىلى ھەققىدە:
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىدىن ئىبارەت دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بۇ مەنىۋى تەۋەررۈكنى، بىباھا گۆھەرنى ساقلاپ قىلىش، يىراق ئۆتمۈشنىڭ مالىمانچىلىقىدا يوقىلىپ كەتكەن ئاھاڭلىرىنى تولۇقلاش، ئۇنى رەتلەش ۋە نەشر قىلىش، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش يولىدىكى ئىزدىنىش، ئۇنىڭ مۇزىكا قۇرۇلمىسى، ئورۇنلاش ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلارنىڭ مەزمۇنى ھەققىدىكى تەتقىقات توختاپ قالمىدى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئەڭ دەسلەپ 1951-يىلى پولات سىمغا ئۈنگە ئېلىندى.
بۇ جەرياندا ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئەڭ ئاخىر ...
داۋامى
تۈر:
مۇقام
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
417

نەۋا مۇقامى - ھەققىدە:
نەۋا مۇقامى (جاسارەت، كۈچ-قۇۋەت) چوڭ نەغمەقىسمى 110 مىسرا، داستان قىسمى تۆت داستان 94 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 40مىسرا بولۇپ جەمئىي 244 مىسرا
چوڭ نەغمە مۇقەددىمە بەلا دەشتى ئارا مەجنۇن مەنىڭدەك كۆرمەمىش دەۋران، قۇيۇندەك ھەر زەمان بىر كۆرمەگەن ۋادىدا سەرگەردان. يېشىمى: بالايىئاپەت دەشتىدە مەجنۇنمۇ مېنىڭدەك دەۋران سۈرۈپ باققان ئەمەس، بۇ ۋادىدا ھەمىشە قۇيۇندەك پىرقىراپ يۈرگەن مەندەك سەرگەرداننىمۇ كۆرگەن ئەمەس. نە ئەندەھۇ مەلالىمغا بەلىييەت دەشتىدەك غايەت، نە سەۋدايۇ جۇنۇنۇمغا مەلامەت بەھرىدەك پايان. يېشىمى: قايغۇ ۋە بىئاراملىقىم بالا – قازا دەشتىدەك چەكسىز، سەۋدايىلىقىم ۋە ساراڭلىقىمغا تاپا – تەنىلەر دېڭىزدەك پايانسىز. تۈنۈم دەيجۇر، ئۆزۈم رەنجۇر، ئىچىم غەمناكۇ باغرىم چاك، تىلىم لالۇ تەنىم بىيھال، ئىشىم ئەفغان، سىردىشىم قان. يېشىمى: كېچەم قاپقاراڭغۇ، ئۆزەم خەستە، ئىچىم غەملىك، باغرىم چاك، تىلىم تۇتۇق، جىسمىم ئاجىز، ئىشىم ئاھ – زار، كۆز يېشىم قاندۇر. زەئىفۇ دەردۇ غەم پىشە، نەھىفۇ مىھنەت ئەندىشە، زەلىلۇ بىسەرۇ سامان قەتىيلى خەنجەرى ھىجران. يېشىمى: زەئىپلىك، دەرد – ئەلەم ھۈنىرىم، ئاجىزلىق، مۇشەققەت مېنىڭ ئەندىشەم؛ ھىجران خەنجىرى بىلەن ئۆلتۈرگەن، ھېچكىمى، ھېچنېمىسى يوق بىر خارۇ زارمەن. فىغانىمدىن فەلەك غەمكىن، سىرىشكىمدىن جەھان رەنگىن، نە دەردىم ئوتىغا تەسكىن، نە ھەجرىم دەردىغۇ دەرمان. يېشىمى: پىغانىمدىن پەلەك غەمگە چۆكىدۇ، كۆز يېشىمدىن جاھان قىزىرىپ كېتىدۇ، يا دەردىم ئوتىغا تەسكىن – تەسەللى يوق، ياكى جۇدالىق دەردىمگە دورا تىپىلمايدۇ. باشىم غەم تاشىدىن پارە، تەنىم ھەجر ئوقىدىن يارە، كۆڭۈل بۇ يارەغە چارە تاپارغا تاپمايىن ئىمكان. يېشىمى: بېشىم غەم تېشىنىڭ زەربىسىدىن پارە – پارە بولدى، تېنىم ھىجران ئوقى تېگىپ يارىلاندى، كۆڭلۈم بۇ يارا – جاراھەتنى داۋالاشنىڭ چارىسىنى تاپالماي ئاۋارە. كۆزۈم نەملىق، بويۇم خەملىق، ئىچىم ئەندۇھى ماتەملىق، نە ھەمدەملىق، نە مەھرەملىق تاپىپ بۇ مىھنەتى پىنھان. يېشىمى: كۆزۈم ياشتىن نەملەنگەن؛ قەددىم پۈكۈلگەن، ئىچىم ماتەم قايغۇسىغا تولغان، بۇ يوشۇرۇن دەردىمگە ھەمدەم ۋە سىرداش نەدە؟ ماڭا نە يارۇ نە ھەمدەم، ماڭا نە دوستۇ نە مەھرەم، ماڭا نە چارە نە مەرھەم، ماڭا نە سەبرۇنە ئەمان. يېشىمى: مېنىڭ يا يار – ھەمدىمىم، يا سىرداش دوستۇم يوق؛ يا چارەم يا دورام يوق، يا سەۋر – تاقىتىم يوق ياكى تىنچ – ئاراملىقىم يوق. ھەم ئەھۋالى تەباھىمدىن ھەم ئاھى سۇبھىگاھىمدىن، ھەم ئوتلۇغ دۇدى ئاھىمدىن قارارىپ كۇلبەئى ئەھزان. يېشىمى: خاراب ھالىمدىن، سەھەردە چەككەن ئاھۇ زارىمدىن، ئوتلۇق ئاھىمنىڭ تۈتۈنىدىن غەمكىن ھۇجرام قارىيىپ كەتتى. فەلەك رەھزەن، زەمان دۈشمەن، بەدەن رەۋزەن ئۈزە رەۋزەن، قالىپ جان ھەسرەتىدىن تەن، چىقىپ تەن كىشۋەرىدىن جان، يېشىمى: پەلەك قاراقچى، زامان دۈشمەن، بەدەن ئۆتمۈ تۆشۈك؛ تەن جان ھەسرىتىدىن قالدى، جان تەن يۇرتىدىن چىقىپ كەتتى. نەۋائىي بولسا مېھنەت كۆپ، ئىچە كۆر جامى ئىشرەت كۆپ، نەچە بولسا سوئۇبەت كۆپ بولۇر ۋەھدەت مەيى ئاسان. يېشىمى: نەۋائىي، مۇشەققەت كۆپ بولسا، شادلىق شارابىنى جىق ئىچىپ باق، قىينچىلىق قانچە كۆپ بولسا، ۋەھدەت شارابىنى ئىچىش شۇنچە ئاسان بولىدۇ. تەئەززە ۋاھكى بولدۇم ئىشق ئارا بىر بىۋەفاغا مۇبتەلا، بولماسۇن ئەھلى ۋەفا مۇنداق بەلاغا مۇبتەلاغە. يېشىمى: ئاھ، مەن ئىشق – مۇھەببەت ئارا شۇنداق بىر ۋاپاسىزغا گىرىپتا بولدۇمكى، ۋاپا ئەھلى مۇنداق بالاغا مۇپتىلا بولمىسۇن. ئاڭلاغاي مەجنۇنلۇغۇ بىدىللىغىمنى ھەر كىشى، كىم بولۇپتۇر بىر پەرىۋەش دىرەباغا مۇبتەلا. يېشىمى: مېنىڭ مەجنۇنلۇق ۋە غەمكىنلىكىمنى كۆرگەن ھەر قانداق بىر ئادەم: «بۇ بىر پەرى سۈپەت دىلرەبانىڭ مۇھەببەت بالاسىغا گىرىپتار بولۇپتۇ» دەپ قالىدۇ. زاھىدا، رۇسۋالىغىم تەئن ئەيلەدىڭ، جەھد ئەيلەكىم، بولغاغايسەن ئول كۆزۈ قاشى قاراغا مۇبتەلا. يېشىمى: ئەي زاھىت، رەسۋالىقىمنى تەنە قىلىشنىغۇ قىلدىڭ، ئەمما سەن ئۆزۈك ئاشۇنداق قارا كۆز، قارا قاشقا مۇپتىلا بولغاندا، رەسۋا بولماسلىق ئۈچۈن تىرىشىپ باققىنا – قېنى! بولمايىن بىگانە يارۇ ئاشنادىن چارە يوق، خاھ بول بىگانەغە خاھ ئاشناغە مۇبتەلا. يېشىمى: خاھى يات، خاھى يېقىنلارنىڭ مۇھەببەت بالاسىغا مۇپتىلا بولغاندىن كېيىن، يار – دوستلاردىن يىراقلاشماي، باشقا ئامال يوق. پادىشاھ بىرلە گەدا ھالىغا كۈلسە نە ئەجەپ، بولسە مەن يەڭلىغ گەدايى پادىشاھغا مۇبتەلا. يېشىمى: مەندەك بىر گاداي گۈزەللىك پادىشاھىنىڭ مۇھەببىتىگە مۇپتىلا بولۇپ قالسا، پادىشاھمۇ گادايمۇ ئۇنىڭ ھالىغا كۈلۈپ كەتسە، ئەجەبلىنىش كەتمەيدۇ – دە! بولمىش ئول كافىر غەمى دىۋانە كۆڭلۈمدىن مەلۇل، ھېچ كافىر بولماسۇن مەن مۇبتەلاغا مۇبتەلا. يېشىمى: مېنىڭ سەۋدا كۆڭلۈمنىڭ غېمى دەردىدىن ئۇ كاپىر بولۇپ كېتىپتۇكى، مەن مۇپتىلا بولغان ئىشقا ھېچبىر كاپىر گىرىپتار بولۇپ قالمىسۇن. ساقىيا، مەي تۇتكى دەردنىڭ ئىلاجى بادەدۇر، ھەجرەدىن كىم بولسا دەردى بىدەۋاغا مۇبتەلا. يېشىمى: كىم جۇدالىق دەردىگە مۇپتىلا بولغان بولسا، داۋاسىز دەردكە قالغان بولىدۇ، ھالبۇكى دەردنى پەقەت قەدەھ داۋالايدۇ، ئى ساقىي، مەي تۇتقىن! كىر خەرابات ئىچرە – يۇ بول رىندالەر ۋابەستەسى، خانەقاھدا بولغاچە ئەھلى رىياغە مۇبتەلا. يېشىمى: خانىقادا ساختىپەز – رىياكارلار بىلەن بولغىچە، مەيخانىغا كىرىپ، ئۇ يەردىكى ئىچەرمەنلەرگە قوشۇلۇپ كەت. ئەي نەۋائىي، يانا ئول بەد ئەھددىن بولسام خەلاس، ئەھ قىلدىمكىم، يانا بولماي ياناغا مۇبتەلا. يېشىمى: ئەي نەۋائىي، «ئۇ ۋەدىسىدە تۇرمايدىغاندىن قوتۇلسا، يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش بىرسىگە مۇپتىلا بولۇپ قالماي – جۇمۇ» دەپ ئۆز – ئۆزۈمگە ۋەدە قىلدىم. تەئەززە چۈشۈرگىسى ئەي نەۋائىي، يانا ئول بەد ئەھددىن بولسام خەلاس، ئەھد قىلدىمكىم، يانا بولماي ياناغا مۇبتەلائ يېشىمى: ئەي نەۋائىي، «ئۇ ۋەدىسىدە تۇرمايدىغاندىن قوتۇلسام يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش بىرسىگە مۇپتىلا بولۇپ قالماي – جۇمۇ» دەپ ئۆز – ئۆزۈمگە ۋەدە قىلدىم. نۇسخە دىرەبا، ۋەسلىڭنى ئىزدەپ بىنەۋا بولدۇم نەتەي، بۇ كۆڭۈل ئاخىر فىراقىڭدا گەدا بولدۇم نەتەي. يېشىمى: دىرەبا، قانداق قىلارمەن، ۋەسلىڭنى ئىزدەپ يوقسۇل بولدۇم؛ بۇ كۆڭۈلنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ، پىراقىڭدا گاداي بولدۇم. ئاھكىم، ھىجران ئوتى ئاخىر مەنى قىلدى كەباب، ھەجرۇ فۇرقەتدە كۆيۈپ ئەمدى ئەدا بولدۇم نەتەي. يېشىمى: ئاھ، ھىجران ئوتى ئاخىر مېنى كاۋاپ قىلدى، ئايرىلىق ۋە جۇدارلىق ئوتىدا ئوتىدا كۆيۈپ، ئەمدى تۈگىشىدىغان بولدۇم، قانداق قىلارمەن؟ گۇلدىن ئايرىلغان كەبى بۇلبۇل مەسەللىك ئۈن چەكىپ، ۋا دەرىغ، مەن يار ۋەسلىدىن جۇدا بولدۇم نەتەي. يېشىمى: گۈلدىن ئايرىلغان بۇلبۇلدەك پىغان چېكىپلا يۈرىمەن، ۋاي ئېسىت، مەن يار ۋەسلىدىن جۇدا بولدۇم، ئەمدى قانداقمۇ قىلارمەن؟ مەن فەقىر دىلخەستەگە رەھم ئەيلە ئەي شاھى جەھان، كۆرگەلى ۋەسلىڭنى زارۇ بىقەرار بولدۇم نەتەي. يېشىمى: ئەي جاھاننىڭ شاھى، ۋەسلىڭگە بەكمۇ ئىنتىزار بولدۇم، نېمە ئامال، مەن دىلى سۇنۇق پېقىرغا رەھىم قىلغىن. ھەرگۈنى مەندىن ۋەفا، ئاندىن جەفا ئۈزرە جەفا، مەن فەقىر ئول بىۋەفاغە مۇبتەلا بولدۇم نەتەي. يېشىمى: مەن ھەمىشە ئۇنىڭغا ۋاپادارلىق قىلىمەن، ئەمما ئۇ ماڭا دائىم جاپا ئۈستىگە جاپا قىلىدۇ. مەن مۇشۇنداق بىر ۋاپاسىزغا مۇپتىلا بولۇپتىمەن، ئەمدى قانداق قىلاي. ئول پەرى رۇخسارىغا بولسۇن ئەگەر يۈز جان فىدا، جانىما بىردۇر ئەگەر، يۈز جان فىدا بولدۇم نەتەي. يېشىمى: ئۇ پەرىنىڭ رۇخسارىغا بىر ئەمەس، يۈز جان بولسىمۇ، پىدا بولسۇن! گەرچە مېنىڭ بىرلا جېنىم بولسىمۇ، يۈز جانلىق پىداكارلىق كۆرسەتتىم، ئەمدى يەنە قانداق قىلسام بولاتتى؟ نۇسخە چۈشۈرگىسى سالىھىي گۇلچېھرەنىڭ كويىدا بولمىش بىنەۋا، دەردى ھىجرانغا گىرىفتارى بەلا بولدۇم نەتەي. يېشىمى: مەن سالىھىي، ئۇ گۈل يۈزلۈكنىڭ كوچىسىدا يوقسۇل بولدۇم، ئۇنىڭ بالادەك ھىجران دەردىگە گىرىپتار بولۇپ قالدىم، قانداق قىلارمەن. جۇلا نەمەنگاندىن كەتەر بولسام مەنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟ غەرىبلىق شەھرىدە ئولسام مەنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟ يېشىمى: نەمەنگاندىن كەتكۈدەك بولسام، مېنىڭ يوقلىغۇچۇم بارمۇ، غېرىپلىق شەھرىدە يۈرسەم، مېنىڭ يوقلىغۇچۇم بارمۇ؟ قەنى قەۋمۇ قارىنداشىم، بۇ يولدا بولسا يولدىشىم. كۆزۈمدىن ئاقىزىپ ياشىم، مەنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟ يېشىمى: قېنى، مېنىڭ قوۋم – قېرىندىشىم، بۇ يولدا ماڭا ھەمراھ بولسا بولاتتىغۇ؟ كۆزۈمدىن ياش ئاققۇزۇپلا يۈرىمەن، مېنى يوقلايدىغان ئادىمىم بارمۇ؟ مۇھەببەت شەربەتىن ئىچتىم، قازاندەك قاينابان تاشتىم، بۇ فانىي دۇنيادىن كەچتىم، مەنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟ يېشىمى: مۇھەببەت شارابىدىن ئىچتىم، قازاندەك قاينىدىم، تاشتىم، بۇ پانىي دۇنيادىن كەچتىم، مېنى يوقلايدىغان كىشىم بارمۇ؟ تۇرارغا تاقەتىم يوقتۇر، يۈرەرگە ھالەتىم يوقتۇر، يۈرەكتە ئىشق ئوتى ھوقدۇر، مەنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟ يېشىمى: توختاپ تۇرۇشقا تاقىتىم يوق، ماڭغۇدەك ئەھۋالىم يوق، يۈرىكىمدە ئىشق ئوتى ئۇلغىيىپ كەتتى، مېنى يوقلايدىغان كىشىم بارمۇ؟ قەرارىم يوق تۇراي دەسەم، نەمەنگاندا يۈرەي دەسەم، جەھاننى سەير ئەتىپ كەزسەم، مەنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟ يېشىمى: نەمەنگاندا تۇرىۋېرەي دېسەم، تۇرالغۇ جايىم يوق، جاھان كېزىپ چىقىپ كەتسەم، مېنىڭ يوقلىغۇچۇم بارمۇ؟ بۇ مىسكىن زار مەشرەبنى كىشى ھالىنى بىلمەيدۇر، بۇ يەردىن باش ئالىپ كەتسەم، مەنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟ يېشىمى: بۇ خارۇ زار، بىچارە مەشرەبنىڭ ئەھۋالىنى بىر كىشى بىلمەيدۇ، بۇ يەردىن بېشىمنى ئېلىپل چىقىپ كەتسەم، مېنى يوقلايدىغان ئادىمىم بارمۇ؟ سەنەم مەن بارايمۇكىن ئاندا، ياركەلەمدۇركىن بۇندا، يارغا يار كەرەك بولسا، قول سالىپ كەلەر مۇندا. يېشىمى: مەن ئۇ يەرگە بارايمىكىن، ياكى يار بۇ يەرگە كېلەمدىكىن؟ يارغا يار كېرەك بولسا، قول سېلىپ مېڭىپ، بۇ يەرگە كېلەر. ئاق لەيلى، قىزىل لەيلى، يارنىڭ بارمۇكىن مەيلى، بولسا – بولماسا مەيلى، مەن يارنىڭ قەلەندەرى. يېشىمى: ئاق لەيلى، قىزىل لەيلى، يارنىڭ بارمىكىن مەيلى. يارنىڭ مەيلى بولسا – بولمىسا، چاتاق يوق، مەن ھامان يارنىڭ قەلەندىرى. يار دەيمەن – يانا دەيمەن، ئۆلمەسە كەلەر دەيمەن، مەنىڭ تارتقان دەردىمنى كۆڭلىدە بىلەر دەيمەن. يېشىمى: «يارىم، يارىم» دەپلا يۈرىمەن، ئۆلۈپ كەتمىسە، كېلەر دەيمەن؛ مېنىڭ تارتقان دەردىمنى كۆڭلىدە بىلىدىغاندۇ دەيمەن. يارىم كەلەر قول سالىپ، توغرا – توغرا يول ئالىپ، قايەردىن چىقىپ كەللە، يۈرەكىمگە ئوت سالىپ. يېشىمى: يارىم قول سېلىپ مېڭىپ، توپتوغرا ماڭا قاراپ كېلىۋاتىدۇ. ئامرىقىم، يۈرىكىمگە ئوت سېلىپ، قەيەردىن چىقىپ كەلدىلە؟ چوڭ سەلىقە ئۇ مەھەللەدىن بۇ مەھەللەگە ئويناي دەپ كەلدىم، ياخشى دەمسىز، يامان دەمسىز، سىناي دەپ كەلدىم. يېشىمى: ئۇ مەھەللىدىن بۇ مەھەللىگە ئويناي دەپ كەلدىم، ياخشى دەمسىز، يامان دەمسىز، سىناي دەپ كەلدىم. ئۇ مەھەللەدىن بۇ مەھەللەگە يولى بارمۇكىن، يار ئاغرىقى بولۇپ قالدىم، دارى بارمۇكىن. يېشىمى: ئۇ مەھەللىدىن بۇ مەھەللىگە بېرىپ –كېلىدىغان يول بارمىكىن؛ يار ئاغرىقى بولۇپ قالدىم، دورا بارمىكىن. تال چىبىقتەك بويلارىڭغا زەۋقۇم كەلەدۇر، ئەرتە – ئاقشام باراي دەسەم قورققۇم كەلەدۇر. يېشىمى: تال چىۋىقتەك بويلىرىڭغا زوقۇم كېلىدۇ؛ ئەتە – ئاخشام باراي دېسەم، قورققۇم كېلىدۇ. يۈرەكىمنىڭ ياراسى كۆپ دەرمانىم يوقتۇر، شول يارىمنى كۆرۈپ ئالسام، ئەرمانىم يوقتۇر. يېشىمى: يۈرىكىمنىڭ يارىسى كۆپ، ئەمما دورام يوق. شۇ يارىمنى كۆرۈۋالسام ئارمانىم يوق. كىچىك سەلىقە بەھار ئولدىيۇ ئاچىلدى يۈزۈڭدىن پەردە گۇلزارىڭ، يەتىشدى غۇنچەنىڭ دەۋرى، زەمانى قالمادى خارىڭ. يېشىمى: باھار كەلدى – يۇ، يۈزۈڭ گۈلزارىنىڭ پەردىسى ئېچىلدى؛ ئەمدى تىكەننىڭ ۋاقتى ئۆتتى، غۇنچىنىڭ دەۋرى يېتىپ كەلدى. گۈلىستان تۇرى قۇدىس ئولدى، بەھارنىڭ نۇرى نارىندىن، كەل، ئەي مۇسا، كۆر ئاسارىن شۇكرەدە نۇر ئىلە نارىڭ. يېشىمى: باھارنىڭ ئوتلۇق ئاپتىپى شاراپىتىدىن گۈلىستان مۇقەددەس تۇر تېغىغا ئايلاندى. ئەي مۇسا، كەل، ئوت بىلەن نۇرنىڭ ئىز – ئەسەرلىرىنى تەشەككۇر بىلەن كۆرۈۋال. فەرەھدىن غۇنچەنىڭ گۇلگۇن ياناغى كۈلدى، ئاچىلدى، كى مەنزۇرى يەنە گۇلدۇر چەمەندە بۇلبۇلى زارىڭ. يېشىمى: خۇشاللىقتىن غۇنچىنىڭ رەڭدار ياڭىقى كۈلۈپ ئېچىلدىكى، چىمەنلىكتە بىچارە بۇلبۇلغا ياقىدىغىنى يەنىلا گۈلدۇر. چەچەكلەر مۇختەلىف ئەلۋان، نە مەئنادۇر ئانى بىلىكىم، بۇياقچى بەرمەمىش چۈنكىم بۇ ئەنۋارىڭ، بۇ ئەزھارىڭ. يېشىمى: چېچەكلەرنىڭ ئوخشىمىغان رەڭلەردە ئېچىلىشىنىڭ نېمە مەنە ئۇقتۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ قويۇشۇڭ كېرەك. چۈنكى بۇ نۇرلار ۋە بۇ گۈللەر بوياقچىنىڭ رەڭ بېرىشى بىلەن شۇنداق رەڭدار بولغان ئەمەس. ئەبىيرىندىن چەمەن، كۆركىم، نە دەپ ئىفاقە كەلتۈرمىش، كىم ئولمىش بۇيى ئەترىندىن مەشامى تازە ئەتتارىڭ. يېشىمى: قارىغىنا، چىمەنزالىقتىكى خۇشبۇيلۇق نېمىشقا ئىنساننى روھلاندۇرىدۇ؟ بۇ ئەتتارىڭنىڭ دىللارنى جانلاندۇرغۇچ ساپ ئەتىرى ھىدىدىن بولغان. بۇ ئەنبەردۇر تۈتەن، يا رەب، شەقايىق مىجمەرىندىنكىم، كى بۇيىندىن ئانىڭ قەدرى ساچىلمىش مۇشكى تاتارىڭ. يېشىمى: يا پەرۋەردىگار، ئادراسمان ئىسرىقدىنىدا تۈتەۋاتقان قانداق ئەنبەركى، ئۇنىڭدىن ئەڭ خۇش بۇي ئىپارنىڭ قەدىر – قىممىتىنى چېچىلىۋاتىدۇ. كەل، ئەي سىيمىن بەدەن ساقىي، ماڭا سۇن قامى سەھبايى، كى كەلدى رەۋنەقى گۇلگۇن دەمەي گۇلرەنگى خەممارىڭ. يېشىمى: كەل، ئەي كۈمۈش بەدەن ساقىي، ماڭ قىزىل مەيگە تولغان جامنى سۇنغىنكى، «قىزىلنىڭ خېرىدارى بارمۇ؟» دېمەيلا، روناق قىزىلگۈل پەسلى كېلىپ قالدى. ئەگەرچە سۇنبۇلۇ نەرگىس بەيانى «كۇنتۇ كەنز» ئەيلەر، قاچان «بەل ھەم ئەزەل» بىلسۇن ئىشاراتىن بۇ ئەسرارىڭ. يېشىمى: گەرچە سۇنبۇل بىلەن نەرگىس «مەن خەزىنە ئىدىم» دېگەن ھەدىسنى بايان قىلىپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭ «شۇنداقلا، ئەزەلدىن بېرى» دېگەن ئۇقۇمغا ئىشارەت قىلىدىغان بىر سىر ئىكەنلىكىنى كىم چۈشەنگەن؟ بۇ گۈن گەر ئالىمۇل غەيبىنىڭ ۋۇجۇدىن كۆرمەك ئىستەرسەن، رەياھىن ئۇش بەيان ئەيلەر زۇھۇرىن چەرخى سەييارىڭ. يېشىمى: ئەگەر بۈگۈن غايىباتلار ئالىمىنىڭ ۋۇجۇدىنى كۆرمەكچى بولساڭ، ئاشۇ گۈللەرمۇ كۆكتىكى سەييارەلرنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرەلەيدۇ. بۇ مۇسىقادىن ئەي سامئ، ساڭا گەر نەرسە كەشف ئولدى، مەقامىڭ بەيان ئەيلە، ئۇسۇلىن كۆرسەت ئەدۋارىڭ. يېشىمى: ئەي ئاڭلىغۇچى، ساڭا بۇ مۇزىكىدىن بىرەر نەرسە ھاسىل بولغان بولسا، مۇقامىڭنى بايان قىل، پەدە – نوتىلىرىڭنىڭ ئۇسۇلىنى كۆرسەت. ئەگەر سەۋسەن كۈبى ئەبكەم ئەمەسسەن، نۇتقا كەل، سۆيلە بۇ ھەرفۇ نوقتە تەركىبى نە يەردىندۇر بۇ گۇفتارىڭ. يېشىمى: ئەگەر سەۋسەندەك تىلسىز بولمىساڭ، زۇۋانغا كېلىپ سۆزلەپ باق، قېنى: گەپ قەيەردىن چىقىدۇ ۋە ئۇنىڭ ھەرپ – چېكىتلىرى نېمىلەردىن تەركىب تاپقان؟ تەئكىد جەھان جەنناتى ئەدن ئولمىش، ئانىڭ سەھنىندە ھۇرىلەر بەزەنمىش ھۇللەدىن بوستان، كۆزى ئاچىلمىش ئەشجارىڭ. يېشىمى: جاھان گويا جەننەتلەر كەبى بولدى، ئەنە ئۇنىڭ سەھنىسىدە ھۆرلەر يۈرىدۇ، بوستانلار نەپىس كىيىملەر بىلەن بېزەندى، دەرەخلەر چېچەكلەپ، يوپۇرماق چىقاردى. بۇ گۈن بازار ئەتەر گۇلشەن سەمەندىن، لالەيۇ گۇلدىن، غەنىمەت گۆركى، بەش گۈندۇر تەماشاسى بۇ بازارىڭ. يېشىمى: بۈگۈن گۈلشەنلەر لالە ۋە ياسىمەن گۈللىرى بىلەن بازاردەك ئاۋاتلاشتى، بۇ بازارنىڭ تاماشاسى پەقەت بەش كۈنلۈكتۈر، ئۇنى غەنىمەت بىل. نەسىيمىينىڭ سۆزى گەرچە دەمى ئىيسادۇر، ئەي مۇنكىر، ساڭا كار ئەيلەمەس نەچۈن كى، يوقدۇر ھەققە ئىقرارىڭ. يېشىمى: ئەي ئىنكار قىلغۇچى، نەسىيمىينىڭ سۆزى گەرچە ئىيسا پەيغەمبەرنىڭ دەم – نەپىسىدەك ھاياتبەخش بولسىمۇ، ساڭا كار قىلمايدۇ، چۈنكى سەن ھەقنى تونۇمايسەن – دە. داستان بىرىنچى داستان دادۇ فەرياد شۇم فەلەكنىڭ دەستىدىن، يار جەمالىن كۆرمەي ئۆلۈر ئوخشايمەن. ئىلاجىم يوق قاراقچىلار قەسدىدىن، يار جەمالىن كۆرمەي ئۆلۈر ئوخشايمەن. يېشىمى: شۇم پەلەكنىڭ زۇلمى دەستىدىن داد – پەرياد! يارنىڭ جامالىنى كۆرمەي ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن؛ قاراقچىلارنىڭ قەستىگە ئامال قىلالمىدىم، يارنىڭ جامالىنى كۆرمەي ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن. مەن نەيلەيىن نازۇك قولۇم باغلاندى، ھەجر ئوتىدا يۈرەك – باغرىم داغلاندى. قاراقچىلار ئۆلتۈرگەلى چاغلاندى، يار جەمالىن كۆرمەي ئۆلۈر ئوخشايمەن. يېشىمى: مەن قانداق قىلارمەن، نازۇك قولۇم باغلاندى، ھىجران ئوتىدا يۈرەك – باغرىم داغلاندى، قاراقچىلار مېنى ئۆلتۈرگىلى تەييارلىنىۋاتىدۇ، يارنىڭ جامالىنى كۆرمەي ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن. بۇ جانىمغا قەسد قىلدى قاراقچى ئافەت، مەنىڭ مۇندىن قۇتۇلماغىم يوقتۇر سەلامەت. گويا بۇ گۈن بولدى ماڭا روزى قىيامەت، يار جەمالىن كۆرمەي ئۆلەي ئوخشايمەن. يېشىمى: بۇ جېنىمغا قاراقچى ئاپەت قەست قىلدى، بۇنىڭدىن سالامەت قۇتۇلالمىغىدەكمەن، بۈگۈن گويا مەن ئۈچۈن قىيامەت كۈنى بولدى، يارنىڭ جامالىنى ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن. مەن يارىمدىن جۇدا بولدۇم نەيلەيىن، ئىشق يولىندا ئەدا بولدۇم نەيلەيىن. ئاچىلماغان گۇلدەك سولدۇم نەيلەيىن، يار جەمالىن كۆرمەي ئۆلۈر ئوخشايمەن. يېشىمى: قانداق قىلارمەن، مەن يارىمدىن جۇدا بولدۇم، ئىشق – مۇھەببەت يولىدا تۈگەشتىم، ئېچىلماي تۇرۇپلا سولغان گۈلدەك بولدۇم، يارنىڭ جامالىنى كۆرمەي ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن. ئاشىق بولۇپ مۇرادىمغا يەتمەدىم، بۇلبۇل بولۇپ گۇلىستانىڭ كەزمەدىم. باغبان بولۇپ ئالما – ئانارىڭ ئۈزمەدىم، يار جەمالىن كۆرمەي ئۆلۈر ئوخشايمەن. يېشىمى: ئاشىق بولۇپ مۇرادىمغا يېتەلمىدىم، بۇلبۇل بولۇپ گۈلىستانىڭنى كېزىپ باقمىدىم، باغۋەن بولۇپ ئالما – ئانىرىڭنى ئۈزمىدىم، يارنىڭ جامالىنى كۆرمەي ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن. ياقامنى چاك ئەتىپ ئەيلەسەم فەرياد، بۇزۇلسۇن، يىقىلسۇن بۇ چەرخى ناشاد. قاراقچىلار قولىدا بولغايمەن بەرباد، يار جەمالىن كۆرمەي ئۆلۈر ئوخشايمەن. يېشىمى: ياقامنى يىرتىپ تۇرۇپ پەرياد ئەيلىسەم، بۇ خاپىغان پەلەك كۆمتۈرۈلۈپ چۈشسۇن، ۋەيران بولسۇن؛ قاراقچىلارنىڭ قولىدا بەربات بولۇپ كەتتىم، يارنىڭ جامالىنى كۆرمەي ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن. غەرىبجاننىڭ پىرى جۇنەيد باغدادىي، ئانىڭ ئۈچۈن ساڭا قىلدىم فەريادى. قاراقچىلار ئىلكىدە قىلغىل ئازادىي، يار جەمالىن كۆرمەي ئۆلۈر ئوخشايمەن. يېشىمى: ئى، جۇنەيد باغدادىي، سەن مەن غەرىبقاننىڭ پىرى بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، ساڭا نالە – پەرياد قىلۋاتىمەن، مېنى قاراقچىلارنىڭ قولىدىن ئازاد قىلغىن. بولمىسا، يارنىڭ جامالىنى كۆرمەي ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن. ئىككىنچى داستان بۇلبۇلى بىيچارەسەن، گۇل ئىشقىدا فەرياد قىل، ئاشىقى سەرگەشتە بولساڭ، ئۇيقۇنى بىيدار قىل، تىنمايىن شامۇ سەھەرلەر يارنى سەن ياد قىل. بۇ بۇزۇلغان دىل ئۆيىنى سەن كەلىپ ئاباد قىل، جانىم موللام، بىر زەمان گۇل يارنى ئازاد قىل. يېشىمى: بىچارە بۇلبۇلسەن، گۈل ئىشقىدا نەلە – پەرياد قىل؛ سەرگەردان ئاشىق بولساڭ، ئۇيقۇنى تاشلا، كېچە – كۈندۈز يارنى ياد قىل؛ بۇ بۇزۇلغان كۆڭۈل ئۆيىنى سەن كېلىپ ئاۋات قىل؛ جېنىم موللام، گۈزەل يارنى بىر مەھەل ئازاد قىلغىن. ھەركىشى مۇنداغ بەلالار بىرلە بولسا بىشۇمار، قالماغايلار تەندە دەرمان، زەررە ياڭلىغ ئىختىيار، تىترەشۈر روھى سىمابدەك تەندە جانى بىقەرار، يار ئۇ يەردە زار يىغلار، مەن بۇ يەردە ئىنتىزار، جانىم موللام، بىر زەمان گۇل يارنى ئازا قىل. يېشىمى: ھەرقانداق ئادەم مۇشۇنداق سان – ساناقسىز دەرد – بالاغا قالسا، تېنىدا جان، ئۆزىدە ئازراقمۇ ئىختيارلىق قالمايدۇ، جېنى ئىزتىراپلىقتا تىترەيدۇ؛ يارىم ئۇيەردە زار – زار يىغلايدۇ، مەن بۇ يەردە ئىنتىزار بولىۋاتىمەن؛ جېىنىم موللام، گۈزەل يارنى بىر مەھەل ئازاد قىلغىن. قويمادى ئۆز ھالىمە، گەردۇنى بىگەردانمەن، ھەجر دەشتىدە قۇيۇندەك زارۇ سەرگەردانمەن، جانىم ئالدى بۇ تەنىمدىن قىلدى بىدەرمانمەن، ئاشىقى شەيدا بولۇبان بىسەرۇ سامانمەن، جانىم موللام، بىر زەمان گۇل يارنى ئازاد قىل. يېشىمى: چۆگىلەپ تۇرىدىغان پەلەك مېنى ئۆز ئىختىيارىمغا قويمىدى، جۇدالىق چۆلىدە قۇيۇن تازدەك سەرگەردان بولۇپ يۈرىمەن؛ ھىجرانلىق گويا جېنىمنى ئالدى، پۇت – قولدا جان قالمىدى؛ مەپتۇن ئاشىق بولۇپ، ئېغىر ئازابقا قالدىم؛ جېنىم موللام، گۈزەل يارنى بىر مەھەل ئازاد قىلغىن. تىغى بىدادى فەلەك يەرگە ئاقۇزدى قانىمى، بىلەمدىم ھىجران غەمىدە سۇد بىلە نۇقسانىمى، يىغلاشۇر كۆكتە مەلەكلەر ئىشىتىپ ئەفغانمى، جانىم چىقماستىن بۇرۇن بارىب كۆرەي سول يارىمى، جانىم موللام، بىر زەمان گۇل يارنى ئازاد قىل. يېشىمى: پەلەكنىڭ رەھىمسىز تىغى قېنىمنى يەرگە ئاققۇزدى؛ جۇدالىق غېمىدە توغرا – خاتالىقىمنى بىلمەيلا قالدىم؛ ئاسماندىكى پەرىشتىلەر نالە – پىغانىمنى ئاڭلاپ يىغلاپ كېتىۋاتىدۇ؛ جېنىم چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن، شۇ يارىمنى بىر كۆرىۋالاي؛ جېنىم موللام، گۈزەل يارنى بىر مەھەل ئازاد قىلغىن. ئەۋۋەلا مەكتەپ ئۆيىگە كىرمەس ئەردىم كاشكى، مىھرنى ۋىيران كۆڭۈلگە بەرمەس ئەردىم كاشكى، شەرت ئەتىپ ئول بۇ سەلەرنى ئالماس ئەردىم كاشكى، ئىشق ئوتىغا مەن ئۆزۈمنى سالماس ئەردىم كاشكى، جانىم موللام، بىر زەمان گۇل يارنى ئازاد قىل. يېشىمى: بىلگەن بولسام كاشكى، باشتىلا مەكتەپكە كىرمىسەم بوپتىكەن، بۇ ھالدا، دىل مېھرىمنى ۋەيران كۆڭۈلگە بەرمەستىم؛ ئۇ سۆيۈكلەرنى شەرت بىلەن قوبۇل قىلماستىم؛ مۇھەببەت ئوتىغا ئۆزەمنى سالماستىم؛ جېنىم موللام، گۈزەل يارنى بىر مەھەل ئازاد قىلغىن. بىر مۇئەللىمسەن زەمانە شۇھرەتىدىن باكەرەم، دەرگاھىڭغا باش قويۇپ، يارىم ۋىسالىن ئىستەرەم، مەي ئورنىدا ماڭا مىڭ ئاغۇ ئىچۈردى دەردۇ غەم، تەلمۈرۈپ دائىم گەدادەك يارنى ئىستەر شاھ سەنەم، جانىم موللام، بىر زەمان گۇل يارنى ئازاد قىل. يېشىمى: زامانىمىزدا يۈكسەك شۆھرەتكە ئىگە بىر مۇئەللىمسەنكى، بوسۇغاڭغا باش قويۇپ، يارىمنىڭ ۋىسالىنى تىلەيمەن؛ دەرد ۋە غەملەر ماڭا مەي ئورنىدا زەھەر ئىچۈردى؛ مەن شاھسەنەم ھەمىشە تىلەمچىدەك تەلمۈرۈپ يارنى ئىزدەيمەنكى، جېنىم موللام، گۈزەل يارنى بىر مەھەل ئازاد قىلغىن. ئۈچىنچى داستان دۇئا يەتكۈر، سەبا يارىمغا سەن، ئەلبەتتە – ئەلبەتتە، سەھەر سەير ئەيلەسەڭ سۇيى چەمەن، ئەلبەتتە – ئەلبەتتە. يېشىمى: ئەي تاڭ شامىلى، ئەتىگەندە چىمەن تەرەپكە سەيلە قىلىشقا بارساڭ، يارىمغا تىلىكىمنى يەتكۈزگىن، ئەلۋەتتە. شەھىدى گەر بەرىنى ئىشقدۇرمەن داغ ئىلكىدىن، چۇ لالە يافراغىدىن قىل كەفەن، ئەلبەتتە – ئەلبەتتە. يېشىمى: ئىشق جاراھەتلىرى تۈپەيلىدىن ئالىي شېھىت مەرتىۋىسىگە يەتتىم، شۇڭا مېنىڭ كېپىنىمنى لالە ياپرىقىدىن قىلغىن، ئەلۋەتتە. كۆزۈم ياشى گاھى گۇلگۇنۇ گاھى قىرمىزى ئەيلەر، تەماشا ئەيلەسۇن ئول سىيمتەن، ئەلبەتتە – ئەلبەتتە. يېشىمى: كۆز ياشلىرىم بەزىدە گۈلرەڭ، بەزىدە قىپقىزىل بولۇپ ئاقىدۇ، ئۇ كۈمۈش تەنلىك گۇزىلىم ئەلۋەتتە كېلىپ بىر تاماشا قىلىپ باقسۇن. خەتە سەھراسىدىن سۇنبۇلنى ھەرگىز بىزگە كەلتۈرمەڭ، يىبەرگىل ئاھۇيى مۇشكى خوتەن، ئەلبەتتە – ئەلبەتتە. يېشىمى: ماڭا ھەرگىز خەتا (تۈركىيىنىڭ سۈرىيە بىلەن چېگراداش بىر رايونى) سەھراسىدىكى سۇنبۇلنى ئەمەس، بەلكى خوتەن كېيىكىنىڭ ئىپارىنى ئەۋەتكىن، ئەلۋەتتە. پەرىشاندۇر كۆڭۈل تا كاكۇلۇڭ تارىدىن ئايرىلدى، دەماغ ئاشۇفتە بولغاي بىۋەتەن، ئەلبەتتە – ئەلبەتتە. يېشىمى: چېچىڭنىڭ تېلىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن بېرى، كۆڭلۈم پەرىشان، دېمىسىمۇ، ۋەتەنسىزلىك دېگەن ئادەمنى ئېسەنكىرىتىپ ئالىجوقا قىلىۋېتىدۇ. بەھارى ئارەزىڭ تاپتى تەراۋەت ئەمدى خەت چىقسۇن، بە رەنگى ئەرغەۋانۇ ياسەمەن، ئەلبەتتە – ئەلبەتتە. يېشىمى: ھۆسنۈڭنىڭ نەۋ باھارى كەلدى، ئەمدى ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ئەرغىۋان ۋە ياسۇمەن گۈللىرى رەڭگىدىكى مىيىق (ئەمدىلا خەت تارتقان مويلاۋ) چىقسۇن. جۇنۇن تۇغيانىدىن دىۋانەمەن زەنجىر كەلتۈرگەي، مۇرۇۋۋەتدىن چۇ زۇلفى پۇرشىكەن، ئەلبەتتە – ئەلبەتتە. يېشىمى: سەۋدايىلىقى ھەددىدىن ئاشقان مەجنۇنمەن، مەرتلىك قىلىپ، تولغام – تولغام چاچلىرى بىلەن مېنى زەنجىرلەپ قويسۇن، ئەلۋەتتە. قارا بەختىم بىلەن كەچە چەندان گۇفتىگۇ قىلدىم، يارۇتۇڭلار چىراغى ئەنجۇمەن، ئەلبەتتە – ئەلبەتتە. يېشىمى: قارا بەختىم بىلەن بۇ كېچە ناھايىتى كۆپ مۇڭدىشىۋالدىم، ئەمدى ئولتۇرۇشنىڭ چىرىغىنى ياندۇرۇپ قويۇڭلار، ئەلۋەتتە. زەلىلىيىگە شەفائەت ئەيلەگەي دەپ كۆپ ئۇمىدىم بار، كۇلاھۇ خىرقەئى ۋەيسى قىرەن، ئەلبەتتە – ئەلبەتتە. يېشىمى: ئەلۋەتتە، مەن زەلىلىيگە ۋەيسى قىرەن (خەلىفە ئەبۇ بەكرى ۋە ئۇمەر زامانىلىرىدا ياشىغان بۈيۈك زات)نىڭ كۇلا – جەندىسى شاپائەت قىلار، دېگەن ئۈمىدىم بار. تۆتىنچى داستان ئاقچى ئانا، غەمسىز باشىم، غەمخانە بولدى نەيلەيىن. بىر سۆز بىرلە ئاشنا يارىم، بىيگانە بولدى نەيلەيىن. يېشىمى: ئاقچى ئانا، غەمسىز بېشىم غەم ئۆيى بولۇپ قالدى، قانداق قىلارمەن؛ ئاشنا يارىم بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا بىگانە بولۇپ كەتتى، قانداق قىلارمەن؟ مەن كەلدىم يارنى سوراقلاپ، يار قاچتى مەندىن يىراقلاپ. يۈرەكىمنى ئوتقا داغلاپ، پىنھانە بولدى نەيلەيىن. يېشىمى: مەن يارنى يوقلاپ كەلسەم، ئۇ مەندىن قېچىۋالدى؛ يۈرىكىمنى ئىشق ئوتىدا داغلاپ، يوشۇرۇنىۋالدى، قانداق قىلاي؟ تاتلىغدۇر ئاغزىنىڭ بالى، تەگدى يىراقلىق شامالى. يارنىڭ باردۇر بىر خەيالى، گۇمانە بولدى نەيلەيىن. يېشىمى: ئەڭ تاتلىقى ئۇنىڭ ئېغىزىنىڭ ھەسىلى ئىدى، ئەمدى ئۇنىڭغا يىراقلىق شامىلى تەگدى؛ كۆڭلۈمگە «يارنىڭ باشقا بىرەر خىيالى بارمۇ نېمە» دېگەن گۇمان چۈشتى، قانداق قىلارمەن؟ يار ئۈچۈن كۆڭلۈم بۇزۇلدى، ئەزەلدە شۇنداق يازىلدى. ئەمدى ئۇمىدىم ئۈزۈلدى، پەيمانە تولدى نەيلەيىن. يېشىمى: يار ئۈچۈن كۆڭلۈم بۇزۇلدى، كىم بىلىر، پىشانەمگە ئەزەلدە شۇنداق يېزىلغان بولغىيدى؛ ئەمدى ئۈمىدىم ئۈزۈلدى، سەۋرى – تاقەت قاچام تولدى، قانداق قىلاي؟ سەنەم يىغلار ئۇشبۇ سائەت، كۆڭلۈمدە قالمادى تاقەت. مىھنەتدە سالغان ئىمارەت، ۋىيرانە بولدى نەيلەيىن. يېشىمى: سەنەم :«شۇ تاپتا كۆڭلۈمدە تاقەت قالمىدى، جاپا – مۇشەققەتتە سالغان مۇھەببەت ئىمارىتى ۋەيران بولدى، قانداق قىلارمەن» دەپ يىغلايدۇ. شاھ سەنەم قىز يارنى ئىزدەر، ھەمكىم ئۆزى يارغا كۆيەر. يارنىڭ كۆڭلى باشقانى دەر، سەرسانە بولدى نەيلەيىن. يېشىمى: شاھ سەنەم قىز يارنى ئىزدەيدۇ، شۇنداقلا ئۆز يارىغا كۆيىدۇ. يارنىڭ كۆڭلى باشقىنى دېگەچ، سەرسان بولدى، قانداق قىلاي؟ مەشرەب بىرىنچى مەشرەب كۆرمەسەم بىردەم جەمالىڭنى جەھاننى نەيلەيىن، بولماسا يادىڭ كۆڭۈلدە جىسمۇ جاننى نەيلەيىن. يېشىمى: جامالىڭنى بىردەم كۆرمىسەم، جاھاننى نېمە قىلاي؛ كۆڭلۈمدە خىيالىڭ بولمىسا، تەن بىلەن جاننى نېمە قىلاي؟ تا ئاچىپ زۇلفۇڭنى سۇنبۇلدەك پەرىشان ئەيلەدىڭ، بىقەرار دىۋانەئىيدۇرمەن، مەكاننى نەيلەيىن. يېشىمى: سۇنبۇلدەك چېچىڭنى شۇنداق يېيىۋېدىڭ، مەن بىر تاقەتسىز مەجنۇنغا ئايلىنىپ قالدىم، ئەمدى ماكاننى نېمە قىلاي؟ لەئلى سىيرابىڭنى ئەيلەپ ئارزۇ، گەر چىقسا جان، خىزر سۇيىدىن ھەياتى جاۋىداننى نەيلەيىن. يېشىمى: ئەگەر تاتلىق لېۋىڭنىڭ ئارزۇسىدا جېنىم چىقىپ كەتسە، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرگۈۈچى خىزىر سۈيىنىڭ نېمە ئەھميىتى قالىدۇ؟ گۇشەئى ۋىيرانەنى تۇتتۇم ۋىسالىڭ يادىدا، ئەمدىكىم جەننەتتە باغۇ بوستاننى نەيلەيىن. يېشىمى: ۋىسالىڭ ئارزۇسىدا، ۋەيرانىلىقنىڭ بىر بۇرجىكىنى ماكان قىلدىم، ئەمدى جەننەتنىڭ باغۇ بوستانىنى نېمە قىلاي؟ كىرفىكىم بىرلە سۈپۈرەي كۆز ياشىمدىن سۇ سەپىپ، چىقساڭ، ئەي، گۇلباغ تەماشاغا گاۋجاننى نەيلەيىن. يېشىمى: ئەي گۈزەل، ئەگەر تاماشا قىلغىلى چىقساڭ، بۇ ئەرزىمەس جېنىمنى سەندىن ئاياپ نېمە قىلىمەن؟ كۆز يېشىمنى سۇ قىلىپ سېپىپ، كىرپىكىم بىلەن يولۇڭنى سۈپۈرەي. تولدى قان بىرلە كۆڭۈل جامى خۇمارىم رەنجىدىن، ساقىيا، مەي بەرمەسەڭ، يۇتماي بۇ قاننى نەيلەيىن. يېشىمى: خۇمارىم زەخمىتىدىن كۆڭۈل جامى قانغا تولدى، ئەي ساقىي ئەگەر مەي بەرمىسەڭ، ئەمدى شۇ قاننى يۇتماي قانداق قىلىمەن؟ دەرگاھىڭدىن سۈرمە مەھزۇننى يىراق، رەھىم ئەيلەبان، ئاندا بىرئىتدۇرمەن، ئۆزگە ئاستاننى نەيلەيىن. يېشىمى: رەھىم قىلىپ، مەھزۇننى دەرگاھىڭدىن يىراققا قوغلىما، مەن ئۇ يەردە بىر ئىتمەنكى، باشقا بوسۇغىنى خاھلىمايمەن. يارمەنى يامان دەيدۇر، بىلەيمەن يامانلىقنى، كەچ ياتىپ سەھەر قوپۇپ تىلەيمەن ئەمانلىقنى. يېشىمى: يار مېنى «يامان» دەيدۇ، ئەمما مەن يامانلىق قىلىشنى بىلمەيمەن؛ كەچ يېتىپ سەھەر قوپۇپ، تىنچ – ئامانلىقنى تىلەيمەن. ئاتام مەنى، ئانام مەنى جەفا ئەمگەك بىلەن باققان، ئەزىز باشىمنى ياد ئەيلەپ مەزارلارغا چىراغ ياققان. يېشىمى: ئاتا – ئانام مېنى جاپا – مۇشەققەتتە باققان، ئەزىز بېشىمنىڭ ئامانلىقىغا ئاتاپ، مازارلارغا چىراغ ياققان. ئىككىنچى مەشرەپ بىرىنچى ئاھاڭ فەسلى نەۋباھارىدا گۇل كەبى ئاچىلغان قىز، مىسلى كاكۇلى سۇنبۇل ھەر تەرەف ساچىلغان قىز. يېشىمى: باھار پەسلىدە گۈلدەك ئېچىلغان، سۇنبۇلدەك چاچلىرى ھەر تەرەپكە چېچلىپ تۇرغان قىز. بادە ئىچتىم زەۋقىدە مەيدە ئەكسىنى كۆردۈم، ھۆسىن باغىدا تەنھا ئولتۇرۇر خىرمان قىز. يېشىمى: ئۇنىڭ زوقىدا مەي ئىچتىم، مەيدە شولىسىنى كۆردۈم، ئۇ قىز ھۆسىن بېغىدا يالغۇز ۋە بىخىرامان ئولتۇرىدۇ. شۇم رەقىبلەر جىھەتىدىن بولمادى يۈزىن كۆرمەك، بۇلۇت ئىچرە ئاي مۇزمەر، زۇلفى ئىچرە پىنھان قىز. يېشىمى: شۇم رەقىبلەرنىڭ توسقۇنلىقىدىن يۈزىنى كۆرۈش مۇمكىن بولمىدى، ئاي بۇلۇت ئىچىگە يوشۇرۇنغاندەك، ئۇ قىزمۇ چاچلىرى ئىچىگە يوشۇرۇنۇپتۇ. كۆز ئۇچى بىلە باقتى، تەگدى تىيرى مىژگانى، سىينەم ئۈزرە پەيكانى رەخنە قىلدى ۋىيران قىز. يېشىمى: ئۇ قىز كۆز ئۇچى بىلەن بېقىۋىدى، كىرپىك ئوقى يۈرىكىمگە تېگىپ، تېشىپ ئۆتتى – دە، ۋەيران قىلدى. مەن دەدىم: ئايا دىلبەر، لەيلەرىڭ گۇلى ئەھمەر، سەدەقەئى جەمالىڭدىن غۇنچە ئەيلە ئىھسان قىز. يېشىمى: مەم ئۇ قىزغا: «ئەي دىلبەر، لېۋىڭ قىزىلگۈلگە ئوخشايدىكەن، جامالىڭنى سەدىقىسى ئۈچۈن، بىر تال غۇنچە مەرھەمەت قىلساڭ» دېدىم. جىفچەئى نىھالىدا ئىكى مىيۋەنى كۆردۈم، ياكى سانگۇلاچ ياكى ئىكى رۇممان قىز. يېشىمى: ئۇ قىزنىڭ يۇمران نوتىدەك گەۋدىسىدە، ئىككى مېۋىنى كۆردۈم، ئۇلار ياكى ساڭگىلاپ تۇرغان ئالما، ياكى ئىككى دانە ئانار. نافەئى بەدەندۇر خۇب، قىز ئەرۈر بەسى مەرغۇب، بولسا قىز بىلە ۋاسىل، دەردىغەكى دەرمان قىز. يېشىمى: ئۇ ۋۇجۇدىدىن ئىپار ھىدى كېلىپ تۇرىدىغان ئىنتايىن يېقىملىق قىز؛ دەردكە دەرمان بولىدىغان شۇنداق قىزنىڭ ۋىسالىغا يېتىش نېسىپ بولسا. رەھىم ئەيلە، ئەي مەھۋەش، تۈشتى جانىمە ئاتەش، نەۋبەتىي نىھالىڭغا بولدى ئەشقەئى بىجان قىز. يېشىمى: ئەي ئاي يۈزلۈك قىز، جېنىمغا ئىشق ئوتى چۈشۈپ، يۇمران كۆچەت تېنىڭگە ھەشقپىچەكتەك چىرمىشىپ قالدىم، نەۋبەتىيگە رەھىم قىلغىن. ئىككىنچى ئاھاڭ سۇغا سالسا سۇ كۆتەرمەس مىسقال تەمۈرنى، ئالتۇن بەرىپ ئالىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى. يېشىمى: مىسقالچىلىك تۆمۈرنى سۇغا سالسا، سۇ كۆتۈرەلمەيدۇ، تۆمۈر چۆكۈپ كېتىدۇ؛ بىر ئىنساننىڭ يەنە بىرسىدىن كۆڭلى قالسا، ئالتۇن بېرىپمۇ، ئۇنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. مەن ئاتىمنى باغدا دەسەم، تۇرۇپتۇر سايدا، بىر ئاتادىن يەتى ئەدۇق، بىرسىمىز قايدا. يېشىمى: مەن ئېتىمنى «باغدا» دەپ ئويلىسام، سايدا تۇرۇپتۇ؛ بىز بىر ئاتىدىن ئەسلىدە يەتتە بالا ئىدۇق، ئالتىمىز تۇرىمىز، يەنە بىرسىمىز نەدە؟ ئارفا – بۇغداي سامانىنى سەلكىن ئايرىيدۇر، ئۇرۇق تۇغقان قارىنداشنى ئۆلۈم ئايرىيدۇر. يېشىمى: ئارپا – بۇغداي سامىنىنى سەلكىن ئايرىيدۇ، ئۇرۇق – تۇغقان قېرىنداشنى ئۆلۈم ئايرىيدۇ. 10– مۇقام نەۋا مۇقامىنىڭ تېكىستلىرى چوڭ نەغمە قىسمى 110 مىسرا، تۆرت داستان 94 مىسرا، ئىككى مەشرەب 40 مىسرا بولۇپ، جەمئىي 244 مىسرا شېئىردىن تەشكىل تاپقان. يۇقىرىقى ئون ئىككى مۇقامنىڭ تېكىستى ۋە يېشىمى بېيجىڭ مەكىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ئەپەندىمنىڭ «ئەسلى يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. «زۇلقار مەتبەئەچىلىكى» دە تىزىلدى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...