ئەجەم مۇقامى
مۇقام ئانسامبىلى

ئەجەم مۇقامى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2002

مۇقام ئانسامبىلى ھەققىدە:
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىدىن ئىبارەت دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بۇ مەنىۋى تەۋەررۈكنى، بىباھا گۆھەرنى ساقلاپ قىلىش، يىراق ئۆتمۈشنىڭ مالىمانچىلىقىدا يوقىلىپ كەتكەن ئاھاڭلىرىنى تولۇقلاش، ئۇنى رەتلەش ۋە نەشر قىلىش، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش يولىدىكى ئىزدىنىش، ئۇنىڭ مۇزىكا قۇرۇلمىسى، ئورۇنلاش ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلارنىڭ مەزمۇنى ھەققىدىكى تەتقىقات توختاپ قالمىدى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئەڭ دەسلەپ 1951-يىلى پولات سىمغا ئۈنگە ئېلىندى. بۇ جەرياندا ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئەڭ ئاخىر ... داۋامى
تۈر: مۇقام
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 578
ئەجەم مۇقامى - ھەققىدە:
ئەجەم مۇقامى (غەيرىي ئەرەب، ئەرەب بولمىغان) چوڭنەغمە قىسمى 152 مىسرا، داستان قىسمى ئۈچ داستان 42 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئۈچ مەشرەب 30 مىسرا جەمئىي بولۇپ 224 مىسرا 
چوڭ نەغمە
مۇقەددىقە
 
جەھاندا گەرچە بولغاي كۆپ شاھى خەيلۇ ھەشەم پەيدا،
ۋەلې بولغايمۇ سەندەك خۇسرەۋىي ساھىب كەرەم پەيدا.
يېشىمى: گەرچە جاھاندا كۆپلىگەن مەرتىۋىلىك شاھلار ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن
سەندەك خۇسرەۋ سۈپەت، مەردانە شاھ دۇنياغا كەلگەن ئەمەس.
 
سەلامەت بولكى، تاپسۇن دەۋلەتىڭدە خەلق ئاسيايىش،
كى ساھىپ دەۋلەتى سەندەك بولۇر ئالەمدە كەم پەيدا.
يېشىمى: سالامەت بول، دۆلىتىڭدە خەلق ئاسايىشلىق تاپسۇنكى، جاھاندا سەندەك
دۆلەت ئىگىسى كەم تېپىلىدۇ.
 
ۋەفايۇ مىھر قانۇنىنى ئانداق تۈزكى، دەۋرۈڭدە،
نەشاتۇ ئەيش بولسۇن، بولماسۇن ئەندۇھۇ غەم پەيدا.
يېشىمى: ۋاپادارلىق ۋە مېھىر – مۇھەببەت قانۇنىنى شۇنداق تۈزكى، سېنىڭ
دەۋرىڭدە ھايات شاتلىقتا ئۆتسۇن، غەم – ئەندىشە پەيدا بولمىسۇن.
 
چەكىپ خۇنابەلەر ھاسىل قىلىپمەن داغى ئىشقىڭنى،
گەدا قىلغان كەبى خۇنى جىگەر بىرلە دىرھەم پەيدا.
يېشىمى: تىلەمچى – گاداي يۈرەك قېنى سەرپىياتى بىلەن پۇل تاپقاندەك، مەنمۇ
قانلىق ياش تۆكۈش بەدىلىگە ئىشقىڭنى ھاسىل قىلدىم.
 
قۇياش يەڭلىغ يۈزۈڭگە، ۋاھ، نەچۈك مەن تىك باقاي جانا،
ياڭى ئايدەك قاشىڭدىن قامەتىمغا بولدى خەم پەيدا.
يېشىمى: ئەي جان، يېڭى چىققان ئايدەك ئەگىم قېشىڭنىڭ مۇھەببىتىدىن قامىتىم
ئېگىلدى (ھەمىشە ئېگىلىپ سالامدىلا تۇرىدىغان بولۇپ قالدىم). ھالبۇكى،
قۇياشتەك يۈزۈڭگە قانداقمۇ تىك تۇرۇپ قارىيالايمەن؟
 
قەددىڭۇ زۇلفۇ ئاغزىڭ ھەرفىندىن ھەرلەھزە دەم ئۇرسام،
بولۇر جانۇ تەنۇ كۆڭلۈمگە ھەر ياندىن ئەلەم پەيدا.
يېشىمى: قامىتىڭ، چېچىڭ ۋە ئاغزىڭنى ھەرقاچان تەرىپلىسەم، جېنىمغا، تېنىمگە
ۋە دىلىمغا تەرەپ – تەرەپتىن ئاغرىق كىرىپ كېتىدۇ.
 
يەتىپ كەلسەڭ ئايازىي باشىغا سىھھەت ئولماسمۇ،
تىرىلمەككە، ئۆلۈك بولسا، مەسىھ روھى دەم پەيدا.
يېشىمى: ئىيسا پەيغەمبەرنىڭ نەپىسى (دېمى) كەلتۈرۈلسە ئۆلۈك تىرىلگەندەك،
سەن يېتىپ كەلسەڭ، ئايازىي تىرىلىپ ساغلام بولۇپ قالماسمۇ؟
 
تەئەززە
 
سەۋىنگىل، ئەي كۆڭۈل، ئاخىركى جىسمىڭ ئىچرە جان كەلدى،
قۇۋان، ئەي جانى مەھزۇنكىم، ھەياتى جاۋىندان كەلدى.
يېشىمى: ئەي كۆڭۈل سۆيۈنگىن، ئاخىرى ۋۇجۇدۇڭغا جان كىردى؛ ئەي غەمكىن
جېنىم، قۇۋانغىن، مەڭگۈلۈك ھايات كەلدى.
 
سەفەردىن ئول پەرى يەتتى، مەنى مەھزۇننى شاد ئەتتى،
كۆڭۈلدىن ئەسكى غەم كەتتى، تەن ئىچرە تازە جان كەلدى.
يېشىمى: ئۇ پەرى سەپەردىن قايتىپ، مەن غەمكىننى خۇشال قىلدى؛ كۆڭۈلدىن كونا
غەم – قايغۇلار كېتىپ، تېنىمگە يېڭىدىن جان كىردى.
 
خىرەد، يىغ بۇ مەسافىڭنى، تەھەممۇل، قوي گەزافىڭنى،
ۋەرەئ، تەرك ئەيلە لافىڭنى كى ئاشۇبى جەھان كەلدى.
يېشىمى: ئەي ئەقىل، لەشكىرىڭنى يىغىۋال؛ ئەي تاقەت، بىمەنە گەپلىرىڭنى قوي؛
ئەي پەرھىزكارلىق، لاپ ئۇرۇشنى تاشلا، جاھاننى ھاياجانلاندۇرغۇچى يار كەلدى.
 
دەمىكىم ئاندىن ئايرىلدىم، كۆڭۈلنى ھەمرەھى قىلدىم،
بۇگۈن كەلدى كۆڭۈل، بىلدىمكى، ئول نا مىھرىبان كەلدى.
يېشىمى: ئۇنىڭدىن ئايرىلغان چاغدا، كۆڭلۈمنى ئۇنىڭغا ھەمراھ قىلىپ
ئۇزاتقانىدىم؛ بۈگۈن كۆڭلۈم قايتىپ كەلدى، بۇنىڭدىن ئاشۇ نا مىھرىباننىڭ
كەلگەنلىكىنى بىلدىم.
 
كەلىپدۇر ياشۇرۇن ئول شاھ، مەنى مەجنۇن ئەمەس ئاگاھ،
پەرى ئەرمەس ئەسە ئول، ۋاھ، نەچۈك كۆزدىن نىھان كەلدى.
يېشىمى: ئۇ شاھ يوشۇرۇنچە كەپتۇ، مەن مەجنۇن خەۋەرسىز قاپتىمەن؛ ئۇ پەرى
بولمىسا، نېمىشقا كۆزگە كۆرۈنمەيلا كېلىپ قالىدۇ؟
 
فالەك باقتى فىغانىمغا، ئەجەل رەھم ئەتتى جانىمغا،
خەزانلىغ بوستانىمغا گۇلى باغى جىنان كەلدى.
يېشىمى: پەلەك داد – پىغانىمغا نەزەر ئاغدۇردى، ئەجەل جېنىمغا رەھىم قىلدى؛
خازان بولغان گۈلىستانىمغا جەننەت بېغىنىڭ گۈلى كەلدى.
 
مۇغەننىي بىر نەۋائى تۈز، نەۋائىي، نەغمەئى كۆرگۈز،
ئاياقچى، تامسا تۇت توقۇز كى، دارايى زەمان كەلدى.
يېشىمى: سازەندە، بىر كۈيگە سازىڭنى تۈز، نەۋائىي، نەغمەڭنى باشلا؛ ساقىي،
قەدەھتىن بىر تامچە مەي تامسا، ئۈستىلەپ توققۇز قەدەھ تۇت، چۈنكى
زامانىمىزنىڭ دۆلەتمەن خوجىسى كەلدى.
 
سەھەر خۇرشىدى شاھى تاغ ئۈزە زەررىن ئەلەم چەكتى،
داغى پەرتەۋ ساچىپ گەردۇن ئارا تۈرلۈك رەقەم چەكتى.
يېشىمى: سەھەردە قۇياش پادىشاھ تاغ ئۈستىگە ئالتۇن رەڭلىك تۇغىنى تىكتى،
يەنە تېخى نۇرىدىن كۆك سەھىپىسىگە تۈرلۈك سىزىقلارنى سىزدى.
 
فەنا فەرراشى ئەيلەپ سۈبھىنىڭ سىيمىن پەرۇ بالىن،
مۇرەسسەئ تارى مىژگانىنى جارۇبى ھەرەم چەكتى.
يېشىمى: ئۆزلۈكىنى يوقاتقانلار خىزمەتچىسى تاڭنىڭ كۈمۈش پەي – قاناتلىرىنى
پەپىلىدى، زىننەتلەك پىرپىكلىرىنى ھەرەمنىڭ سۈپۈرگىسى قىلدى.
 
كىر ۋائىز كەئبەدە ھەر دەم سەمەد زىكرىن بەيان ئەيلەپ،
بەرەھمەن دەيرى تەختى ئۈزرە ئەسرارى سەنەم چەكتى.
يېشىمى: ۋائىز كەبەتۇللاھدا ئاللاھ زىكرىنى ھەر دەم ياڭراتتى. بەرەھمەن
بۇتخانا تەختىدە (سەنەم)نىڭ سىرلىرىنى بايان قىلدى.
 
باش ئالىپ كەئبەدىن شەيخى ھەرەم، دەير ئىستەدى ئول دەم،
كى ئول بۇت زۇلفى ئەنبەربار ناگاھ پىچۇ خەم چەكتى.
يېشىمى: ئەنبەر بۇيلۇق چېچى بار ئۇ سەنەم (بۇت) چېچىنى بۇدرە قىلدۇرغان
ھامان، ھەرەم شەيخى كەبىدىن باش ئېلىپ چىقىپ، بۇتخانا ئىزدەشكە باشلىدى.
 
ھەقىقەت ئەھلى تەئرىف ئەتمەيىن فەھم ئەيلەگەي بىردەك،
مۇغەننى ئەرغۇنۇن تارىنى نەچە زىرۇ بەم چەكتى.
يېشىمى: سازەندىنىڭ ئەرغەنۇن تارلىرىنى نېمە ئۈچۈن گاھ زىل، گاھ بوم
ئاۋازدا ياڭرىتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تەرىپلىمىسەممۇ، ھەقىقەت ئەھلى
بىردەك پەملىيەلەيدۇ.
 
كىشىكىم كويىدا كۈل ياستانىپ، قان ئىچمەك ئىستەر، ۋاھ،
فەرىندۇن بەل سۇلەيمان تەختى ئۈزرە جامى جەم چەكتى.
يېشىمى: كىشى يارنىڭ كوچىسىدا كۈلگە مېلىنىپ يېتىپ قان يۇتسىمۇ، بۇنى
فەرىدۇن، بەلكى سۇلايمان تەختىدە ئولتۇرۇپ، جەمشىد قەدىھىدە مەي ئىچكەندىن
ئارتۇق ھېسابلايدۇ.
 
خۇشا، ئول رىندكىم ئۇمرى ئاساسىن يوقلۇغىن بىلگەچ،
تەرەب جامىن تەرەننۇم زەۋقى بىرلە دەم بەدەم چەكتى.
يېشىمى: ئۇ پەرۋاسىز ئىچەرمەن ئۆز ئۈمرىنىڭ ۋاپاسىزلىقىنى بىلگەچكە، شاتلىق
قەدىھىنى كۈيلەرنىڭ زوقى بىلەن ئارقىمۇ – ئارقا كۆتۈردى – خوشە!
 
جەفا تىغىنى دەۋران تىفلى، ئەي ئەھباب، بىلمەيكىم،
نە تەنھا شىرى نەرگە ئۇردى فىل، ئۆزىگە ھەم چەكتى.
يېشىمى: ئەي دوستلار، دەۋر گۆرەكلىرى نادانلىقتىن شىردەك، پىلدەك مەتلەرگە
جاپا تىغىنى ئۇردىكى، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆزىگىمۇ تىغ ئۇرغان بولدى.
 
تەئەززە چۈشۈرگىسى
 
دىيارى نەزم ئارا شاھلىغ نەۋائىي گەرچە كۆپ سۈردى،
گەدا ئەرشىيمۇ ھەم سۆز مۈلكىدە يىللار قەدەم چەكتى.
يېشىمى: نەۋائىي شېئىرىيەت دۇنياسىغا شاھ بولۇپ ئۇزۇن دەۋران سۈردى؛ گاداي
ئەرشىيمۇ سۆز مەملىكىتىدە يىللار كېزىپ باقتى.
 
نۇسخە
 
دەرىغا، شورۇ شەر بولدى جەھاندا ھەر قايان پەيدا،
چۇ قىلدى چەرخى كەجرەۋ فىتنەئى ئاخىر زەمان پەيدا.
يېشىمى: ۋاي ئېسىت، بۇ تەتۈر پەلەك ئاخىر زامان پىتنىلىرىنى پەيدا
قىلغاچقا، جاھاننىڭ ھەممە يېرى غەلۋە – غوۋغاغا تولۇپ كەتتى.
 
چىراغى ئەمنىيەتنى تىيرە قىلدى سەرسەرى فىتنە،
بۇ گۈن دارۇلقەزا ئىچرە نە ئەمنۇ نە ئەمان پەيدا.
يېشىمى: پىتنە بورانلىرى تىنچ – ئامانلىق چىرىغىنى ئۆچۈرىۋەتتى، شۇڭا
بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە ئامانلىق قالمىدى.
 
ھەزەر قىل، بولما غافىل، ئەي سۇلەيمانى زەمان، ھەردەم،
بولۇپ ئالدىڭدا گەر خەسم ئولما مۇرى ناتەۋان پەيدا.
يېشىمى: ئەي زاماننىڭ سۇلايمانى، ئالدىڭدا دۈشمىنىڭ بىر ئاجىز چۈمۈلە
بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭدىن دائىم ئېھتىيات قىل، ھەرگىز غاپىل بولما.
 
ئەگەر باردۇر مۇرەۋۋەت دەھر ئەلى راھىدا، ئەي ئەھباب،
نەدىن بىر ياخشىنىڭ قەسدىدە بولدى يۈز يامان پەيدا.
يېشىمى: ئەي دوستلار، ئەگەر دۇنيا ئەھلىنىڭ تۇتقان يولىدا مەردانىلىق
بولىدىغان بولسا، نېمىشقا بىر ياخشىنىڭ قەستىگە يۈز يامان چۈشىۋالىدۇ؟
 
رىزالىق بىرلە قوي – بىر – بىرىگە دۈشمەنلىكنى، ئەي نادان،
قىلىپ تەقدىرغە تەدبىر بولمامىش سۇدۇ زىيان پەيدا.
يېشىمى: ئەي نادان، ئۆزئارا دۈشمەنلىشىشنى رازى – رىزالىق بىلەن
تاشلىغىنكى، تەقدىرگە تەدبىر ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش بىلەن ھېچبىر نەتىجە
چىققان ئەمەس.
 
جەفا تاشىن باشىغا ياندۇرۇپ نابۇد ئەتەر گەردۇن،
ۋەفا ئەھلى جەھان بەزمىدە بولسا نەگەھان پەيدا.
يېشىمى: جاھان بەزمىسىدە قاچانىكى ۋاپادارلار پەيدا بولسا، پەلەك ئۇلارنىڭ
باشلىرىغا جاپا تاشلىرىنى ياندۇرۇپ، نابۇت قىلىدۇ.
 
قالىپدۇر ياخشىلاردىن ياخشى ئات باقىي جەھان ئىچرە،
يامانلىق ئەيلەگەنلەردىن نە نامۇ نىشان پەيدا.
يېشىمى: جاھاندا ياخشىلاردىن ياخشى نام – ئاتاق مەڭگۈ قالىدۇ، يامانلىق
قىلغانلاردىن بولسا، ھېچبىر نام – نىشانە قالمايدۇ.
 
قەزا جەللادى ھەر گۈن يۈز تۈمەن جاننى ھەلاك ئەيلەر،
نە ئول زاھىر، ئانىڭ ئىلكىدە نە تىغۇ نە قان پەيدا.
يېشىمى: قازا جاللىتى كۆزلەرگە كۆرۈنمەيدۇ؛ قولىدا تىغمۇ، قانمۇ يوق، لېكىن
ئۇ ھەر كۈنى يۈز تۈمەن جاننى ھالاك قىلىدۇ.
 
نۇسخە چۈشۈرگىسى
 
جەھان باغى گۇلىنى ھەق ۋەفاسىز ئەكتى، ئەي مەھزۇن،
ساڭا ھىچ سۇد يوقتۇر، قىلما بۇلبۇلدەك فىغان پەيدا.
يېشىمى: ئەي مەھزۇن، ئاللاھ بۇ جاھان بېغىنىڭ گۈلىنى ۋاپاسىز قىلىپ
تېرىغان، ئۇنىڭدىن ساڭا ھېچ پايدا يوق، شۇڭا بۇلبۇلدەك نالە قىلما.
 
مۇستەھزاد
 
ئىستەدىم ئالەمدە سەندەك شاھسەۋارى تاپمادىم،
دەھر ئارا بىر مۇشفىقى ھەمدەرد يارى تاپمادىم.
يېشىمى: شۇنچە ئىزدەپمۇ، ئالەمدە سەندەك چەۋەندازنى تاپالمىدىم؛ دۇنيادا
سېنىڭدەك دەرتنى تەڭ تارتقۇچى شەپقەتچان بىر يارنى تاپالمىدىم.
 
بولماغاي ئالەمدە سەندەك مەھۋەشى، ئەي نازەنىن،
غۇنچەئى خەندان لەبىڭدەك لالەزارى ئاپمادىم.
يېشىمى: سەندەك بىر ئايجامال ئەمدى ئالەمگە كەلمەيدۇ. ئەي نازىنى،
قىزىلگۈلنىڭ غۇنچىسىدەك لېۋىڭگە ئوخشاش گۈزەل گۈل ئېچىلغان لالىزارلىقنىمۇ
ئۇچراتمىدىم.
 
نە ئىلاج ئەيلەي، مەنىڭ ۋابەستەدۇر كۆڭلۈم ساڭا،
مىھرى تابانلىغ يۈزۈڭدەك گۇلئۇزارى تاپمادىم.
يېشىمى: ئىلاجىم نېمە، كۆڭلۈم ساڭا باغلىنىغلىق؛ نۇرلۇق قۇياش مىسال
يۈزۈڭدەك نۇرانە گۈزەل رۇخسارنى ھېچ كۆرمىگەنمەن.
 
رەھم ئەيلەپ سائەتى ئۆزۈڭغە ۋاسىل قىل مەنى،
دىلبەرىم، كۆيۇڭدىن ئارتۇغراق دىيارى تاپمادىم.
يېشىمى: دىلبىرىم، سېنىڭ كوچاڭنى بېسىپ چۈشكىدەك بىر دىيارنى تاپالمىدىم،
رەھىم قىلىپ، مېنى بىر دەمگە بولسىمۇ ۋەسلىڭگە يەتكۈز.
 
كەچە – گۈندۈز نەۋبەتىي كويۇڭدا بولدى مۇبتەلا،
بۇ جەھاندا سەندىن ئۆزگە غەمگۇرازى تاپمادىم.
يېشىمى: مەن نەۋبەتىي كېچە – كۈندۈز كوچاڭغا مۇبتىلا بولدۇم. چۈنكى،
جاھاندا سەندىن باشقا ماڭا بىر غەمگۇزار يوقكەن.
 
جۇلا
 
دەردىغا، چەرخ جانىغا ئەجەپ جەۋرۇ جەفا قىلدى،
غەمۇ ھەسرەت بىلە ئول يارۇ جانىمدىن جۇدا قىلدى.
يېشىمى: ۋاي ئېسىت، پەلەك جېنىمغا ئەجەپمۇ جەبىر – جاپا سالدى، مېنى غەم ۋە
ھەسرەت ئىچىدە قويۇپ، ئۇ يار – جېنىمدىن جۇدا قىلدى.
 
خۇدايا، دوستۇ تۇغقاندىن جۇدا بولغان پەرىشانمەن،
كى دۈشمەن دەستىدە ھالىم زەبۇنۇ مۇبتەلا قىلدى.
يېشىمى: ئى ئاللاھ، مەن دوست ۋە تۇغقىنىدىن جۇدا بولغان پەرىشانمەن،
دۈشمەننىڭ دەستىدە ھالىم بىچارىلىككە مۇپتىلا بولدى.
 
ئايا يارىم، يىراق ئەتتى فەلەك سەندىن بۇ مەھزۇننى،
كى دۈشمەن مۇددەئاسىن ھاسىل ئەتتى، ھەم سەفا قىلدى.
يېشىمى: ئەي يارىم، پەلەك بۇ مەھزۇننى سەندىن يىراق قىلدىكى، دۈشمەننىڭ
مۇددىئاسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەردى ۋە ئۇنى خۇشال قىلدى.
 
جەيالى ۋەسلىدۇر جانۇ دىلىمدە مۇددەئايى ھەم،
ئەگەر يەتكۈزسە بىزلەرنى فەلەك بىزگە ۋەفا قىلدى.
يېشىمى: جان – دىلىم بىلەن ئۇنىڭ ۋىسالىغا يېتىشنى ئويلايمەن، مۇددىئايىممۇ
شۇ. ئەگەر پەلەك بۇ مۇددىئايىمغا يەتكۈزسە، ماڭا ۋاپا قىلغان بولىدۇ.
 
ئايا بادى سەبا، ئايتقىن خەبەر ئول يارى جانىمغا،
ئەسىرۇ ناتەۋان گۇلشاھ جانىنى فىدا قىلدى.
يېشىمى: ئى سەھەر شامىلى، بۇ جېنىم يارىمغا خەۋەر يەتكۈزگىنكى، ئەسىر ۋە
ناتىۋان گۈلشاھ ئۇنىڭغا جېنىنى پىدا قىلدى.
 
سەنەم
 
كۆردۈم يۈزىنى، قالدىم بەلاغا،
ئىشقىدە يۈزمىڭ جەبرۇ جەفاغا.
يېشىمى: چىرايىنى كۆردۈم – يۇ، بالاغا قالدىم، مۇھەببىتىدە يۈز مىڭ جەبىر –
جاپاغا قالدىم.
 
قىينالدى جانىم، تەڭ بولدى ھالىم،
ئاھۇ فىغانىم يەتتى سەماغا.
يېشىمى: جېنىم قىينالدى، ئەھۋالىم ئوساللاشتى. ئاچھ – پىغانىم كۆككە يەتتى.
 
ئەفسۇس نەدامەت، بولدى قىيامەت،
ئەجەبمۇ كۆيدۈم كۆڭلى قاراغا.
يېشىمى: نادانلىقىم ئۈچۈن ئەپسۇس، گويا ماڭا قىيامەت بولدى. كۆڭلى قارىغا
ئەجەپمۇ كۆيۈپتىكەنمەن.
 
زارىم ئىشىتسۇن، ھالىمنى سورسۇن،
بىر رەھمى قىلسۇن مەن بىنەۋاغا.
يېشىمى: ئاھ – زارىمنى ئاڭلىسۇن، ھالىمنى سورىسۇن؛ مەن بىچارىغا بىر رەھىم
قىلسۇن.
 
ئەرزىم ئىشىتمەس، ھالىمغا يەتمەس،
ھەركىم ياماندۇر، قويدۇم خۇداغا.
يېشىمى: ئەرزىمنى ئاڭلىمىغان، ھالىمغا يەتمىگەن ئەسكىنىڭ قىلمىشى ئۈچۈن،
ئاللاھ ئۆزى بىر نېمە دەپ قويار دەيمەن.
 
چوڭ سەلىقە
 
گۈلەمخاننىڭ قوش پوپۇكى يەرگە تەگەمدۇر،
ئونبەش ياشقا كىرمەي تۇرۇپ ئەگەر تەگەمدۇر.
يېشىمى: گۈلەمخاننىڭ قوش پۆپۈكى يەرگە تېگەمدۇ، ئونبەش ياشقا كىرمەي تۇرۇپ
ئەگەر تېگەمدۇ؟
 
گۈلەمخاننىڭ تۇغقان يەرى ئويمانبۇلاقتۇر،
گۈلەمخاننى زورلاپ ئالغان ئەنگە چولاقتۇر.
يېشىمى: گۈلەمخاننىڭ تۇغۇلغان يېرى ئويمانبۇلاقتۇر، گۈلەمخاننى زورلاپ
ئالغان ئەڭگە چولاقتۇر.
 
گۈلەمخاننىڭ قوش پوپۇكى يەرگە سۆرۈلدى،
يۈرەكدەكى زەرداب سۇلار قانغا ئۆيرۈلدى.
يېشىمى: گۈلەمخاننىڭ قوش پۆپۈكى يەرگە سۆرەلدى، يۈرەكتىكى زەرداب سۇلار
قانغا ئۆرۈلدى.
 
ئالتە – يەتە كەپۇتەرلەرىڭ قوندى تەرەككە،
تاۋار توندا ئالتۇن تۈگمە پاتتى يۈرەككە.
يېشىمى: ئەلتە – يەتتە كەپتەرلىرىڭ قوندى تېرەككە، تاۋار توندا ئالتۇن
تۈگمە پاتتى يۈرەككە.
 
چىقىپ باقسام گۈلەمخانىم تويۇڭ كەلەدۇر،
ساڭامىكىن، ماڭامىكىن تەقدىر بىلەدۇر.
يېشىمى: چىقىپ باقسام، گۈلەمخېنىم تويۇڭ كېلىۋېتىپتۇ، ساڭىمىكىن، ماڭىمىكىن
تەقدىر بىلىدۇ.
 
كىچىك سەلىقە
بىرىنچى ئاھاڭ
 
سەھەر خاۋەر شاھى چەرخ ئۈزرەكىم خەيلى ھەشەم چەكتى،
شۇئائى خەت بىلە كوھسار ئۈزە ئالتۇن ئەلەم چەكتى.
يېشىمى: تاڭ سەھەردە، شەرق شاھى كۆكنى بويلاپ قوشۇن تارتىپ، نۇر سىزىقلىرى
بىلەن بېزەلگەن ئالتۇن تۇغىنى تاغ ئۈستىگە تىكتى.
 
قەزا فەرراشى چەكتى سۈبھىنىڭ سىيمىن سۈپۈرگۈسىن،
مۇزەھھەب پەرلەرىن ئانداقكى تاۋۇسى ھەرەم چەكتى.
يېشىمى: گويا ھەرەم توزى ئالتۇن پەيلىك قۇيرۇقىنى يايغاندەك، تەقدىر
خىزمەتچىسى تاڭنىڭ كۈمۈش سۈپۈرگىسىنى زېمىنگە يايدى.
 
كىتابەئى سۈنئ كىلكى سۇرەئى «ۋەش – شەمس» تەفسىرىن،
فەلەك تاقى ھەۋاشىسىدە زەر ھەلدىن رەقەم چەكتى.
يېشىمى: تەقدىر قەلىمى پەلەك گۈمبىزىنىڭ قىرغاقلىرىغا «قۇياش» سۈرىسىنىڭ
شەرھىسىنى ئالتۇن ھەل بىلەن يازدى.
 
مۇئەززىن كەئبە تاقى ئۈزرە گۇلبانگى سەمەد ئۇردى،
بەرەھمەن دەير ئەيۋانىدا ئاھەنگى سەنەم چەكتى.
يېشىمى: مۇئەززىن كەبە مۇنارىسىدا ئەزان ساداسىنى ياڭراتتى، بەرەھمەن
بۇتخانا ئايۋىنىدا سەنەم (بۇت) كۈيىنى سازلىدى.
 
ياقا چاڭ ئەتتى گاھى سۈبھ ئول ماتەمغە كىم، ئاشىق،
بۇ مۇھلىك شامى ھىجران ئىچرە يۈز خۇنابى غەم چەكتى.
يېشىمى: بۇ ھالامەت ھىجران قاراڭغۇلۇقىدا ئاشىقلار غەم – غۇسسىدىن نۇرغۇن
قان يۇتتى؛ سۈبھى ئۇ ماتەم ئۈچۈن، بەزىدە ياقىسىنى يىرتتى.
 
ئىككىنچى ئاھاڭ
 
زەمانى كۈلدى ئول غافىلغاكىم دەۋران، سىتەم تىغىن،
ئاڭا ئۇرماغنى ئاڭلاپ ئۆزگەگە تىغى سىتەم چەكتى.
يېشىمى: دەۋر ئۇ غاپىلغا بىر پەس كۈلۈپ قارىدى، چۈنكى ئەسلىدە پەلەك زۇلۇم
تىغىنى ئۇنىڭغا ئۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ قېلىپ، ئۇ باشقىلارغا زۇلۇم تىغى
كۆتەرگەنىدى.
 
خۇشا، ئولكىم مۇنۇڭدەك چاغ ۋەفاسىز ئۈمرنى ئاڭلاپ،
سەبۇھىيى جامنى ئەھباب بىرلە دەم بەدەم چەكتى.
يېشىمى: مۇشۇنداق چاغدا، ئۆمۈرنىڭ ۋاپاسىزلىقىنى بىلىپ، دوستلار بىلەن
بىللە تاڭ سەھەر ئولتۇرۇشىنىڭ قەدىھىنى دەممۇدەم كۆتۈرۈش نېمە دېگەن پەيزى
– ھە!
 
مەئانى ئەھلى گاھى نۇكتە ئۈزرە قىيلۇ قال ئەتتى،
مۇغەننى خەيلى نەغمە ئۈزرە گاھى زىرۇ بەم چەكتى.
يېشىمى: گاھىدا دانالار چوڭقۇر، نازۇك پىكىرلەر ئۈستىدە بەس – مۇنازىرىگە
چۈشتى؛ گاھىدا سازەندىلەر نەغمە قىلىپ، تۈرلۈك كۈي ياڭراتتى.
 
ئەگەر كۆڭلىدە بىر گۇل ھەجرىدىن خارى فىراق ئولسا،
بەھانە يىغلاماقغا بىر نەچە جامى كەرەم چەكتى.
يېشىمى: ئەگەر كىشىنىڭ يۈرىكىگە بىر گۈلنىڭ پىراق تىكىنى سانچىلسا، ئۇ
يىغلاشقا باھانە ئىزدەپ ئېھسان شارابىدىن بىر نەچچىنى ئوشۇق ئىچىدۇ.
 
ئۈچىنچى ئاھاڭ
 
ۋەگەر خۇد ۋەسل ئىقبالى مۇيەسسەر بولسا بىر سائەت،
فەدىرۇن تەختى ئۈزرە بەزم تۈزدى جامى جەم چەكتى.
يېشىمى: ئىنسان ئەگەر يارنىڭ ۋىسالىغا يېتىش ئارزۇسىغا بىر دەم مۇيەسسەر
بولسىلا، ئۆزىنى پەرىدۇن تەختىدە بەزمە تۈزۈپ، جەمشىد قەدىھىدە شاراب
ئىچكەندەك ھېس قىلىدۇ.
 
بولۇپ مەتلۇب رۇخسارىغا مەھۋى جامدىن سەرمەست،
يۈزىن تۇفراقغا قويدى، باشىنى ئاللىغا خەم چەكتى.
يېشىمى: ئاشىق يارنىڭ رۇخسارىنى كۆرگىنىدە، شاراپتىن غەرق مەست بولغاندەك
ئۆزىنى يوقىتىپ، بېشىنى ئېگىدۇ ۋە يۈزىنى تۇپراققا قويىدۇ.
 
نە دەۋلەتدۇركى بۇ ھالەتدە ئانداق باردى ئۆزدىنكىم،
بەقا ئىقلىمىدىن رەختىنى تا مۈلكى ئەدەم چەكتى.
يېشىمى: مۇشۇ ھالەتتە ئۆزىدىن كېتىش نېمە دېگەن ئۇلۇغ دۆلەتكى، ئۇ ئۆزىنىڭ
بارلىقىنى ھاياتلىق ئىقلىمىدىن يۆتكەپ، ماماتلىق مەملىكىتىگە تاپشۇرىۋەتسە،
كاشكى.
 
كىچىك سەلىقە چۈشۈرگىسى
 
نەۋائىي، شايەد ئول رەھرەۋغە بۇ دەۋلەت نەسىب ئولغاي،
كىم ئول دەشتى فەنا قەتئ ئەتكەلى يىللار قەدەم چەكتى.
يېشىمى: نەۋائىي، ئۆزلۈكىنى يوقىتىش دەشتىنى بېسىپ ئۆتۈش ئۈچۈن، يىللار
سەرپ قىلغان شۇ يولۇچىغا بۇ دۆلەت نېسىپ بولسا، ئەجەب ئەمەس.
 
تەئكىد
 
ئەيدى بەھار ئەييامىدۇر، ساقىي، لەبا – لەب جام تۇت،
ئەيشۇ تەرەب دەۋرانىدۇر جامى مەيى گۇلفام تۇت.
يېشىمى: ئەي ساقىي، باھار بايرىمى كۈنلىرى كەلدى، بۇ ئەيش – ئىشرەت، شاتلىق
دەۋرىدۇر. قېنى، گۈلرەڭلىك شارابقا لىق تولغان قەدىھىڭنى كەلتۈر.
 
جەمشىد فەر شاھى جەھان چۇن قىلدى ئەزمى گۇلىستان،
جەمئىييەتى ۋاقتى زەمان خۇشتۇر بىغايەت، جام تۇت.
يېشىمى: جاھاننىڭ جەمشىد سۈپەتلىك شاھى گۈلىستان سەيلىسىگە چىقتى، بۇ
پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ چەكسىز خۇشاللىقىغا چۆمىلىدىغان پەيتى، شۇڭا قەدەھ كەلتۈر.
 
مەئلۇم ئەمەس دەۋران ئىشى چۈن مۇنقەلىبدۇر گەردىشى،
ھەرگىز بىلۈرمۇ دەپ كىشى بۇ دەۋرنى مادام تۇت.
يېشىمى: پەلەكنىڭ ئىشلىرىنى بىلگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ گەردىشى تەتۈر
ئورنىتىلغان؛ «بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىدىغان كىشى بارمىدۇ؟» دەپ سوراپ ئاۋارە
بولماي، مۇشۇ نۆۋەت (دو)نى چىڭ تۇت.
 
بۇدەمكى باردۇر فۇرسەتىڭ، ئەھباب ئىلە جەمئىييەتىڭ،
لۇتف ئىلە بەزمۇ ئىشرەتىڭ ئەھلىنى شىرىن كام تۇت.
يېشىمى: دوستلىرىنىڭ ۋە جامائەتچىلىكىڭ بولغان مۇشۇ دەم غەنىمەتتۇركى،
مەرھەممەت قىلىپ، بەزمە – ئىشرەتىڭ بىلەن ئۇلارنى خۇشال قىل.
 
قوي دەھر سۈبھى خۇررەمىن، فىكر ئەتمە شامى ماتەمىن،
سۇخسار ئىلە زۇلفى غەمىن ئىشق ئىچرە سۈبھۇ شام تۇت.
يېشىمى: دۇنيانىڭ ئەتىگەنلىك شاتلىقىنى قوي، كېچىلىك ماتىمىنىمۇ ئويلا»
يۈرمە، ئاشىقلىقتا ئەتىگەندىن كەچكىچە يارنىڭ جامالى بىلەن چېچىنىلا
ئويلىشىڭ كېرەك.
 
تارتىپ ئەلايىقدىن ئەتەك، ئەۋارەلىقىدىن ئۆزنى چەك،
فەقر ئىچرە قالغان قافدەك ساكىن بولۇپ ئارام تۇت.
يېشىمى: كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىلاردىن قولۇڭنى ئۈزۈپ، دۇنيانىڭ
ئاۋارىچىلىقىدىن ئۆرەڭنى تارت؛ پېقىرلىقتا قالغان «قاف تېغى»دەك
ۋەزمىنلىكتە مەزمۇت تۇرۇپ ئارام ئال.
 
ھەر كىمكى ئىستەر نامۇ نەڭ، غەمدىن قۇتۇلماس ھىچ رەنگ،
ئۆزنى خەلاس ئەيلەي دەسەڭ، بەس، تەركى نەڭۇ نام تۇت.
يېشىمى: كىمكى نام – شۆھرەت كويىدا يۈرسە، ھېچ ۋاقىت غەمدىن قۇتۇلالمايدۇ؛
دۇنيانىڭ غېمىدىن، ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلاي دېسەڭ، نام – شۆھرەت قوغلاشما.
 
كۆڭلۈم قۇشىدۇر بۇلبۇلۇڭ، ئاچقىل ئۇزارى گۇل – گۇلۇڭ،
بۇ شىيۋە بىرلە سۇنبۇلۇڭ دامىغا ئەيلەپ رام تۇت.
يېشىمى: كۆڭۈل قۇشۇم سېنىڭ بۇلبۇلۇڭدۇر، گۈلدەك چىرايىڭنى ئاچقىن – دە، ناز
– كەرەشمە بىلەن ئۇنى چېچىنىڭ توزىقىغا چۈشۈرۈپ تۇتىۋال.
 
شاھەنشاھى فەرخۇندە فەر ئابدۇررەشىدىي نامۋەر،
ھەق لۇتف ئەتىپ فەتھى زەفەر تا مۇلكى مىسرۇ شام تۇت.
يېشىمى: ئەي شاھلارنىڭ شاھى، سائادەتمەن ۋە شۆھرەتلىك ئابدۇررەشىدخان،
ئاللاھ ساڭا نۇسرەت ئاتا قىلسۇن، پادىشاھلىقىڭ تاكى مىسىر ۋە شام (بۈگۈنكى
سۈرىيە، ئىراق قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرى)غىچە يەتسۇن.
 
ئەيلەپ زىيادە ھىشمەتىن، ئەفزۇن قىلىپ جەمئىييەتىن،
يار رەبكى ئۇمرۇ دەۋلەتىن كۆپ يىلۇ كۆپ ئەييام تۇت.
يېشىمى: ئەي پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ شان – شەۋكىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ،
جەمئىيىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەيسەن؛ ئۆمۈر ۋە دۆلىتىنى كۆپ يىللار، ئۇزاق
زامانلارغىچە داۋاملاشتۇرغايسەن.
 
گاھى ئايازى سارىغا باقغىل سارىغ رۇخسارىغا،
ياخشى – ياماننىڭ بارىغا لۇتفۇ كەرەمنى ئام تۇت.
يېشىمى: بەزىدە ئايازىي تەرەپكە، ئۇنىڭ سارغايغان رۇخسارىغا قاراپ قوي؛
ياخشى – ياماننىڭ ھەممىسىگە ئىلتىپات ۋە مەرھىمىتىڭنى ئوخشاشلا ئايىما.
 
داستان
بىرىنچى داستان
 
يەرۇ كۆكنى ياراتقان خالىقى جەببار،
ھىچ بەندەڭنى مەنىڭدەك ھەيران ئەيلەمە.
دەشتلەر ئارا قىلماغىل مەنى ئىنتىزار،
رەھم ئەيلەگىل، كۆزۈمنى گىريان ئەيلەمە.
يېشىمى: يەر – ئاسمانلارنى ياراتقان ئۇلۇغ ئاللاھ، ھېچ بەندەڭنى مېنىڭدەك
تەڭلىكتە قويما؛ چۆللەر ئارا مېنى ئىنتىزار قىلما، مېنى يىغلاتما، ماڭا
رەھىم قىلغىن.
 
يارنى ئىستەپ يىراقتىن كەلدىم بۇ يانە،
يولدىن ئازغان بەندەڭمەن، ئىگەم سۇبھانە،
بۇ چەللەردە ئەيلەگىل يولنى ئەيانە،
ئۇشبۇ ئۇمرۇم باغىنى خەزان ئەيلەمە.
يېشىمى: بۇ تەرەپلەرگە يىراقتىن يارىمنى ئىزدەپ كەلدىم؛ ئىگەم ئاللاھ، مەن
بىر يىلدىن ئازغان قۇلۇڭمەن، بۇ چۆللەردە يولۇمنى ئوچۇق قىلغىن، بۇ
ئۆمرۈمنىڭ بېغىنى غازاڭغا كۆمۈۋەتمە.
 
ئاتى مىھرىلىقادۇر، ئۆزىدۇر پەرى،
خەيالىمدىن كەتمەگەي شەھدۇ شەكەرى،
قەمەر يۈزلۈك، شىرىن سۆز، رەئنا دىلبەرى،
دىلراىڭنىڭ باغرىنى بىرىيان ئەيلەمە.
يېشىمى: ئىسمى مىھرىلىقا، ئۆزى پەرى، شېرىن لېۋى خىيالىمدىن كەتمەيدۇ؛ ئى
ئاي يۈزلۈك، شېرىن سۆزلۈك گۈزەل، مەن دىلدارىڭنىڭ باغرىنى ئۇنداق كاۋاپ
قىلىۋەتمە.
 
كەچە – گۈندۈز يىغلادى ناتەۋان دىلدار،
يوقتۇر ماڭا بۇ يەردە بىر يارى غەمخار،
شەفقەتىڭدىن بىنەۋا بەندەڭ ئۇمىدۋار،
ھىچ غەرىبنى مەنىڭدەك ۋىيران ئەيلەمە.
يېشىمى: مەن بىچارە دىلدارىڭ كېچە – كۈندۈز يىغلىدىم؛ بۇ يەردە ماڭا غەمداش
بولىدىغان بىرەر دوست يوق. ئى ئاللاھ، مەن شەپقىتىڭدىن ئۈمىدۋار، ھېچ
مۇساپىرنى مەندەك ۋەيران قىلما.
 
غەرىبلىقتا دەشتلەر كەزدىم فىيادە،
قەفەس ئىچرە قالمىشىدۇر ئىرادە.
ئەلەملەرىم بولدى ھەددىدىن زىيادە،
مەن غەرىبنى كۆپ سەرگەردان ئەيلەمە.
يېشىمى: مۇساپىرچىلىقتا چۆللەرنى پىيادە كەزدىم، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن
قەپەز ئىچىدە قالغاندەك بولدۇم؛ دەرت – ئەلەملىرىم ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى،
مەن مۇساپىرنى ئەمدى كۆپ سەرگەردان قىلما.
 
ئىككىنچى داستان
 
قارا كۆز بىرلە بىر غەمزە قىلىپ يۈزمىڭ جەفا قىلما،
كەرەشمە بىرلە ئالەمنى مەنىڭتەك مۇبتەلا قىلما.
يېشىمى: قارا كۆزۈڭ بىلەن بىرلا كۆز تاشلاپ، ماڭا يۈز مىڭ جاپا قىلما،
نازىڭ بىلەن ئالەمنى ئۆزۈڭگە ماڭا ئوخشاش مۇپتىلا قىلما.
 
مەنىڭ بۇ خەستە جانىمغا سەنىڭ دەردىڭ ئەرۇر مەرھەم،
قىيامەتغە تەگىن ھەرگىز بۇ دەردىمگە دەۋا قىلما.
يېشىمى: سېنىڭ دەردىڭ مېنىڭ زەئىپ جېنىمغا مەلھەم، شۇڭا، بۇ دەردىمگە تا
قىيامەتكىچە ھەرگىز داۋا قىلما.
 
مەنى، ئەي ئاي، قۇرقارمەن، قىلىپ دۇنيادا سەرگەشتە،
ئىشىكىڭ تۇفراقىن كۆزگە تاپىلماس تۇتىيا قىلما.
يېشىمى: ئەي ئاي، مېنى دۇنيادا سەرگەردان قىلىپ قويۇپ، ئىشىكىڭنىڭ توپىسىنى
تېپىلماس تۇتىيا قىلىۋېلىشىڭدىن ئەنسىرەيمەن.
 
فىراقىڭ بوتەسى ئىچرە تەنىمنى سىزغارۇر ھەر دەم،
يۈزۈمنى ئالتۇن ئەتكەلى غەمىڭنى كىمىيا قىلما.
يېشىمى: پىراقىڭ ئوچىقى تېنىمنى دائىم ئېرىتىپ كەلدى، يۈزۈمنى ئالتۇنغا
ئايلاندۇرىمەن دەپ، غېمىڭنى كىمىيا قىلما.
 
ئاخىر بىگانە تەپ گىريان ئىشىكىڭدىن قوۋا بولساڭ،
كۈلەر يۈز كۆرگۈزۈپ ئەۋۋەل، كىشىنى ئاشنا قىلما.
يېشىمى: ئاخىر يات كۆرۈپ ئىشىكىڭدىن يىغلىتىپ قوغلىۋېتىدىغان ئادەم، باشتا
ئۇچۇق چىراي بىلەن كۈلۈمسىرەپ، كىشىنى نېمىشقا ئاشنا قىلاتتىڭ؟
 
باغىر قان ئەيلەدىڭ جەۋرۇ جەفا بىرلەكى، سۇلتانىم،
كۆزۈم ياشى بىلە ھەر دەم يۈزۈمدە مەجەرا قىلما.
يېشىمى: ئەي سۇلتانىم، جەبىر – جاپالىرىڭ بىلەن باغرىمنى قان قىلدىڭ، ئەمدى
كۆز يېشىم بىلەن يۈزۈمدە توختىماس ئېقىن ھاسىل قىلما.
 
ئەي سەككاكىي، بۇ شاھ قابقىن غەنىمەت تۇت، چۇ زۇلفىڭغا،
ئازاقىن باغلاغان قۇشسەن، ئۇچارغا ھىچ ھەۋا قىلما.
يېشىمى: ئەي سەككاكىي، بۇ شاھنىڭ ئىشكىنى غەنىمەت بىل، ئۇنىڭ چېچىغا
ئايىغىڭ باغلانغان قۇشسەن، ئۇچىمەن دەپ ھەۋەس قىلما.
 
ئۈچىنچى داستان
 
فەلەكنىڭ گەردىشى بىرلە ئۇشۇل ياردىن جۇدا بولدۇم،
يۈرەكنىڭ ئاتەشى بىرلە ۋەفاداردىن جۇدا بولدۇم.
يېشىمى: پەلەكنىڭ تەتۈر چۆرگىلىشى بىلەن ئاشۇ ياردىم ئايرىلىپ قالدىم؛
يۈرەكتە ئوت بار تۇرۇغلۇق ۋاپادارىمدىن ئايرىلىپ قالدىم.
 
نەتەي، يارنىڭ ئاتى ئۆچتى، باغىمدىن بۇلبۇلۇم كۆچتى،
باشىمغا دەرد – ئەلەم تۈشتى، شۇ دىلداردن جۇدا بولدۇم.
يېشىمى: قانداق قىلارمەن، يارنىڭ نامى ئۆچتى، بېغىمدىن بۇلبۇلۇم كۆچتى؛
بېشىمغا دەرد – ئەلەم چۈشتى، شۇ دىلكەش ياردىن ئايرىلىپ قالدىم.
 
نىگارىم ئىشقىدا نالان، چەكەرمەن دائىما ئەفغان،
رەقىبلەر قىلدى سەرگەردان، شۇ گۇلناردىن جۇدا بولدۇم.
يېشىمى: يارىمنىڭ مۇھەببىتىدە يۈرەك نالە قىلىدۇ، ھەمىشە پىغان چېكىپلا
يۈرىمەن؛ رەقىبلەر مېنى سەرگەردان قىلدى، ئاشۇ ئانار گۈلىدەك ياردىن
ئايرىلىپ قالدىم.
 
ئاتى گۇلرۇف پەرى زادە، مەنىڭ فەررۇخى شاھرادە،
چەكىپ مىھنەت بۇ دۇنيادا، شۇ غەمخاردىن جۇدا بولدۇم.
يېشىمى: ئۇنىڭ ئىسمى گۈلرۇخ، زاتى پەرىدۇر؛ مېنىڭ ئېتىم بولسا، شاھزادە
فەررۇخ، مەن بۇ دۇنيادا بەك جاپا چەكتىم، شۇ غەمگۈزارىمدىن ئايرىلىپ قالدىم.
 
مەشرەب
بىرىنچى مەشرەب
 
ياز فەسلى، يار ۋەسلى، دوستلارنىڭ سۇھبەتى،
شېئر بەھسى، ئىشق دەردى، بادەنىڭ كەيفىييەتى.
يېشىمى: ياز پەسلى، يار ۋەسلى، دوستلار سۆھبىتى، مۇشائىرە، ئىشقنىڭ دەردى،
مەينىڭ تەسىرى.
 
ياز فەسلىدە چاغىر ئىچمەكنىڭ ئۆزگە ھالى بار،
كىمگە بۇ نەشئە مۇيەسسەر بولسا باردۇر دەۋلەتى.
يېشىمى: ياز پەسلىدە مەي ئىچىشنىڭ ئۆزگىچە پەيزى باركى، بۇ خۇشاللىققا كىم
مۇيەسسەر بولسا، ئۇ دۆلەتمەندۇر.
 
ئىشق دەردىدىن چەكىپ ھەر كىمكى تاپسا ۋەسلى بار،
ئول زەمان بولغاي ئونۇت يۈز يىلغى ھىجران سىددتى.
يېشىمى: كىمكى ئىشق جاپاسىنى چېكىپ، ئاخىر يارنىڭ ۋىسالىغا يەتسە، بۇ چاغدا
يۈز يىللىق ھىجران ئازابى بولسىمۇ، ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ.
 
دوستلارنىڭ سۆھبەتىدە نە خۇش ئولغاي بەھسى شېئر،
تا بىلىنگەي ھەر كىشىنىڭ تەبئى بىرلە ھالەتى.
يېشىمى: دوستلار سۆھبىتى ئىچىدە مۇشائىرە شۇنداق پەيزى بولىدۇكى، ئۇنىڭدا
ھەر بىر ئادەمنىڭ تەبىئىتى ۋە ئىچكى تۇيغۇسى مەلۇم بولىدۇ.
 
گەر بۇ ئۈچ ئىشنى مۇۋافىق تاپساڭ ئول ئۈچ ۋاقت ئىلە،
مۇندىن ئارتۇق ئولماغاي، بابۇر، جەھاننىڭ ئىشرەتى.
يېشىمى: ئەگەر بۇ ئۈچ ئىشنى جاي – جايىدا ۋە ۋاقتى – ۋاقتىدا بېجىرەلىسەڭ،
ئەۇ بابۇر، جاھاندا بۇنى بېسىپ چۈشىدىغان پەيزى ياشام بولمايدۇ – جۇمۇ!
 
ئىككىنچى مەشرەب
 
نە خۇش گۈندۇز، مۇساھبىلەر، كىشى جانىغا يەتسە،
چەكىپ جەبرۇ جەفالارنى كۆزى مەستانىغا يەتسە.
يېشىمى: دوستلار، كىشى جانىغا ئېرىشسە، جەبىر – جاپالار بەدىلىگە كۆزى
مەشۇقىغا تويسا، بۇ كۈن نېمە دېگەن گۈزەل – ھە!
 
چەكىپ رەنجۇ مۇشەققەتلەر، كى ئىشق يولىدا كۇلفەتلەر،
كۆرۈپ يۈزمىڭ مەلامەتلەر، كۆڭۈل ئارامىغا يەتسە.
يېشىمى: مۇھەببەت يولىدا جاپا – مۇشەققەتلەر چېكىپ، يۈز مىڭ خىل
ئەيىپلەشلەرنى ئاڭلاپ، ئاخىرىدا، كۆڭۈل ئارمىغا يەتسە.
 
فەلەك ئۇرسا ئاڭ شەبخۇن، يىقىلسا باشىمغا گەردۇن،
بولۇپ دەردۇ غەمى ئەفزۇن، يەنە دەرمانىغا يەتسە.
يېشىمى: پەلەك ئۇنىڭغا كېچىلىك ھۇجۇم قوزغىسا، ئاسمان ئۇنىڭ بېشىغا
كۆمۈرۈلۈپ چۈشسە، ھەتتا دەرد – غېمى ناھايىتى كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ، ئاخىرىدا،
يار ئۇنىڭ دەردىگە دەرمان بولسا.
 
دىلۇ جانى جەراب بولسا، كۆيۈپ باغرى كەباب بولسا،
يەنە ھەر گۈن ئەزاب بولسا نە ئەرمان يارىغا يەتسە.
يېشىمى: باغرى كاۋاپتەك كۆيسە، يۈرىكى ۋە جېنى خاراپ بولسا، ھەر كۈنى
ئۇنىڭغا ئۈستىلەپ ئازاپ بولسىمۇ، يار ۋەسلىگە يەتسە، يەنە نېمە ئارمىنى قالىدۇ؟
 
يۇسۇفدۇر بىر گۈزەل بەرنا، زىلەيخادۇر قەددى زىيبا،
بولۇپ بۇلبۇل ئۆزى شەيدا، گۇلى خەندانىغا يەتسە.
يېشىمى: يۈسۈپ بىر سۇباتلىق يىگىت، زىلەيخا كېلىشكەن قىز، ئۇلار ئۆزى شەيدا
بولغان گۈلنىڭ ۋىسالىغا يەتكەن بۇلبۇلدەك مۇرادىغا يەتكەي!
 
ئۈچىنچى مەشرەب
 
مەن لەبا – لەب خەندەدۇرمەن لەئلى خەندانىن كۆرۈپ،
دەردىگە ئاشىفتە مەن زۇلفى پەرىشانىن كۆرۈپ.
يېشىمى: مەن ئۇنىڭ ياقۇت لېۋىدىكى كۈلكىنى كۆرگەندە چەكسىز خوشاللىققا
چۆمۈمەن؛ يېيىلغان چاچلىرىنى كۆرگىنىمدە بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ مەپتۇن بولىمەن.
 
ھەيرەت ئىلە رۇھى قۇدسى سۇرەتى قىلدىم خەيال،
نەقشى زىيباسى بىلە سەرۋى خىرامانىن كۆرۈپ.
يېشىمى: ئۇنىڭ گۈزەل ھۆسنى بىلەن نازلىق مېڭىشىنى كۆرگىنىمدە ھەيرەتكە
چۆمۈپ، ئۇنى بىرەر مۇقەددەس روھنىڭ سىماسىمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن.
 
ھۇسنكىم ئول ئايدادۇر، مەڭزىگە كىمنى مەڭز ئەتەي،
گۈندۈز ئۆزنى كەچە كۆردى، رويى رەخشانىن كۆرۈپ.
يېشىمى: ھۆسن شۇ ئايدا تۇرسا، ئۇنىڭ مەڭزىگە كىمنىڭ ماڭزىنى تەڭ قىلاي؟
ئۇنىڭ نۇرلۇق يۈرىنى كۆرگەن يورۇق كۈندۈز ئۆزىنى كېچە ھېسابلىدى.
 
ئۆز ۋۇجۇدۇم خىرمەنىنى كۆرمىشەم كۈل خىرمەنى،
جان ھەۋاسىدا دۇرەخشان خەتتى رەيھانىن كۆرۈپ.
يېشىمى: جېنىم ئارزۇ قىلغان ئاشۇ لېۋىڭدىكى يېڭى خەت تارتقان نۇرانە
مىيىقىنى كۆرگىنىمدە، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم كۆيۈپ كۈل دۆۋىسىگە ئايلانغاندەك بولىمەن.
 
بۇ چەمەننىڭ مۇرغى رەنگىن نەغمەسى مەشھۇرىيدۇر،
قالغۇسى ئەلھانىدىن بۇلبۇللار ئەلمانىن كۆرۈپ.
يېشىمى: مەھشۇرىي بۇ چىمەنزارلىقنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەغمىچى قۇشىدۇر،
بۇلبۇللار ئۇنىڭ يېقىملىق ناۋاسىنى ئاڭلىنىدا سايراشتىن قالىدۇ.
 
7– مۇقام ئەجەم مۇقامى تېكىستلىرى چوڭ نەغمە قىسمى 152 مىسرا، ئۈچ داستان
42 مىسرا ۋە ئۈچ مەشرەب 30 مىسرا بولۇپ، جەمئىي 224 مىسرا شېئىردىن تەركىب
تاپقان.
 
يۇقىرىقى ئون ئىككى مۇقامنىڭ تېكىستى ۋە يېشىمى بېيجىڭ مەكىزىي مىللەتلەر
ئۇنىۋېرسىتېتى تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئابدۇرەئوپ
پولات تەكلىماكانىي ئەپەندىمنىڭ «ئەسلى يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى
مۇقام تېكىستلىرى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.     
                             «زۇلقار مەتبەئەچىلىكى» دە تىزىلدى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...