
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
بالىلىقنى ئەسلەش
پلاستىنكا: تۇنجى سۆيگۈ
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2000
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.
مەكتەپ ھاياتى
1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
570

بالىلىقنى ئەسلەش - ھەققىدە:
سۆزى: پەرھات ئابىت چوغلان مۇزىكىسى: پەرھات ئابىت چوغلان
تۈنۈگۈنلا تالنى ئات قىپ مىنىشمىگەنمۇ بىرنان تاپساق تەڭ بۆلۈشۈپ يېيىشمىگەنمۇ بىرنان تاپساق تەڭ بۆلۈشۈپ يېيىشمىگەنمۇ، بېلىجان تۇتۇپ سازلىقلاردا كېچىك چىلەككە. غازاڭ يېغىپ كاۋاپ قىلىپ يېيىشمىگەنمۇ، بېلىجان تۇتۇپ سازلىقلاردا كېچىك چىلەككە. غازاڭ يېغىپ كاۋاپ قىلىپ يېيىشمىگەنمۇ، غازاڭ يىققان شۇ دوسلارنى سېغىندىم بۈگۈن. بالىلىقتا تالاي تەشكەن شورىلارنى بىز، باققا كىرىپ قىقىۋەتكەن غورىلارنى بىز. باققا كىرىپ قىقىۋەتكەن غورىلارنى بىز، تۈن نىسپىدە تۇتىۋىلىپ توخۇ كەپتەرنى. قاتلاپ سېلىپ كۆپ قايناتقان كورىلارنى بىز، تۈن نىسپىدە تۇتىۋىلىپ توخۇ كەپتەرنى. قاتلاپ سېلىپ كۆپ قايناتقان كورىلارنى بىز، باغقا كىرگەن شۇ دوسلارنى سېغىندىم بۈگۈن. ئۆتتى كۈنلەر، ئۆتتى ئايلار، ئۆتتى كۆپ يىللار، تىرىكچىلىك غىمى بىلەن ئاقاردى چاچلار. ئۆتتى كۈنلەر، ئۆتتى ئايلار، ئۆتتى كۆپ يىللار، تىرىكچىلىك غىمى بىلەن ئاقاردى چاچلار. ئارىمىزدىن كەتسە بىرى تارتىشتۇق ئاڭا، جۇدالىقتا ئۇزاتتۇق بىز تۆكۈپ كۆز ياشلار. ئارىمىزدىن كەتسە بىرى تارتىشتۇق ئاڭا، جۇدالىقتا ئۇزاتتۇق بىز تۆكۈپ كۆز ياشلار. ئاشۇ غەمسىز بالىلىقنى سېغىندىم بۈگۈن.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...