بايات مۇقامى
مۇقام ئانسامبىلى

بايات مۇقامى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2002

مۇقام ئانسامبىلى ھەققىدە:
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىدىن ئىبارەت دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بۇ مەنىۋى تەۋەررۈكنى، بىباھا گۆھەرنى ساقلاپ قىلىش، يىراق ئۆتمۈشنىڭ مالىمانچىلىقىدا يوقىلىپ كەتكەن ئاھاڭلىرىنى تولۇقلاش، ئۇنى رەتلەش ۋە نەشر قىلىش، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش يولىدىكى ئىزدىنىش، ئۇنىڭ مۇزىكا قۇرۇلمىسى، ئورۇنلاش ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلارنىڭ مەزمۇنى ھەققىدىكى تەتقىقات توختاپ قالمىدى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئەڭ دەسلەپ 1951-يىلى پولات سىمغا ئۈنگە ئېلىندى. بۇ جەرياندا ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئەڭ ئاخىر ... داۋامى
تۈر: مۇقام
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 541
بايات مۇقامى - ھەققىدە:
بايات مۇقامى (يادىغا ئېلىش، ئەسلەش، سېغىنىش) چوڭنەغمە قىسمى 147 مىسرا، داستان قىسمى ئۈچ داستان 72 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 54 مىسرا جەمئىي بولۇپ 273 مىسرا 
چوڭ نەغمە
مۇقەددىمە
 
نەچۈك شاد ئولمايىن قىلساڭ نىشانە جانى فىگارىمنى،
سورار يۈز تىل بىلە پەيكانلارىڭ ھالىنىزارىمنى.
يېشىمى: ئەيگا جېنىمنى قارىغا ئالساڭ، نېمىشقا شادلانمايكى، كىرپىك
ئوقلىرىڭ رەپرەپ ئەھۋالىمنى يۈز خىل تىل ۋە شەكلى بىلەن سوراپ تۇرىدۇ – غۇ.
 
ئۆيۈم تىيرە ئەمەس چۈن بىسمىلى تىغى نىگاھىڭمەن،
چەراغان قىلغۇسىدۇر ئاھۇلار كۆزى مەزراىمنى.
يېشىمى: مېنى كۆزۈڭنىڭ تىغى بىلەن قەتلى قىلغىنىڭ ئۈچۈن، ئۆيۈم يورۇق.
كېيىكلەرنىڭ كۆزى مازىمنى چىراغ بولۇپ يورۇتقاي.
 
ئاچىلۇر تۇفراغىمدىن تا قىيامەت لالەئى ھەسرەت،
خەزان ئولسا بەھارى ئۇمر كۆرمەي گۇلئۇزارىمنى.
يېشىمى: ئۆمۈر باھارىم گۈل يۈزلۈكۈمنى كۆرمەي خازان بولسا، قەبرەمدىن
ئۈنگەن ھەسرەت لالىسى تاكى قىيامەتكىچە ئېچىلىپ تۇرىدۇ.
 
زىبەس ئەشكى فۇرۇغ ئەفشان ساچىپ ھىجران تۈنى كۆرگەچ،
كى دەرلەر ئىكى مەشئەل ئىكى چەشمى ئىنتىزارىمنى.
يېشىمى: ھىجران تۈنىدە تارام – تارام ياش تۆكۈپ يىغلاۋاتقىنىمنى كۆرگەنلەر،
يارغا ئىنتىزار بولغان ئىككى كۆزۈمنى «ئىككى مەشئەلمىكىن» دەپ قالىدۇ.
 
نەچۈك ئارام ئىستەرسىز مەنى ئاۋارەدىن، ئول شوخ،
قاچان قويدى مەنىڭ بىرلەكى ئارامۇ قەرارىمنى.
يېشىمى: ئۇ شوخ تىنچ – ئاراملىقىمنى قويمىغان تۇرسا، مەن سەرگەرداندىن يەنە
قانداقمۇ ئاراملىق ئىستەيسىلەر؟
 
تىكىپدۇرلار ماڭا خەيمە ھەۋا ئۇزرە ھۇباب ئاسا،
كى مەن بىلەمەيدۇرمەن بۇ رەنگ ھەۋا بىرلە تۇرارىمنى.
يېشىمى: كۆك ئۈستىگە مەن ئۈچۈن كۆپۈكتەك لەيلىمە چېدىر تىكىپتۇ، بىراق مەن
بۇ خىل ئاتموسفېرادا قانداق تۇرۇشۇمنى بىلمەيمەن.
 
ئىكى شەھلا كۆزۈڭ نەشئە بەرۈردە ئىكى مەيخانە،
نىگاھى ئىلە مەستانە، ئوشات جامى خۇمارىمنى.
يېشىمى: ئىككى شەھلا كۆزۈڭ ماڭا ئىككى مەيخانىنىڭ ھۇزۇرىنى بېرىدۇ، بىرلا
قارىشىڭ بىلەن مەست قىلىپ، قەدەھكە بولغان خۇمارىمنى باسقىن.
 
ساۋۇر ئۆزنى بۇرۇنراق ئۈز ھەۋادا ئىختىيار ئەيلە،
ساۋۇرسا بىر گۈنى سەلكىن دەمى قويماي غۇبارىمنى.
يېشىمى: ئۆزۈڭنى بورۇنراق سورۇپ، ھاۋادا ئەركىن – ئازات ئۇچ؛ كۈنلەردىن بىر
كۈنى سالقىن شامال توزانلىرىمنى قويماي سورىۋەتسە دەيمەن.
 
ھەياتى جاۋىدان تاپماس كىشى ئابىھەيات ئىچسە،
فەنا زۇلماتىدا كۆر خىزردەك مەشھۇرىي زارىمنى.
يېشىمى: بىچارە مەشھۇرىينى خىزىردەك پانىيلىق قاراڭغۇلۇقىدىن تاپقىن. چۈنكى
ئابىھايات ئىچكەن بىلەنمۇ، ئىنسان مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ.
 
تەئەززە
 
بەيرام گۈنى مەجنۇن كۆڭۈل ھەم شاد ھەم گىريان ئەرۈر،
ھالىمغا ئەل گىريان ئەرۇر، ئاندىن ئول ئاي خەندان ئەرۈر.
يېشىمى: بايرام كۈنىدە، مەجنۇن كۆڭلۈم ھەم خۇشال ھەم قايغۇلۇق: ھالىمغا
قاراپ، ئەل يىغلاۋاتىدۇ؛ ئۇ ئاي بولسا، خۇشال تۇرىدۇ.
 
مەن خەستە خەسدەك، تاڭ ئەمەس، بولسام يولىدا پايىمال،
ئول گۇل سەمەندىن سەكرەتىپ جەۋلان ئۈزە جەۋلان ئەرۈر.
يېشىمى: مەن خەستە ئۇنىڭ يولىدا خەستەك دەسسىلىپ قېلىۋاتسام، ئەجەپلىنىش
بۇياقتا تۇرسۇن، ئۇ گۈل ئېتىنى سەكرىتىپ، جەۋلان ئۈستىگە جەۋلان قىلىۋاتىدۇ.
 
باشىغا سانچىپ تىترەگۈچ، يۈز ناز ئىلە تارتىپ قىلىچ،
بۇ شەكل ئىلە كۆرگەن زەمان جانۇ كۆڭۈل لەرزان ئەرۈر.
يېشىمى: ئۇنىڭ بېشىغا ئوتۇغات قاداپ، يۈز خىل ناز بىلەن قىلىچ
تارتقانلىقىنى كۆرگەن زامان، كۆڭلۈم بىلەن جېنىم لەرزىگە كېلىدۇ.
 
كىم رەشكىدىن قىلسام نە تاڭ، ئاھىمنى ئوق، قەددىمنى يا،
بىر يانىغا باغلاپ ساداق، بىر يانىدا قىربان ئەرۈر.
يېشىمى: رەشكتىن ئاھىمنى ئوق، قەددىمنى يا قىلسام ئەجەب ئەمەس، چۈنكى ئۇ
بىر يېنىغا ساداق باغلاپ، يەنە بىر يېنىغا كامان ئېسىۋاپتۇ.
 
ئەنجۇم ئەمەستۇر ئول كەچە رەۋشەن كۆرۈنگەن، كىم فەلەك،
ئول شاھسەۋارىمغا قارا يۈز كۆز بىلەن ھەيران ئەرۈر.
يېشىمى: كېچىسى پارقىراپ كۆرۈنكىنى يۇلتۇزلار ئەمەس، بەلكى چەۋەندازىمنىڭ
گۈزەللىكىگە قاراپ ھەيران قالغان پەلەكنىڭ يۈزلىگەن كۆزىدۇر.
 
دەۋلەتكە مەغرۇر ئولماغىل، ئەي شاھ، گەداغا رەھىم قىل،
ئاتىڭ ئاياغى ئاستىدا جىسمىم ئۆيى ۋىيران ئەرۈر.
يېشىمى: ئەي شاھ، بايلىقىڭغا مەغۇرلانما، ئېتىڭنىڭ ئايىغى ئاستىدا ۋۇجۇدۇم
ئۆيى ۋەيران بولۇۋاتىدۇ، مەن گادايغا رەھىم قىلغىن.
 
بىلگىل بۇ گۇننى مۇغتەنەم، سەندەك نەچە خەيلى ھەشەم،
بىر – بىرلەپ ئۆتتى دەمبەدەم، بۇ دەھر نە پايان ئەرۈر.
يېشىمى: سەندەك قانچىلىغان مەرتىۋىلىكلەر بىر – بىرلەپ ئالەمدىن كېتىشتى،
بۇ دۇنيانىڭ پايانى يوق، شۇڭا بۈگۈننى غەنىمەت بىل.
 
ئەيكىم، خەيال ئەيلەپ شەفەق خۇرشىد تابىدىن دەمە،
گەردۇن يۈزىگە ساچراغان قۇربانلاردىن قان ئەرۈر.
يېشىمى: ئەي، شەپەقنى «قۇياشنىڭ نۇرىدىن پەيدا بولغان قىزىللىق – قۇ» دەپ
ئويلاپ قالما، ئۇ قۇربانلارنىڭ پەلەك يۈزىگە چاچرىغان قېنىدۇر.
 
زەبھىنى ئىسمائىل كەبى قىلغىل قەبۇل رەھم ئەيلەبان،
جانىن فىدا ئەيلەپ ئۇ بۈگۈن مەزۇن ساڭا قۇربان ئەرۈر.
يېشىمى: مەھزۇن بۈگۈن جېنىنى پىدا قىلىپ، خۇددى ئىسمائىلغا ئوخشاش ساڭا
قۇربانلىق بولدى، رەھىم ئەيلەپ، ئۇنىڭ قۇربانلىقنى قوبۇل قىلغىن.
 
ئەي، تىيرى بارانى غەمىڭ كۆڭلۈمنى پۇرخۇن ئەيلەمىش،
ياشىمنى بەھرەين ئەيلەگەچ رەنگىمى گۇلگۇن ئەيلەمىش.
يېشىمى: غېمىڭنىڭ ئوق يامغۇرى يۈركىمنى قانغا تولدۇردى، كۆزۈمدىن دەريا –
دەريا ياش ئاققۇزۇپ، رەڭگىمنى گۈلگۈن قىلدى (يۈزۈمنى قانغا بويىۋەتتى).
 
بولمىش ئەزەلدە قىسمەتىم زەھرى فىراقىڭدىن نەسىب،
ئىچكەچ كۆڭۈلدە جۇش ئۇرۇپ دەردىڭنى ئەفزۇن ئەيلەمىش.
يېشىمى: ئەزەلدە ماڭا پىراقىڭنىڭ زەھىرى نېسىپ بولغان ئىكەن، ئۇنى ئىچكەچكە
دەردىڭ يۈرىكىمدە تېخىمۇ قايناپ تاشتى.
 
كەلدى نەشاتىم دەردىدىن نەچۈن فەنا تۇفراغىغا،
غەم يامغۇرىنى ياغىزىپ جىسمىمنى مەمۇن ئەيلەمىش.
يېشىمى: «ئۇنىڭ دەردىدىن پانىيلىق تۇپرىقىغا يۈزلىنىش نېمىشقا ماڭا
خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىغاندۇ» دېسەم، ئەسلىدە ئۇ غەم يامغۇرىنى ياغدۇرۇپ،
جىسمىمنى مەمنۇن قىلغانىكەن – دە.
 
ھۇببۇل ۋەتەن دەپ كۆڭلەمە دەردۇ ئەلەم كەلسە نە تاڭ،
غەم لەشكەرى سەردارىغا سىينەمنى مەئمۇن ئەيلەمىش.
يېشىمى: ۋەتەن سۆيگۈسىدىن يۈرىكىمگە دەرد – ئەلەم كەلسە، ھېچ گەپ ئەمەس.
چۈنكى غەم لەشكەرلىرىنىڭ سەردارىغا كۆكرىكىمنى پاناھگاھ قىلىپ ياراتقانىكەن.
 
ئىشقىڭ مەنى بىچارەنى ھەجرىڭدە سەرگەدان قىلىپ،
ۋەسلىڭ تەمانناسى بىلە جانىمنى مەرھۇن مەرھۇن ئەيلەمىش.
يېشىمى: ئىشىق – مۇھەببىتىڭ مەن بىچارىنى ھېجرانىڭدا سەرگەردان قىلىپ،
ۋىسال ئارزۇسى بىلەن جېنىمنى گۆرۈگە قويۇشقا مەجبۇرلىدى.
 
بۇ دەردۇ مىھنەتنى بەسى كۆردۈم بەلائى ئىشق ئارا،
بىر – بىردىن ئارتۇق دەم بەدەم كۆڭلۈمنى مەزۇن ئەيلەمىش.
يېشىمى: ئىشق بالاسىنىڭ دەرد – ئەلىمىنى كۆپ تارتتىم، بۇ دەرد – ئەلەم
بارغانسېرى كۈچىيىپ، كۆڭلۈمنى قايغۇغا تولدۇردى.
 
بۇ تەلبە كۆڭلۈمدۇر زەنەخدانىڭدا ھەبس ئولغان كەبى،
ئانداقكى ھەريان فەرتىدىن مىسىرىدا زۇننۇن ئەيلەمىش.
يېشىمى: ھەممە يەردە ھەددىدىن ئاشقان زۇنۇن مىسرغا قامالغاندەك، تەلۋە
كۆڭلۈممۇ زىنىقىڭغا بەنت بولۇپ قالدى.
 
كۆڭلۈم قۇشى فەرياد ئەتۇر زۇلفۇڭنى كۆرگەچ ناگەھان،
بىر ئەژدەھايى گويىيا مۇرغىغا ئەفسۇن ئەيلەمىش.
يېشىمى: مەن چېچىڭنى تاسادىپ كۆرۈپ قالغاندىن بۇيان، كۆڭلۈم قۇشى گويا بىر
ئەجدىھا تەرىپىدىن دەم تارتىلىۋاتقان قۇشتەك پەرياد چېكىدۇ.
 
تەئەززە چۈشۈرگىسى
 
تاڭ يوق زۇھۇرىينى كۆزىنىڭ ئىشۋەسى مەست ئەيلەسە،
بۇ ئىشق سەھراسىدا يۈز مەندەكنى مەجنۇن ئەيلەمىش.
يېشىمى: كۆزىنىڭ ناز – كەرەشمىسى مەن زۇھۇرىينى مەست قىلسا ئەجەبلىنەرلىك
ئەمەس، چۈنكى بۇ ئىشق چۆلىدە، ئۇ مەندەكتىن يۈزنى مەجنۇن قىلىۋەتكەنىكەن.
 
نۇسخە
 
غۇنچەئى خەندان بىلە ھۇسنۇڭ گۇلى خۇررەم بەھار،
خەتتىڭ ئانداق سەبزەكىم بولغاي ئاڭا خۇررەم باھار.
يېشىمى: غۇنچىدەك لېۋىڭ بىلەن ھۆسنۈڭ باھانىڭ شوخ ئېچىلغان گۈلىگە
ئوخشايدۇ؛ مىيقىڭ باھار پەسلىدىكى مايسىزارلىقنى ئەسلىتىدۇ.
 
يۈز ئۈزە تەردىن خەتتىڭ گەر باش چەكەر، ئەي گۇل، نە تاڭ،
سەبزەغە بائىسدۇرۇر چۈن بولدى ئەرسە نەم بەھار.
يېشىمى: ئەي گۈل، يۈزۈڭدىكى تەرنىڭ كۈچىدىن مىيىق مويلاۋىڭ خەت تارتقان
بولسا، ھەيران قالغۇچىلىكى يوق. چۈنكى باھارنىڭ نېمى مايسىنىڭ ئۆسۈشىگە
سەۋەب بولىدۇ – غۇ.
 
شادلىغىدىن گۇلشەنى ۋەسلىڭغە يىغلاپ چەكسەم ئاھ،
ياپما يۈزكىم گۇلگە بولماس يەل – ياغىندىن غەم بەھار.
يېشىمى: ۋىسالىڭ گۈلشىنىگە ئېرىشىش شادلىقىدىن ئاھ چېكىپ يىغلىسام، يۈزۈڭنى
يېپىۋالما، چۈنكى گۈل دېگەننىڭ باھارنىڭ يامغۇرى بىلەن شامىلىدىن ئەندىشىسى
بولمايدۇ.
 
ئارەزىم ئەكسى يۈزۈڭ ئايىنە تۈشكەن تۇرفەدۇر،
كىم كۆرۈپتۇر ھەم خازان بىر ئايدا بولغاي ھەم بەھار.
يېشىمى: يۈزۈمنىڭ سېنىڭ ئاي يۈزۈڭدە ئەكس ئەتكىنى قىزىق ئىشىكى، باھار
بىلەن كۈز پەسلىنىڭ بىر ئايدا بولغانلىقىنى كىم كۆرگەن؟
 
ۋايكىم، بىر گۇل خەزانغا سالدى ئەيشىم گۇلبۇنىن،
ئۇشبۇ فەسل ئىچرەكى تاپمىش جۇملە ئالەم بەھار.
يېشىمى: ۋاي داد! پۈتۈن ئالەمگە باھار كەلگەن مۇشۇ پەسىلدە، ھايات گۈلۈمنى
بىر گۈل يۈزلۈك خازان قىلىۋەتتى.
 
رەئدۇ سېل ئەرمەس فىغانۇ ئەشك ئەرۇر بۇ كىم، بۇ يىل،
گۇل يۈزۈڭ كۆرگەچ تۇتار ئۆز ھالىغا ماتەم بەھار.
يېشىمى: بۇ چاقماق بىلەن سەل ئەمەس، بەلكى پىغان بىلەن كۆز يېشىدۇركى، بۇ
يىلقى باھار گۈلدەك يۈزۈڭنى كۆرۈپ ئۆز ھالىغا ماتەم تۇتىۋاتىدۇ.
 
قەسدى بۇلبۇل كۆڭلى قەيدى بولماسا، نەيۈچۈن سالۇر،
باغ شوخى سۇنبۇلى زۇلفىغا پىچۇ خەم بەھار.
يېشىمى: ئەگەر باھارنىڭ قەستى بۇلبۇلنىڭ كۆڭلىنى باغلىۋېلىش بولمىسا، نېمە
ئۈچۈن باغدىكى شوخ سۇنبۇلنىڭ چېچىدىن ھالقا ياسايدۇ.
 
گۇل ئەمەس، بۇ باغ تاراجىغا ئانىڭ لەئلىدىن،
ئەيلەدى ئاۋىزە مىھرى دەۋرىغە خاتەم بەھار.
يېشىمى: باھار بۇ باغنى تالان – تاراج قىلىش ئۈچۈن، گۈلنى ئەمەس، بەلكى
ئۇنىڭ ياقۇت لېۋىنى سۇرۇق قىلىپ، قۇياشنىڭ يۈزىگە تامغا باستى.
 
نۇسخە چۈشۈرگىسى
 
ئەي نەۋائىي، چىن بەھار ئەركىن بۇ، يا خۇد كۆرگۈزەر،
باغ خەلقىدىن ئۇلۇسقا داۋەرى ئەئزەم بەھار.
يېشىمى: ئەي نەۋائىي، بۇ ھەقىقىي باھارمىدۇ ياكى ئۇلۇغ شاھىمىزنىڭ باغ
ئەھلى ئارقىلىق، خەلققە كۆرسىتىۋاتقان باھارىمىدۇ؟
 
جۇلا
 
ھەر قاچان لەئلىڭ تەبەسسۇم قىلسا، شەكەر ساچىلۇر،
چۈن تەكەللۇمدىن دەم ئۇرسا، دۇررۇ گەۋھەر ساچىلۇر.
يېشىمى: ھەر قاچان تەبەسسۇم قىلساڭ، ياقۇت لېۋىڭدىن شېكەر چېچىلىدۇ؛ گەپ
قىلساڭ، تىلىڭدىن ئۈنچە – گۆھەر تۆكۈلىدۇ.
 
غالىبە سەن سۇنبۇلۇڭنى تارىدىڭ، ئەي جان، بۇگۈن،
كىم، نەسىمى سۇبھىدەمدىن ئەنبەرى تەر ساچىلۇر.
يېشىمى: ئەي جان، بۈگۈن سۇنبۇل چېچىڭنى تارىدىڭ بولغاي، تاڭ شامىلىدىن
نەمخۇش ئەنبەر ھىدى كېلىۋاتىدۇ.
 
ئاي يۈزۈڭنىڭ ھەسرەتىندە ھەر كەچە تاڭغا تەگىن.
كۆزلەرىمنىڭ ياشىدىن يەر ئۈزرە ئەختەر ساچىلۇر.
يېشىمى: ئاي يۈزۈڭنىڭ ھەسرىتىدە، ھەر كېچە تاڭ ئاتقىچە يۈر يۈزىگە كۆز
يېشىمنىڭ يۇلتۇزلىرى تۆكۈلىدۇ.
 
غايەتى ئەئلا مەراتىبىدىندۇررۇركىم، ھەر سەھەر،
مەقدەمىڭدە گۈنبەدى ئەفلاكدىن زەر ساچىلۇر.
يېشىمى: مەرتىۋەڭنىڭ غايەت يۇقىرىلىقىدىن، ئاسمان گۇمبىزىدىن ھەر سەھەردە
قەدىمىڭگە تىللا چېچىلىدۇ.
 
بۇ گەدا ھەسرەت بىلە كۆز مەئدەنىدىن دەم – بەدەم،
لەئلىڭ ئۈچۈن ھەر قايان ياقۇتى ئەھمەر ساچىلۇر.
يېشىمى: بۇ گەدائىي لېۋىڭ ئۈچۈن ھەسرەتلىنىپ، كۆز كانىدىن ھەمىشە ھەريانغا
قىزىل ياقۇت چېچىپ تۇرىدۇ.
 
سەنەم
 
يارسىز ئۆمرۈم مەنىڭ
مىڭ ياشاسام بىرگۈنچە يوق.
ئىشق ئوتىنىڭ ئالدىد
دەۋزەخ ئوتى ئۇچقۇنچە يوق.
ئىشق ئوتى يامان، دادەي،
چىھرايىم سامان، دادەي،
مەندە تاقەت قىلچە يوق.
يېشىمى: يارسىز مىڭ يىل ياشىساممۇ، بىر كۈنچىلىك ئەھمىيىتى يوق؛ ئىشق
ئوتىنىڭ ئالدىدا، دوزاخ ئوتى ئۇچقۇنلىكمۇ كەلمەيدۇ؛ ۋاي داد، ئىشق ئوتى
يامانىكەن، ۋاي داد، چىرايىم ساماندەك سارغىيىپ كەتتى، مەندە قىلچىلىك
تاقەت قالمىدى!
 
ئاقمۇ ئايدىڭ كەچەلەر،
ئاپئاقمۇ ئايدىڭ كەچەلەر،
گۇل بىلەن رەيھان پۇرايدۇر
يار يۈرگەن كوچەلەر.
ئايدىڭ كەچەلەر دادەي،
قاراڭغۇ كەچەلەر دادەي،
خۇش پۇراقلىق كوچەلەر.
يېشىمى: خۇيمۇ ئاق ئايدىڭ كېچىلەر، ئاپئاق ئايدىڭ كېچىلەر؛ يار يۈرگەن
كوچىلار رەيھان گۈلى پۇرايدۇ؛ ئايدىڭ كېچىلەر، دادەي، قاراڭغۇ كېچىلەر،
دادەي، خۇشپۇراقلىق كوچىلار.
 
يار يۈرگەن كوچەلەرنى
سۈپۈرەي ساچىم بىلەن.
ئوڭ قولۇمغا جام ئالىپ،
سۇلار سەپەي ياشىم بىلەن.
ھەسرەت چەكەرمەن دادەي،
يىغلاپ ئۆتۈرمەن دادەي،
سۇ سەپىپ ياشىم بىلەن.
يېشىمى: يار يۈرگەن كوچىلارنى چېچىم بىلەن سۈپۈرەي، ئوڭ قولۇمغا جام ئېلىپ،
يېشىم بىلەن سۇلار سېپەي؛ يېشىمدىن سۇ سېپىپ ھەسرەت چېكىۋاتىمەن، يىغلاپلا
ئۆتىۋاتىمەن، ۋاي داد.
 
چوڭ سەلىقە
 
سىنايمۇكىن، سىلايمۇكىن بويى تالىمنى،
بويى تالىم بىلەمدۇركىن مەنىڭ ھالىمنى.
يېشىمى: تالدەك زىلۋا بويلۇق يارىمنى سىنايمىكىم، يا سىلايمىكىن، زىلۋا
بويلۇقۇم، مېنىڭ ئەھۋالىمنى بىلەمدىغاندۇ؟
 
بىلسە بىلسۇن ۋەفادارىم مەنىڭ ھالىمنى،
بىر ئۆزىگە ئەرز ئەتەرمەن ئاھۇ زارىمنى.
يېشىمى: ۋاپادارىم مېنىڭ ئەھۋالىمنى بىلسۇن – بىلمىسۇن، ئاھۇ زارىمنى بىر
ئۆزىگىلا ئېيتىمەن.
 
شۇندىن شۇنغا كەلمىشىم سەن يار ئۈچۈندۇر،
جەۋرۇ جەفا چەكمىشىم دىيدار ئۈچۈندۇر.
يېشىمى: ئاشۇ يەردىن مۇشۇ يەرگە كېلىشىم سەن يار ئۈچۈن، جەبىر – جاپا
چېكىشىم بولسا، دىدار كۆرۈشۈش ئۈچۈندۇر.
 
گۇلىستاندا فەرياد ئۇرۇپ سايرايدۇر بۇلبۇل،
شۇ بۇلبۇلنىڭ سايراماقى گۇلزار ئۈچۈندۇر.
يېشىمى: گۇلىستاندا بۇلبۇل پەرياد ئۇرۇپ سايرايدۇ، شۇ بۇلبۇلنىڭ سايرىشى
گۈلزار ئۈچۈندۇر.
 
كىچىك سەلىقە
 
كەزەرمەن ۋەسلىڭ ئىزدەپ يىللار ئولمىش دەربەدەر ھەريان،
جۇنۇن سەھراسىدىن مەجنۇن مەسەللىك بىخەبەر ھەريان.
يېشىمى: ئۇزاق يىللاردىن بېرى ۋەسلىڭنى ئىزدەپ، ئىشىكمۇ ئىشىك كېزىپ
يۈرىمەن؛ جۇنۇنلۇق چۆلىدە، مەجنۇنغا ئوخشاش بىھۇشمەن.
 
يۈزۈڭنى ياد ئەتىپ فۇرقەت تۈنىدە ئوتلۇغ ئاھىمدىن،
ئەمەس ئەنجۇم، فەلەك تاقىدا بەند ئولمىش شەرەر ھەريان.
يېشىمى: جۇدالىق تۈنىدە، يۈزۈڭنى ئەسلەپ چەككەن ئوتلۇق ئاھلىرىم ئۇچقۇنلىرى
پەلەك گۈمبىزىنىڭ ھەريان، ھەر تەرىپىگە ئورناپ قالدىكى، ئۇلارنى
يۇلتۇزلارمىكىن دەپ قالما.
 
يۇگۇرماقدىن تالىقدىمكى نەچە سىيمابدەك سەير ئاب،
نەدىنكىم جىلۋە ئەيلەپ ئات ئۈزە ئول سىيمبەر ھەريان.
يېشىمى: ئۇ كۈمۈش تەنلىك گۈزەل ھەر تەرەپكە ئات سېلىپ جىلۋە قىلسا، مەن
كەينىدىن خۇددىي سىماپ ئاققاندەك يۈگۈرۈپ يۈرۈشتىن ھالسىرىدىم.
 
سارىغ چىھرەم بىلە قانلىغ ياشىمغا كۈلمە، ئەي زاھىد،
نىگارىم باشىدىن ھەردەم ساچارمەن لەئلۇ زەر ھەريان.
يېشىمى: ئەي زاھىت، سېرىق يۈزۈم بىلەن قانلىق يېشىمغا قاراپ كۈلمە، مەن
نىگرىمنىڭ بېشىدىن دائىم قىزىل ياقۇت بىلەن سېرىق ئالتۇن چاچىمەن.
 
لەبىڭ سەرچەشمەسىدىن غافىل ئەردى تەشنەلەپ كۆڭلۈم،
نىشان بەلگۈردى خەتتڭدىنكى فەۋتى نىلۇفەر ھەريان.
يېشىمى: تەشنا كۆڭلۈم لېۋىڭ بۇلىقىدىن تېخى غاپىل ئىدى، مىيقىڭدىكى نىلۇپەر
مويلاۋلىرىڭ جىددى بەلگە بېرىپ، مېنى ئويغاتتى.
 
شەفەق ئەرمەس فەلەك ئۈزرە، قۇياشىم پەردەگە كىرگەچ،
چەكەر ئاھىم يەلى كۆز يولىدىن جۇنى جىگەر ھەريان.
يېشىمى: كۆكتىكى قىزىللىق شەپەق ئەمەس، بەلكى ئۇ قۇياشىم پەردە ئىچىگە
كىرىپ كەتكەچە، ئاھىم شامىلى كۆز چانىقىمدىن ئۇچۇرتۇپ چاچقان جىگەر قېنىمدۇر.
 
نە گۈن ئول ئەردىكىم قاشىڭدا چىن كۆردۈم نە بۇ گۈندۈز،
تەبەسسۇم مەۋجى ئەردى لەبلەرىڭدە سەربەسەر ھەريان.
يېشىمى: قايسىبىر كۈنى، لەۋلىرىڭدىن پۈتۈنلەي تەبەسسۇم جىلۋىسى مەۋج ئۇرۇپ
تۇرغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم – دە، بۇ كۈندۈزمۇ ياكى كېچىمۇ،
خۇدۇمنى بىلمەيلا قالدىم.
 
مىژەڭنىڭ ناۋەكىن كۆز ئاتتى، لەئلىڭ كەلتۈرۈپ بىسمىل،
ماڭا مىيلى مەزار ئورنىدا بىتكەن نەيشەكەر ھەريان.
يېشىمى: كۆزۈڭ كىرپىك ئوقىنى ئاتتى، لېۋىڭ ئۆلتۈردى، مازىمنىڭ قەبرە
تاختىسى ئورنىدا، شېكەر قومۇشلىرى ئۈنۈپ چىقتى.
 
يۈرەكنى چاك ئەتىپ سانسىز تىكەن باغرىمغا سانچىلغان،
مەنىڭ ھالىمغا باقماي كۆزلەرىڭ قىلغاچ نەزەر ھەريان.
يېشىمى: كۆزلىرىڭ ئەھۋالىمغا قاراپ قويماي، باشقا جايلارغا نەزەر
تاشلىغاچقا، باغرىمغا سانسىز تىكەنلەر سانچىلىپ، يۈرىكىم پارە – پارە بولدى.
 
جەمالىڭ تالىئىكىم تاپمادى ھەرگىز خەبەر ئاندىن،
خەيال ئەلچىسىدىن گەرچە ئىبەردم كۆپ خەبەر ھەريان.
يېشىمى: گەرچە خىيالىمنى ئەلچى قىلىپ، نۇرغۇن خەۋەر ئەۋەتكەن بولساممۇ،
جامالىڭ ئامىتى ئۇنىڭدىن مۇتلەق خەۋەر تاپالمىدى.
 
ئۇيالىپ قۇمرىيۇ سەرۋى چەمەن گۇلبەرگىدەك تىترەر،
چەمەندە سەرۋى ئازادىمنى كۆرگەچ جىلۋەگەر ھەريان.
يېشىمى: چىمەنلىكتە، خۇش قامەت گۈزىلىمنىڭ ھەريان جىلۋە قىلىپ يۈرگەنلىكىنى
كۆرگەن پاختەك بىلەن سەرۋى دەرىخى ھەسەتتىن، گۈلزارلىقتىكى گۈلنىڭ
يوپۇرمىقىدەك تىترەپ كېتىشىدۇ.
 
كىچىك سەلىقە چۈشۈرگىسى
 
فۇتۇھى قۇلغا، ئەي شاھ، گاھى – گاھى ئىلتىفات ئەتكىل،
ساچىپ تۇتى كەبى كۆڭلۈمگە لەفزىڭدىن شەكەر ھەريان.
يېشىمى: ئەي شاھ، تۇتىدەك كۆڭلۈمگە تىلىڭدىن ھەر دەم شېكەر چېچىپ، مەن
فۇتۇھىي قۇلغا پات – پات ئىلتىپات قىلغىن.
 
تەئكىد
 
ئافتابدەك ئاي يۇزۇڭگە كۆپدۈر ئەرمانىم مەنىڭ،
ھەر زەمان يادىمغا كىرسەڭ ئۆرتەنۈر جانىم مەنىڭ.
يېشىمى: قۇياشتەك نۇرلۇق ئاي يۈزۈڭنى كۆپ ئارزۇ قىلىمەن؛ ھەمىشە يادىمغا
كەلسەڭلا، جېنىم ئۆرتىنىدۇ.
 
بىر نىكاھى قىلدىڭۇ كۆڭلۈمدىن ئالدىڭ سەبرۇھۇش،
ئەمدى ھەجرىڭدە كۆيەرمەن، قالمادى جانىم مەنىڭ.
يېشىمى: بىر كۆز تاشلاش بىلەنلا سەۋر – تاقەت، ئەس ھۇشۇمنى ئالدىڭ؛ شۇ
تۇرۇقى مەندە جان دېگەن نەرسە قالمادى، ئەمدى جۇدالىقىڭدا كۆيۈپ
تۈگىشىدىغان بولدۇم.
 
مەن سەنىڭ يادىڭدا ھەر دەم يىغلادىم شامۇ سەھەر،
ئەرشكە يەتتى مەگەر فەريادۇ ئەفغانىم مەنىڭ.
يېشىمى: مەن سېنى ياد ئېتىپ، تۈندىن تاڭغىچە توختىماي يىغلىدىم، پەرياد –
پىغانىم ئەرشكە يەتتىغۇ دەيمەن.
 
كۆرمەسەم جانىم كۆيەدۇر، بارغالى يوق تاقەتتىم،
يەتكەلى دىيدارىڭ ھىچ يوقتۇر بۇ ئىمكانىم مەنىڭ.
يېشىمى: دىدارىڭنى كۆرمىسەم، جېنىم كۆيىدۇ، قېشىڭغا بارغىلى مادارىم يوق،
ۋىسالىڭغا يېتىشكە بۇ كۈنلەردە ھېچبىر ئىمكانىم يوق.
 
يىغلادىم شامۇ سەھەرلەردە ساڭا فەرياد ئەتىپ،
يەتمەدى ھەرگىز قۇلاقىڭغا بۇ ئەففانىم مەنىڭ.
يېشىمى: سېنى دەپ تۈندىن تاڭغىچە پەرياد ئۇرۇپ يىغلىدىم؛ بۇ ئەپغانىم
قۇلىقىڭغا مۇتلەق يەتمىدى.
 
لۇتف ئەتىپ مىسكىن رىزائىي ھالىغا رەھم ئەيلەگىل،
بىر نەزەر قىلساڭ ماڭا ھىچ يوقتۇر ئەرمانىم مېنىڭ.
يېشىمى: مەرھەممەت قىلىپ، بىچارە ئەھۋالدىكى رىزائىيغا رەھىم قىلغىن؛ ماڭا
بىر نەزەر قىلساڭ، ھېچبىر ئارمىنىم قالماس ئىدى.
 
داستان
بىرىنچى داستان
 
چاھغا تۈشتۈم كەلىپ ئۇشۇل شەھرى كەنئاندىن،
داغى ھىجران ئەزدى مەنى ئىبنى يەمىنجان.
مەن كۆرمەگەن جەبرۇ جەفا، مىھنەت قالمادى،
زارۇ ھەيران قىلدى مەنى، ئىبنى يەمىنجان.
يېشىمى: ئىبنى يەمىنجان، ئاشۇ كەنئان شەھرىدىن كېلىپ، قۇدۇققا تاشلىنىپ
قالدىم، مېنى جۇدالىقنىڭ تېغى ئەزدى؛ مەن كۆرمىگەن جەبىر – جاپا،
مۇشەققەتلەر قالمىدى، بۇلار مېنى خار – زار ۋە ھەيران – ھەس قىلدى، ئىبنى
يەمىنجان.
 
ئاغالارىم كۆينەكىمنى تارتىپ ئالدىلار،
تۆرت تەرەفدىن كەلىپ ماڭا خەنجەر ئۇردىلار.
ئاخىر مەنى تۇتۇپ كەلىپ، چاھقا سالدىلار،
بەندى زىندان قىلدى مەنى، ئىبنى يەمىنجان.
يېشىمى: ئاكىلىرىم كۆينىكىمنى تارتىلىۋالدى، تۆت تەرەپتىن قورشاپ كېلىپ
ماڭا خەنجەر ئۇردى، ئاخىرى تۇتۇپ كېلىپ، قۇدۇققا تاشلىدى – دە، زىندان
بەندىسى قىلىۋەتتى، ئىبنى يەمىنجان.
 
قىزىلگۇلدەك تەنىم شۇندا قانغا بويالدى،
ئەل كۆزىدىن يىراق تاشلاپ ئۆچىنى ئالدى،
ئۆلتۈرۈشكە قەسد قىلدىيۇ لەكىن ئۇيالدى،
ئاھ، باغرى قان قىلدى مەنى، ئىبنى يەمىنجان.
يېشىمى: شۇنداق قىلىپ، قىزىلگۈلدەك تېنىم قانغا بويالدى؛ ئەل كۆزىدىن يىراق
قىلىپ، ئۆچىنى ئالدى؛ ئۆلتۈرۈشكە قەست قىلدى – يۇ، لېكىن ئۇيالدى؛ ئاھ،
مېنى مۇشۇنداق باغرى قان قىلدى، ئىبنى يەمىنجان.
 
ئاغالارىم دۈشمەنلىكىن رەۋشەن بىلدۈرۈپ،
كۆزلەرىمنى تۇفراق بىلە قويدى تىندۇرۇپ،
ياش گۇلۇمنى جەفا تىغى كەستى سىندۇرۇپ،
بەرگى خەزان قىلدى مەنى، ئىبنى يەمىنجان.
يېشىمى: ئاكىلىرىم دۈشمەنلىكىنى روشەن بىلدۈرۈپ، كۆزلىرىمنى توپا بىلەن
تىندۇرىۋەتتى؛ ياش گۈلۈمنى جاپاتىغى كېسىپ – سۇندۇرۇپ، بەرگىخازان (ياپراق
تۆكۈمى) قىلىۋەتتى، ئىبنى يەمىنجان.
 
ئۇردى – سوقتى چاغقا تاشلاپ، كەلمەي قاشىمغا،
قىيامەتنىڭ گۈنى تۈشتى ئەزىز باشىمغا.
كەنا فەلەك ئوغا سالدى يەگەن ئاشىمغا،
ئەجەپ سەرسان قىلدى مەنى، ئىبنى يەمىنجان.
يېشىمى: قېشىمغا يوقلاپ كەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، قۇدۇققا تاشلاپ ئۇردى –
سوقتى؛ ئەزىز بېشىمغا قىيامەتنىڭ كۈنى چۈشتى؛ قوپال پەلەك يېگەن ئېشىمغا
ئوغا سالدى ۋە مېنى ئەجەپ سەرسان قىلىۋەتتى، ئىبنى يەمىنجان.
 
يۇسۇف ئايتۇر: ئوتتا يانىپ كۆيۈپ كۈل بولدۇم،
جۇدالىقتا، سەرسانلىقتا سولغان گۇل بولدۇم،
ئۇلار ساتتى مىسر ئەلىگە شۇندا قۇل بولدۇم،
ئاللاھ سۇلتان قىلدى مەنى، ئىبنى يەمىنجان.
يېشىمى: يۇسۇف ئېيتىدۇ: مۇشەققەت ئوتىدا كۆيۈپ كۈل بولدۇم؛ جۇدالىقتا،
سەرسانلىقتا، سولغان گۈل بولدۇم؛ ئۇلار ساتتى مىسىر ئېلىگە شۇندا قۇل
بولدۇم؛ ئاللاھ مېنى سۇلتان قىلدى، ئىبنى يەمىنجان.
 
ئىككىنچى داستان
 
مەجنۇن بولۇپ، بەياباننى گەشت ئەتىپ،
ئۆز – ئۆزۈمدىن بىر سەۋداغا يەتۈشتۈم.
بىر پەرىنىڭ ھەسرەتىدە قان يۇتۇپ،
باغۇ بوسان خۇش ھەۋاغا يەتۈشتۈم.
يېشىمى: مەجنۇن بولۇپ، باياۋاننى كېزىپ يۈرۈپ، ئۆز – ئۆزۈمدىن بىر سەۋداغا
قالدىم؛ بىر پەرىنىڭ ھەسرىتىدە قان يۇتۇپ يۈرۈپ، ئاخىرى باغۇ بوستان خۇش
ھاۋاغا ئېرىشتىم.
 
فەسلى زىمىستانىم، بولۇپدۇر يازە،
گۇلشەنى بەھارىم ياتىپدۇر تازە،
بارچەسى سۈرتۈپتۇر يۈزىگە غازە،
بىر ئەجايىپ تاماشاغا يەتۈشتۈم.
يېشىمى: زېمىستان پەسلىم يازغا ئۆزگىرىپتۇ، باھار گۈلشىنىم پاك – ئېسىل
تۇرۇپتۇ، ھەممىسى يۈزىگە ئۇپا – ئەڭلىك سۈرۈپتۇ، ئاجايىپ بىر تاماشاغا
مۇيەسسەر بولدۇم.
 
ئەقلىمنى لال ئەتتى ئاغزى خەيالى،
شەكەردىن شىرىندۇر لەئلىنىڭ بالى،
بىر پەرىدۇر ھۇسنى ھۇرى مىسالى،
ئاھۇ كۆزلۈك دىلرەباغا يەتۈشتۈم.
يېشىمى: ئاغىزىنىڭ خىيالى ئەقلىمنى لال قىلدى، ياقۇت لېۋىنىڭ قەنتى
شېكەردىن شېرىن، ئۆزى بىر پەرىكى ھۆسىن – جامالدا ھۆرلەرنى سۇندۇرىدۇ، مەن
مۇشۇنداق گۈزەل، ئاھۇ كۆزلۈك بىر دىلرەبانىڭ ۋىسالىغا يېتىشتىم.
 
چەمەن ئىچرە ياتمىش سەف – سەف بۇلبۇللەر،
رەنگ بە رەنگ ئاچىلمىش قىرمىزى گۇللەر،
تازە نەۋجەۋانلار – گۇل يۈزلى دىلبەر،
سىياھ كۆزلۈك سەمەننىساغا يەتۈشتۈم.
يېشىمى: گۈلزارلىقتا بۇلبۇللار سەپ – سەپ ئولتۇرغان، قىزىل گۈللەر رەڭمۇرەڭ
ئېچىلغان، ياش يىگىتلار، گۈل يۈزلۈك دىلبەرلەر سەير قىلىپ يۈرگەن مۇشۇنداق
باغدا، قارا كۆزلۈك گۈزەل بىر قىزنىڭ ۋىسالىغا يېتىشتىم.
 
بىرسى مەلەكدۇر، بىرسى رىزۋان،
گوياكى جەننەتدە ھۇر ئىلە غىلمان،
ھويلايۇ ئايۋانلار، باغ ئىلە بوستان،
تۇرفە باغى مۇسەففاغا يەتۈشتۈم.
يېشىمى: بىرسى پەرىشتە، يەنە بىرسى ھۆر، گوياكى جەننەتتىكى ھۆر
غىلمانلاردەك يۈرگەن، ھويلا – ئاراملار باغ – بوستان بىلەن پۈركۈنگەن،
مۇشۇنداق ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرلىك بىر باغقا ئېرىشتىم.
 
تەخت ئۈستىدە ياتمىش ئەجەب بىر دىلبەر،
زۇلفىغا بەركىتىمىش بەھاسىز گەۋھەر،
شاھى خۇرشىد ئوغلى – ئاتىم سەنەۋبەر،
بىر ئەجايىپ مەھلىقاغا يەتۈشتۈم.
يېشىمى: تەخت ئۈستىدە، چېچىغا بىباھا گۆھەر قىسىۋالغان ئاجايىپ گۈزەل بىر
دىلبەر ياتاتتى؛ ئىسمىم سەنەۋبەر، شاھ خۇرشىدنىڭ ئوغلى بولىمەن، مەن
ئاجايىپ گۈزەل بىر ئايجامالنىڭ ۋىسالىغا يەتتىم.
 
ئۈچىنچى داستان
 
نەتەي مەن ھىچ ئىلاجىم يوق،
گويا پەرۋانەدەك كۆڭلۈم.
بۇ چۆللەردە ياراغىم يوق،
بولۇپ مەستانەدەك كۆڭلۈم.
 
ئاشىقلارنىڭ دەۋاسى يوق،
بۇ چۆللەرنىڭ قاراسى يوق.
بۇ دۇنيانىڭ ۋەفاسى يوق،
گويا ۋىيرانەدەك كۆڭلۈم.
يېشىمى: ئاشىقلارنىڭ داۋاسى يوق، بۇ چۆللەرنىڭ پايانى يوق، بۇ دۇنيانىڭ
ۋاپاسى يوق، كۆڭلۈم ۋانرانىلىققا ئوخشايدۇ.
 
ئادەم كۆيگەن ئول ھەۋۋاغا،
تاھىر ئاشىقتۇر زۇھراغا.
يۇسۇف بىلەن زىلەيخاغا،
گوياكى خانەدەك كۆڭلۈم.
يېشىمى: ئادەم ئەلەيھىسالام ئۇ ھاۋا ئانىغا كۆيگەن، تاھىر زۇھراغا ئاشىق
ئىدى، شۇ تاپتا، كۆڭلۈم گوياكى يۇسۇف – زىلەيخالارنىڭ كۆڭلى بىلەن
ئوپئوخشاش دېگۈدەك.
 
ھەمراھلارىم دەريادا زار،
غەرق ئەيلەدى بەھرى خۇنخار.
غەرىپلارغا مۇنداق گۈن بار،
ئەرۈر پەيمانەدەك كۆڭلۈم.
يېشىمى: ھەمراھلىرىم دەريادا زار، قانخور دېڭىز ئۇلارنى غەرق قىلدى، غېرىپ
– مۇساپىرلارغا مۇشۇنداق ئاقىبەت بار، مېنىڭ كۆڭلۈم سەۋرىسى تولغان
پەيمانىدەك بولۇپ قالدى.
 
تۈشۈپ چۆللەرگە شاھزاد،
ھەقدىن ئەرۈر بۇ ئىرادە.
يارىم، قويما بۇئارادە،
بولۇپ ھەيراندەك كۆڭلۈم.
يېشىمى: بىر شاھزادىنىڭ چۆللەردە يۈرۈشى ئاللاھنىڭ ئىردادىسى بىلەن بولىدۇ؛
يارىم، مېنى بۇ ئارىدا – بۇ ئەھۋالدا قويمىغىن، كۆڭلۈم ھەيران – ھەسلىككە
چۆمۈلدى.
 
گۇلرۇخ يۈرەكنىڭ دەۋاسى،
كۆڭلۈمدە ئىشقنىڭ ياراسى.
ئاقتى كۆزۈمنىڭ قاراسى،
گويا دىيۋانەدەك كۆڭلۈم.
يېشىمى: خەستە يۈرىكىمنىڭ داۋاسى گۇلرۇختۇر، يۈرىكىمدە پەۋەس ئىشق –
مۇھەببەتنىڭ يارىسى بار، تولا يىغلاپ كۆزۈمنىڭ قارىسى ئېقىپ كەتتى، كۆڭلۈم
مەجنۇننىڭكىدەك بولۇپ قالدى.
 
مەشرەب
بىرىنچى مەشرەب
 
مەچە گۈندۇركى خەبەر تاپمامىشەم سىيمبەرىمدىن،
نە ئەسەردۇر خەبەرىمدىن، نە خەبەردۇر ئەسەرىمدىن.
يېشىمى: نەچچە كۈن بولدى، ئۇ كۈمۈش بەدەننىڭ ھېچقانداق بىر خەۋىرىنى
ئالالمىدىم.
 
نەزەرىم ئالىدا ئايسىز كەچەدىن تىيرەراق ئولدى،
ھەجر گۈندۈزلەرى تا باردى قۇياشىم نەزەرىمدىن.
يېشىمى: قۇياشىم كۆرۈنمىگەچكە، جۇدالىق كۈندۈزلىرى كۆزۈمگە ئايسىز
كېچىدىنمۇ قاراڭغۇ بولۇپ كۆرۈندى.
 
زەخمى قاتىل ئەكەنىن دەرگە ئەرۈر ھەر بىرى بىر تىل،
تىغى ھەجرى قايۇ پەرگالەكى تىلدى جىگەرىمدىن.
يېشىمى: ھىجران خەنجىرى تىلغان جىگىرىمنىڭ ھەبىر پارچىسى ئۇ قاتىلنىڭ
زەخمەتلىرىنى شىكايەت قىلغۇچى بىر تىلدۇر.
 
كەلۈرەم ئاھ ئىلە رۇسۋالىغ ئوتى ھەر سارى ساچىپ،
ئافىيەت ئەھلى سەلامەت قوپۇڭۇز رەھگۇزەرىمدىن.
يېشىمى: ئاھ ئۇرۇپ، رەسۋالىق ئوتىنى ھەريان چېچىپ كېلىۋاتىمەن، ئەي ساق –
ساغلام كىشىلەر، ئۆتەر يولۇمدىن سالامەت كېتىۋېلىڭلار.
 
بۆيلەكىم ئول كۆزى ئافەت يانار ئوت جانىما ئۇردى،
بەرقى ئافەت چاقىلۇر ئالەم ئارا ھەر شەرەرىمدىن.
يېشىمى: ئۇ كۆزى ئاپەت جېنىمغا شۇنداق يانات ئوت بىلەن ئۇردىكى، ئۇنىڭدىن
چاچرىغان ھەبىر ئۇچقۇن ئالەمگە ئاپەت چاقمىقى بولۇپ چىقىلىدۇ.
 
ئول سىفەت ئىشقۇ جۇنۇن تاغ ئىلە دەشتى ئارا يىتتىم،
كى نە فەرھاد نىشان تاپتى، نە مەجنۇن خەبەرىمدىن.
يېشىمى: ئىشق ۋە جۇنۇنلۇق تاغۇ دەشتىدە شۇنداق يىتىپ كەتتىمكى، يا پەرھاد
ئىز – دېرىكىمنى، يا مەجنۇن ئۇچۇر – خەۋىرىمنى ئالالمىدى.
 
دەھر باغىدا ۋەفا نەخلى ئەكىپ بەردى جەفا بەر،
باغبانا، دەكى نە بەر يەگەمەن بۇ سەمەرىمدىن.
يېشىمى: دۇنيا بېغىغا ۋاپا كۆچىتىنى تىكسەم، بەرگەن مېۋىسى جاپا بولدى؛ ئەي
باغۋەن، ئېيتقىنا، بۇنداق مېۋىدىن نېمە بەھرە ئالىمەن؟
 
ناسىھا، ئىشقۇ جۇنۇندۇر ھۇنەرىم، تەركى بۇيۇرما،
ساڭا ئار ئولسا، ماڭا فەخردۇرۇر بۇ ھۈنەرىمدىن.
يېشىمى: ئەي نەسىھەتچى، مېنىڭ ھۈنىرىم ئاشىقلىق بىلەن مەجنۇنلۇق، «ئۇنى
تاشلا» دېمە؛ بۇ ھۈنەر سەن ئۈچۈن نومۇش بولسا، ماڭا ئىپتىخار.
 
ئەي نەۋائىي، بارىبان يار، فەنا دەشتىغە تۈشتۈم،
مەگەر ئەۋۋەل قايتسا ئول، مەن قايتقامەن بۇ سەفەرىمدىن.
يېشىمى: ئەي نەۋائىي، يار كەتكەچكە، مەنمۇ پانىيلىق چۆلىگە ماڭدىم، ئەگەر
ئۇ ئالدى بىلەن قايتىدىغانلا بولسا، مەنمۇ بۇ سەپىرىمدىن قايتقايمەن.
 
ئىككىنچى مەشرەب
 
نازەنىنلەر يۈرۈڭ ئەمدى ئالدىغا،
سەۋغات ئالىڭ، ئەي قىزلار، ئاكام كەلەدۇر،
ئىكىسىگە جانىم بولسۇن سەدىقە،
سەۋغات ئالىڭ، ئەي قىزلار، ئاكام كەلەدۇر.
يېشىمى: گۈزەللەر ئەمدى ئالغا قاراپ مېڭىڭلار، ئاكام كېلىدۇ، قىزلار،
سوۋغات ئېلىڭلار؛ ئىكككىسىگە جېنىم تەسەددۇق، ئاكام كېلىدۇ، قىزلار سوۋغات
ئېلىڭلار.
 
قىلىپ ھەمراھ نەچە ياخشى يىگىتلەرنى،
قەددى شەمشادۇ ھۇسنى تازە گۇللەرنى،
شىكار ئەيلەپ مەرغىزارلىق چۆللەرنى،
سەۋغات ئالىڭ، ئەي قىزلار، ئاكام كەلەدۇر.
يېشىمى: ئاكام بىر مۇنچە ياخشى يىگىتلەرنى ۋە يېڭى ئېچىلغان گۈلدەك
گۈزەللەرنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ، يايلاق ۋە چۆللەردە ئوۋ ئوۋلاپ
كېلىۋاتىدۇ، قىزلار سوۋغات ئېلىڭلار.
 
مەنىڭ ئاكام يىگىتلەرنىڭدۇر ئاغاسى،
ئاڭا تەگدى ئەلۇ يۇرتنىڭكى دۇئاسى.
كۆرۈنۈر بىزگە جىلۋە بىرلە قاراسى،
سەۋغات ئالىڭ، ئەي قىزلار، ئاكام كەلەدۇر.
يېشىمى: مېنىڭ ئاكام يىگىتلەرنىڭ كاتتىۋېشى، ئۇنىڭغا ئەل – يۇرتنىڭ دۇئاسى
يەتكەن؛ ئەنە، جىلۋىلىك قارىسى بىزگە كۆرۈنىۋاتىدۇ، قىزلار سوۋغات
ئېلىڭلار، ئاكام كېلىۋاتىدۇ.
 
بىرى بۇلبۇل ئەرۈر، بىرسى غەزەلخان،
بىرى قاپلان ئەرۈر، بىرسى ئارسلان،
بىرى روھى رەۋاندۇر، بىرى تەندە جان،
سەۋغات ئالىڭ، ئەي قىزلار، ئاكام كەلدۇر.
يېشىمى: بىرسى بۇلبۇل، بىرسى ناخشىچى، بىر قاپلان، يەنە بىرسى ئارسلان،
بىرسى جانلىق روھ، يەنە بىرسى تەندىكى جان، ئاكام كېلىۋاتىدۇ، ئى قىزلار،
سوۋغات ئېلىڭلار.
 
قالدىرغاچ دەر: سىزلەر مەنىڭ يولداشىم،
كەچەلەر ھەمدەمىم، گۈندۈز سىرداشىم،
يۇسۇف، ئەھمەد ئەرۇر ئىكى قارىنداشىم،
سەۋغات ئالىڭ، ئاي قىزلار، ئاكام كەلەدۇر.
يېشىمى: قالىغاچ ئېيتىدۇ: سىلەر مېنىڭ كېچىلەردە ھەمنەپەس، كۈندۈزلەردە
سىرداشلىرىم؛ يۇسۇف، ئەھمەد مېنىڭ ئىككى قېرىندىشىم؛ ئەي قىزلار، ئاكام
كېلىۋاتىدۇ، سوۋغات ئېلىڭلار.
 
ئاڭلاپ سەنىڭ شول مۇبارەك نامىڭنى،
كۆڭلۈم ئەجەپ خۇشھال بولدى نىگارىم.
بىر كۆرۈشكە تەشنا بولدۇم يۈزۈڭنى،
ۋىسالىڭغا يەتكۈزگەي ئول خۇدايىم.
يېشىمى: نىگارىم، سېنىڭ شۇ مۇبارەك نامىڭنى ئاڭلاپ، كۆڭلۈم بەكمۇ خۇشال
بولدى، چىرايىڭنى بىر كۆرۈشكە تەقەززا بولدۇم، خۇدايىم مېنى ۋىسالىڭغا
يەتكۈزگەي.
 
ھەر كىشىنىڭ يارى بولسا يىراقتا،
سامان كەبى سارغارۇرمۇ فىراقتا.
كىشى بۇ خىل دەرد چەكمەسۇن دۇنيادا،
يوللارىڭغا قاراپ قالدىم نىگارىم.
يېشىمى: ھەرقانداق ئىنساننىڭ يارى يىراقتا بولسا، چىرايى پىراق دەردىدە
ماڭا ئوخشاش ساماندەك سارغىيىپ كېتەمدىغاندۇ؟ ئىنسان دۇنيادا مۇنداق دەردنى
تارتمىسۇنكى، نىگارىم، يولۇڭغا قاراپ قالدىم.
 
ئارقامىزدا شۇ رەقىبلەر تولادۇر،
جۇدالىقتىن مەنىڭ دىلىم يارادۇر.
تەشنا كۆڭلۈم ساڭا قاچان قانادۇر،
سەنسىز مەنىڭ يوقدۇر كۆڭۈل ئارامىم.
يېشىمى: ئارقىمىزدا شۇم رەقىبلەر تولا، جۇدالىق دەردىدە يۈرىكىم يارا؛
تەشنا كۆڭلۈم ساڭا قاچانمۇ قانار – ھە؟! سەن بولمىساڭ، ماڭا كۆڭۈل
ئاراملىقى يوقتۇر.
 
قىسمەتلەرىم شولدۇر مەنىڭ ئەي جانان،
مەن قۇلۇڭمەن، كۆڭۈل ئىچرە سەن سۇلتان.
سەن نەلەردە قالدىڭ، ئايا مىھرىبان،
پۈتتى ئەنىڭ بارچە سەبرۇ چىدامىم.
يېشىمى: ئەي جانان، مېنىڭ پېشانەمگە پۈتۈلگىنى شۇ: سەن كۆڭلۈمدىكى
پادىشاھسەن، مەن سېنىڭ قۇلۇڭمەن؛ ئى مېھرىبانىم، سەن قەيەلەردە قالدىڭ؟
مېنىڭ پۈتكۈل سەۋر – تاقىتىم تۈگىدى.
 
9– مۇقام بايات مۇقامى چوڭ نەغمە قىسمى 147 مىسرا، ئۈچ داستان 72 مىسرا،
ئىككى مەشرەپ 54 مىسرا بولۇپ، جەمئىي 273 مىسرا شېئىردىن تەركىب تاپقان.
 
يۇقىرىقى ئون ئىككى مۇقامنىڭ تېكىستى ۋە يېشىمى بېيجىڭ مەكىزىي مىللەتلەر
ئۇنىۋېرسىتېتى تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئابدۇرەئوپ
پولات تەكلىماكانىي ئەپەندىمنىڭ «ئەسلى يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى
مۇقام تېكىستلىرى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.     
                             «زۇلقار مەتبەئەچىلىكى» دە تىزىلدى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...