ئۆزھال مۇقامى
مۇقام ئانسامبىلى

ئۆزھال مۇقامى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2002

مۇقام ئانسامبىلى ھەققىدە:
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىدىن ئىبارەت دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بۇ مەنىۋى تەۋەررۈكنى، بىباھا گۆھەرنى ساقلاپ قىلىش، يىراق ئۆتمۈشنىڭ مالىمانچىلىقىدا يوقىلىپ كەتكەن ئاھاڭلىرىنى تولۇقلاش، ئۇنى رەتلەش ۋە نەشر قىلىش، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش يولىدىكى ئىزدىنىش، ئۇنىڭ مۇزىكا قۇرۇلمىسى، ئورۇنلاش ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلارنىڭ مەزمۇنى ھەققىدىكى تەتقىقات توختاپ قالمىدى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئەڭ دەسلەپ 1951-يىلى پولات سىمغا ئۈنگە ئېلىندى. بۇ جەرياندا ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئەڭ ئاخىر ... داۋامى
تۈر: مۇقام
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 499
ئۆزھال مۇقامى - ھەققىدە:
ئۆزھال مۇقامى (كۆجەك مۇقامى-كىچىك پېئىللىق،ئۆزىنىڭ ھالى) چوڭ نەغمە قىسمى 154 مىسرا، داستان قىسمى بەش داستان 88 مىسرا، مەشرەب قسمى ئىككى مەشرەب 52 مىسراجەمئىي بولۇپ 294 مىسرا 
چوڭ نەغمە
مۇقەددىمە
 
جۇنۇن ۋادىسىغا مايىل كۆرەرمەن جانى زارىمنى،
تىلەرمەن بىر يولى بۇزماق بۇزۇلغان روزگارىمنى.
يېشىمى: بۇ قىينالغان جېنىم مەجنۇنلۇق ۋادىسىغا يۈزلەنگەندەك قىلىدۇ.
بۇزۇلغان بۇ تىرىكچلىكىمنىڭ بىر يولىلا ۋەيران بولۇشىنى تىلەيمەن.
 
فەلەك بىدادىدىن گەرچە مەنى خاكى غۇبار ئولدۇم،
تىلەرمەن تاپماغايلار تۇتىيالىققا غۇبارىمنى.
يېشىمى: بۇ زالىم پەلەك تۈپەيلى توپا – توزانغا ئايلاندىم، بولسا، كىشىلەر
تۇتىيالىق ئۈچۈن، غۇربارىمنىمۇ تاپالمىسا دەيمەن.
 
شەك ئەرمەس پەرتەۋى تۇشكەچ ئۆيى ھەم، رەختى ھەم كۆيمەك،
چۇ گورىستان گەدايى سەزمەگەچ شەمئى مەزارىمنى.
يېشىمى: گۆرىستان گادىمى مەزىرىمنىڭ چىرىغىنى كۆرۈپ قالمىسا دەيمەن. چۈنكى
ئۇچقۇن چۈشۈپ كەتسە، ئۆي – بىساتلارنىڭ كۆيۈشى شەكسىز.
 
دەمەڭ قاي سارى ئەزم ئەتكۈڭ، ماڭا يوق ئىختىيار ئاخىر،
قەزا ئىلكىگە بەرمىشمەن ئىنانى ئىختىيارىمنى.
يېشىمى: «نەگە بارىسەن» دەپ سورىماڭلار، ئىختىيار ئۆزەمدە ئەمەس – دە.
ئىختىيارلىق تىزگىنىنى تەقدىرنىڭ قولىغا تاپشۇرغانمەن.
 
تۈگەندى ئەشكى گۇلگۇن، ئەمدى قالمىش زەئفەرانىي يۈز،
فەلەك زۇلمى بەدەل قىلدى خەزان بىرلە بەھارىمنى.
قان – ياشلىرىم تۈگەپ، زەپىران يۈزۈملا قالدى؛ پەلەك زالمى باھارىمنى
غازاڭغا ئايلاندۇردى.
 
دىيارىم ئەھلى بىرلە ياردىن باشىمغا يۈز مىھنەت،
نە تاڭ باشىم ئالىپ كەتسەم، قويۇپ يارۇ دىيارىمنى.
يېشىمى: يۇرتداشلىرىم بىلەن يارىدىمدىن بېشىمغا يۈزلەپ جاپا – مۇشەققەتلەر
كەلدى. شڭا يارىمنى ۋە دىيارىمنى تاشلاپ، يۇرتتىن بېشىمنى ئېلىپلا چىقىپ
كەتسەم، قانداق بولاركىن – تاڭ.
 
ھەياتىم بادەسىدىن سەرگەرانمەن ئەسرۇ، ئەي ساقىي،
قەدەھقە زەھرى قاتىل قۇي، داغى دەفئ ئەت خۇمارىمنى.
يېشىمى: ھاياتىمنىڭ شارابىدىن بېشىم بەكلا ئايلىنىپ قالدى. ئەي ساقىي،
قەدەھكە ئۆتكۈر زەھەر قويۇپ بەر، خۇمارىم چىقسۇن.
 
يامان ھالىمغا باغرى ئاغرىغاي، ھەر كىمسەكىم كۆرگەچ،
باغىر پەرگالەسىدىن قانغا بۇلغانغان ئۇزارىمنى.
يېشىمى: پارە – پارە بولغان باغرىمنىڭ قېنى بىلەن بۇلغانغان يۈزۈمى كۆرگەن
ھەرقانداق كىشى ئەھۋالىمنىڭ ئوساللىقىغا ئىچ ئاغرىتماي قالمايدۇ.
 
جەھان تەركىنى قىلماي چۇنكى تىنماق مۇمكىن ئەرمەستۇر،
نەۋائىي قىل مەنى ئازاد ئۆرتەپ يوقۇ بارىمنى.
يېشىمى: ئۇ نەۋائىي، بار – قويۇمنى ئۆرتەپ كۆيدۈرۈپ، مېنى بىراقلا ئازاد
قىلغىن. چۈنكى تەركىدۇنيا قىلمىغىچە تىنغىلىمۇ بولمايدىكەن ئەمەسمۇ!
 
تەئەززە
 
ئەي گەدايتىڭنىڭ گەدايى بارچە ئەھلى تەختۇ تاج،
كىم گەدايىڭدۇر ئاڭا يوق تەخت ئىلە تاج ئىھتىياج.
يېشىمى: ئەي يار، جىمى تەخت ۋە تاج ئىگىلىرى سېنىڭ گادىيىڭنىڭ گادىيى. كىم
گادىيىڭ بولسا، ئۇ خەت بىلەن تاجغا مۇھتاج ئەمەس.
 
كۆزلەرىڭ گەر خۇرم ئۈچۈن قىلسا ئىتاب ئەرمەس ئەجەب،
بار مۇئەييەنكم، بولۇر بىمارلار نازۇك مىزاج.
يېشىمى: ئەگەر كۆزلىرىڭ مېنى جازالاش ئۈچۈن غەزەپلىنىپ ئالايسا،
ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى بىمارلارنىڭ مىجەزى نازۇك بولىدىغانلىقى
ھەممىگە ئايان.
 
گەر سەنەۋبەر تۈزمەمىش سەرۋىڭ خىلافى كۆڭلىدە،
يەل چىنارئىلكى بىلە نەيۈچۈن ئۇرار يۈزىگە كاج.
يېشىمى: ئەگەر سەنەۋبەر دەرىخى كۆڭلىدە قەددىڭ سەرۋىسىگە ناقايىللىق
بىلدۈرمىگەن بولسا، شامال نېمە ئۈچۈن چىنارنىڭ قولى بىلەن ئۇنىڭ كاچىتىغا
ئۇرىدۇ؟
 
ئەيكى، كۆڭلۈمنى بۇزۇپ دەرسەن خەيالىمنى چىقار،
ھىچكىم ۋىيرانەدىن گەنج ئىستەمەس ھەرگىز خىراج.
يېشىمى: ئەي يار، كۆڭلۈمنى بۇزۇپ بولۇپ، «مېنى خىيالىڭدىن چىقىرىۋەت»
دەيسەن. ھېچكىم ۋەيرانىدىن خەزىنە ئىستىمەيدۇ، باج تەلەپ قىلمايدۇ – غۇ.
 
سەن جەفا قىلغاچ كۆڭۈل جان بىرلە تەركىم تۇتىلار،
بولسا شاھ زالىم، ئەل ئىچرە زۇلمغا ئەرمىش رەۋاج.
يېشىمى: پادىشاھ الىم بولسا، ئەل ئىچىدە زۇلۇم ئەۋج ئېلىپ كەتكىنىدەك، سەن
جاپا سېلىۋەرگەچكە، كۆڭۈلمۇ، جانمۇ مەندىن بىزار بولدى.
 
ھەجرىدىن داد ئىستەدىم، دەدىڭ سەبۇر ئول، ۋايكىم،
تازە داغىغا يەنە ئوت بىرلە ئەيلەرسەن ئىلاج.
يېشىمى: پىراقىڭ دەستىدىن دادلىسام، «سەرۋ قىل» دەيسەن. ۋاي جان، سەن يېڭى
جاراھەتنى يەنە ئوت بىلەن داغلاپ داۋالايسەنغۇ، ئاخىر.
 
چۈن فەنا گەردى ياپار نە سۇد تەختى جاھىڭا،
كۆكنىڭ ئەنجۇمدىن مۇكەللەل ئەتلەسىن قىلساڭ دۇۋاج.
يېشىمى: سەلتەنەت تەختىڭدىن نېمە پايدا، ئۇنى پەلەكنىڭ يۇلتۇز گۈللۈك
ئەتلەسلىرى بىلەن زىننەتلىگىنىڭ بىلەنمۇ، بەرىبىر ئۇنى گۇمرانلىق چاڭ –
توزانلىرى بېسىپ كېتىدۇ.
 
تا گەدايىڭدۇر نەۋائىي، تەخت ئىلە تاج ئىستەمەس،
ئەي، گەدايىڭنىڭ گەدايى بارچە ئەھلى تەختۇ تاج.
يېشىمى: نەۋائىي سېنىڭ گادىيىڭ بولالىسىلا تەخت ۋە تاج ئارزۇ قىلمايدۇ،
چۈنكى جىمى تەخت ۋە تاج ئىگىلىرى سېنىڭ گادىيىڭنىڭ گادىيى – دە.
 
ناز بىلە يۈزۈمغە ئول بىر شاھى خۇبان ئۇردى كاج،
تاپدى نەقشى پەنجەسىدىن ئاي كەبى يۈزۈم رەۋاج.
يېشىمى: ئۇ گۈزەللەر شاھى نازۇكەرەشمە بىلەن يۈزۈمگە بىر كاچات ئۇرغانىدى،
پەنجىسىنىڭ ئىزى يۈزۈمگە ئايدەك نەقىشلىنىپ قالدى.
 
بەرق قىلماقغا خۇدا ھەر كىمگە دەۋلەت بەرمەدى،
ۋاھكى، شايىستە ئەمەس بىبەختلەر بەرقىغە داج.
يېشىمى: چاقماق چېقىشقا لازىملىق مال – دۆلەتنى خۇدا ھەركىمگە نېسىپ
قىلىۋەرمىگەن، بەختسىزلەرنىڭ چاقمىقىغا قاراڭغۇلۇق ھاجەت ئەمەس.
 
ئول جەھاندە خارلىقدىن يۈزى زەردەك سارغارۇر،
ئاھىدىن باشدا ئەلەملەر، ئىشقىدىن باشىدا تاج.
يېشىمى: جاھاندا خارلىقتىن يۈزى زەردەك (ئالتۇندەك) سارغايغانلارنىڭ
تارتقان ئاھى بېشىمغا تۇغ، ئىشقى تاج بولىدۇ.
 
بەسكى كۇلبەم شۇئلەئى ئاھىم بىلە رەۋشەن ئەرۇر،
ئاي چىراغىغا قاچانكىم كەلتۈرۈپمەن ئىھتىياج.
يېشىمى: ھۇجرام ئاھىمنىڭ نۇرى بىلەن دائىم يورۇپ تۇرىدۇكى، شۇ كۇپايە، ئاي
نۇرىغا قاچان مېنىڭ ھاجىتىم چۈشكەن؟
 
ئول مۇزەللەف سەبرە خەت كىشۋەر گۇشايى ھۇسن ئەرۇر،
خەتتىغە كەلمىش خوتەندىن، زۇلفىغا چىندىن خەراج.
يېشىمى: مىيىقى ئەمدى خەت تارتقان ئۇ سۇنبۇل چاچ ھۆسن دۇنياسىنىڭ
جاھانگىرىدۇر، ئۇنىڭ مىيىقىغا خوتەندىن، چېچىغا چىندىن باج – تارتۇق كېلىدۇ.
 
تەئەززە چۈشۈرگىسى
 
ھۇسنىنىڭ ئاۋازەسى، مەشھۇرىي، يەتتى چەرخغە،
ئافتاب ھەم ماھتاب ئالەم ئارادا بەردى باج.
يېشىمى: ئەي مەشھۇرىي، ئۇنىڭ ھۆسنىنىڭ شۆھرىتى كۆككە يەتتى، ئەلەمدە ئاي
بىلەن قۇياشمۇ ئۇنىڭغا باج تۆلەۋاتىدۇ.
 
نۇسخە
 
بارمۇدۇر ئالەمدە مەندەك بىر غەرىبىي ناتەۋان،
ۋەسل ئۈمىدى بىرلە ھەجر ئەندۇھىدىن ئازۇردە جان.
يېشىمى: بۇ جاھاندا ۋىسال ئۈمىدى بىلەن ھىجران قايغۇسى تۈپەيلىدىن جېنى
مەندەك ئازار يېگەن يەنە بىر غېرىب ناتىۋان بارمىدۇ؟
 
ژالە ياڭلىغ ياندۇرۇپ باشىمغا گەردۇن لالەدەك،
سەنگى بارانى بەلائ ئوريان تەنىمنى قىلدى قان.
يېشىمى: پەلەك بېشىمغا بالا تاشلىرىنى ياندۇرۇپ، يالىڭاچ تېنىمنى لالىدەك
قىزىل قانغا بويىدى.
 
سەبر تۇخمىن كۆڭلۈم ئىچرە ئانچە ئەكتىم، ئۇنمەدى،
نە ئۈچنكىم ھەر زامان غەم قۇشلارىغا بولدى دان.
يېشىمى: كۆڭلۈم ئېكىنىغا سەۋر – تاقەت ئۇرۇقىنى ھەر قانچە ئەكسەممۇ
ئۈنمىدى، چۈنكى بۇ ئۇرۇقلار ھەمىشە غەم قۇشلىرىغا دان بولۇپ كەتكەنىدى.
 
ھەجر خەيلى زۇلم قىلدى بىينىھايەت، ۋايكىم،
بىر زەمان بەرمەي ئەمان، يۈز قەتلە دەدىم: ئەل ئەمان.
يېشىمى: ۋاي داد، ھىجران لەشكىرى شۇ قەدەر زۇلۇم سالدىكى، يۈز قېتىم «ئەل
ئامان – پەندىيات» دەپ ۋارقىرىغان بولساممۇ، بىر نەپەس ئامانلىق بەرمىدى.
 
ئىشق دەشتىدە ئاقارغان ئۇستىخانىم كۆرگەن ئەل،
سەرسەرى ھىجران ئارا دەرلەر قۇيۇن بىرلە سامان.
يېشىمى: ئىشق باياۋانىدا ئاقىرىپ كەتكەن ئۇستىخىنىمنى كۆرگەن كىشىلەر ئۇنى
«ھىجران شىۋىرغانلىرىدىكى قۇيۇن بىلەن سامان» دەپ قالىدۇ.
 
كۆگەچ – ئوق دەيرى فەنادا مەھرەم ئولدۇڭ دەپ ماڭا،
زاھىدا، تەئن ئەيلەمە، مەندىن ساڭا يوقتۇر زىيان.
يېشىمى: ئەي زاھىد، مېنى پانىيلىق مەيخانىسىدا كۆرۈپلا «ماڭا ھەمزىرىك
بولدۇڭ – غۇ» دەپ تەنە قىلما، مەندىن ساڭا زىيان يەتمەيدۇ.
 
سەلتەنەت دەپ فەقر ئەلىندىن ئۆزنى پىھان تۇتماكىم،
تەڭ بولۇر شاھۇ گەدا تۇفراق ئارا بىرگۈن نىھان.
يېشىمى: سەلتەنەتنى دەپ پېقىر – مىسكىنلەردىن ئۆزەڭنى قاچۇرما، چۈنكى شاھ
بىلەن گاداي ھامان بىر كۈنى تۇپراق ئاستىدا تەڭ بولىدۇ.
 
ئۆلگۈدەكدۇرمەن خۇمارىم رەنقىدىن، ئەي پىرى دەير،
رەھم ئەتىپ ئاغىمغا قەترە مەي تامىز چىقماسدا جان.
يېشىمى: ئەي مەيخانا خوجايىنى، مەن بۇ خۇمارىم ئازابىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغان
ئوخشايمەن، رەھىم قىلىپ جان چىماستا ئاغزىمغا بىر تامچە مەي تاپغۇزۇپ قويغىن.
 
ناسىھا، مەھزۇنغا كىم خەۋفۇ رەجادىن دەمە سۆز،
ھەجر دەۋزەخدىن ياماندۇر، ۋەسلىسىز بغى جىنان.
يېشىمى: ئەي نەسىھەتچى، مەن مەھزۇنغا ئۈمىد ۋە قۇرقۇنچ دېگەنلەردىن گەپ
ئاچما، ۋىسالسىز جەننەت مەن ئۈچۈن ھىجران دوزىىىدىنمۇ ئوسالدۇر.
 
نۇسخە چۈشۈرگىسى
 
ناسىھا، مەھزۇنغا كىم خەۋفۇ رەجادىن دەمە سۆز،
ھەجر دەۋزەخدىن ياماندۇر ۋەسلىسىز باغى جىنان.
يېشىمى: ئەي نەسىھەتچى، مەن مەھزۇنغا ئۈمىد ۋە قۇرقۇنچ دېگەنلەردىن گەپ
ئېچىپ ئولتۇرما، ۋىسالسىز جەننەت مەن ئۈچۈن ھىجران دوزىخىدىنمۇ ئوسالدۇر.
 
جۇلا
 
ئاق ئالما قىزارغاندەك،
قىزىل يۈزلۈكۈم يارىم.
ناۋات بىلەن يۇغارغاندەك،
شىرىن سۆزلۈكۈم يارىم.
يېشىمى: يۈزلىرى قىزارغان ئالمىدەك رەڭدار يارىم؛ گەپ – سۆزلىرى ناۋات
بىلەن يۇغۇرغاندەك تاتلىق يارىم.
 
ئانار گۈلىدەك يارىم،
خىنە گۈلىدەك يارىم.
بىرىڭ گۇل، بىرىڭ غۇنچە.
تاللاپ ئۆزگۈدەك يارىم.
يېشىمى: ئانار گۈلىدەك يارىم، خىنە گۈلىدەك يارىم؛ بىرسى گۈل، بىرسى غۇنچە
بولسا، تاللاپ تۇرۇپ ئۆزگىدەك ياردىم.
 
ئاپئاق ئۇپادەك يارىم،
شىشە قۇتىدەك يارىم.
ئاچىغى كەلىپ قالسا،
چاقغاق ئوتىدەك يارىم.
يېشىمى: ئاپئاق ئۇپىدەك يارىم، شىشە قۇتىدەك يارىم؛ ئاچچىقى كېلىپ قالسا،
چاققاق ئوتىدەك يارىم.
 
بارارسەن دەگەن يارىم،
يانارسەن دەگەن يارىم.
سەن مەنىڭدىن ئايرىلساڭ،
ئۆلۈرسەن دەگەن يارىم.
يېشىمى: بارىسەن دېگەن يارىم، كېلىسەن دېگەن يارىم؛ سەن مېنىڭدىن
ئايرىلساڭ، ئۆلىسەن دېگەن يارىم.
 
ئاخشامى قاراڭغۇدا،
نەدىن كەلۈرسەن يارىم.
جەھاندا ئارزۇلاپ سۆيسەم،
ئەلەمدە قويۇرسەن يارىم.
يېشىمى: ئاخشىمى قاراڭغۇدا، نەدىن كېلىۋاتىسەن يارىم؟ جاھاندا ئارزۇلاپ
سۆيسەم، ئەلەمدە قويىسەن يارىم.
 
سەنەم
 
سەن – سەن مەنى خەراب قىلدىڭ مەنى سەن،
ئوتلارغا سالىپ كەباب قىلىدىڭ مەنى سەن.
يېشىمى: سەن مېنى خاراپ قىلدىڭ، مۇھەببەت ئوتىغا سېلىپ، كاۋاپ قىلدىڭ.
 
سەن – سەن مەنى سەن ئۆلتۈرەيى دەمە سەن،
باشىمغا ھەر بەلانى كەلتۈرەيىن دەمە سەن.
يېشىمى: سەن مېنى «ئۆلتۈرەي، بېشىڭغا ھەر بالانى كەلتۈرەي» دېمە.
 
دەريادا بالىق يىلاننى قوۋلاپ كەلەدۇر،
ئات ئالدىدا، قوي كەينىدە مەلەپ كەلەدۇر.
يېشىمى: دەريادا بېلىق يىلاننى قوغلاپ كېلىدۇ. ئات ئالدىدا ئويناقشىپ، قوي
كەينىدە مەرەپ كېلىدۇ.
 
تۈنلەر كەچەسى توخىلار فەرياد ئەتەدۇر،
ھەيۋان جانىدا ئاللاھنى شول ياد ئەتەدۇر.
يېشىمى: تۈن كېچىلەردە توخۇلار چىللايدۇ. شۇ ھايۋان جېنىدا، ئاللاھنى ياد
ئېتىدۇ.
 
چوڭ سەلىقە
 
ئاللاھ يارەي، خەيالىڭىز ئەنجاندچە بۆكمۇ،
كىچىكلىكتە ئويناپ ئەدۈك، ئەمدى يول يوقتۇ؟
يېشىمى: ئەي يار، ئانجانچە مۆكىمۆكىلەڭ ئويناشنى خاھلامسىز؟ كىچىكىمىزدە
ئوينايتتۇق، ھازىر ئوينىساق بولمامدۇ؟
 
ئاللاھ يارەي، خەيالىڭنى بىلىپ بولمايدۇر،
سەنلەر يۈرگەن كوچالاردا يۈرۈپ بولمايدۇر.
يېشىمى: ئەي يار، ئوي – خىيالىڭنى ھېچ بىلگىلى بولمايدۇغۇ. سىلەر يۈرگەن
كوچىلاردا يۈرگىلى بولمايدۇ.
 
ئاللاھ يارەي، خەيالىمنى ھەر يان باشلارسەن،
كۆز قىرىڭدا قاراپ قويۇپ، ئوتقا تاشلارسەن.
يېشىمى: ئەي يار، خىيالىمنى ھەر تەرەپكە باشلايسەن؛ كۆز قىرىڭدا قاراپ
قويۇپ، ئىشق ئوتىغا تالايسەن.
 
ئاللاھ يارەي، بۇ مەھەللەدە ئۆزۈڭ ئوينايسەن،
كىرپىكىڭنى ئوقيا قىلىپ بەتلەپ قويامسەن.
يېشىمى: ئەي يار، بۇ مەھەللىدە ئۆزۈڭلا ئوينامسەن؟ كىرپىكىڭنى ئوقيا قىلىپ
بەتلەپ قويامسەن، بولمىسا، نېمە ئۈچۈن قارىساڭلا ماڭا سانچىلىدۇ؟
 
كىچىك سەلىقە
بىرىنچى ئاھاڭ
 
دىلرەبا ھۇسنىنى كۆرگەن بارمىكىن؟
ۋەسلىغە يەتمەسدىن ئۆلەەن بارمىكىن؟
يېشىمى: دىلرەبانىڭ ھۆسنىنى كۆرگەن بارمىكىن، ۋەسلىگە يېتەلمەي، ئۆلگەن
بارمىكىن؟
 
بىر كۆرۈپ يۈز قاتلا سەجدە قىلماسام،
كۆرمەيىن جاننى بەرگەن بارمىكىن؟
يېشىمى: مېنىڭدەك «ھەر بىر قېتىم كۆرگىنىمدە، يۈز قېتىم سەجدە قىلمىسام
ھېساب ئەمەس» دەپ يۈرۈپمۇ، كۆرەلمەي تۇرۇپ جېنىنى بەرگەن بارمىكىن؟
 
بىۋە مەن، قىلما ماڭا جەبرۇ سىتەم،
بىۋەفا دەردىدىن ئۆلەەن بارمىكىن؟
يېشىمى: ئاجىز بىچارىمەن، كۆپ جەبىر – جاپا قىلما. بىۋاپانىڭ دەردىدىن
مېنىڭدەك ئۆلۈپ كەتكەن بارمىكىن؟
 
ھەسرەتىمگە تاغۇ تۈزلەر يىغلاغاي،
مەن كەبى ھەيرەتدە يۈرگەن بارمىكىن !؟
يېشىمى: چەككەن ھەسرىتىمگە تاغ – دالالار يىغلايدۇ، مەندەك نېمە قىلارىنى
بىلمەي يۈرگەن ئادەم بارمىدۇ؟
 
ۋەسلىغە يەتمەسلىكىمنى ئاڭلادىم،
ھەجرىدە چۆللەرنى كەزگەن بارمىكىن؟
يېشىمى: ۋىسالىغا يېتەلمەسلىكىمنى ئۇقتۇم، مەندەك مۇشۇنداق جۇدالىق
چۆللىرىنى كېزىپ يۈرگەن ئادەم يەنە بارمىدۇ؟
 
داد ئەتەر مەشرەب خوتەن سەھراسىدا،
بىر زەمان دادىغا يەتكەن بارمىكىن.
يېشىمى: مەشرەب خوتەن سەھراسىدا داد – پەياد قىلىدۇ، ئۇنىڭ دادىغا بىر دەم
يېتىپ قويىدىغان ئىنسان بارمىدۇ؟
 
ئىككىنچى ئاھاڭ
 
تاپىلماس ھۇسن مۇلكىندە ساڭا تەڭ بىر قەمەر مەنزەر،
نە مەنزەر مەنزەرى شاھىد، نە شاھىد شاھىدى دىلبەر.
يېشىمى: ھۆسىن مەملىكىتىدە ساڭا تەڭ كېلەلەيدىغان بىر ئاي جامال
تېپىلمايدۇ. ئۇ قانداق جامال؟ گۈزەل جامال؛ قانداق گۈزەل؟ كۆڭۈلنى مەپتۇن
قىلىدىغان گۈزەل.
 
بۈگۈن يۇسۇف جەمالىنى قىلپتۇر ھەق ساڭا بەخشىش،
نە بەخشىش بەخشىشى دەۋلەت، نە دەۋلەت دەۋلەتى مەفخەر.
يېشىمى: بۈگۈن ئاللاھ ساڭا يۈسۈپنىڭ گۈزەللىكىنى بېغىشلاپتۇ؛ بۇ قانداق
بېغىشلاش؟ دۆلەت بېغىشلاش؛ قانداق دۆلەت؟ پەخىرلىنەرلىك دۆلەت.
 
سۆزۈڭ دۇررۇ جەۋاھىردۇر كۆڭۈللەر گەنجىنە لايىق،
نە لايىق لايقى خۇسرەۋ، نە خۇسرەۋ خۇسرەۋى كىشۋەر.
يېشىمى: سۆزۈڭ كۆڭۈل خەزىنىسىگە لايىق ئۈنچە – ياقۇتتۇر؛ قانداق لايىق؟
شاھلارغا يارىغىدەك لايىق؛ قانداق شاھقا؟ مەملىكەت شاھىغا.
 
شەكەردىن تادلىدۇر خۇلقۇڭ، كەرەمدىن خاتىرىڭ مەتلەب،
نە مەتلەب مەتلەبى مەئدەن، نە مەئدەن مەئدەنى جەۋھەر.
يېشىمى: خۇلقۇڭ شېكەردىن تاتلىق، كۆڭلۈڭ تەلەپ قىلغاندىمۇ بەكرەك سېخىي؛
قانداق سېخىي؟ كاندەك سېخىي؛ قانداق كان؟ جاۋاھىر كېنى.
 
زىھى دەۋلەتلى ئاشىقكىم، سەنىڭ بىرلە قىلۇر ئىشرەت،
نە ئىشرەت ئىشرەتى جەننەت، نە جەننەت جەننەتى كەۋسەر.
يېشىمى: ئاپىرىن! سېنىڭ بىلەن ئىشرەت قىلغۇچى نېمە دېگەن دۆلەتمەن ئاشىق –
ھە؟! ئۇ قدناق ئىشرەت؟ جەننەت ئىشرىتى؛ قايسى جەننەت؟ كەۋسەر ئېقىپ
تۇرىدىغان جەننەت.
 
بۇ ھۇسنۇڭ شەۋقى زەۋقىندە كۆڭۈل تۇتىلارى تاپتى،
نە تاپتى تاپتى خۇش لەززەت، نە لەززەت لەززەتى شەكەر.
يېشىمى: ھۆسنۈڭنىڭ زوقى ئىشتىياقىدىن كۆڭۈل تۇتىلىرى ئۆز نېسىۋىلىرىنى
تاپتى؛ نېمە تاپتى؟ ئاجايىپ لەززەت تاپتى؛ ئۇ قانداق لەززەت؟ شېكەرنىڭ لەززىتى.
 
كىچىك سەلىقە چۈشۈرگىسى
 
جەمالىڭ نەقشىنە سەيفى سەرايى باغلادى سۇرەت،
نە سۇرەت سۇرەتى ھۆسنا، نە ھۆسنا ھۆسنايى جانپەرۋەر.
يېشىمى: سەيفىي سەرايىي كۆركەم جامالىڭنى سۈرەتلەپ چىقتى. قانداق سۈرەت؟
گۈزەل سۈرەت؛ قانداق گۈزەل؟ جاننى ياشارتىدىغان گۈزەل.
 
پىشرەۋ
 
يۇسۇف بەگىم مەندىن سەلام–
نامە گۇلئەسەلخان ئايىمغا.
قەلەمقاشلىق، بويى زىلۋا،
خۇيى – خۇلقى مۇلايىمغا.
يېشىمى: قەلەمقاشلىق بويى زىلۋا، خۇي – خۇلقى مۇلايىم گۈلئەسەلخان ئايىمغا
مەن يۈسۈپ بېگىمدىن سالام!
 
قىزىل مەخمەلدۇر چادىرىڭىز،
ئەسىمدىن كەتمەس خاتىرىڭىز،
ئالدىڭىزدا بولسام چاكىرىڭىز،
قامچاڭ تەگسۇن ساچباغىمغا.
يېشىمى: ئۆي – چېدىرىڭىز قىزىل مەخمەلدىن ئىدى، سىمايىڭىز كۆز ئالدىمدىن
كەتمەيدۇ. قامچىڭىز چاچ بېغىمغا تېگىدىغان ئىش بولسىمۇ، ئالدىڭىزدا
چاكىرىڭىز بولسام دەيمەن.
 
ئەۋۋەلىدە دوست بولۇرسىز،
ئاخىرىدا سۇست بولۇرسىز،
مەگەر سۆيسەم مەست بولۇرسىز،
بۇيۇڭ تەگسە دىماغىمغا.
يېشىمى: باشتا «ماقۇل» دەپ دوست بولىسىز، كەينىدىن جىم بولىۋالىسىز؛ بۇي –
پۇرىقىڭىز دىمىغىمغا ئۇرۇلغىنىدا، سۆيسەم مەست بولۇپ قالىسىز.
 
نىگاھ ئەيلەپ بىر باقمادىڭىز،
مەنى كۆزىڭىگە ئىلمادىڭىز،
چارچاپ كەتسەم بىلمەدىڭىز،
تاشلار پاتتى ئاياغىمغا.
يېشىمى: نەزەر سېلىپ بىر قارىمىدىڭىز، مېنى كۆزىڭىزگە ئىلمىدىڭىز؛
ئايىغىمغا تاشلار پېتىپ، چارچاپ كەتتىم، بىراق بۇلارنى سىز بىلمىدىڭىز.
 
زۇھرە كەلۈر يانە – يانە،
خاللارى بار دانە – دانە.
خاھ ئاشنا بول، خاھ بىگانە،
بار، تاپشۇردۇم خۇدايىمغا.
يېشىمى: چوڭ – چوڭ مەڭلىرى بار زۆھرە يانمۇ يان مېڭىپ كېلىۋاتىدۇ؛ ئاشنا
بولامسەن ياكى يات – بىگانە بولامسەن ئىختىيارىڭ، سېنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم،
بايباي!
 
پىشرەۋ چۈشۈرگىسى
 
زۇھرە كەلۈر يانە – يانە،
خاللارى بار دانە – دانە.
خاھ ئاشنا بول، خاھ بىگانە،
بار، تاپشۇردۇم خۇدايىمغا.
يېشىمى: چوڭ – چوڭ مەڭلىرى بار زۆھرە يانمۇ يان مېڭىپ كېلىۋاتىدۇ؛ ئاشنا
بولامسەن ياكى يات – بىگانە بولامسەن ئىختىيارىڭ، سېنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم،
بايباي!
 
تەئكىد
 
ئاتىڭ رەيھان، ئۆزۈڭ رەيھان، ئاتىڭنى كىم كەلىپ قويغان،
ساڭا ئاشىق بولۇپ قالسۇن جانىدىن بىر يولى تويغان.
يېشىمى: ئىسمىڭ رەيھان، ئۆزۈڭمۇ بەجايىكى رەيھان گۈلنىڭ دەل ئۆزى. ئىسمىڭنى
كىم كېلىپ قويغان؟ ساڭا جېنىدىن بىراقلا تويغان بىرسى ئاشىق بولۇپ قالسۇن.
 
كەچەسى ئۇيقۇدا ياتسام ئاتىڭنى قامچىلاپ ئۆتتۈڭ،
گەپىڭمۇ يوق، ھۆزۈڭمۇ يوق، يۈرەككە ئوت سالىپ ئۆتتۈڭ.
يېشىمى: كېچىسى ئۇيقۇدا ياتسام، ئېتىڭنى قامچىلاپ ئۆتتۈڭ؛ گېپىڭمۇ يوق،
سۆزۈڭمۇ يوق، يۈرەككە ئوت سېلىپ ئۆتتۈڭ.
 
قىزىلگۇلۇم، قىزىلگۇلۇم، ئەجەب ۋاقىتتا خەزان بولدۇڭ،
مەنى مەيخانىغا تاشلاپ، ئۆزۈڭ يولغا رەۋان بولدۇڭ.
يېشىمى: ھەي، قىزىلگۈلۈم يارىم، ئەجەبمۇ بىر چاغدا غازاڭ بولۇپ كەتتىڭ؛
مېنى مەيخانىغا تاشلاپ قويۇپ، ئۆزۈڭ كېتىپ كەلدىڭ.
 
تەرەكسىز ھويلىغا كىرسەم باشىمدىن ئافتاب ئۆتتى،
بويۇڭدىن ئۆرگۈلەي يارىم سەنىڭ قەدرىڭ ماڭا ئۆتتى.
يېشىمى: تېرەكسىز ھويلىغا كىرسەم، بېشىمدىن كۈن چېقىپ، ئاپتاپ ئۆتۈپ كەتتى؛
بويۇڭدىن ئۆرگۈلەي يارىم، ماڭا سېنىڭ قەدرىڭ ئۆتۈلدى.
 
داستان
بىرىنچى داستان
 
چەمەنلەرنىڭ ئىچىندە نازاك چەمەن بار،
بايان قىلغىل، ئاناجان، گۇلنى كىم تۈزدى؟
بۇ جانىمنى قىينماي، ئەيلەگىل ئىزھار،
ئەيان قىلغىل، ئاناجان، گۈلنى كىم تۈزدى؟
يېشىمى: بۇ گۈل دەستىنىڭ تىزىلىشىدا بىر خىل نازاكەت بار، بايان قىلغان
ئانىجان، بۇ گۈلدەستىنى كىم تىزدى؟ جېنىمنى قىينىماي ئوچۇقلىغىن، ئايان
قىلغىن ئانىجان، گۈلنى زادى كىم تىزدى؟
 
نە چەمەندۇر، بالا مەندىن سورارسەن،
بارىن ئۆزۈم تۈزدۈم، بەيان ئەيلەيىن.
گۈندە يۈزمىڭ خەيالدا چەمەن تۈرەرمەن،
قايسى بىرىن بالام ساڭا بەيان ئەيلەيىن.
يېشىمى: قايسى گۈلدەستىنىڭ تىزىلىشىنى سورايدىغانسەن بالام، مەن ئېيتاي،
ھەممىسىنى مەن ئۆزۈم تىزدىم؛ بىر كۈندە مىڭ خىيال بىلەن گۈل تىزىپ باقىمەن،
بالام، ساڭا قايسى بىرىنى بايان قىلاي؟
 
ھىچ قاچاندا تۈزمەس ئەدىڭ بۇنداق چەمەننى،
راستىن دەگىل ئاناجان، قىيناما جاننى،
ئۆلمەسەم يەتكۈزەرمەن مۇرادقا سەنى،
بەيان قىلغىل، ئاناجان، گۇلنى كىم تۈزدى؟
يېشىمى: ھېچقاچاندا گۈلدەستىنى مۇنداق تىزمايتتىڭ، راستىنى ئېيقىن جېنىم
ئانا، جېنىمنى قىينىمىغىن. ئۆلمىسەم، سېنى مۇرادىڭغا يەتكۈزىمەن، بايان
قىلغىن ئانىجان، گۈلنى كىم تىزدى؟
 
ھەر سابادا ئاچىلۇر قىزمىزى گۇللار،
گۇللار ئۈزرە سايراشۇر خۇشھال بۇلبۇللار،
بىر ناتەۋان مۇسافىر، غەرىب ئوغلۇم بار،
ئوغلۇم تۈزدى بۇ گۇلنى بايان ئەيلەيىن.
يېشىمى: ھەر ئەتتىگەندە، قىزىل گۈللەر ئېچىلىدۇ، گۈللەرنىڭ ئۈستىدە
بۇلبۇللار سايرىشىدۇ؛ «غەرىب» ئىسىملىك بىر ناتىۋان ئوغلۇم بار، ساڭا
دېسەم، بۇ گۈلدەستىنى ئاشۇ ئوغلۇم تىزدى.
 
سەنەم ئەيتۇر: كۆرسەت غەرىب جانىمنى،
فىدا قىلاي ئاڭ يوقۇ بارىمنى،
رەھم ئەيلە قىيناماي خەستە جانىمنى،
بەيان قىلغىل، ئانا جان گۇلنى كىم تۈزدى؟
يېشىمى: سەنەم ئېيتىدۇ: «جېنىم غەرىبنى ماڭا كۆرسەتكىن، مەن ئۇنىڭغا
بارلىقىمنى پىدا قىلاي؛ بىمار جېنىمنى قىينىماي، رەھىم قىلغىن ئانىجان،
گۈلنى كىم تىزدى؟»
 
سەنىڭ ئۈچۈن ئاھۇ فىغان ئەتەرلەر،
گۈندە يىغلاپ ئۆز ھالىدىن كەتەرلەر،
ئاخىر دەمدە مۇرادىمغا يەتەرلەر،
غەرىب تۈزدى بۇ گۇلنى، بەيان ئەيلەيىن.
يېشىمى: سېنىڭ ئۈچۈن ئاھۇ پىغان چېكىدۇ، كۈندە يىغلاپ ئۆز ھالىدىن كېتىدۇ،
ئاخىر دەمدە مۇرادىغا يېتىدۇ؛ مەن ئېيتاي بالام، بۇ گۇلدەستىنى غەرىب تىزدى.
 
ئىككىنچى داستان
 
غەمدىن قۇتۇلالماغان مىھنەتلىك باشىم،
گۈلدە يۈزمىڭ ھىجرانلار كەلدى بەيلەيىن.
قەرارى يوق شۇم فەلەكنىڭ گەردىشى،
تۈگەمەس سەۋدالارغا سالدى نەيلەيىن.
يېشىمى: غەمدىن قۇتۇللالماغان جاپاكەش بېشىمغا بىر كۈندە يۈزمىڭ ھىجرانلار
كەلدى، قانداق قىلاي؟ تۇتۇمى يوق شۇم پەلەكنىڭ گەردىشى تۈگىمەس سەۋدالارغا
سالدى، قانداق قىلاي؟
 
ھەر زەمانە باشىمغا تۈشتى سەۋدالار،
يەتىشتۈردى جانىمغا يۈزمىڭ بەلالار،
كۆزلەرىمدىن ئاقتىلار قانۇ دەريالار،
تەركى جەھانە ئەتىپ كەلدى نەيلەيىن.
يېشىمى: ھەر زامان – ھەر ئاندا بېشىمغا سەۋدالار چۈشتى، ئۇ جېنىمغا يۈز مىڭ
بالايىئاپەتلەر كەلتۈردى، كۆزلىرىمدىن قان دەريا بولۇپ ئاقتى، كاللام
تەركىدۇنيا قىلىپ كەلدى، قانداق قىلاي؟
 
بۇلبۇل بولۇپ گۇلىستانىڭ كەزمەدىم،
باغبان بولۇپ ئالمالارىڭ ئۈزمەدىم،
يار – يار دەپ شەكەر لەبىڭ سۆيمەدىم،
كۆڭلۈمدە ئەرمانلار قالدى نەيلەيىن.
يېشىمى: بۇلبۇل بولۇپ گۇلىستانىڭنى كېزەلمىدىم، باغۋەن بولۇپ ئالمىلىرىڭنى
ئۈزەلمىدىم، «يارىم – ئامرىقىم» دەپ شېكەر لېۋىڭدىن سۆيەلمىدىم، يۈرەكتە
ئارمانلىرىم قالدى، قانداق قىلاي؟
 
غەرىب ئەيتۇر: «قۇل» دەيدۇرلار ئاتىمنى،
فەلەك رەۋا كۆرمەدى كۆڭۈل شادىمنى،
ھەق مۇيەسسەر ئەتمەدى شۇل مۇرادىمنى،
ياخشى گۈنلەر يامان بولدى نەيلەيىن.
يېشىمى: غەرىب ئايتىدۇ: «كىشىلەر مېنى «قۇل» دەپ ئاتايدۇ، كۆڭۈل شاتلىقىمنى
پەلەك راۋا كۆرمىدى؛ ئاللاھ شۇ مۇرادىمغا ئېرىشتۈرمىدى، ياخشى كەنلەر مانا
شۇنداق يامان بولدى، قانداق قىلاي؟
 
ئۈچىنچى داستان
 
ئىكى پەرى كەلۈر يانە،
ئەجەب سەيلانە، سەيلانى،
ئاشقىلارنىڭ جانىن ئالىپ،
كەلۇر سەيلانە، سەيلانە.
يېشىمى: ئىككى پەرى يانمۇ يان مېڭىشىپ، ئاشىقلارنىڭ جېنىنى ئېلىپ، ئاجايىپ
پەيزى سەيلە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
 
ئىكى پەرى ھەمدەم بولۇپ،
بىر – بىرىگە مەھرەم بولۇپ،
قىيا باقىپ، قولىن سالىپ،
كەلۇر سەيلانە، سەيلانە.
يېشىمى: ئىككى پەرى بىر – بىرىگە ھەمدەم بولۇشۇپ، ئۆزئارا سىېدىشىپ، قىيا
بېقىپ، قوللىرىنى سېلىشىپ، سەيلە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
 
بىرى گۇلدۇر، بىر غۇنچە،
قاچان بولغاي سەنەم قىزچە،
تەماشاغا كەلۇر بارچە،
ئەجەپ سەيلانە، سەيلانە.
يېشىمى: بىرسى گۈل، يەنە بىرسى بەجايىكى غۇنچىنىڭ ئۆزى؛ ھېچكىم سەنەم قىزغا
يېتىشەلمەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ سەيلىسى شۇ قەدەر پەيزىكى، ھەممە ئادەم كۆرگىلى كېلىدۇ.
 
غەرىب نەيلەي شۇل يارنى،
ئىزھار ئەتەي ئەھۋالىنى،
يار كۆرسەتسە جەمالىنى،
ئەجەب سەيلانە، سەيلانە.
يېشىمى: غەرىب ئېيتىدۇ: «يارىمنىڭ ئەھۋالىنى شۇنچىلىك ئىزھار قىلاي؛ يار
جامالىنى كۆرسەتسە، ئۇنىڭ بىلەن سەيلىنى تېخىمۇ پەيزى قىلاي».
 
تۆتىنچى داستان
 
بارساڭ ئەگەر شاھى خۇرشىد يانىغا،
ئەزىزىڭ، مىھرىبانىڭ كەلدى دەگەيسەن.
كۆيۈپ – يانىپ يىراغلىقنىڭ ئوتىغا،
شۇل ھالى پەرىشانىڭ كەلدى دەگەيسەن.
يېشىمى: ئەگەر شاھ خۇرشىدنىڭ يېنىغا بېرىپ قالساڭ، ئەزىزىڭ، مېھرىبانىڭ
كەلدى دېگەيسەن؛ يىراقلىقنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ – پىشقان ئاشۇ ھالى پەرىشانىڭ
كەلدى دېگەيسەن.
 
ئاغالارى يۇسۇفنىن چاھغا تاشلادى،
ئوغلى ئۈچۈن يەئقۇب قانلار يىغلادى،
قادىر ئاللاھ يۇسۇفكە بەناھ ئەيلەدى،
ئامان – ئەسەن كارۋانىڭ كەلدى دەگەيسەن.
يېشىمى: يۈسۈپنى ئاكىلىرى قۇدۇققا تاشلىدى، ياقۇپ ئۇ ئوغلى ئۈچۈن قان – قان
يىغلىدى، قۇدرەتلىك ئاللاھ يۈسۈپكە پاناھ بولدى، كارۋانىڭ ئامان – ئېسەن
كەلدى، دېگەيسەن.
 
سىينەسىغە ئول مىسكىن ئاشىق تاش ئۇرۇپ،
پەرۋانەدەك ئىشق ئوتىغا باش ئۇرۇپ،
شۇم فەلەكدىن بىھىساب جەفالار كۆرۈپ،
ئول كۆزلەرى گىريانىڭ كەلدى دەگەيسەن.
يېشىمى: ئىشق ئوتىغا پەرۋانىدەك ئۆزىنى ئۇرۇپ، شۇم پەلەكتىن ھېسابسىز
جاپالارنى كۆرۈپ، كۆزلىرىدىن توختىماي ياش ئاققۇزۇپ يۈرگەن، يۈرىكى ئازاپتا
چۇپىلانغان ئۇ مىسكىن ئاشىقىڭ كەلدى دېگەيسەن.
 
ھەر گىز قۇتۇلالمادىم بەلادىن قاچىپ،
چۆللەر كەزدىم نەچە يىل، جانىمدىن كەچىپ،
ئەمدى كۇلفەت – مىھنەتنىڭ شارابىن ئىچىپ،
شۇل چاكى گىرىبانىڭ كەلدى دەگەيسەن.
يېشىمى: بالايىئاپەتتىن ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمىدىم، جېنىمدىن كېچىپ، نەچچە
يىل چۆللەرنى كېزىپ يۈردۈم، ئەمدى جاپا – كۈلپەتنىڭ شارابىنى ئىچسەممۇ
مەيلى دەپ، شۇ يىرتىق ياقا قايتىپ كەلدى دېگەيسەن.
 
سەنەۋبەر دەر: قۇلاق سال، ئوغلۇڭ دادىغا،
بىر سۆزۈم بار ئايتايىن كۆڭلۈڭ شادىغا،
كۆيۈپ – يانىپ نەچە يىل ئىشقنىڭ ئوتىغا،
ئەزىزىڭ، مىھرىبانىڭ كەلدى دەگەيسەن.
يېشىمى: سەنەۋبەر ئېيتىدۇ: «ئوغلۇڭنىڭ دادىغا قۇلاق سالغىن، كۆڭلۈڭ شاغلىقى
ئۈچۈن، بىر سۆزۈم بار ئېيتاي: نەچچە يىللار ئىشق ئوتۇڭدا كۆيۈپ پىشقان
ئەزىزىڭ، مېھرىبانىڭ كەلدى دېگەيسەن».
 
بەشىنچى داستان
 
قادىر ئاللاھ، ئۆلەر بولدۇم بۇ غەمدە،
مەن نەيلەيىن تۇرار مەكان بولماسا،
شۇم فەلەكدىن يەتكەن قايغۇ – ئەلەمدە،
مەن نەيلەيىن بىر مىھرىبان بولماسا،
يېشىمى: قۇدرەتلىك ئاللاھ، مەن بۇ غەمدە ئۆلىدىغان بولدۇم، تۇرار جايىم
بولمىسا، مەن قانداق قىلىمەن؟ شۇم پەلەكتىن قايغۇ – ئەلەم كېلىۋاتقان
ئەھۋالدا، بىر مېھرىبانىم بولمىسا، مەن قانداق قىلىمەن؟
 
ۋاھكى، كۆڭلۈم بولدى جانانغا بەندە،
قىينالادۇر ئەزىز جانىم بۇ تەندە،
بۇ چۆللەردە ئازىپ بولدۇم شەرمەندە،
يەتەلمەسمەن يارغا ئىمكان بولماسا.
يېشىمى: ۋاھ، كۆڭلۈم جانانغا قۇل بولدى، ئەزىز جېنىم بۇ تەندە
قىينىلىۋاتىدۇ، بۇ چۆللەردە ئېزىپ كېتىپ، شەرمەندە بولدۇم، ئىمكان بولمىسا،
يار ۋىسالىغا يېتەلمەسمەن.
 
ئىزلەپ يۈرۈر ھەمراھ گۇليۈزلۈك يارىن،
ئاختارىپ كەزەرلەر دۇنيانىڭ بارىن،
ھىجران ئالدى ئۇنىڭ سەبرۇ قەرارىن،
مەن نەيلەيىن ئارامى جان بولماسا.
يېشىمى: ھەمراھجان گۈليۈزلۈك يارىنى ئىزلەپ، جاھاننىڭ ھەممە يېرىنى
ئاختۇرۇپ كېزىپ يۈرىدۇ، جۇدالىق ئۇنىڭ سەۋر – تاقىتىنى تۈگەتتى، جانغا
ئارام بولمىسا، مەن قانداق قىلىمەن؟
 
مەشرەب
بىرىنچى مەشرەب
 
قەنى يارىم، قەنى، يارىم، چەھار باغ بولدى گۇلئەنداز،
قەنى يارىم، قەنى يارىم، سالاي يولىغا پايەنداز.
يېشىمى: چارباغ (تۆت پەسىللىك، پەسىل ئايرىمىسى بويىچە گۈللەپ تۇرىغان باغ)
گۈلگە پۈرگەندى، يولىغا پايانداز سالاي، يارىم قېنى؟
 
قەنى يارىم، قەنى يارىم، بۇلاقلاردا يۈزىن يۇۋسا،
قەنى يارىم، قەنى يارىم، بۇ يەر ئوينارغا كۆپتۇر ساز.
يېشىمى: قېنى يارىم، بۇلاقلاردا يۈزىنى يۇيۇۋالسا بولاتتى. بۇ يەر كۆڭۈل
ئېچىپ ئويناشقا باپ ئېسىل جاي.
 
قەنى يارىم، قەنى يارىم، چەمەنلەردىن ئالىپ تاقسا،
قەنى يارىم، قەنى يارىم، قولىغا ئالسالار بىر ساز.
يېشىمى: قېنى يارىم، گۈللەردىن ئۈزۈپ تاقىسا، قولىغا ساز ئالسا بولاتتى –
غۇ، قېنى ئۇ؟
 
قەنى يارىم، قەنى يارىم، مەنىڭ بىرلە شەراب ئىچسە،
قەنى يارىم، قەنى يارىم، كۆڭۈل شاد ئەيلەسەك بىرئاز.
يېشىمى: يارىم مېنىڭ بىلەن بىللە شاراپ ئىچسە، بىر ئاز كۆڭۈل ئاچساق
بولاتتى، قېنى ئۇ؟
 
قالىپ يارىم، قالىپ ئىشرەت، كەتەر بولدۇم چەكىپ ھەسرەت،
بۇ ئالەمدە غەمۇ غۇربەت بىلە فەرھاد ئۆزى ھەمراز.
يېشىمى: يارىم قېلىپ، ئەيش – ئىشرەتمۇ قېلىپ، مەن ھەسرەت بىلەن كېتىدىغان
بولدۇم؛ بۇ دۇنيادا يالغۇز فەرھادلا غەم ۋە غۇربەتچىلىك بىلەن سىرداش بولۇپ
ئۆتىدىغان بولدى.
 
قەددۇ خەتتىڭ بىلە كۆزۇ يۈزۈڭ، ئەي سەرۋى سىيمىن تەن،
بىرى سەرۋى، بىرى رەيھان، بىرى نەرگىس، بىرى گۇلشەن.
يېشىمى: ئەي كۈمۈش تەنلىك سەرۋىدەك يار، سېنىڭ بويۇڭ سەرۋى، مىيىقلىرىڭ
رەيھان، كۆزۈڭ نەرگىس، يۈزۈڭ گۈلشەندۇر.
 
ھەدىسۇ لەئلۇ جەمالىڭدىن ئەرۇر ھەر دەم،
تىلىم گويا، سۆزۈم رەنگىن، كۆڭۈل خۇررەم، كۆزۈم رەۋشەن.
يېشىمى: سۆزۈڭ، لېۋىڭ، يۈرۈشۈڭ ۋە جامالىڭ تۈپەيلىدىغان تىلىم
بۇلبۇلگويادەك سۆزمەن، سۆزۈم يېقىملىق، كۆڭلۈم خۇشال، كۆزۈم روشەندۇر.
 
مەنى مەدھۇشۇ مىسكىن نەيلەي ئول شوخى بەلا بىرلە،
مەن ئەسرۇ بىدىلۇ بىخۇد، ئول ئەسرۇ پۇر دىلۇ پۇر فەن.
يېشىمى: مەن خۇدىنى يوقاتقان بىچارە ئۇ بالا كەلتۈرگۈچى شوخ بىلەن قانداقمۇ
قىلارمەن؟ مەن تولىمۇ بىخۇد ئاشىق، ئۇ ناھايىتى جۈرئەتلىك ۋە ھىيلىگەر.
 
فەلەك جەۋرۇ جەفاسىدىن، ئول ئاي دەردۇ بەلاسىدىن،
چەكەرمەن نالەيۇ ئەفغان، قىلۇرمەن گىريەيۇ شىۋەن.
يېشىمى: پەلەكنىڭ جەبىر – جاپاسىدىن ۋە ئۇ گۈزەلنىڭ بالاسىدىن نالە –
ئەپغان چېكىمەن، زارلىنىپ ياش تۆكىمەن.
 
بەلايى ئىشقۇ يالغۇزلۇق داغى ھىجرانۇ غۇربەتتە،
ئاتىم مەجنۇن، كىشىم مىھنەت، ئىشىم زارى، يەرىم گۇلخەن.
يېشىمى: ئىشق بالاسى ۋە يالغۇزلۇقتا، يەنە تېخى ھىجران ھەم غۇربەتچىلىكتە،
ئېتىم مەجنۇن، كىملىكىم جاپا – مۇشەققەت، ئىشىم زارلاش، ياتىدىغان يېرىم
كۈل دۆۋىسى (گۆلەخ) بولدى.
 
ئوقۇڭ بىرلە خەيالىڭ، دەررىڭۇ مىرىڭغا بابۇردەك،
تەنىم مەنزىل، ۆزۈم مەسكەن، كۆكۈس مەئۋا، كۆڭۈل مەخزەن.
يېشىمى: كىرپىك ئوقۇڭ بىلەن خىيالىڭغا، دەردىڭ بىلەن مېھرىڭگە بابۇرنىڭ
تېنى مەنزىل، كۆزى تۇرالغۇ، كۆكسى ۋەتەن، كۆڭلى خەزىنە بولدى.
 
ئىككىنچى مەشرەب
بىرىنچى ئاھاڭ
 
يارنىڭ چار باغىدىن بىر دەستە گۇل كەلتۈرمىشەم،
بادەئى ئىشقى مۇھەببەت كاسە مۇل كەلتۈرمىشەم.
يېشىمى: مۇھەببەت جامىدىكى شارابنى ئىچىشىم بىلەن تەڭلا، كۆزلىرىمدىن تارام
– تارام ياش تۆكۈلۈپ كەتتى.
 
جەزبە ئەيلەپ بادەئى ئىشقى مۇھەببەت كەيفىدە،
سەجدەئى شۇكرانەغە باشىمنى قۇل كەلتۈرمىشەم.
يېشىمى: ئىشق – مۇھەببەت شارابىنىڭ كەيپىدە تەسىرلىنىپ، تەشەككۇر سەجدىسىگە
ئىخلاس بىلەن بېشىمنى قويدۇم.
 
خانۇ مانىم يارنىڭ ھەققىدە ئىيسار ئەيلەسەم،
ئىلتىماسىم ياردىن قىلغاي قەبۇل، كەلتۈرمىشەم.
يېشىمى: بارلىقىمنى يارغا بېغىشلىسام دېگەن ئۈمىدتە، ئۇنىڭ قوبۇل قىلىشىنى
سوراپ كەلدىم.
 
شۇكر لىللاھ، نەۋبەتىي بولدۇڭ نەبىغە ئۇممەتى،
بىل غەنىمەت فۇرسەتى، خەتمى رەسۇل كەلتۈرمىشەم.
يېشىمى: ئەي نەۋبەتىي، نەبىي (مۇھەممەد پەيغەمبەر)گە ئۈممەت بولغانلىقىڭ
ئۈچۈن ئاللاھقا شۈكۈر قىل، پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ رەسۇل ھەققىدە خەتمە –
قۇرئان ئوقۇ.
 
ئىككىنچى ئاھاڭ
 
ئەرزىمنى ئايتاي ئەي يارى دىلخاھ،
ئوتۇڭدا كۆيدۈم ۋەللاھۇ بىللاھ.
يېشىمى: ئەي سۆيۈملۈك يار، باياناتىنى ئاڭلا: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سېنىڭ
ئوتۇڭدا كۆيۈۋاتىمەن.
 
سەۋدايى زۇلفۇڭ، غەم بىرلە ئىشقىڭ،
شۇكرى خۇداغا، بولدىلار ھەمراھ.
يېشىمى: خۇداغا شۈكۈركى، چېچىڭنىڭ سەۋداسى، غەم ۋە ئىشقىڭ ئۈچى ماڭا ھەمراھ
بولىۋاتىدۇ.
 
يەتى فەلەكنى كۆرتەگەي ئاھىم،
ئىشقىڭدا ئۇرسام ناگاھ بىر ئاھ.
يېشىمى: مۇھەببەت – ئىشقىڭدىن ناۋادا بىر ئاھ ئۇرسام، ئاھىم يەتتە ئاسماننى
ئۆرتەيدۇ.
 
بولۇر ۋەبالىم ئىشقىڭدا ئۆلسەم،
ھالىمنى سورغىل سەن گاھى بىگاھ.
يېشىمى: ئەگەر ئىشقىڭدا ئۆلۈپ كەتسەم ئۇۋالىم بولۇپ قالمىسۇن، ئانچە –
مۇنچە ھالىمنى سوراپ قوي.
 
كىرمە رەقىبلەر سۆزىگە ھەر گىز،
سۆزۈم ئىشىتكىل ئەرمەسمۇ بەدخاھ.
يېشىمى: سۆزۈمنى ئاڭلا، رەقىبلەرنىڭ سۆزىگە كىرمە، ئۇلار ئاداۋاتخور ئەمەسمۇ؟
 
ئۆلدى ۋەفائىي ھەجرىڭدە، ئەي شوخ،
بولغىل ئانىڭكى ھالىدىن ئاگاھ.
يېشىمى: ئەي شوخ، ۋەفائىي جۇدالىقىڭدا ئۆلدى، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر تاپ.
 
ئۈچىنچى ئاھاڭ
 
ئول نە قىزدۇر، ھۇرى رىزۋان ھەم بەرابەر كەلمەگەي،
ئول نە قەددۇر، سەرۋى لەرزان ھەم بەرابەر كەلمەگەي.
يېشىمى: ئۇ قانداق گۈزەل قىز – ھە! ھۆر – رىزرانلارمۇ ئۇنىڭغا تەڭ
كېلەلمەيدۇ؛ ئۇ نېمە دېگەن گۈزەل قامەت – ھە! گۈزەل سەرۋىمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا
ھېچنېمە ئەمەس.
 
كاكۇلىگە مۇشكى خوتەن ھەم بەرابەر كەلمەگەي،
ئول نەل لەبدۇر، لەئلى يەمەن ھەم بەرابەر كەلمەگەي.
يېشىمى: خۇشپۇراق چېچى خوتەن ئىپارىنىمۇ سۇندۇرىدۇ؛ قىزىل لېۋى يەمەن
ياقۇتىنىمۇ يېڭىپ قويىدۇ.
 
ئول نە يۈزدۇركىم، قىزىلگۇل ھەم بەرابەر كەلمەگەي،
ئول نە ساچدۇر، باغدا سۇنبۇل ھەم بەرابەر كەلمەگەي.
يېشىمى: قىزىل نۇرانە يۈزى ئالدىدا قىزىلگۈلمۇ تەڭدىشى ئەمەس، ئۇزۇن چېچىغا
باغىدىكى سۇنبۇلمۇ تەڭ كېلەلمەس.
 
ئول نە دەنداندۇر، ئاڭا گەۋھەر بەرابەر كەلمەگەي،
ئول نە سۆزدۇر، سۆز ئارا شەكەر بەرابەر كەلمەگەي.
يېشىمى: ئۇنىڭ چىشىغا گۆھەرمۇ تەڭ كېلەلمەيدۇ؛ ئۇنىڭ تاتلىق سۆزىگە شېكەرمۇ
بەس كېلەلمەيدۇ.
 
6– مۇقام ئۆزھال مۇقامى تېكىسىتلىرى چوڭ نەغمە قىسمى 154 مىسرا، بەش داستان
88 مىسرا ۋە ئىككى مەشرەب 52 مىسرا بولۇپ، جەمئىي 294 مىسرا شېئىردىن
تەشكىل تاپقان.
 
يۇقىرىقى ئون ئىككى مۇقامنىڭ تېكىستى ۋە يېشىمى بېيجىڭ مەكىزىي مىللەتلەر
ئۇنىۋېرسىتېتى تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئابدۇرەئوپ
پولات تەكلىماكانىي ئەپەندىمنىڭ «ئەسلى يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى
مۇقام تېكىستلىرى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.     
                             «زۇلقار مەتبەئەچىلىكى» دە تىزىلدى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...