پەنجگاھ مۇقامى
مۇقام ئانسامبىلى

پەنجگاھ مۇقامى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2002

مۇقام ئانسامبىلى ھەققىدە:
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىدىن ئىبارەت دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بۇ مەنىۋى تەۋەررۈكنى، بىباھا گۆھەرنى ساقلاپ قىلىش، يىراق ئۆتمۈشنىڭ مالىمانچىلىقىدا يوقىلىپ كەتكەن ئاھاڭلىرىنى تولۇقلاش، ئۇنى رەتلەش ۋە نەشر قىلىش، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش يولىدىكى ئىزدىنىش، ئۇنىڭ مۇزىكا قۇرۇلمىسى، ئورۇنلاش ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلارنىڭ مەزمۇنى ھەققىدىكى تەتقىقات توختاپ قالمىدى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئەڭ دەسلەپ 1951-يىلى پولات سىمغا ئۈنگە ئېلىندى. بۇ جەرياندا ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئەڭ ئاخىر ... داۋامى
تۈر: مۇقام
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 610
پەنجگاھ مۇقامى - ھەققىدە:
پەنجگاھ مۇقامى (مۇكەممەللىك، توققۇزى تەللىك،بۈيۈك شادلىق) چوڭ نەغمە قىسمى 216 مىسرا، داستان قىسمى بەش داستان 72 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 34 مىسرا جەمئىي بولۇپ 322 مىسرا 
چوڭ نەغمە
مۇقەددىمە
 
كۆرۈپ گۇلتەك يۈزۈڭ رەنگىن كۆزدىن يۈز چەمەن بولدى،
ئەقىق ئەرنىڭنى كۆرگەلى كۆزۈم ھالى يەمەن بولدى.
يېشىمى: گۈلدەك يۈزۈڭنى كۆرۈپ، كۆز يېشىمدىن يۈزلەرچە چىمەن بىنا بولدى؛
ھېقىقتەك لېۋىڭنى كۆرگەندىن بېرى كۆزۈم يەمەننىڭ ھالىغا (ئەڭ ئوسال ھالغا)
قالدى.
 
تۈن ئاقشام تولغانۇ سۇنبۈل بىكىن زۇلفۇڭدىن ئاھ ئۇردۇم،
ھەۋانى غالىيە تۇتتى جەھان مۇشكى خوتەن بولدى.
يېشىمى: تۈنۈگۈن ئاخشام تولغىنىپ تۇرغان چېچىڭنى ئەسلەپ ئاھ ئۇرغانىدىم،
ھاۋانى ئىس – تۈتەك قاپلاپ، جاھان گوياكى خوتەن ئىپارىدەك قاپقارا بولۇپ كەتتى.
 
قىلىپ رەئنا قەددىڭ يادىن سەھەردە ئانچە يىغلادىم،
كۆزۈمنىڭ جويبارى ئىچرە سەرۋى نارۋەن بولدى.
يېشىمى: گۈزەل قامىتىڭنى ئەسلەپ، سەھەردە شۇنچىلىك يىغلىدىمكى، كۆزۈم
دەرياسىنىڭ بويىدا سەرۋى، نارۋەن دەرەخلىرى كۆكلەپ كەتتى.
 
مەنىڭتەك گوييا كۆردى يۈزۈڭنى ئەبرى نەۋروزى،
كۆزىنىڭ ياشىدىن يەر يۈزى ۋەردى ياسۇمەن بولدى.
يېشىمى: باھار بۇلۇتلىرى خۇددى ماڭا ئوخشاشلا يۈزۈڭنى كۆرۈپ قالدى بولغاي،
كۆز يېشىدىن ئەتىر گۈل ۋە ياسىمانلەر كۆكلەپ، يەر يۈزىگە تولدى.
 
سەبا زۇلفۇڭنى تاغتتى، مەگەر ھالى خەيالىمدا،
يازىلدى ئەژدىھا بولدى، ئورالدى ئەھرەمەن بولدى.
يېشىمى: تاڭ شامىلى چاچلىرىڭنى يەلپۈپ توزغاتقانىدى، ھالىي خىيالىمدا،
ئۇنىڭ يېيىلغان تۇرۇقى ماڭا خۇددى ئەجدىھادەك ئۇزۇن، تۈرۈلگەندىكى ھالىتى
بولسا، (پاكار، دوغىلاق دىۋە) ئەھرىمەندەك توم – يوغان بولۇپ كۆرۈندى.
 
كۆرەدۈر گەچ كۆزۈڭ، كۆڭلۈم سەنىڭ زۇلفۇڭغا باغلاندى،
كۆرۈڭ ئول جادۇدىن بۇ ھەم يەنە بىر ئۆزگە فەن بولدى.
يېشىمى: ماڭا بىر نەزەر تاشلىشىڭ بىلەنلا، كۆڭلۈم چېچىڭغا باغلىنىپ قالدى.
قاراڭ، بۇمۇ جادۇگەرلىكتىن ئۆزگىچە بولغان بىر سېھرىگەرلىك بولدى.
 
ئەگەر شىرىن ئۈچۈن فەرھاد ئىشقى كوھكەن بولسا،
نە تاڭ سەككاكى ھەم، جانا يولۇڭدا جانكەن بولدى.
يېشىمى: ئەي جان، شېرىننىڭ ئىشقى فەرھادنى تاغ كەسكۈچى پىداكار قىلىپ
قويغان بولسا، سەككاكىيمۇ سېنىڭ يولۇڭدا ئۆز جېنىنى كەسكۈچى بولۇپ قالدى،
بۇنىڭدىن ئەجەبلەنمە.
 
تەئەززە
 
كۆڭلۈم ئۆرتەنسۇن ئەگەر غەيرىڭغە پەرۋا ئەيلەسە،
ھەر كۆڭۈل ھەمكىم سەنىڭ شەۋقۇڭنى پەيدا ئەيلەسە.
يېشىمى: ئەگەر كۆڭلۈم سەندىن باشقىغا مەيل قىلسا، ئۇ ئۆرتەنسۇن؛ باشقا
كۆڭۈلدە سېنىڭ ئىشقىڭ پەيدا بولسا، ئۇمۇ ئۆرتەنسۇن.
 
ھەر كىشى ۋەسلىن تەمەننا ئەيلەسەم، نەۋمىد ئۆلەي،
ھەر كىشى ھەكىم سەنىڭ ۋەسلىڭ تەمەننا ئەيلەسە.
يېشىمى: سەندىن بۆلەك ھەرقانداق ئادەمنىڭ ۋەسلىنى ئارزۇ قىلسام، مۇرادسىز
ئۆلەي؛ باشقىلارمۇ سېنىڭ ۋەسلىڭنى ئارزۇ قىلسا، مۇرادسىز ئۆلسۇن.
 
ئۆزگەلەر ھۇسنىن تەماشا ئەيلەسەم، چىقسۇن كۆزۈم،
ئۆزگە بىر كۆز ھەمكى ھۇسنۇڭنى تەماشا ئەيلەسە.
يېشىمى: باشقىلارنىڭ ھۆسنىنى تاماشا قىلسام، كۆزۈم چىقىپ كەتسۇن؛ باشقا كۆز
سېنىڭ ھۆسنۈڭنى تاماشا قىلسا، ئۇمۇ چىقسۇن.
 
غەير زىكرىن ئاشكارا ئەتسە، لال ئولسۇن تىلىم،
قايسى بىر تىل ھەمكى زىكرىڭ ئاشكارا ئەيلەسە.
يېشىمى: تىلىم سەندىن باشقا بىرسىنىڭ گېپىنى قىلسا، تۇتۇلۇپ قالسۇن؛ باشقا
ھەرقانداق بىر تىل سېنىڭ گېپىڭنى قىلسا، ئۇمۇ تۇتۇلسۇن.
 
رەشكدىن جانىغا ھەر نەگىس كۆزى بىر شۆئلەدۇر،
باغ ئارا ناگاھ خىرام ئول سەرۋى رەئنا ئەيلەسە.
يېشىمى: ئۇ سەرۋى بويلۇق گۈزىلىم باغدا سەير قىلسا، باغدىكى ھەر بىر نەرگىس
گۈلىنىڭ كۆزىمۇ كۈندەشلىكىمنى قوزغاپ، جېنىمغا چۈشكەن ئوت بولۇپ تۇيۇلىدۇ.
 
يوق ئاغىزدىن نۇكتە ئايتۇر مەھۋەشىمدەك بولماغاي،
گەر قۇياش ھەر زەررەسىدىن بىر مەسىھا ئەيلەسە.
يېشىمى: ئەگەر قۇياش ئۆزىنىڭ ھەر بىر زەررىچىسىنى ھايات بېغىشلىغۇچى
ئىيساغا ئايلاندۇرغان تەقدىردىمۇ، ئۇ يەنىلا مېنىڭ ئۇ ئويماقتەك كىچىككىنە
ئېغىزىدىن بال تېمىتىپ سۆزلەيدىغان گۈزىلىمگە يېتەلمەيدۇ.
 
ئاقىبەت جانىمغا يەتتى، ئەي خۇشا مۇغكىم، مەنى،
بىر قەدەھ بىرلە جەرابات ئىچرە رۇسۋا ئەيلەسە.
يېشىمى: ئىشق ئاقىۋەت جېنىمغا تاقالدى. ئەمدى مەيپۇرۇش بىر قەدەھ بىلەن،
مېنى مەيخانىدا رەسۋا قىلسا ياخشى بولاتتى.
 
كەلتۈرۈڭ دەفئى جۇنۇنۇمغە پەرىخان، يوق تەبىب،
كىم ئول ئەنسەبدۇر پەرى ھەر كىمنى شەيدا ئەيلەسە.
يېشىمى: مېنىڭ ساراڭلىقىمنى ساقايتالايدىغان دوختۇر يوق. پېرخۇن
چاقىرىڭلار، پەرىگە ئاشىق بولغان ئادەمگە شۇ ئامال قىلىدۇ.
 
سۈھىدەك ھەر دەمدە گەردۇن قويماغاي ئاسارىنى،
ناگاھ ئەھلى سىدق كۆڭلى مىھرىن ئىفشا ئەيلەسە.
يېشىمى: سادىق كىشىلەر كۆڭۈل مېھرىنى ئاشكارىلىسىلا، پەلەك سۈبھىدەك دائىم
ئۇنىڭدىن ھېچبىر نىشانە قويمايدۇ.
 
دەھر شوخىغا، نەۋائىي، سەيد بولما، نەچەكىم،
گۈن ئىزارى ئۈزرە تۈن زۇلفىن مۇتەررا ئەيلەسە.
يېشىمى: ئەي نەۋائىي، ھەتتا كۈندەك ئاق يۈزى ئۈستىگە تۈندەك قارا چاچلىرىنى
يايغان تەقدىردىمۇ، جاھان گۈزىلىنىڭ دامىغا چۈشۈپ قالما.
 
تەئەززە چۈشۈرگىسى
 
دەھر شوخىغا، نەۋائىي، سەيد بولما، نەچەكىم،
گۈن ئىزارى ئۈزرە تۈن زۇلفىن مۇتەررا ئەيلەسە.
يېشىمى: ئەي نەۋەئىي، ھەتتا كۈندەك ئاق يۈزى ئۈستىگە تۈندەك قارا چاچلىرىنى
يايغان تەقدىردىمۇ، جاھان گۈزىلىنىڭ دامىغا چۈشۈپ قالما.
 
نۇسخە
 
ياشۇرۇن دەردىمنى زاھىر قىلدى ئەفغان ئاقىبەت،
ئاسراغان سىررىمنى يايدى سىيلى مىژگان ئاقىبەت.
يېشىمى: ئاھ – زارىم يوشۇرۇن دەردىمنى ئاخىر ئاشكارىلىۋەتتى؛ ساقلاپ كەلگەن
سىرىمنى بولسا، كىرپىكىم كەلكۈنى يېيىۋەتتى.
 
ياشۇرۇپ ئەردىم باغىر چاكىنى، ۋاھكىم، قىلدى فاش،
ھەر تەرەف كۆزدىن تەرەششۇھ ئەيلەگەن قان ئاقىبەت.
يېشىمى: باغرىم چاكلىرىنى يوشۇرۇپ يۈرەتتىم، ۋاي دەرىغ، كۆزۈمدىن سىرغىپ
چىققان تارام – تارام قانلار ئۇنى ئاخىر پاش قىلىۋەتتى.
 
تىغى ھەجرىڭدىن نىھان كۆكسۈم شىكافىن، ئاھكىم،
ئەلگە رەۋشەن ئەيلەدى چاكى گىرىبان ئاقىبەت.
يېشىمى: جۇدالىقىڭ تىغىدىن كۆكسۈمدە ھاسىل بولغان يوشۇرۇن تۆشۈكچىلەر
ياقامنىڭ يىرتىلىشى بىلەن ئەلگە ئاشكارا بولۇپ كەتتى.
 
ۋايكىم، كۆكسۈم شىكافىدىن ئۇلۇسقا بولدى فەھم،
ئىشق ئوتى باغرىمغا قويغان داغى پىنھان ئاقىبەت.
يېشىمى: ۋاي، كۆكسۈمدىكى تۆشۈكلەرنى كۆرگەن كىشىلەر ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە،
ئىشق ئوتىنىڭ يۈرىكىمدە پەيدا قىلغان يوشۇرۇن يارىلىرى ئىكەنلىكىنى سېزىۋالدى.
 
شەۋقىدىن دەم ئۇرمايىن، بىدادىغا خۇرسەند ئەدىم،
ۋاھكى، بولدۇم ھەجرىدىن رۇسۋايى دەۋران ئاقىبەت.
يېشىمى: ئىشتىياقىمدىن سۆز ئاچماي، مەن ھەتتا ئۇنىڭ زۇلمىدىنمۇ خۇشال
ئىدىم. ۋاي ئېسىت، جۇدالىقتا ئاخىرى بۇنىڭدىنمۇ مەھرۇم بولۇپ، رەسۋايى
ئالەم بولدۇم.
 
گەر بۇدۇر كافىر كۆزۇ زۇننار زۇلفى، ئەي فەقىھ،
بولغۇدەكمەن دەير ئارا مەستۇ پەرىشان ئاقىبەت.
ئەي قازى ئاخۇنۇم، ئۇنىڭ قارا كۆزى بىلەن زۇننار چېچى مۇشۇنداق مەھلىيا
قىلارلىق بولىدىغان بولسا، مەن ئاخىر قاۋاقخانىلاردا، مەست ۋە پەرىشان
بولۇپ ئۆتىدىغان ئوخشايمەن.
 
ئىشق كويىدا جۇنۇنۇمنى مۇنادى ئەيلەدى،
ھەجر تاشىدىن مۇنەققەش جىسمى ئوريان ئاقىبەت.
يېشىمى: ھىجران تاشلىرىنىڭ زەربىسىدىن گۈل چېكىلگەن يالىڭاچ بەدىنىم
ئاقىۋەت ئىشق كوچىسىدا، ساراڭلىقىمنى جاكارلاپ جار سالدى.
 
دەھر بوستانى ئارا سەركەش نىھالى كۆرمەدۈك،
سايە يەڭلىغ بولماغاي يەر بىرلە تەكسان ئاقىبەت.
يېشىمى: زامان بوستانىدا، نى – نى تىك ئۆسكەن دەرەخلەرنىڭ ئاقىۋەت ئۆز
سايىسىغا ئوخشاش يەر بىلەن يەكسان بولماي قالغىنىنى كۆرمىدىم.
 
ئى نەۋائىي، دەۋلەتى باقىي تىلەرسەن ۋەسلىدىن،
ئانى كەسب ئەتمەك فەنا بولماي نە ئىمكان ئاقىبەت.
يېشىمى: ئى نەۋائىي، ئۇنىڭ ۋىسالىدىن مەڭگۈلۈك دۆلەتكە ئېرىشمەكچى بولىسەن،
ئەمما ئۆزلۈكنى يوق قىلماي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئېرىشىش مۇمكىنمۇ، ئاخىر؟
 
نۇسخە چۈشۈرگىسى
 
ئەي نەۋائىي، دەۋلەتى باقىي تىلەرسەن ۋەسلىن،
ئانى كەسب ئەتمەك فەنا بولماي نە ئىمكان ئاقىبەت.
يېشىمى: ئەي نەۋائىي، ئۇنىڭ ۋىسالىدىن مەڭگۈلۈك دۆلەتكە ئېرىشمەكچى
بولىسەن، ئەمما ئۆزلۈكنى يوق قىلماي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئېرىشىش مۇمكىمۇ، ئاخىر؟
 
مۇستەھراد
 
تۈن ئاقشام بولدى – يۇ، كەلمەس مەنى شەمئى شەبىستانىم،
بۇ ئەندۇھ ئوتىدىن ھەر دەم كۆيەر پەرۋانەدەك جانىم.
يېشىمى: كەچ بولۇپ كەتتى، ئەمما كېچەمنى يورۇتقۇچى چىرىغىم كەلمىدى. بۇ
قايغۇ ئوتىدا، جېنىم ھەر نەپەستە پەرۋانىدەك كۆيۈپ كېتىۋاتىدۇ.
 
نە غەم كۆرگۈزسە كۆكسۈم پارەسىن چاكى گىرىبانىم،
كۆرۈنمەس بولسا كۆكسۈم يارەسىدىن داغى پىنھانىم.
يېشىمى: ياقامنىڭ يىرتىقىنىڭ تىلىنغان كۆكسۈمنى كۆرسىتىپ قويۇشىدىن غەم
قىلمايمەن، لېكىن يۈرىكىمنىڭ يارىسىدىن يوشۇرۇن داغلىرىم كۆرۈنۈپ قالمىسا
بولاتتى.
 
غەمىدىن دۇررى مەكنۇندەك سىرىشكىم ئاقتى جەنھۇندەك،
مۇزەييەن قىلدى گەردۇندەك جەھاننى ئەشكى غەلتانىم.
يېشىمى: ئۇنىڭ غېمىدە، مەرۋايىتتەك ياشلىرىم ئامۇ دەرياسىدەك ئاقتى؛ ياش
ئۈنچىلىرىم جاھاننى يۇلتۇزلۇق ئاسماندەك بېزىدى.
 
فەلەك ھەم تولدى كەۋكەبدىن، قۇياش ھەم تۈشتى ئەشھەبدىن،
كەلىپ تۈشمەس بۇ مەركەبدىن، مەنىڭ خۇرشىدى رەخشانىم.
يېشىمى: پەلەك يۇلتۇزغا تولدى، قۇياشمۇ دۇلدۇلدىن چۈشتى؛ بىراق، مېنىڭ
نۇرلۇق قۇياشىم ئاتتىن چۈشكىنى يوق.
 
جەھاننى زۇلمەت ئەتتى چەھ، بۇ زۇلمەت ئىچرە ئۆلگۈم، ۋاھ،
ماڭا بولساڭ نە خىزرى روھ، نەتىپ ئەي ئابى ھەيۋانىم.
يېشىمى: زۇلمەت (قاراڭغۇلۇق) جاھاننى زىندانغا ئايلاندۇردى، بۇ زۇلمەت
ئىچىدە ئۆلىدىغان ئوخشايمەن. ئەي ئابىھاياتىم، مېنى ساڭا باشلايدىغان خىزىر
بارمۇ؟
 
دەمە كۆكتىن قۇياش كەتمىش، فەلەككە تىيرەلىك يەتمىش،
ئول ئاي ھەجرىدە يار ئەتمىش فەلەكنى دۇدى ئەفغانىم.
يېشىمى: «كۆكتىن قۇياش كېتىپ، جاھاننى قاراڭغۇلۇق باستى» دەپ قالما، ئۇ
ئاينىڭ پىراقىدا چەككەن ئاھىمنىڭ تۈتۈنى جاھاننى قارايتىۋەتتى.
 
مۇستەھزاھ چۈشۈرگىسى
 
نەۋائىي كەبى ھىجراندىن بۇ ئاقشام ئۆلدۈم ئەفغاندىن،
غەمىم يوق بولسا يۈز جاندىن، يەتىپ گەر كەلسە جانانىم.
يېشىمى: مەن نەۋائىي بۇ ھىجران ئاخشىمىدا پىغان ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدىغان
ئوخشايمەن؛ ئەگەر شۇ تاپتا جانانىم كېلىپ قالسا، بىر ئەمەس يۈز جېنىم
بولسىمۇ، بەرسەم مەيلى ئىدى.
 
جۇلا
 
گەردۇندىن ئۆتەر نالەيۇ زارىم كەچەلەردە،
بىلمەس نەتەي ئول ماھى ئىزارىم كەچەلەردە.
يېشىمى: كېچىلىرى نالە – زارىم پەلەكتىن ئاشىدۇ. قانداق قىلارمەن، ئۇ ئاي
يۈزلۈكۈم بۇنى تېخى بىلمەيدۇ.
 
زەھرە يارىلۇر، دەردى فىراقىندا كۆڭۈلدىن،
ئاھىكى چىقار ئوق كەبى يارىم كەچەلەردە.
يېشىمى: تۈ نىسپىلىرىدا، جۇدالىقىڭ دەردىدىن يۈرىكىمدىن ئوقتەك ئېتىلىپ
چىققان ئاھىم ئۆتنى يېرىۋەتكۈدەك قىلىۋاتىدۇ.
 
يوقتۇر غەمۇ رەنجۇ ئەلەمۇ قايغۇدىن ئۆزگە،
ھەجرىڭدە مەنىڭ ھەمدەھۇ يارىم كەچەلەردە.
يېشىمى: سەندىن ئايرىلغاندىن بۇيان، كېچىلىرى ماڭا رەنج – غەم، قايغۇ –
ئەلەمدىن باشقا ھەمدەم بولىدىغان دوست – يار يوق.
 
ئاغزى دەمىدۇر شامۇ سەھەر نۇقلۇ شەرابىم،
لەئلى غەمىدۇر دەفئى خۇمارىم كەچەلەردە.
يېشىمى: ئۇنىڭ ئېغىزى ھەققىدىكى پاراڭلار ئەتتىگەندىن كەچكىچە ماڭا غىزا ۋە
شاراب بولىدۇ، ياقۇت لېۋىنىڭ غېمى كېچىلىرى خۇمارىمنى باسىدۇ.
 
ھىجران چەرىكى بەسكى ئۇرۇر جانغا شەبىخۇن،
دۇنيانى تۇتار گەردۇ غۇبارىم كەچەلەردە.
يېشىمى: ھىجران لەشلىرى جېنىمغا شۇنداق قاتتىق ھۇجۇم قىلىدۇكى، كۆتۈرۈلگەن
چاڭ – توزانلىرىم كېچىلىرى جىمى ئالەمنى قاپلايدۇ.
 
ياد ئەيلەسەم ئول شوخ قاراقچى قارا كۆزنى،
قالماس نەتەيىن سەبرۇ قەرارىم كەچەلەردە.
يېشىمى: قانداق قىلارمەن، ئۇنىڭ ئاشۇ شوخ قاراقچى قارا كۆزلىرىنى ئەسلىسەم،
كېچىلىرى سەۋر – تاقىتىم قالمايدۇ.
 
زۇلفى غەمىدىن ئۆلسەم ئاتايى بىكىن ئەلگە،
بولغۇسىدۇرۇر يارى مەزارىم كەچەلەردە.
يېشىمى: مەن ئاتايى ئۇنىڭ چاچلىرىنىڭ غېمىدە ئۆلۈپ كەتسەم، مازىرىم
كېچىلىرى ئەلگە يار بولغاي.
 
سەنەم
 
چىقتى ناگاھ مەھۋەشى رەنگىنى گۇلنار ئەيلەگەچ،
ھەلقە – ھەلقە زۇلفىنى بويغا زۇننار ئەيلەگەچ.
يېشىمى: توساتتىن بىر ئايجامال ئانار گۈلىدەك كۆركەم – گۈزەل كىيىنگەن،
بۇدرە چاچلىرىنى بويغا زۇننار قىلغان ھالدا چىقىپ كەلدى.
 
ئىككى جادۇ كۆزلەرىگە ئەھلى ئەلەم بەندەدۇر،
ئىسمى ئەئزەم ساچلارى بوينىدا تۇرمار ئەيلەگەچ.
يېشىمى: چاچلىرى بوينىغا ئىسمى ئەزەمدەك تۇمار قىلىۋالغان، سېھىر يېغىپ
تۇرىدىغان ئىككى كۆزگە جاھان ئەھلى قۇل بولىدۇ.
 
مەن يەتىمگە بىر نەزەر قىلمادى ئول ماھ پەيكەرى،
خەلقنىڭ بەدنامىدىن، مەندىن يامان ئار ئەيلەگەچ.
يېشىمى: ئۇ ئاي سۈپەت گۈزەل خەلقنىڭ بەدنامىغا قېلىشىنى مەندىنمۇ بەك ئار –
نومۇس ھېسابلىغاچ، مەن يېتىمغا نەزەر سېلىپمۇ قويمىدى.
 
پىستە ئاغزىنىڭ ئىچىدە تىشلەرى دۇردانەدۇر،
سۆزلەرى قەندىن لەزىز، شىرىن گۇفتار ئەيلەگەچ.
يېشىمى: پىستىدەك ئاغزىدىكى چىشلىرى گويا مەرۋايىتقا ئوخشايدۇ؛ ئۇنىڭ
سۆزلىرى شېرىنلىكتە قەندىنمۇ لەززەتلىك.
 
ئاتتى مىژگان ئوقلارىن ئىكى قاراقچى كۆزلەرى،
بولدى بۇ جىسمىم زەئىف، باغرىمنى ئەفگار ئەيلەگەچ.
يېشىمى: ئىككى قاراقچى كۆزى كىرپىك ئوقلىرىنى ئاتقانىدى، دەل يۈرىكىمگە
تېگىپ يارىدار قىلغاچ، جىسمىم زەئىپلەشتى.
 
ناگاھان كۆردۈم تۈشۈمدە ئاي يۈزىنىڭ شەۋقىنى،
ئول زەمان يانىمدا يوق، ئۇيقۇمنى بيدار ئەيلەگەچ.
يېشىمى: چۈشۈمدە ئاي يۈزىنىڭ خۇشاللىق يېغىپ تۇرغان ھالىتىنى كۆرگەنىدىم،
دەرھال ئويغىنىپ قارىسام، ئۇ يېنىمدا يوق.
 
نەۋبەتىيكىم يار كويىدا مۇجاۋىر بولدىكىم،
مالىنى ھەم باشىنى، جانىنى ئىسار ئەيلەگەچ.
يېشىمى: نەۋبەتىي يارنىڭ كوچىسىدا ماكان تۇتۇپ، ئۇنىڭغا مال – مۈلكى، بېشى
ۋە جېنىنى چاچقۇ قىلدى.
 
چوڭ سەلىقە
 
كۆردۈم يۈزۈڭنى دىيۋانە بولدۇم،
ئەقلۇ ھۇشۇمدىن بىيگانە بولدۇم.
يېشىمى: يۈزۈڭنى كۆردۈم – دە، ئەقىل – ھۇشۇمدىن ئايرىلىپ، ساراڭلا بولدۇم.
 
تارتىپ جەفايىڭ ئۆلسەم يولۇڭدا،
يانماسمەن ھەرگىز مەردانە بولدۇم.
يېشىمى: جاپايىڭنى تارتىپ ئىشقىڭ يولىد ئۆلۈپ كەتسەممۇ ھەرگىز يانمايمەنكى،
مەن شۇنداق مەردانە بولدۇم.
 
بولدۇم جەھاندا رۇسۋايى ئەلەم،
ياخشى، يامانغا ئەفسانە بولدۇم.
يېشىمى: جاھاندا رەسۋايى ئەلەم بولدۇم، ياخشى – ياماننىڭ ھەممىسىگە سۆز –
چۆچەك بولۇپ بەردىم.
 
كەۋسەر شەرابى يادىمغە كەلمەس،
لەئلىڭ غەمىدىن مەستانە بولدۇم.
يېشىمى: ياقۇتتەك لېۋىڭ غېمى بىلەن مەست بولغانلىقىم ئۈچۈن، كەۋسەر شارابى
يادىمغىمۇ كەلمەيدۇ.
 
يۇمدۇم كۆزۈمنى سەندىن بۆلەكدىن،
كەچتىم بارىدىن رىندانە بولدۇم.
يېشىمى: سەندىن باشقىغا قارايدىغان كۆزۈممۇ يوق، ھەممىدىن كەچتىم، مانا
شۇنداق باتۇر بولدۇم.
 
ئىشقىڭ مەيىگە پۇر بولدى جىسمىم،
ھەم ساقىي ھەم مەي، پەيمانە بولدۇم.
يېشىمى: ۋۇجۇدۇم ئىشقىڭ شارابىغا پۈركەندى: شۇ تاپتا ھەم ساقىي، ھەم مەي،
ھەم قەدەھ بولدۇم.
 
بىر قەترە ئەردىم، چۆكتۈم تەڭىزگە،
كىردىم سەدەفكە دۇردانە بولدۇم.
يېشىمى: مەن بىر تامچە ئىدىم، دېڭىزغا چۆكتۈم، سەدەپكە كىردىم – دە،
مەرۋايىت ۋانىسىغا ئايلاندىم.
 
كۆردۈرمەسە ئوت بولماس يىغاچ چوغ،
ئىشق ئوتى بىرلە ھەمخانە بولدۇم.
يېشىمى: ئوت كۆيدۈرمىسە ياغاچ چوغقا ئايلىنالمايدۇ، شۇ تاپتا ئىشق ئوتى
بىلەن بىر يەردە بولدۇم.
 
بولدۇم فەنا مەن تۇفراغ ئىچىدە،
بىر دانە ئەردىم، مىڭ دانە بولدۇم.
يېشىمى: تۇپراق ئىچىگە كۆمۈلدۇم. بىر دانە دان ئىدىم، مىڭ دانە بولدۇم.
 
ئەۋۋەل ئوتىدا بۇد ئولدى نابۇد،
جان جانغا كىردى، جانانە بولدۇم.
يېشىمى: دەسلەپ ئۇنىڭ ئوتىدا بارلىقىم نابۇت بولدى. كېيىن جان جانغا
قوشۇلۇپ كەتتى، جانانغا ئايلاندىم.
 
تەگدى كۆزۈڭدىن ھەر دەمدە مىڭ ئوق،
ئەۋۋەل ئەدىم دەشت، گۈلخانە بولدۇم.
يېشىمى: كۆزۈڭدىن ھەر نەپەستە مىڭ ئوق كېلىپ تەگدى، ئىلگىرى دەشت ئىدىم،
ئەمدى گۈلخانا بولدۇم.
 
بىر نەچە يىلدۇر ياردىن جۇدامەن،
بىلمەم ئۆزۈمنى، ئايا، نە بولدۇم.
يېشىمى: ياردىن جۇدا بولغىنىمغا بىر نەچچە يىل بولدى، ھەي، شۇ تاپتا
ئۆزەمنىڭ نېمە بولغانلىدىمنىمۇ بىلمەيمەن.
 
قويماس دەردىلەر مەئمۇرەدە گەنج،
ئاباد ئەدىممەن، ۋىيرانە بولدۇم.
يېشىمى: خەزىنىنى ئاۋات يەردە قويمايدۇ، دېيىشىدۇ، شۇڭا بۇرۇن ئاۋات بولغان
بولسام، ئەمدى ۋەيرانە بولدۇم.
 
گۇمنام، مەي سۇن، كىم بولسا مەيخور،
مەسجىد ئەمەسمەن، مەيخانە بولدۇم.
يېشىمى: ئەي گۇمنام، كىم ئەي ئىچسە، سۇنۇپ بېرىۋەر. مەن ئەمدى مەسجىد
ئەمەس، مەيخانا بولدۇم.
 
كىچىك سەلىقە
 
يارنىڭ كويىدا مەن دىيۋانە بولدۇم ئاقىبەت،
خەلق ئاراسىدىن چىقىپ بىيگانە بولدۇم ئاقىبەت.
يېشىمى: يارنىڭ كوچىسىدا ئاخىر ساراڭ بولۇپ قالدىم. جامائەتچىلىكتىن
ئايرىلىپ قالدىم، ئەلدىن ياتلىشىپ كەتتىم.
 
كەلمەگەي ئەلەمگە سەندەك مەھۋەشى، ئى نازەنىن،
ئىشتىياقىڭ كەيفىدە مەستانە بولدۇم ئاقىبەت.
يېشىمى: سەندەك بىر گۈزەل دۇنياغا يەنە كەلمىسە كېرەك. ئەي نازىنى،
ئىشتىياقىڭ خۇمارىدا ئاقىۋەت مەستانە بولدۇم.
 
ئەلگە ئىشرەت باغىدا خۇرۇملىقۇ دىلشادلىق،
مەن غەرىبىڭ غەم بىلە ھەمخانە بولدۇم ئاقىبەت.
يېشىمى: كىشىلەرگە ئىشرەت بېغىدا شات – خوراملىق يار بولسا، مەن غېرىبىڭ
ئاخىرى غەمگە ھەمدەم – ھەمماكان بولدۇم.
 
بىر زەمان يوقتۇر ماڭا ئارام ئىلە سەبرۇ قەرار،
ئاي يۈزۈڭنىڭ شەمئىغە پەرۋانە بولدۇم ئاقىبەت.
يېشىمى: ئاي يۈزۈڭنىڭ چىرىغىغا ئاخىر پەرۋانە بولدۇم، ماڭا ئەمدى بىردەممۇ
ئاراملىق يوق، سەۋر – تاقىتىم تۈگىدى.
 
ئىكى شەھلا كۆزلەرىڭ كۆڭلۈم قۇشىنى قىلدى سەيد،
چۇغز يەڭلىغ مەسكەنى ۋىيرانە بولدۇم ئاقىبەت.
يېشىمى: شەھلا كۆزلىرىڭ كۆڭلۈم قۇشىنى ئوۋلاپ كەتتى، مەن ئەمدى ھوقۇشقا
ئوخشاش ۋەيرانىغا ماكانلاشتىم.
 
ئەي يارانلار، يارنىڭ ۋەسلى مەنى قىلدى خۇمار،
مۇتتەسىل ئاستانەئى مەيخانە بولدۇم ئاقىبەت.
يېشىمى: ئەي دوستلار، مېنى يار ۋەسلى خۇمار قىلدى. ئاخىرى مەيخانا
بوسۇغىسىغا ماكانلاشتىم.
 
ساقىيا، مەي تۇت ماڭا جامى مۇھەببەت تولدۇرۇپ،
نەۋبەتىيكىم تەشنەلەب رىندانە بولدۇم ئاقىبەت.
يېشىمى: ئەي ساقىي، مەن نەۋبەتىي ئاقىۋەت ئىشق ئوتىدا چاڭقىغان بىر باتۇرغا
ئايلاندىم. مۇھەببەت قەدىھىنى تولدۇرۇپ ماڭا مەي تۇت!
 
كىچىك سەلىقە چۈشۈرگىسى
 
ساقىيا، مەي تۇت ماڭا جامى مۇھەببەت تولدۇرۇپ،
نەۋبەتىيكىم تەشنەلەب رىندانە بولدۇم ئاقىبەت.
يېشىمى: ئەي ساقىي، نەۋبەتىي تەشنالىقتىن ئاخىر باتۇرغا ئايلاندى. ئەمدى
ئۇنىڭغا مۇھەببەت قەدىھىنى لىق تولدۇرۇپ مەي تۇت!
 
تەئكىد
 
سوراپ كۇلبەم سارى كەلدى مەنى ئول شوخ ياد ئەيلەب،
غەمىن كۆڭلۈمنى ھىجران غۇسسەسىندىن ۋاھكى، شاد ئەيلەب.
يېشىمى: ئۇ شوخ مېنى ياد ئېتىپ، كۇلبەمگە يوقلاپ كەلدى. كۆڭلۈمنى
جۇدالىقنىڭ غەم – غۇسسىلىرىدىن تازىلاپ، خۇشال قىلدى.
 
يولىدا مەن كىم ئول بىدادنىڭ دادىمنى تاپماقكىم،
قويۇپ باشىنى يۈز مەندەك، تۇرار يولىدا داد ئەيلەب.
يېشىمى: مەندەك يۈزلىگەن كىشىلەر ئۇنىڭ يولىدا باش قويۇپ ئەرز – دادىنى
ئېيتىپ تۇرىۋاتسا، مەن ئۇ زالىمغا قانداقمۇ دادىمنى يەتكۈزەلەيمەن؟
 
بولۇپسەن كۆپ چەمەن گۇللارىغا مەغرۇر، ئەي بۇلبۇل،
تەگەر بادى جەزان ئاخىر، نە قىلغۇڭ ئىئتىماد ئەيلەب.
يېشىمى: ئەي بۇلبۇل، چىمەننىڭ گۈللىرى بىلەن كۆپ مەغرۇرلىنىدىكەنسەن، كۈز
شامىلى ئاخىر ئۇنى خازان قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ نېمە قىلىسەن؟
 
دەرىيغا، تىيرە قىلدىڭ روزگارىم ئاقىبەت، ئەي شوخ،
خەتتىڭ كۆز مەردۇمىدىن ھەل قىلىپ مۇشكىن سەۋدا ئەيلەب.
يېشىمى: ئەي شوخ، كۆز قارچۇقۇڭنىڭ سىياھىدىن قارايغان ئىپاردەك مىيىقلىرىڭ
بىلەن ئاقىۋەت روزىگارىمنى (بارلىقىمنى، دۇنيايىمنى) قارايتىۋەتتىڭ.
 
بوسۇغاڭغا قوياي باشىمنى دەپ دەرگاھىڭە كەلدىم،
مەنى ياندۇرماغىل ئۇشبۇ ئىشىكدىن بىيمۇراد ئەيلەب.
يېشىمى: بوسۇغاڭغا باش قوياي دەپ دەرگاھىڭغا (ھوزۇرۇڭغا، ئالدىڭغا) كەلدىم،
مېنى نائۈمىد قىلىپ، ئىشىكىڭدىن ياندۇرما.
 
تۇرارغا، ئابىدا، بىر كۇنچى غۇربەت ئالەم ئەھلىدىن،
چىق ئەمدى تەرك ئەتىپ ھىرسۇ ھەۋانى خەيرباد ئەيلەب.
يېشىمى: ئەي ئابىد، بىر غۇربەت بولۇڭىدا ماكان تۇتماقچى بولساڭ، ئەمدى
ھېرىسمەنلىك ۋە ھاۋايى ھەۋەسنى تەرك ئېتىپ، ئەلەم ئەھلى ئارىسىدىن چىقىپ
كەتكىن.
 
داستان
بىرىنچى داستان
 
بەھار بولدى گۇل ئاچىلدى،
مەنىڭ كۆڭلۈم ئاچىلماسمۇ.
بۇلبۇل قانى كۆپ ساچىلدى،
مەنىڭ قانىم ساچىلماسمۇ.
يېشىمى: باھار بولدى، گۈل ئېچىلدى، مېنىڭ گۈلۈم ئېچىلماسمۇ؟ بۇلبۇل قېنى
كۆپ چېچىلدى، مېنىڭ قېنىم چېچىلماسمۇ؟
 
ئەمدى مەندىن دەۋلەت كەتتى،
رەقىبلەرغە نەۋبەت يەتتى.
خەبەرىم يوق گۇل ئاچىلدى،
مەنىڭ گۇلۇم ئاچىلماسمۇ.
يېشىمى: ئەمدى مەندىن بەخت – دۆلەت كەتتى، رەقىپلەرگە نۆۋەت كەلدى. ھېچ
ئاڭلاپ باقمىغان گۈللەر ئېچىلىپ كەتتى، مېنىڭ گۈلۈم ئېچىلماسمۇ؟
 
يارىم يۈرگەن باغلار قالدى،
باغ ئىچىندە زاغلار قالدى،
يۈرەكلەردە داغلار قالدى،
يەنە شەراب ئىچىلمەسمۇ.
يېشىمى: يارىم يۈرگەن باغلار قالدى، باغى ئىچىدە قاغا – قۇزغۇنلار قالدى.
يۈرەكلەردە داغلار قالدى، يەنە شاراپ ئىچىلمەسمۇ؟
 
سەنەم دەر: ئۇمرۇم سەيقەلى،
كەلدى مۇھەببەت بۇلبۇلى،
ئاچىلدى باغلارنىڭ گۇلى،
مەنىڭ گۇلۇم ئاچىلماسمۇ.
يېشىمى: سەنەم ئېيتىدۇ: ئۆمرۈمنىڭ شەنىگە مۇھەببەت بۇلبۇلى كەلدى،
باغلارنىڭ گۈللىرى ئېچىلدى، ئەمدى مېنىڭ گۈلۈم ئېچىلماسمۇ؟
 
ئىككىنچى داستان
 
مۇندى كەتەر بولدۇڭ زالىم ئاغالار،
ھەرنە كۆرگەنىڭنى بەيان دەگەيسەن.
يالغۇز ھەمراھ قالدى چاھنىڭ ئىچىندە،
ئۆلگەنى يوق، ئەسەن – ئەمان دەگەيسەن.
يېشىمى: زالىم ئاكىلار بۇ يەردىن كېتىدىغان بولدۇڭلار. كۆرگەنلىرىڭلارنى
سۆزلەپ بەرگەيسىلەر. «يالغۇزلا ھەمراھ قۇدۇقنىڭ ئىچىدە قالدى، ئۇ تېخى
ھايات، ئامان – ئېسەن» دېگەيسىلەر.
 
نە يامان سەۋداغا قالىپدۇر باشىم،
يەگەنىم، – ئىچكەنىم – زەھردۇر ئاشىم،
كۆزۈمنى ئويدىلار ئۆز قارىنداشىم،
ئۇلفەتداشى يىلان – چايان دەگەيسەن.
يېشىمى: بېشىم قانداق يامان سەۋدالىققا قالغان – ھە! يېگىنىم – ئىچكىنىم
زەھەر بولىۋاتىدۇ؛ كۆزۈمنى ئۆز قېرىنداشلىرىم ئويدى؛ «ئۇنىڭغا يىلان –
چايانلار ئۈلەپتلىك قىلىۋاتىدۇ» دېگەيسىلەر.
 
بىزلەر ئۈچۈن ھىممەت كەمەر باغلاغان،
فىراقىمدا سىينەلەرىن داغلاغان،
كەلمەدى دەپ يولغا قاراپ زارلاغان،
شاھ خۇسرەۋ ئاتامغا سەلام دەگەيسەن.
يېشىمى: مەن ئۈچۈن ھىممەت كەمىرىنى باغلىغان، جۇدالىق ئوتۇمدا يۈرەكلىرىنى
داغلىغان، «كەلمىدى» دەپ يولۇ،غا زارىقىپ قارىغان شاھ خۇسرەۋ ۋە ئاتامغا
«سالام» دېگەيسىلەر.
 
توقۇز ئاي، توقۇز گۈن قورساق كۆتۈرگەن،
پەرۋىش ئەيلەب كەمالىمغا يەتكۈرگەن،
كەچەلەرى ئوخلاماي، ئاق سۈت ئەمدۈرگەن،
مىھرىبانىم ئانامغا سەلام دەگەيسەن.
يېشىمى: توققۇز ئاي، توققۇز كۈن مڭا قۇرساق كۆتۈرگەن؛ پەرۋىش قىلىپ،
كامالىتىمگە يەتكۈزگەن؛ كېچىلىرى ئۇخلىماي، ئاق سۈتىنى ئېمىتكەن مېھرىبان
ئانامغا «سالام» دېگەيسىلەر.
 
نە يامان سەۋداغا قالىپدۇر باشىم،
يەگەنىم – ئىچكەنىم – زەھردۇر ئاشىم،
كۆزۈمنى ئويدىلار ئۆز قارىنداشىم،
ئۇلفەتداشى يىلان – چايان دەگەيسەن.
يېشىمى: بېشىم قانداق يامان سەۋدالىققا قالغان – ھە! يېگىنىم – ئىچكىنىم
زەھەر بولىۋاتىدۇ؛ كۆزۈمنى ئۆز قېرىنداشلىرىم ئويدى؛ «ئۇنىڭغا يىلان –
چايانلار ئۈلپەتلىك قىلىۋاتىدۇ» دېگەيسىلەر.
 
بىزلەر ئۈچۈن ھىممەت كەمەر باغلاغان،
فىراقىمدا سىينەلەردىن داغلاغان،
كەلمەدى دەپ يولغا قاراپ زارلاغان،
شاھ خۇسرەۋ ئاتامغا سەلام دەگەيسەن.
يېشىمى: مەن ئۈچۈن ھىممت كەمىرىنى باغلىغان، خۇدالىق ئويۇمدا يۈرەكلىرىنى
داغلىغان، «كەلمىدى» دەپ يولۇمغا زارىقىپ قارىغان شاھ خۇسرەۋ ئاتامغا
«سالام» دېگەيسىلەر.
 
توقۇز ئاي، توقۇز گۈن قوساق كۆتۈرگەن،
پەرۋىش ئەيلەب كامالىمغا يەتكۈرگەن،
كەچەلەرى ئۇخلاماي، ئاق سۈت ئەمدۈرگەن،
مىھرىبانىم ئانامغا سەلام دەگەيسەن.
يېشىمى: توققۇز ئاي، توققۇز كۈن ماڭا قورساق كۆتۈرگەن؛ پەرۋىش قىلىپ،
كامالىتىمگە يەتكۈزگەن؛ كېچىلىرى ئۇخلىماي، ئاق سۈتىنى ئېمىتكەن مېھرىبان
ئانامغا «سالام» دېگەيسىلەر.
 
يۈرەكىمىدىن كەتمەس ھەرگىز فىراقى،
مۇرادقا يەتمەيىن ئۆچتى چىراقى،
ئەمدى ھەمراھلاردىن كەتمەس سوراقى،
گۈلجەمىلە سىڭلىمغا سەلام دەگەيسەن.
يېشىمى: يۈرىكىمدىن جۇدالىق سېغىنىسى ھەرگىز كەتمەس؛ مۇرادىغا يەتمەي
چىرىغى ئۆچتى، ئەمدى ھەمراھلارغا سوراق تۈگىمەيدۇ؛ سىڭلىم گۈلجەمىلىگە
«سالام» دېگەيسىلەر.
 
ئۆتتى يەئقۇب ئوغلى داغدا يۈرەكى،
كۆزۈم ئويۇلغان بىلەن يوقتۇر كەرەكى،
ئاخىر دەمدە ھەمراھجاننىڭ تىلەكى،
ھەقدىن سورار گەۋھەرى ئىمان دەگەيسەن.
يېشىمى: مەن ياقۇپ ئوغلىنىڭ يۈرىكى داغ ئىچىدە ئۆتتى؛ كۆزۈم ئويۇلغان
بولسىمۇ كېرەك يوق؛ «ھەمراھجاننىڭ ئاخىرقى تنىقتىكى تىكى ئاللاھتىن ئىمان
گۆھىرىنى تىلەشتىنلا ئىبارەتتۇر» دەڭلار.
 
ئۈچىنچى داستان
 
تەتۈر فەلەكنىڭ دەردىدىن،
يۈرەكىمدە داغلار قالدى.
بۇلبۇل كەتتى گۈلزارىمدىن،
چەمەنزارلى باغلار قالدى.
يېشىمى: تەتۈر فەلەكنىڭ دەردىدىن، يۈرىكىمدە داغلار قالدى. گۈلزارىمدىن
بۇلبۇللار ئۇچۇپ كەتتى، چىمەنزار باغلار ئەمدى ئۆتمۈش بولۇپ قالدى.
 
مۇندا قالدى ۋەتەن جايىم،
خەزان بولدى چاھار باغىم،
يارىم بىلەن ئۆتكەن چاغىم،
قەدىيم گۈزەل جايلار قالدى.
يېشىمى: ۋەتەن – يۇرتۇم قالدى؛ تۆت پەسىللىك بېغىم غازاڭ بولدى؛ يارىم
بىلەن ئۆتكەن چاغلار، قەدەم ئىزىمىز بار قەدىيمى گۈزەل جايلار ئەمدى ئۆتمۈش
بولپ قالدى.
 
ئاسان قىلغىل مۇشكىلىمنى،
ياقىن قىلغىل مەزىلىمنى.
ئۇچۇردۇممەن بۇلبۇلۇمنى،
باغىم ئىچرە زاغلار قالدى.
يېشىمى: مۈشكۈلۈمنى ئاسان قىلغىن، كۆزلىگەن مەنزىلىمنى يېقىن قىلغىن؛
بۇلبۇلۇمنى ئۆچۇرۇپ قويدۇم، ئەمدى بېغىمدا قارغا – قۇزغۇنلار قالدى.
 
باغبان ئانا مىھرىبانىم،
مەندىن ئۆتتى بۇ دەۋرانىم.
يۈرەكىمدە كۆپ ئەرمانىم،
خۇشمۇ ئەسىل چاغلار قالدى.
يېشىمى: باغۋەن كەبى پەرۋىشكار مېھرىبان ئانا، ئەمدى مېنىڭ دەۋرىم ئۆتۈپ
كەتتى، يۈرىكىمدە جىق ئارمانلىرىم قالدى، ھەي ... ، شۇنداق ئېسىل چاغلار
ئەمدى ئۆتمۈش بولۇپ قالدى – دە !
 
مەشرەب
بىرىنچى مەشرەب
 
شۇكر لىللاھ، ھالەتىم زاھىر بولۇپدۇر يارغا،
ئەمدى يار ئالدىدا ئۆزنى كۆرسەتەي ئەغيارغا.
يېشىمى: ئاللاھغا شۈكۈر، ئەھۋالىم يارغا ئايان بولۇپتۇ، ئەمدى يار ئالدىدا
تۇرۇپ رەقىبلەرگە ئۆزۈمنى بىر كۆرسىتەي.
 
سەير ئۈچۈن كىرسە گۇلىستان ئىچرە ئول سەرۋى رەۋان،
بەندە ئولسۇن سەرۋى ئازاد ئول قەددى رەفتارغا.
يېشىمى: ئۇ سەرۋى بويلۇق گۈزەل يار سەيلە قىلغىلى گۈلىستانغا كىرگىنىدە،
گۈزەل سەرۋى دەرىخى ئۇنىڭ كېلىشكەن بوي – تۇرۇقىغا قۇل بولسۇن.
 
ناز ئىلە تا ئاتلانىپ شەھر ئىچرە سالدى رۇستاخىز،
جان بىلەن بەردىم كۆڭۈل ئول دىلبەرى ئەييارغا.
يېشىمى: ناز – كەرەشمە بىلەن شۇنداق ئاتلىنىپ چىقىۋىدى، شەھەردە سۈرەن –
چۇقان چىقىپ كەتتى، مەن ئۇ ھەييارغا جان بىلەن كۆڭلۈمنى بېرىۋەتتىم.
 
دوستلار، ئەيب ئەتمەڭىز قان يىغلاسام مەن زارنى،
بەس كەلە ئالمام نەتەي بۇ دىيدەئى خۇنبارغا.
يېشىمى: ئەي دوستلار، قان يىغلىسام، مەن بىچارىنى ئەيىپكە بۇيرۇماڭلار،
نېمە ئۈچۈنكى كۆزلىرىمدىن قان تۆكۈشنى توختىتالمايۋاتىمەن.
 
ئەي سەئىد، ئول ياردىن تاپدىڭ مۇردىڭنى تەمام،
بارچەسى بولدى مۇيەسسەر، شۇكرى بىرۇ بارغا.
يېشىمى: ئەي سەئىدىي، ياردىن ھەممە مۇرادىڭنى تاپتىڭ، جىمىي تىلەكلىرىڭگە
مۇيەسسەر بولدۇڭ، ئەمدى، بىر ۋە بار بولغان ئاللاھغا تەشەككۈر ئېيت!
 
ئىككىنچى ئاھاڭ
 
قىلسا مۇشكىن چىنىدىن ئۆترۇكى كاكۇل سىندۇرۇر،
لالەكىم دىل خۇن قىلۇر، بازارى سۇنبۇل سىندۇرۇر.
يېشىمى: ئىپار ھىدلىق جىڭگىلەك چاچلىرىنى كۆرسەتسە، لالىنىڭ باغىرىنى قان
قىلىپ، سۇنبۇلنىڭ بازىرىنى كاساتلاشتۇرىدۇ.
 
ئول خىرامان سەرۋى گۇلنار قىلسا گەر مەيلى چامەن،
سەرۋ ئاياغىغا يىقىلىپكىم ۋەلې گۇل سىندۇرۇر.
يېشىمى: ئۇ گۈليۈزلۈك يار ئەگەر گۈزەل سەرۋىدەك لەرزان مېڭىپ،
چىمەنزارلىققا كىرىدىغان بولسا، گۈزەل سەرۋى دەرىخى ئۇنىڭ ئايىغىغا
يىقىلىدۇ، ھەتتا گۈلمۇ خىجالەتچىلىكتە قالىدۇ.
 
ئەبرويى جانن خەيالى بولدى كۆزۈمدىن يىراق،
سىيللەرى كەلدى بۇ يولغا ئەمدىكىم بۇل سىندۇرۇر.
يېشىمى: جاناننىڭ گۈزەل قاشلىرىنىڭ ئوي – خىيالى كەللامدىن يىراقلىشىۋېدى،
ئۇنىڭ ئورنىغا كۆز يولۇمغا سەل كەلدى، ئەمدى بۇ مېنى سۇندۇرىدىغان بولدى.
 
ئۈچىنچى ئاھاڭ
 
تەگسە گۇلنىڭ پەردەسىغە سۇھبەتىدىن تازە نەم،
غەم تىكەنىدىن دىلى مەجرۇھ بۇلبۇل سىندۇرۇر.
يېشىمى: بۇلبۇلنىڭ سۆھبىتىدىن گۈلنىڭ يۈزىدە ئىسسىق ياش پەيدا بولسا، غەم
تىكەنلىرى مىسكىن بۇلبۇلنىڭ دىلىنى سۇندۇرىدۇ.
 
ھافىزا، بۇ سىررى ۋەھدەتنى قولۇڭدىن بەرمەگىل،
تا خىيالى زۇھدى تەقۋانى تەۋەككۇل سىندۇرۇر.
يېشىمى: ئەي ھافىز، بۇ ۋەھدەت (ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە بارلىقى) سىرىنى
(ھېكمىتىنى) قولدىن بەرمە، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش تەقۋادار زاھىدنىڭ
ىيالىنى سۇندۇرىدۇ.
 
ئىككىنچى مەشرەب
بىرىنچى ئاھاڭ
 
گۇل يۈزۈڭنى ئارزۇلاپ، يۈز – كۆزنى گۇلزار ئەيلەدى،
شەكەر ئەرنىڭنى تىلەپ جان، تەننى ئەفگار ئەيلەدى.
يېشىمى: گۈل سېنىڭ يۈزۈڭنىڭ ئارزۇسىدا، يۈز – كۆزىنى گۈلزار قىلدى؛ جان
سېنىڭ شېكەر لېۋىڭنىڭ تىلىكىدە، تېنىنى مەجرۇھ قىلدى.
 
ئايمۇدۇر ياخۇد يۈزۈڭ خۇرشىدى تابان، ئەي سەنەم،
بار ئانىڭتەك شۇئلەسى كۆزلەرنى پەيكار ئەيلەدى.
يېشىمى: ئەي گۈزەل يار، يۈزۈڭنىڭ نۇرى كۆزلەرنى قاماشتۇردى، يۈزۈڭ ئايمۇ
ياكى تاۋلىنىپ تۇرغان قۇياشمۇ؟
 
ئىلەتتى ئاغزىڭدىن ئوغۇرلاپ پىستە تارلىقنى، ئاڭا،
تۈز سۈيىن قۇيدىلار ئانچە، ئاندىن ئىقرار ئەيلەدى.
يېشىمى: پىستە كىچىكلىكنى سېنىڭ ئېغىزىڭدىن ئوغۇرلىغان ئىكەن، ئۇنىڭغا بىر
مۇنچە تۇز سۈيىنى قۇيغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇنى ئىقرار قىلدى.
 
ئەي مەسىھادەم بەگىم، بىر دەم بىلە بەرگىل شىفا،
شىيۋە بىرلە كۆزلەرىڭ جانىمنى بىمار ئەيلەدى.
يېشىمى: ئەي تىنىقلىرى ھايات بېغىشلىغۇچى خېنىم، سېنىڭ خۇلقۇڭ بىلەن
كۆزلىرىنىڭ مېنى كېسەلچان قىلدى، «سۇف!» قىلىپ بىر دەم سېلىش بىلەن شىپالىق
بەرگىن.
 
ئىككىنچى ئاھاڭ
 
زاھىدىكىم كۆردى زۇلفۇڭ كۇفرىن، ئىماندىن كەچىپ،
بوينىدا تەسبىھىنى بەلىگە زۇننار ئەيلەدى.
يېشىمى: قاپقارا چاچلىرىڭنى كۆرگەن زاھىت ئىمانىدىن كېچىپ، بوينىدىكى
تەسۋىسىنى بېلىگە باغلاپ، زۇننار قىلدى.
 
كۆڭلۈم ئەمگەنمەس بەلى سەن نەچە ئاچىغ سۆزلەسەڭ،
چۈن يارتىغدا ئوغان گۇل قۇڭشەسىن خار ئەيلەدى.
يېشىمى: ھەر قانچە ئاچچىق سۆزلىسەڭمۇ، سېنىڭدىن كۆڭلۈم رەنجىمەيدۇ، چۈنكى
ئاللاھ ئەزەلدىنلا گۈل تۈۋىدە تىكەن ياراتقان – دە.
 
ئىشق ئىشىن سەككاكىي ئەۋۋەل بىلمەيىن ئاسان كۆرۈپ،
ئاخىرى ئۆز جانىنىڭ ئىشىنى دۇشۋار ئەيلەدى.
يېشىمى: سەككاكىي ئىشق – مۇھەببەت ئىشىنى باشتا ئاسان چاغلاپ، ئاخىرىدا ئۆز
جېنىنى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
 
4– مۇقام چەھارگاھ مۇقامى چوڭ نەغمە
مۇقەددىمە
 
جۇنۇن دەشتىدە بىزنى بىر گۇرۇھ ئاۋارەلەر دەرلەر،
مۇغىيلان خار – خارىدىن ئاياغى يارەلەر دەرلەر.
يېشىمى: كىشىلەر بىزنى «يانتاق تىكەنلىدىن ئايىغى يارىلانغان، جۇنۇن
(مەجنۇنلۇق، ساراڭلىق) چۆلىدە يۈرىدىغان بىر توپ سەرگەردانلار» دەيدۇ.
 
بەلا ياغسا باشىمىزغا دەم ئالماي دەۋرى گەردۇندىن،
زىرا بەرگەن قەزاغا ئاشىقى بىچارەلەر دەرلەر.
يېشىمى: ئايلانغۇچى پەلەكتىن بېشىمىزغا توختىماي بالايىئاپەت ياغسا:
«قازاغا رازىلىق بەرگەن (تەقدىرگە بويۇن سۇنغان) بىچارە ئاشىقلار» دەيدۇ.
 
كۆرۈپ مەيخانە ئىشكىدە غەزەلخانۇ گىرىبان چاك،
مۇغاننىڭ قىزىغە ئاشىق ياقا سەد پارەلەر دەرلەر.
يېشىمى: مەيخانە ئىشىكى ئالدىدا، ياقىلىرىمىز يىرتىلغان ھالدا غەزەل
ئوقۇۋاتقانلىقىمىزنى كۆرگەنلەر: «مەيپۇرۇشنىڭ قىزىغا ئاشىق بولغان يىرتىق
ياقىلار (ۋەيرانىيلار)» دەيدۇ.
 
فەتىلە ساچلاررىمىزنى، كۆرۇبان قاشلارىمىزنى،
قارا گۆن باشىدا بىر نەچە بەختى قەرەلەر دەرلەر.
يېشىمى: چىگىشلەشكەن چاچلىرىمىزنى، كىرلەشكەن قاشلىرىمىزنى كۆرگەنلەر بىزنى
«بېشىغا قارا كۈن چۈشكەن بىر نەچچە بەختى قارالار» دەيدۇ.
 
سەرۇ سامانىمىزنى سورماغىل بىز بىنەۋالارنىڭ،
فەلەك گەردىشلەرىدىن گۈنلەرى دۇشۋارەلەر دەرلەر.
يېشىمى: بىز بىچارىلەرنىڭ ھال – كۈنىمىزنى سورىمايلا قوي، بىزنى «پەلەكنىڭ
تەتۈرلىكىدىن كۈنى دىشۋارچىلىقتا قالغانلار» دەيدۇ.
 
سارىغ چىھرە بىلەن كاھى يۈزۈمگە گەر باقىپ ھەم دەم،
كى گۈلرۇخلار فىراقىندا خەزان رۇخسارەلەر دەرلەر.
يېشىمى: ساماندەك سىرىق يۈزۈمگە بىر قاراپلا: «گۈليۈزلۈكلەرنىڭ پىراقىدا
چىرايى سارغايغانلاردىن ئىكەن» دەيدۇ.
 
قاچانكىم ئاقبۇرۇت ئابىد قاشىغا بارغۇمىز، بىزنى–
قارا قاشلار قاشىدا دەر – بەدەر ئاۋارەلەر دەرلەر.
يېشىمى: قاچانكى ئاقبۇرۇت موللامنىڭ قېشىغا بېرىپ قالساق، بىزنى «قارا
قاشلار كويىدا ئىشىكمۇ ئىشىك يۈرگەن سەرگەردانلار» دەيدۇ.
 
كۆرۈپ ئەئزايىمىزنى زەخملىك ئەھلى تەمەشا كىم،
پەرىلەر كويىدا ئاۋارەئى سەنگسارەلەر دەرلەر.
يېشىمى: زەخمىلىك ئەزايىبەدىنىمىزنى كۆرگەن تاماشىچىلار، بىزنى «پەرىلەر
كوچىسىدا چالما – كېسەك قىلىنغان سەرگەردانلار» دەيدۇ.
 
گەر ئىھسان قىلماسا دەرۋىشلەرگە ئەھلى نىئمەتلەر،
گەۋھەر خىرمەنلەرىنى تۇدەئى سەنگخارەرلەر دەرلەر.
يېشىمى: ئەگەر نېمەت ئىگىلىرى دەرۋىشلەرگە خەير – ساخاۋەت قىلمىسا،
ئۇلارنىڭ گۆھەردىن دۆۋىلەنگەن خامانلىرىنى «تاش دۆۋىسى» دەپ ھېسابلىسا بولىدۇ.
 
باشىمىزدا كۆرۈپ نەشئە، قولىمىزدا كۆرۈپ ساغەر،
قۇتۇلغان يۈز جەھان غەمدىن نەچە مەيخارەلەر دەرلەر.
يېشىمى: رۇخسارىمىزدىكى خۇش كەيپنى، قولىمىزدىكى قەدەھنى كۆرگەنلەر بىزنى
«يۈز جاھانلىق غەمدىن قۇتۇلغان مەيخورلار» دەيدۇ.
 
ئەرۇر مەشھۇرىي ئانداغ قەۋمدىن زەخمەلەرىن كۆرگەچ،
زەمانە تاشلارىدىن نەچە كۆكسى پارەلەر دەرلەر.
يېشىمى: مەشھۇرىي شۇنداق قەۋمدىنكى، ئۇنىڭ جاراھەتلىرىنى كۆرگەنلەر «بۇ
كىشى زامان تاشلىرى زەربىسىدىن باغرى پارە – پارە بولغانلاردىن ئىكەن» دەيدۇ.
 
تەئەززە
 
سۈبھى دەمدە ئاچتى خەممارى ئىشىك مەيخانەغە،
بۇق – بۇق ئاۋازى سۇراھى جان بەرۇر مەستانەغە.
يېشىمى: بىر مەيپۇرۇش تاڭ پەيتىدە، مەيخانىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى، ئىدىشتىن
تۆكۈلگەن مەينىڭ بۇقۇلدىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان مەستانىلەرگە قان كىردى.
 
مەن يىراقدىن بەزمەغە كەلدىمكى ئاخىرراقدا،
ساقىيا، قوپ، مەينى پۇر ئەيلەكى بۇ پەيمانەغە.
يېشىمى: مەن بەزمىگە يىراقتىن ئەڭ ئاخىرىدا كەلدىم. ئەي ساقىي، قوپ، بۇ
قەدەھكە مەينى لىق تولدۇرغىن.
 
مەجنۇن ئولدۇم لەيلىنىڭ ئىشقىدا بۇ ئالەم ئارا،
ئاقىلا، قىلما نەسىھەت مەن كەبى دىيۋانەغە.
يېشىمى: ئەق ئاقىل، مەندەك سەۋدايىغا كۆپ نەسىھەت قىلمان. مەن مۇشۇ
زاماندا، لەيلى ئىشقىدا ئۆزتەنگەن مەجنۇننىڭ دەل ئۆزى بولدۇم.
 
چەۋرۈلۈپ شەمئى جەمالى مەئشۇقىغا ئاشىقى،
ئىشقىدە كۆيمەكنىكىم ئۆرگەتتى بۇ پەرۋانەغە.
يېشىمى: بىر ئاشىق، مەشۇقى جامالىنىڭ چىراغى ئەتراپىدا پىرقىراپ يۈرۈپ،
ئىشق ئوتىدا كۆيۈشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پەرۋانىغا ئۆگەتتى.
 
سىينە زەنگارىنى تەقۋا سەيقەلىدەك پاك قىل،
پاكلىق بىرلە قارا ئايىنەدە جانانەغە.
يېشىمى: دىل كىرىنى (دېتىنى) تەقۋالىق ئېكىكىنى سۈرۈپ پاكلا – دە، جانانغا
پاكلىق ئەينىكى بىلەن قارا.
 
توقدۇرۇر دۇشنام سەييادى ئەزەلكى جانىمە،
كەلدىلەر مۇرغى ھەۋا ئالەمغە بەھرى دانەغە.
يېشىمى: ئەگەر ھەۋەس قۇشى بۇ دۇنيا دانلىرىدىن بەھرە ئېلىش ئۈچۈن كەلمىگەن
بولسا ئىدى، ئەزەل ئوۋچىسى جېنىمغا دەشنام بەرمىگەن بولاتتى.
 
تەۋبە قىل زۇھدى رىيائىيغا بۇرۇنراق، ھافىزا،
بەسكى ئاچماسدا ئىشىكنى بۇ كەچە مەيخانەغە.
يېشىمى: ئەي ھافىز، بۇ كېچە مەيخانا ئىشىكى ئېچىلىشتىن بۇرۇنراق ئۆزۈڭنىڭ
ساختا تەقۋادارلىقىڭغا توۋا قىلىۋال.
 
تەئەززە چۈشۈرگىسى
 
تەۋبە قىل زۇھدى رىيائىيغا بۇرۇنراق، ھافىزا،
بەسكى ئاچماسدا ئىشىكنى بۇ كەچە مەيخانەغە.
يېشىمى: ئەي ھافىز، بۇ كېچە مەيخانا ئىشىكى ئېچىلىشتىن بۇرۇنراق ئۆزۈڭنىڭ
ساختا تەقۋادارلىقىڭغا توۋا قىلىۋال.
 
بىرىنچى نۇسخە
 
ئۆلگۈچە بەندەڭ بولاي، ئەي شاھى خۇبانىم ساڭا،
تا تىرىكدۇرمەن فىدا ئەيلەي تەنۇ جانىم ساڭا.
يېشىمى: ئەي گۈزەللەر شاھى دىلبىرىم، ئۆلگىچە قۇلۇڭ بولاي. تىرىكلا
بولىدىكەنمەن، جان – تېنىمنى ساڭا پىدا قىلاي.
 
ئەي نىگارا، كاشكى كۆرسەم جەمالىڭ ئەكسىنى،
كۆيدۈمۇ فانۇسدەك شەمئى سەبىستانىم ساڭا.
يېشىمى: ئەي نىگار، سەن قاراڭغۇ كېچەمنى يورۇتقۇچى شامسەن، مەن ئىشقىڭدا
كۆيۈۋاتقان پانۇسمەن؛ ھېچ بولمىسا، جامالىڭنىڭ شولىسىنى بولسىمۇ كۆرسەمچۇ.
 
رەھم قىلغىل مەن يەتىم بىچارەگە، ئەي نازەنىن،
ھەسرەتىڭدە زەئفەراندەك بولدى رۇخسارىم ماڭا.
يېشىمى: ئەي نازىنىن، ھەسرىتىڭدە چىرايىم زەپىراندەك سارغايدى، مەن يېتىم
بىچارىگە رەھىم قىلغىن.
 
مۇنچە كۆيدۈرمەك بەدۇركىم ئاشىقى بىچارەنى،
كىممۇ ئايتغاي ئەرزى ئەھالىمنى جانانىم، ساڭا.
يېشىمى: ئەي جانانىم، بىر بىچارە ئاشىقنى مۇنچىۋالا كۆيدۈرگىنىڭ نېسىمى؟
مېنىڭ بۇ ئەھۋالىمنىڭ بايانىنى ساڭا كىممۇ يەتكۈزەر؟
 
دىلبەرا، سەندى زامان ئايرىلماقىم دۇشۋاردۇر،
تا قىيامەت يىغلاسام يەتكەيمۇ ئەفغانىم ساڭا.
يېشىمى: ئەي دىلبەر، سەندىن بىردەم ئايرىلىشمۇ ماڭا بەسى مۈشكۈل؛ تاكى
قىيامەتكىچە يىغلىسا، ئاندىن مېنىڭ نالە – پىغانلىرىم ساڭا يېتەرمۇ؟
 
كەچە – گۈندۈز يارنىڭ كويىدا ئىچتىم بادائى،
زاھىدا مەنئ ئەتمەگىلكىم باغۇ بوستانىم ساڭا.
يېشىمى: يارنىڭ كوچىسىدا كېچە – كۈندۈز مەي ئىچتىم. ئەي زاھىت، باغ –
بوستانىمنى ساڭا بېرەي، مېنى توسمىغىن.
 
يارنىڭ ۋەسلى جەمالىنى تىلەيدۇر نەۋبەتىي،
رەھم قىل، يا رەب، قەبۇل بولغايكى ئىمانىم ساڭا.
يېشىمى: نەۋبەتىي يار جامالىنى كۆرۈشنى تىلەيدۇ. ئەي پەرۋەردىگار، رەھىم
قىلغىن، ئىمانىم دەرگاھىڭدا قوبۇل بولسۇن.
 
بىرىنچى نۇسخە چۈشۈرگىسى
 
يارنىڭ ۋەسلى جەمالىنى تىلەيدۇر نەۋبەتىي،
رەھم قىل، يا رەب، قەبۇل بولغايكى ئىمانىم ساڭا.
يېشىمى: نەۋبەتىي يار جامالىنى كۆرۈشنى تىلەيدۇ. ئەي پەرۋەردىگار، رەھىم
قىلغىن، ئىمانىم دەرگاھىڭدا قوبۇل بولسۇن.
 
ئىككىنچى نۇسخە
 
گۇل ياقا چاك ئەيلەدى، رۇخسارى ئالىڭنى كۆرۈپ،
سەرۋى ئەرئەر تىترەدى، نازۇك نىھالىڭنى كۆرۈپ.
يېشىمى: گۈل ھال رەڭ يۈزۈڭنى كۆرۈپ ياقىسىنى يىرتتى، تاغ سەرۋىسى نازۇك
بويۇڭنى كۆرۈپ تىترەپ كەتتى.
 
ياڭى ئاي قان يىغلادى، ئەرمەس شەفەق چەرخ ئۈزرە كىم،
قامەتىن خەم ئەيلەبان، مۇشكىن ھىلالىڭنى كۆرۈپ.
يېشىمى: يېڭى چىققان ئاي سېنىڭ ئىپار ھىدلىق ئەگىم قاشلىرڭنى كۆرۈپ،
قامىتىنى ئېگىپ قان يىغلىدىكى، كۆكتىكى شەپەق ئەمەس، ئۇ قاندۇر.
 
سەير ئەتىپ كۆڭلۈم قۇشى باغلاندى زۇلفۇڭ دامىغا،
دانە تەڭلىغكىم لەبىڭ ئۈستىدە خالىڭنى كۆرۈپ.
يېشىمى: كۆڭلۈم قۇشى لېۋىڭ ئۈستىدىكى دان كەبى خالىڭنى كۆرۈپ ئۇچۇپ كەلدى –
دە، چېچىڭنىڭ دامىغا چۈشۈپ قالدى.
 
خىزر سۈيى بىرلە ئىيسا باشۇنۇپ بولدى خەجىل،
ئائلىڭ ئىچرە ناگەھان شىرن زۇلالىڭنى كۆرۈپ.
يېشىمى: ياقۇتتەك لەۋلىرىڭ ئىچىدىكى لەززەتلىك سۇنى كۆرۈش بىلەنلا،
ھاياتلىق بەخش ئۈتكۈچى ئىيسامۇ، خىزىر سۈيى ئابىھاياتمۇ خىجىل بولۇپ
يوشۇرۇنىۋالدى.
 
بىر نەفەس جان تۇرماسۇن تەندە، سەنى گەر كۆرمەسەم،
خىزرى ئۇمرىدۇر ماڭا ئۆلسەم جەمالىڭنى كۆرۈپ.
يېشىمى: ئەگەر سېنى كۆېمەيدىغان ئىش بولسا، جېنىم تېنىمدە بىر تەپەسمۇ
تۇرمىسۇن. سېنى كۆرۈپ ئۆلگىنىم مېنىڭ خىزىر ئۆمرىنى كۆرگىنىمدۇر.
 
جەننەتۇل فىردەۋس ئارا سەن بولماساڭ، ئەي مەھجەبىن،
تاڭ ئەمەسدۇر كەچسەم ئاندىن چۇن ۋىسالىڭنى كۆرۈپ.
يېشىمى: ئەي ئاي يۈزلۈكۈم، ئەگەر جەننەت بېغىدا سەن بولمىساڭ، ۋىسالىڭغا
يېتىش ئۈچۈن، جەننەتتىن ۋاز كەچسەم ئەجەب ئەمەس.
 
ئەي كۆڭۇل، كويىدا بولدۇڭ نەچە يىلدىن ناتەۋان،
رەھمىسى كەلمەسمۇ بىر، ئازۇردە ھالىڭنى كۆرۈپ.
يېشىمى: ئەي كۆڭۈل، ئۇنىڭ كوچىسىدا نەچچە يىلدىن بېرى ناتىۋان بولۇپ
ياتتىڭ، بۇ ئازاپلىق ھالىڭنى كۆرگىنىدە، ئۇنىڭ بىر رەھمىسى كەلمەسمۇ؟
 
ئەھلى دۇنيانىڭ ئىپەك تونىنى قىلما ئارزۇ،
ئەي فەقىر، شۇكر ئەت، چۇبۇلغان ئەسكى شالىڭنى كۆرۈپ.
يېشىمى: ئەي يوقسۇل، كىيىمىڭ يىرتىق بولسىمۇ، شۈكۈر قىل، دۇنيا ئەھلىنىڭ
يىپەك تونىنى ئارزۇلاپ كەتمە.
 
مەھزۇنا، مەي ئىستەسەڭ سىندۇر كۆڭۈلنى، بول گەدا،
دەير پىيرى مەي بەرۇر، سۇنغان سوفالىڭنى كۆرۈپ.
يېشىمى: ئەي مەھزۇن، مەي ئىزلىسەڭ، كۆڭلۈڭنى ئۆلتۈرۈپ قەلەندەر بول؛
مەيخانا ساھىبى سېنىڭ سۇنغان ساپال قاچاڭنى كۆرۈپ، مەي بېرىدۇ.
 
ئىككىنچى نۇسخە چۈشۈرگىسى
 
مەھزۇنا، مەي ئىستەسەڭ سىندۇر كۆڭۈلنى، بول گەدا،
دەير پىيرى مەي بەرۇر، سۇنغان سوفالىڭنى كۆرۈپ.
يېشىمى: ئەي مەھزۇن، مەي ئىزلىسەڭ، كۆڭلۈڭنى ئۆلتۈرۈپ قەلەندەر بول؛
مەيخانا ساھىبى سېنىڭ سۇنغان ساپال قاچاڭنى كۆرۈپ، مەي بېرىدۇ.
 
مۇستەھزاد
 
ئارەزىڭنى باغ ئارا چۈن كۆردى، ھەيران بولدى گۇل،
بەگسىز قلدى نەدىنكىم، بەس، پەرىشان بولدى گۇل.
يېشىمى: باغىدىكى گۈل جامالىڭنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. پەرىشان بولغانلىقىدىن
ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ كەتتى.
 
بادەدىن گۇل گۇل كۆرۈپ ئول يۈزنى، ئانىڭ ھەجرىدىن،
چاك – چاك ئولغان كۆڭۈلدەك تەھ – بەتەھ قان بولدى گۇل.
يېشىمى: گۈل، مەينىڭ تەسىرىدىن گۈلدەك قىزارغان يۈزنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ
پىراقىدا، تىلىنغان يۈرەكتەك قاتمۇ – قات قانغا ئايلاندى.
 
گۇلئوزارىم كىشۋەرى ھۇسن ئىچرى بولدى پادىشاھ،
راست ئانداغكىم چەمەن مۈلكىدە سۇلتان بولدى گۇل.
يېشىمى: خۇددى گۈل چىمەنلىك پادىشاھلىقىدا سۇلتان بولغىنىدەك، گۈل يۈزلۈكۈم
ھۆسن – جامال مەملىكىتىدە پادىشاھ بولدى.
 
سەير باغ ئەيلەردە دەرۋان چەشمى زەخمى دەفئىغە،
ھەر تەرەفدىن چابۇكۇم دەۋرىدە قالغان بولدى گۇل.
يېشىمى: گۈزىلىم باغنى سەيلە قىلغاندا، دەۋرنىڭ كۆز تېگىپ قالمىسۇن دەپ،
گۈللەر ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئوراپ قالغان بولدى.
 
لەئلى كامىمدۇر قاشىغا كەلسە ئول گۇل خىرمەنى،
مەي تىلەر كۆڭلۈم چۇ بەزمىدە فەراۋان بولدى گۇل.
يېشىمى: ئۇ گۈلزارىم قېشىمغا كەلسە، ياقۇت لېۋىدىن خۇددى مەيگە تەشنا
كۆڭلۈم بەزمىدە مەيەە قانغاندەك قېنىپ بەھرىمەن بولسام دەيمەن.
 
كەچە – گۈندۈز قىلما گۇلبانگىڭنى، بەس، ئەي ئەندەلىب،
كىم ساڭا بەش گۈن بۇ گۇلشەن ئىچرە مىھمان بولدى گۇل.
يېشىمى: ئەي بۇلبۇل، كېچەك – كۈندۈز سايراۋەرمە، ئەمدى بولدى قىل، چۈنكى بۇ
گۈلشەندىكى گۈللەر ساڭا بەش كۈنلۈك مېھماندۇر.
 
گۇل چاغى يارى سەفەر ئەيلەپ، نەۋائىي جانىغا،
ھەر بىرى بىر تازە قانلىغ داغى ھىجران بولدى گۇل.
يېشىمى: گۈل پەسلىدە يارى سەپەرگە كەتتى – دە، جۇدالىق نەۋائىينىڭ جېنىغا
يېڭىدىن گۈلدەك قانلىق داغلارنى سالدى.
 
جۇلا
 
خىلئەتى جانغا مۇنەققەش ئولدى جانان سۇرەتى،
بولدى جانان سۇرەتى بۇ جىسم ئارا جان سۇرەتى.
يېشىمى: جاناننىڭ سۈرىتى ۋۇجۇدۇمغا نەقىشلەندى، بەلكى ئۇ جىسمىمغا جان بولدى.
 
جاننى جانانغا نىسار ئەتتىم، پەرىمۇ، ھۇرمۇ،
قالمادى، ئەي دوستلاركىم، مەندىن ئىنسان سۈرەتى.
يېشىمى: ئۇ جانان مەيلى پەرى بولسۇن ياكى ھۆر بولسۇن، مەن جېنىمنى ئۇنىڭغا
بېغىشلىۋەتتىم. ئەي دوستلار، ئەمدى مەندە ئىنسان سىياقى قالمىدى.
 
ئىزدەبان كەزدىم جەھاننى تاپمادىم سالىپ سوراغ،
زارنى سەرگەشتە ئەيلەپ قىلدى ھەيران سۇرەتى.
يېشىمى: ئىزدەپ سوراپ، جاھاننى كېزىپمۇ ئۇنى تاپالمىدىم. ئۇنىڭ سىماسى مەن
بىچارىنى ھەيران ۋە سەرگەردان قىلىۋەتتى.
 
ئوتغا تۈشكەن قىل كەبى جانىمنى ئەتتى پىچ – پىچ،
ھەلقە – ھەلقە ئەيلەدى زۇلفى پەرىشان سۇرەتى.
يېشىمى: ھالقا – ھالقا بۇدۈر چاچلىرى يېيىلىپ تۇرغان سىماسى كۆز ئالدىمدا
گەۋدىلىنىپ، جېنىمنى ئوتقا چۈشكەن قىلدەك پۇچىلىۋەتتى.
 
خەنجەررى ھىجران ھۇجۇمى ئەيلەدى باغرىمنى چاك،
بىر قىيا باقماق بىلە ئول غۇنچە خەندان سۇرەتى.
يېشىمى: قىزىلگۈلنىڭ غۇنچىسىغا ئوخشايدىغان ئۇ گۈزەل يار قىياغىنا بىر
باققانىدى، جۇدالىق خەنجىرى ھۇجۇم قىلىپ، باغرىمنى تىلىۋەتتى.
 
تىيرە كۆڭلۈمنى مۇنەۋۋەر ئەيلەسە، يوقدۇر ئەجەب،
ەنييىرى ئەئزەم بولۇپ خۇرشىدى رەخشان سۇرەتى.
يېشىمى: ئۇنىڭ تاۋلىنىپ تۇرغان قۇياشتەك گۈزەل نۇرلۇق سىماسى قاراڭغۇ
دىلىمنى «لاپپىدە» يورۇتىۋەتسە، ئەجەب ئەمەس.
 
تەلبە راي ئەتتى كۆڭۈل يادى بىەل مەجنۇن كەبى،
ئەيلەدى ئالەم ئەلىدىن بىزنى پىنھان سۇرەتى.
يېشىمى: ئۇنىڭ خىيالى مېنى مەجنۇندەك تەلۋىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەممە خەلقتىن
ئايرىۋەتتى.
 
رەھم ئەتىپ مەن تەلبەگە قىلسا ئۆزىنى ئاشكار،
زاھىر ئولغاي ئول پەرىدىن لۇتفۇ ئىھسان سۇرەتى.
يېشىمى: رەھىم قىلىپ، مەن تەلۋىگە جامالىنى بىر كۆرسەتسە، شۇنداقلا ئۇ
پەرىدىن مەرھەمەت ۋە ئېھساننىڭ سۈرىتى نامايان بولغان بولىدۇ.
 
ئۆلگۈنچە قىلسام تەلەب ۋەسلى مۇيەسسەرمۇ ئىكىن،
ئەسلىنى تاپماق بەسى مۇشكىلكى ئاسان سۇرەتى.
يېشىمى: ئاخىرقى ئۆمرۈمگىچە تىرىشسام ۋەسلىگە يېتەلىشىم مۇمكىنمىكىن. ئۇنىڭ
سىماسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش ئاسان، لېكىن ئۆزىنى تېپىش ناھايىتى مۈشكۈل.
 
دانە – دانە ئەيلەسەم ئەشكىمنى چۇن ئەبرى بەھار،
كۆزدىن ئاقغان سۇ بولادۇر لەئلى رۇممان سۇرەتى.
يېشىمى: كۆزۈمدىن خۇددى باھار بۇلۇتىدىن يامغۇر قويۇلغاندەك تۆكۈلگەن تارام
– تارام ياش تامچىلىرى ئانارنىڭ دانىلىرىغا ئوخشاش قىزىل چۈشىدۇ.
 
ئايتىپ – ئايتىپ يىغلاساڭ، مەسئۇد، يوقدۇر ھەمدەمىڭ،
بىدەۋا دەردىڭغە بولماي سىھھەت ئىمكان سۇرەتى.
يېشىمى: ئەي مەسئۇد، قانچە قاخشاپ يىغلىغىنىڭ بىلەن يېنىڭدا ھەمنەپەس
ئۈلپىتىڭ بولمىسا، بۇ ساقايماس دەردىڭنى داۋالاشنىڭ ئىمكانىيىتىمۇ بولمايدۇ.
 
خۇلا چۈشۈرگىسى
 
ئايتىپ – ئايتىپ يىغلاساڭ، مەسئۇد، يوقدۇر ھەمدەمىڭ،
بىدەۋا دەردىڭغە بولماي سىھھەت ئىمكان سۇرەتى.
يېشىمى: ئەي مەسئۇد، قانچە قاخشاپ يىغلىغىنىڭ بىلەن يېنىڭدا ھەمنەپەس
ئۈلپىتىڭ بولمىسا، بۇ ساقايماس دەردىڭنى داۋالاشنىڭ ئىمكانىيىتىمۇ بولمايدۇ.
 
سەنەم
 
ئەگىز – ئەگىز تاغ باشىدا چىراق كۆيەدۇر،
چىراق ئەمەس يارنىڭ ئوتى يۈرەك كۆيەدۇر.
يېشىمى: ئېگىز تاغنىڭ چوققىسىدا چىراغ كۆيىۋاتىدۇ، ياق، چىراغ ئەمەس،
يارنىڭ ئوتى بىلەن تولغان يۈرەك كۆيىۋاتىدۇ.
 
ئەگىز – ئەگىز تاغ باشىدىن سارىلدىم تۈزگە،
قىزىلگۈنىڭ غۇنچەسىدەك ئەگىلدىم سىزگە.
يېشىمى: ئېگىز تاغنىڭ چوققىسىدىن تۆۋەندىكى تۈزلەڭلىككە سىرىلدىم. سىزگە
قىزىل گۈنىڭ غۇنچىسىدەك ئېگىلدىم.
 
قىزىلگۈلنىڭ غۇنچەسىدەك كۆرۈنگەن يارىم،
قىزىق تەنۇر ئاتەشىدەك كۆيۈنگەن يارىم.
يېشىمى: قىزىلگۈنىڭ غۇنچىسىدەك كۆرۈنگەن كېلىشكەن يارىم، قىزىق تونۇرنىڭ
ئوتىدەك كۆيۈنگەن كۆيۈمچان يارىم.
 
چوڭ سەلىقە
 
جانا، يۈزۈڭنى كۆرگەلى كەلدىم،
شەكەر لەبىڭنى سۆيگەلى كەلدىم.
يېشىمى: ئەي جان، جامالىڭنى كۆرگىلى، شېكەر لېۋىڭگە سۆيگىلى كەلدىم.
 
ئەي خاجەئى ھۇسن، بەندەڭ بولايىن،
قۇلدەك ئىشىكدە تۇرغالى كەلدىم.
يېشىمى: ئەي ھۆسن – جامال، خۇجىسى ساڭا قۇل بولاي، ئىشىكتە قۇلدەك تۇراي،
دەپ كەلدىم.
 
ئۇچرادى ناگاھ ئەھلى مۇھەببەت،
قىيمەن بەھانى ئالغالى كەلدىم.
يېشىمى: توساتتىن مۇھەببەتنى بىلىدىغان يار ئۇچراپ قالدى، ئاشىقلار ئىچىدە
ئەڭ يۇقىر باھانى ئالغىلى كەلدىم.
 
مەشرەبكە تەگسە بىر كاسەئى دەرۋان،
بەش گۈن جەھاندا تۇرغالى كەلدىم.
يېشىمى: مەشرەبكە دەۋرنىڭ بىر قەدەھ شارابى تەگسە كۇپايە، بۇ جاھاندا بەش
كۈن تۇرغىلى كەلدىم.
 
كىچىك سەلىقە
بىرىنچى ئاھاڭ
 
يولدا بىر مەھۋەشنى كۆردۈم ئۆزگەچە رەفتارى بار،
باشىدا گۇلگۇن جەلاسى، ئۆشنىدە زۇننارى بار.
يېشىمى: يولدا شۇنداق بىر ئايجامالنى كۆردۈمكى، ئۇ بېشىغا گۈل رەڭلىك
قالپاق كىيگەن، بوينىغا زۇننار ئاسقان ھالدا چىرايلىق مېڭىپ كېتىۋاتاتتى.
 
قەتلىئام ئەيلەرگە چىقمىش يانىغا باغلاپ قىلىچ،
ئەڭنىگە كىيگەن غەزەبدىن چەكمەنى گۇلنارى بار.
يېشىمى: ئۇ غەزەپتىن پۈتكەن قىزىل چەكمەن كىيىپ، يېنىغا قىلىچ ئاسقىنىغا
قارىغاندا، قەتلىئام قىلغىلى چىققان ئوخشايدۇ.
 
دەم بەدەم ئۆرتەپ ۋۇجۇدۇم خىرمەنىن كۈل قىلغاىلى،
ھەي – ھەي، ئول قاتىلنىڭ ئىكى ئاتەشىن رۇخسارى بار.
يېشىمى: ۋاي – ۋاي، ئۇ قاتىلنىڭ ئوتلۇق ئىككى مەڭزى ۋۇجۇدۇم خامىنى
دەممۇدەم ئۆرتەپ كۈل قىلىۋېتىدىغاندەك قىلىدۇ.
 
شوخلۇقىدىن ئويناشىپ جان ئالسا ھەر دەم كۆزلەرى،
غەم ئەمەستۇر جان بەرۈردە لەئلى شەكەر بارى بار.
يېشىمى: ئويناپ تۇرغان كۆزلىرى شوخلۇق قىلىپ جاننى ئالسا، نېمە غەم، جان
بېرىدىغانغا شېكەر تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان لەۋلىرى بارغۇ.
 
بۇسە ئىستەپ كۆزلەرىم سۈرسەم ئاياغىن سۇنمادى،
دەدى ئول بىرەھم كافىر ئىشۋە بىرلە: «نەرى بار».
يېشىمى: «سۆيەي، كۆزۈمگە سۈرتەي» دېسەم، ئايىغىنى سۇنۇپمۇ بەرمىدى. ئۇ
رەھىمسىز قارا كۆز يار ناز قىلىپ: «نېرى بار!» دېدى.
 
ئەي مۇسۇلمانلار، ھەزەر ئەيلەپ قاچىڭلار ھەر تەرەف،
دىننى غارەت قىلغالى كۆپرەك بۇ گۈن ئازارى بار.
يېشىمى: ئەي مۇسۇلمانلار، ھەزەر ئەيلەپ، تەرەپ – تەرەپكە قېچىپ كېتىڭلار،
بۈگۈن ئۇ نازىنىن دىننى بۇلاش ئۈچۈن، جازا يۈرۈشى قىلغۇدەك.
 
ئۆلسە مەندەك ئاجىزۇ مەھزۇن گەدا، پەرۋاسى يوق،
بىر قولىدا جامى مەي، بىر ئىلكىدە سەتارى بار.
يېشىمى: بىر قولىدا مەي قەدىھى، يەنە بىر قولىدا ساتارى تۇرۇپتۇ، مەندەك
بىچارە ھەسرەتلىك گاداي ئۆلۈپ قالسىمۇ، پەرۋا قىلمايدۇ.
 
ئىككىنچى ئاھاڭ
 
ئەرزىمنى ئايتاي بادى سەباغا،
بىزدىن دۇئالار ئول دىلرەباغا.
يېشىمى: ئەي تاڭ شەمىلى، ساڭا ئەرزىمنى بايان قىلاي، مەندىن ئۇ دىلرەباغا
سالام دېگىن.
 
كۆزلەرى چوپان، سەرۋى خىرامان،
زۇلفى پەرىشان، قاشى قارارغا.
يېشىمى: ئۇ كۆزلىرى چولپان، گۈزەل سەرۋى، چاچلىرى بوستان، قارا قاش يارغا
تىلەك – دۇئايىمنى يەتكۈز.
 
ئۇچدى كۆزۈمدىن ئول پەرى ياڭلىغ،
تاشلادى كەتتى تۈرلۈك بەلاغا.
يېشىمى: ئۇ پەرى سۈپەت يار كۆزۈمدىن ئۇچۇپلا كەتتى، مېنى تۈرلۈك بالاغا
تاشلاپ قويۇپ كەتتى.
 
دەردى فىراقىڭ ئەيلەدى بىمار،
قايدا بارايىن ئەمدى دەۋاغا.
يېشىمى: پىراقىڭنىڭ دەردى مېنى كېسەل قىلىۋەتتى، بۇنىڭغا شىپالىق ئىزدەپ
ئەمدى نەگىمۇ باراي؟
 
ھەجرىڭدە تىنماي قىلىدىم فىغانلار،
يەتتى بۇ نالەم ئەرزۇ سەماغا.
يېشىمى: ھىجران ئازابىدا تىنماي نالە قىلدىم، مېنىڭ دات – پىغانلىرىم
ئاسمان – زېمىننى قاپلىدى.
 
قىلغىل تەرەھھۇم، ئەي يارى جانىم،
لايىق ئەمەسمەن جەبرۇ جەفاغا.
يېشىمى: ئەي جېنىم يارىم، ماڭا رەھىم قىلغىن، مۇنچىۋالا جەۋر جاپىنى مەن
كۆتۈرەلمەيمەن.
 
يول بەرمەدىلەر ماڭا رەقىبلەر،
چىقدىم باش ئالىپ ئول كەربالارغا.
يېشىمى: رەقىبلەر ساڭا ئېرىشىشىمگە يول قويمىدى، شۇڭا ئەل – جامائەتتتىن
ئايرىلىپ، بېشىمنى ئېلىپلا كەربالا چۆلىگە چىقىپ كەتتىم.
 
دەردۇ غەم ئىچرە سارغاردى يۈزۈم،
تاپشۇرۇپ ئاخىر قادىر خۇداغا.
يېشىمى: دەرد ۋە غەم تۈپەيلىدىدىن چىرايىم سارغايدى، ئاخىرى (ئۆزەمنى ۋە
ئىشلىرىمنى) قۇدرەتلىك خۇداغا تاپشۇرۇدۇم – ئاللاھغا تەۋەككۈل قىلدىم.
 
دىلخەستە مەشرەب قىلماسمۇ فەرياد،
جەللاد كۆزلەرى ئالسا ئاراغا.
يېشىمى: يارنىڭ جان ئالغۇچى كۆزلىرى ئىسكەنجىگە ئېلىۋالسا، بىچارە مەشرەب
پەرياد قىلماي قانداق قىلىدۇ؟
 
ئۈچىنچى ئاھاڭ
 
نەرگىسىنىڭ جادۇسىدىن ھەر دەم يۈرەك قاندۇر ماڭا،
سۇنبۇلۇڭ سەۋداسىدىن خاتىر پەرىشاندۇر ماڭا.
يېشىمى: جادۇ كۆزلىرىڭ تۈپەيلىدىن يۈرىكىم ھەمىشە قان، سۇنبۇل چاچلىرىڭنىڭ
سەۋداسىدىن كۆڭلۈم پەرىشاندۇر.
 
ئىشقدىن بىر زىندەگانلىغ ئاڭلادىم، دۇشۋار ئەمىش،
ئەمدى بىر سائەت جۇدا بولماق نە ئىمكاندۇر ماڭا.
يېشىمى: ئۇنىڭ ئىشقى تۈپەيلىدىن ھاياتىمنىڭ مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ
قالغانلىقىنى بىلدىم، ئەمدى ئۇنىڭدىن بىر سائەتمۇ ئايرىلىشىم مۇمكىن ئەمەس.
 
نالە قىلسام ئەردى رەھمى قىلغاي ئەردىڭ، ۋاھ، قەنى،
كىم فىراقىڭ زەئفىدىن بىر چىقماغان جاندۇر ماڭا.
يېشىمى: نالە قىلالىغان بولسام، رەھىم قىلار ئىدىڭ، ۋاھ، قېنى شۇ نالە؟
پىراقىڭدا شۇ قەدەر زەئىپلىشىپ كەتتىمكى، تېنىمدە چىقمىغان بىرلا جان قالدى.
 
نە قىلاي گۇلشەن تەماشاسىنى، ئەي گۇلچىھرە كىم،
باغى رىزۋان ئولسا سەنسىز، بەيتۇل ئەھزاندۇر ماڭا.
يېشىمى: ئەي گۈل يۈزلۈك يار، گۈلشەننى تاماشا قىلىپ نېمە قىلاي؟ سەن
بولمىساڭ، جەننەت بېغىمۇ ماڭا غەم – غۇسسە ماكانىدۇر.
 
ئەبر ئەمەس ھەم دەم دۇرەفشان، ئەي ئايازى، كويىدا،
ھالى زارىمنى كۆرۈپ ئەفلاك گىريانىدۇر ماڭا.
يېشىمى: ئەي ئايازىي، توىتىماي ئۈنچە – مەرۋايىت تۆكۈۋاتقىنى بولۇت ئەمەس،
بەلكى مېنىڭ ئۇنىڭ كوچىسىدا خارۇزار يۈرگەن ھالىتىنى كۆرۈپ، يىغلاۋاتقان
پەلەكتۇر.
 
تۆتىنچى ئاھاڭ
 
ئەي زۇھۇرى ئافتابىڭدىن تۈشۈب ئەئيان ئارا،
زەررە يەڭلىغ ھەر تەرەف جان ئەۋرۈلۈر تابىدان ئارا.
يېشىمى: ئەي، جامالىڭ قۇياشنىڭ نۇرى مەۋجۇتلۇق ئالىمىگە چۈشتى، جانلار
ئۇنىڭ ئەتراپىدا زەررىچىلىلەردەك چۆگىلىدى.
 
ئەيلەدىڭ بارى ئەمانەتكە ئەمىن ئادەمنىكىم،
بۇ جىھەتدىندۇر زۇھۇرىي كامىلىڭ ئىنسان ئارا.
يېشىمى: سەن پۈتكۈل ئامانەتنى ئىشەنچىلىك ئادەمگە تاپشۇردۇڭ، شۇڭا ئىنساندا
سېنىڭ مۇكەممەل قىياپىتىڭ نامايەن بولدى.
 
گەر تەجەللىئى جەمالىڭدىن چەمەندە بولماسا،
نە دۇر ئەفغان قىلغالى بۇلبۇلغا ھەم بوستان ئارا.
يېشىمى: ئەگەر جامالىڭنىڭ نۇرلىرى چىمەندە جىلۋە قىلمىسا، بۇبۇل نېمە دەپ
بوستاندا نالە – پىغان قىلىدۇ؟
 
جۇملە ئەشيادۇر نىھالى ئىئتىدالىڭغا تانۇق،
كىمكى ئارىفدۇر ئاڭا بۇ راستدۇر، يالغان ئارا.
يېشىمى: پۈتكۈل شەيئىلەر سېنىڭ كېلىشكەن قامىتىڭدىن گۇۋاھلىق بىرىپ
تۇرۇپتۇ. كىمكى ھەقنى تونۇسا، بۇ ھەقىقەتنى ھەرقانداق ئەھۋالدا (ھەتتا
يالغان نەرسىلەر ئارىسىدا قالغاندىمۇ) ھېس قىلالايدۇ.
 
تا سەنىڭ سەۋايى زۇلفۇڭ تۈشكەلى ھەر باشغا،
يۈز تۈمەن غەۋغا تۈشۈپدۇر جۇملە ئىنسۇ جان ئارا.
يېشىمى: ھەر بىر كاللىغا سېنىڭ چاچلىرىڭنىڭ سەۋداسى چۈشكەندىن بېرى، پۈتكۈل
جانلىقلار ۋە ئىنسانلار ئارىسىدا، يۈز تۈمەن خىل غوۋغا پەيدا بولدى.
 
ئول بەلى ھۇكمىدە بولدى جانىما يۈز مىڭ بەلا،
دەردۇ غەم مەھزۇن كۆڭۈلگە، مىھرى ئىشقىڭ جان ئارا.
يېشىمى: غەمكىن كۆڭۈلنىڭ نېسىۋىسى دەرد ۋە غېمىڭ بولدى، مېھرى مۇھەببىتىڭ
جان ئىچىدىن ئورۇن ئالدى، جېنىمغا يۈز مىڭ ئاپەت بولىدىغان بۇ ئىشقا
«شۇنداق، ئەلھۆكمۇلىللاھ» دېمەيمۇ بولمىدى. ياكى ئىشق ئوتۇڭ دىلىمغا ھەسرەت
ۋە غەم، جېنىمغا يۈز مىڭ ئاپەت جەم قىلغان بولسىمۇ، «شۇنداق،
ئەلھۆكمۇلللاھ» دېمەي بولمىدى.
 
مەزھەرىي، بولغىل قەنائەت كۇنجىدا، ۋىيرانە تۇت،
زاھىر ئولغاي گەنجلەر شايەد ساڭا ۋىيران ئارا.
يېشىمى: ئەي مەزھەرىي، خارابىيگە ماكانلاش، قانائەت بۇرجەكلىرىدىن ئورۇن
ئال، بەلكىم خارابىيلار ئارىسىدىن ساڭا خەزىنىلەر ئوچراپمۇ قالار.
 
بەشىنچى ئاھاڭ
 
ئەي سەبا، بەرگىل خەبەر، ئول شاھسەۋارىم كەلدىمۇ؟
لۇتف ئەتىپ ھالىم سورارغا ھەمدىيارىم كەلدىمۇ؟
يېشىمى: ئەي تاڭ شامىلى، خەۋەر بەرگىنە، مېنىڭ ئۇ چەۋەندازىم كەلدىمۇ،
شەپقەت قىلىپ ھالىنى سوراشقا يۇرتدىشىم كەلدىمۇ؟
 
كەلسە يارىم ھەر زەمان غەمكىن كۆڭۈل تاپغاي ئارام،
خەستە كۆڭلۈم شاد ئەتىپ، ئول نەۋ بەھارىم كەلدىمۇ؟
يېشىمى: يارىم قاچانلار كەلسە، غەمكىن كۆڭۈل ئارام تاپاتتى. خەستە كۆڭلۈمنى
خۇشال قىلىشقا شۇ باش باھارىم كەلدىمۇ؟
 
كەلسە ناگاھ بولغۇسى گويا ماڭا فەسلى بەھار،
ئاچىلىپ چۇن لالە ئەھمەر گۈلئۇزارىم كەلدىمۇ؟
يېشىمى: ئۇ كەلگەن ھامان، گويا ماڭا باھار پەسلى يېتىپ كەلگەندەك بولىدۇ؛
گۈل يۈزلۈك يارىم قىزىل لالىدەك ئېچىلىپ كەلدىمۇ؟
 
فۇرقەتىدە ئۆرتەنىپ، جىسمىم زەئىف ئولدى، نەتەي،
بولغۇسىدۇر دەردىمە دەرمان، يارىم كەلدىمۇ؟
يېشىمى: قانداق قىلارمەن، ئۇنىڭ پىراقىدا كۆيۈپ، جىسمىم زەئىپلىشىپ كەتتى؛
بۇ دەردىمگە دەرمان بولىدىغان (كېسىلىمگە شىپا بولىدىغان) يارىم كەلدىمۇ؟
 
ۋاسىل ئولسام ھەر زەمان شىرىن لەبىدىن نۇش ئەتىپ،
كامى دىل ھاسىل ئەتىبان زورگارىم كەلدىمۇ؟
يېشىمى: ئۇنىڭ ۋىسالىغا يەتكەن زامان، شېرىن لەۋلىرىدىن شوراپ سۆيسەم
دەيمەن، مۇرادىمنى ھاسىل قىلىپ، ئۇ دەۋر – زامانىم كەلدىمۇ؟
 
كەيف قىلدىكىم مەنى ئىشقۇ مۇھەببەت بادەسى،
تۇتىئى شىرىن زەبان، كۆزى خۇمارىم كەلدىمۇ.
يېشىمى: ئىشق – مۇھەببەت شارابى مېنى مەست قىلدى، شاھ تۇتىدەك شېرىن
سۆزلۈكۈم، خۇمار كۆزلۈكۈم كەلدىمۇ؟
 
كىچىك سەلىقە چۈشۈرگىسى
 
سىدق بىرلە جۇستىجۇ قىل يارنى، ئەي نەۋبەتىي،
قالمادى سەبرۇ تەھەممۇل، ئول نىگارىم كەلدىمۇ؟
يېشىمى: «ئەي نەۋبەتىي، يارنى چىن دىلىڭ بىلەن ئىزدە» دەيدۇ. بىراق، سەۋر –
تاقەت قالمىدى، قاراپ بېقىڭلار، ئۇ گۈزىلىم كېلىپ قالدىمۇ – يا؟
 
پىشرەۋ
 
بولدى يۈزۈڭدىن ئەلەم مۇنەۋۋەر،
قەنى سەنىڭتەك روھى مۇسەۋۋەر.
يېشىمى: يۈزۈڭنىڭ نۇرىدىن ئالەم يورىدى، سېنىڭدەك مەنىۋىيىتى گۈزەل يەنە
تېپىلارمۇ!
 
سەۋدى بۇ جانىم كۆز بىرلە ئاغزىڭ،
ئانداغكى تۇتى بادامۇ شەكەر.
يېشىمى: خۇددى شاتۇتى بادام بىلەن شېكەرنى ياخشى كۆرگەندەك، مېنىڭ بۇ جېنىم
كۆزۈڭ بىلەن ئاغزىڭنى ياخشى كۆرۈپ قالدى.
 
زۇلفۇڭ بىلە يۈز كەچەيۇگۈندۇز،
لەئلىڭ بىلە سۆز قەندى مۇكەررەر.
يېشىمى: چېچىڭ كېچىگە، يۈزۈڭ كۈنگە ئوخشايدۇ؛ لېۋىڭ بىلەن سۆزلىرىڭ بەئەينى
قەنتكە ئوخشايدۇ.
 
مەن تەشنەلەرگە لەئلىڭ شەرابىن،
بەرگىل، سورايىم چۈن ئابى كەۋسەر.
يېشىمى: خۇددى كەۋسەر سۈيىنى تەلەپ قىلغاندەك، مەن تەشناغا لېۋىڭ شارابىنى
بېرىشىڭىزنى تىلەيمەن.
 
گەر شانە قىلساڭ زۇلفۇڭ خەيالىن،
مۇشك ئىلە بولغاي ئالەم مۇئەتتەر.
يېشىمى: ئەگەر چاچلىرىڭنى تارىغىدەك بولساڭ، دۇنيا ئىپار بىلەن ئەتىر
پۇرىقىغا تولۇپ كېتىدۇ.
 
ئاتساڭ كەبۇتەر تەنىنە ئوقنى،
ئاتقاي مۇئەللەق ئول دەم كەبۇتەر.
يېشىمى: كىرپىك ئوقۇڭنى كەپتەرگە ئاتساڭ، كەپتەر شۇئان مۇللاق ئېتىپ چۈشىدۇ.
 
پىشرەۋ چۈشۈرگىسى
 
نە تۇرفە ھافىز كۆيسە ھەمىشە،
ئوت ئەرۇر ئاھى، سىينە چۇ مىژمەر.
يېشىمى: ئاجايىپكى، ھافىزنىڭ ئاھى ئوت، كۆكسى ئىسىقدان، ئۇ ھەمىشە كۆيۈپ
تۇرىدۇ.
 
تەئكىد
 
شەھسەۋارىم ھەر قاچان جەۋلان قىلۇر،
مەھۋ ئولۇپ بىلمان ئۆزۈمنى، ھەق بىلۇر.
يېشىمى: چەۋەندازلارنىڭ شاھى ھەرقاچان جەۋلان قىلىپ چىققىنىدا، ئۆزۈمنى
يوقىتىپ قويىمەن، قالغىنىنى ئاللاھ بىلىدۇ.
 
ئاڭا ھەر كۆزكىم تۈشەر، كىرفىكلەرى،
خەستە كۆڭلۈمگە تىكەندەك سانچىلۇر.
يېشىمى: ئۇنىڭ ھەر قېتىم كۆز تاشلىغىنىمدا، كىرپىكلىرى جاراھەتلىك
يۈرىكىمگە تىكەندەك سانچىلىدۇ.
 
ئاچىلۇر كۆڭلۈم سەمەندى سەيرىدىن،
غۇنچە يەڭلىغكىم سەبادىن ئاچىلۇر.
يېشىمى: تاڭ شامىلى بىلەن غۇنچە ئېچىلغاندەك، ئۇ سەيلىگە ئات سېلىپ چىقسا،
كۆڭلۈم ئېچىلىپ كېتىدۇ.
 
ئايرىلۇر گويا قۇياشدىن بىر شىھاب،
ئاتى نەئلىدىن ھەر ئوتكىم ئايرىلۇر.
يېشىمى: ئېتىنىڭ تاقىسىدىن چىققان ئۇچقۇنلار گوياكى قۇياشتىن ئايرىلغان
يۇلتۇزغا ئوخشايدۇ.
 
ئاھ تارتاردا مەگەر جان پىچ ئۇرار،
ئوى ئاتاردا ھەر قاچىنكىم قايرىلۇر.
يېشىمى: ئوقيا ئوقىنى ئاتقاندا پۈكلىنىپ كەتكەندەك، ھەر ئاھ تارتقىنىمدا
جېنىم پۇچىلىنىدۇ.
 
تەۋسەنى گەردۇننى مەركەب قىلماكىم،
يەر بىلەن راكىبنى ئاخىر تەڭ قىلۇر.
يېشىمى: پەلەكنى ئات قىلىپ مىنمە، چۈنكى ئۇ ئاخىرى مىنگۈچىسىنى يەر بىلەن
يەكسان قىلىدۇ. يەنى پەلەك توسۇن ئېتىنى مىنىۋالغىنىڭ بىلەنمۇ ئاخىر يەر
بىلەن يەكسان (تەڭ) بولىسەن.
 
تىز ئەتەر تىغىڭ نەۋائىي ئىشقىنى،
گەرچە ئوت ئۆچەر، ئەگەر سۇ ساچىلۇر.
يېشىمى: گەرچە ئادەتتە سۇ چېچىلسا ئوت ئۆچىدىغان ئىش بولسىمۇ، ئەمما سېنىڭ
تىغىڭ نەۋائىينىڭ ئىشقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.
 
داستان
بىرىنچى داستان
 
قايسى گۇلشەننىڭ يۈزۈڭدەك بىر گۇلى رەئناسى بار،
قايسى گۇلنىڭ بىر مەنىڭدەك بۇلبۇلى شەيداسى بار.
يېشىمى: قايسى گۈلشەننىڭ يۈزۈڭدەك چىرايلىق گۈلى بار، قايسى گۈلنىڭ
مېنىڭدەك ئاشىق بۇلبۇلى بار.
 
ھۇر بىرلە جەننەتۇل مەئۋانى كۆڭلۈم نەيلەسۇن،
يارنىڭ كويىدا يۈز مىڭ جەننەتۇل مەئۋاسى بار.
يېشىمى: كۆڭلۈم ھۆر بىلەن جەننەت سارىيىنى تىلەپ نېمە قىلسۇن؟ يارنىڭ
كوچىسىدا يۈزمىڭلىغان جەننەت قەسىرى بار.
 
لەئلىدىن خەتتى بۇدۇر ھەر دەم تىرىكلىككە نىشان،
خۇش نىشانىدۇركى ئىكى قاشىدىن تۇغراسى بار.
يېشىمى: ياقۇت لەۋلىرى ئۈستىدىكى مىيىقلىرى ھاياتلىق بەلگىسىدۇر. ئۇ شۇنداق
ئېسىل بىر بەلگەدۇركى، ئۈستىگە ئىككى قېشى بىلەن زىننەت بېرىلگەن.
 
بىر سۈچۈك سۆز بىرلە ئۆلگەن جىسمىمە بەردىڭ ھەيات،
لەئلى جانبەخشىڭدە گوياكىم مەسىھ ئەنفاسى بار.
يېشىمى: ئۆلگەن جىسمىمغا بىرلا شېرىن سۆز بىلەن ھاياتلىق بەردىڭ؛ جان بەخش
ئەتكۈچى ياقۇت لېۋىڭدە ئىيسانىڭ ھېكمەتلىك نەپەسلىرى بار.
 
يۈزى ئۈزرە كالۇلۇ زۇلفىن پەرىشان كۆرگەلى،
ئەي سەئىد، ئاشۇفتە كۆڭلۈمنىڭ ئەجەب سەۋداسى بار.
يېشىمى: ئەي سەئىد، ئۇنىڭ گۈزەل كوكۇلا چاچلىرىنى كۆتگەندىن بېرى، پەرىشان
كۆڭلۈمنىڭ سەۋداسى ئاجايىپ ئۆرلەيدىغان بولۇپ قالدى.
 
ئىككىنچى داستان
 
ئەي سەنىڭ جادۇ كۆزۈڭ سەر فىتنەئى ئاخىر زەمان،
لەبلەرىڭدۇر خەستە كۆڭلۈمگە ھەياتى جاۋىدان.
يېشىمى: ئەي، سېنىڭ جادۇ كۆزۈڭ ئاخىر زامان پىتنىلىرىنىڭ مەنبەسى، لەۋلىرىڭ
بىمار كۆڭلۈمنىڭ ھاياتلىق بۇلىقى.
 
ئەي قۇياش يۈزلۈك سەنە، ھالىم كۆرۈپ رەھم ئەيلەكىم،
يەتتى كۆككە ھەر نەفەس ھەجرىڭدە فەريادۇ فىغان.
يېشىمى: جۇدالىقىڭ تۈپەيلىدىن ھەر نەپەستە چەككەن پەرياد – پىغانلىرىم
كۆككە يەتتى؛ ئەي قۇياش يۈزلۈك گۈزەل، مېنىڭ بۇ ھالىمنى كۆرۈپ، رەھىم قىلغىن.
 
ئەل ئاراسىدا نەچە سىررىمنى پىنھان ساقلادىم،
بۇ سارىغ يۈز ئاشكارا ئەيلەدى سىررى نىھان.
يېشىمى: ئەل ئىچىدە سىرىمنى قانچە يوشۇرۇپ باققان بولساممۇ، سارغايغان بۇ
چىرايىم يوشۇرۇن سىرىمنى ئاشكارىلىۋەتتى.
 
گەر خەيالىڭ بولسا مىھمان كۆڭلۈم ئۆيۈندە دەمى،
ئەيلەگەي يۈز سارى ھەر دەم كۆزلەرىم گەۋھەر فىشان.
يېشىمى: ئەگەر خىيالىڭ كۆڭلۈم ئۆيىدە بىر دەم مېھمان بولسىلا، كۆزلىرىم
يۈزۈم ئۈستىگە توختاۋسىز گۆھەر چاچىدۇ.
 
دەدىم: «ئەي جان، دەردىمە ۋەسلىڭ بىلەن بىر چارە قىل»،
كۈلۈپ ئايتۇر: «ئەي ھۇسەينىي، تۇتما مەندى بۇ گۇمان».
يېشىمى: «ئەي جېنىم، ۋىسالىڭ بىلەن دەردىمگە بىر يەتسەڭچۇ» دېسەم، ئۇ
كۈلۈپ: «ئەي ھۇسەينىي، ماندى مۇنداق ئۈمىدنى كۈتمە» دەيدۇ.
 
ئۈچىنچى داستان
 
نازلىق دىلبەر، بىر سۆزۈم بار ئايتايىن،
چەرخى فەلەك، كۆر، نە جەفا ئەيلەدى.
بىراۋگە كىيگۈزۈپ تاجى خۇسرەۋىن،
بىراۋنى ئەل ئىچرە گەدا ئەيلەدى.
يېشىمى: نازلىق دىلبەر، بىر گېپىم بار ئېيتاي. قارىغىنا، پەلەكنىڭ چاقى
قانداق جاپا سالدى – ھە: بىراۋغا بۈيۈك پادىشاھلىق تاجىنى كىيدۈرسە،
بىراۋنى ئەل ئىچىدە گاداي قىلدى.
 
فەرھادو شىرىن بىلەن ۋامىقۇ ئۇزرا،
ئۇلارنىڭ باشىدا مىڭ تۈرلى سەۋدا.
بارچەنى ئۆلتۈرگەن ۋەفاسىز دۇنيا،
ئاخىرى بارچەنى فەنا ئەيلەدى.
يېشىمى: پەرھات – شىرىن، ۋامىق – ئۇزرالارنىڭ بېشىدا مىڭ تۈرلۈك خاپىلىق
بار؛ ھەممىنى ئۆلتۈرگەن ۋاپاسىز دۇنيا، ئاخىر ئۇ ھەممىنى گۇمران قىلدى.
 
ھەزرەتى داۋۇدنىڭ ئوغلى سۇلايمان،
بىلقىشنىڭ ھەجرىندە يىغلادى چەندان.
يەئقۇب ئوغلى ئۈچۈن دىيدەسى گىريان،
يۇسۇفى كەنئاندىن جۇدا ئەيلەدى.
يېشىمى: ھەرزىتى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايمان بىلقىسنىڭ جۇدالىقىدا كۆپ
يىغلىدى؛ ياقۇپ ئەلەيھىسسالام ئوغلى كەنئانلىق يۈسۈپتىن جۇدا بولغىنىدا،
كۆز يېشى قىلدى.
 
لەيلايۇ مەجنۇن دەرلەر، ئالەمگە ئۇستاد،
جەھاننىڭ غەمىدىن بولمادى ئازاد.
نازلىق دىلبەر، ئىشىت، بۇ چەرخى ناشاد،
بۇ غەرىب جانىمغا جەفا ئەيلەدى.
يېشىمى: «لەيلى – مەجنۇن» ئېيتىدۇ: ئەلەمگە ئۇستاز بولغانلارمۇ جاھاننىڭ
غېمىدىن خالاس تاپمىغان؛ نازلىق دىلبەر، قۇلاق سال، بۇ خاپىغان پەلەك غېرىپ
جېنىمغا جاپا سالدى.
 
تۆتىنچى داستان
 
ئىزدەدىم كۆڭلۈمنى جانان گۈلشەنىدە جان بىلە،
نەچە ئاختارسام كەتىپتۇر بۇ كۆڭلۈ جانان بىلە.
يېشىمى: كۆڭلۈمنى جاننىڭ گۈلشىنىدە جان – جەھلىم بىلەن ئىزدىدىم، قانچە
ئاختۇرساممۇ تېپىلمىدى، بۇ كۆڭۈل جانان بىلەن كېتىپ قاپتۇ.
 
ئاھ، نەيلەي، جان بىلە قالدى بەدەن، كەتتى كۆڭۈل،
كىم قالىپدۇر بۇ جەھاندا مەن كەبى ئارمەن بىلە.
يېشىمى: ئاھ، قانداق قىلاي، جان بىلەن تەن قالدى – يۇ، كۆڭۈل كەتتى. بۇ
جاھاندا مەندەك ئارمندا قالغان كىم بار؟
 
خەنجەرى ھىجران ۋۇجۇدۇمنى قىلىپدۇر زەخمناك،
كۆز يولىدىن جارى ئەيلەپ قاننى يۇپمەن جان بىلە.
يېشىمى: ھىجران خەنجىرى ۋۇجۇدۇمنى يارىدار قىلغاچقا، كۆزلىرىمدىن قانلىق
ياشلىرىمنى ئېقىتىپ، قاننى قان بىلەن يۇيۇۋاتىمەن.
 
ئىشق ۋادىسىدا پۇيە ئەيلەدىم چۈ گەردى باد،
رەشكدىن ھەردەم ئۆچەشتىم چەرخى سەرگەردان بىلە.
يېشىمى: ئىشق ۋادىسىدا خۇددى قۇيۇندەك چۆرگىلەپ يۈردەم؛ كۈندەشلىكتىن بېشى
ئايلانغان پەلەك بىلەن دائىم ئېلىشتىم.
 
تىيرى بارانى مەلامەتكە ھەدەف بولدى باشىم،
باشنى باشقرماق بەسى مۇشكىلكى بۇ باران بىلە.
يېشىمى: بېشىم مالامەتنىڭ ئوق يامغۇرىغا نىشان بولدى. بۇ يامغۇردا باشنى
باشقۇرۇش ناھايىتى قىيىن.
 
غەرق ئەتىپدۇر پەيكەرىمنى، ئاھكىم، گىردابى غەم،
كىم سەلامەت قالغۇسى ئالەمدە بۇ تۇفان بىلە.
يېشىمى: ئاھ، غەمنىڭ قاينىمى ۋۇجۇدۇمنى غەرق قىلدى، بۇ توپان بالاسى بىلەن
جاھاندا كىممۇ ساق قالار؟
 
زۇلف قۇللابىغا بۇ جانۇ كۆڭۈل بولدى ئەسىر،
تەلبە قۇشتەك تەلىپىنۈر ھەر دەم نەۋا ئەفغان بىلە.
يېشىمى: يۈرىكىم بىلەن جېنىم چېچىنىڭ قىسقۇچىغا ئىلىنىپ قالدى. شۇڭا جېنىم
ھەمىشە مۇڭلۇق نالە قىلىدۇ، يۈرىكىم تەلۋە قۇشتەك تەلپۈنىدۇ.
 
زار مەجنۇنغا ۋىسالى بولسا مۇمكىن، نە ئەجەب،
مەرھەبا قىلسا نىگارى لۇتف ئىلە، ئىھسان بىلە.
يېشىمى: مەندەك زار مەجنۇنغا يار ۋەسلىگە ئېرىشىش مۇمكىن بولۇپ قالسا ۋە
نىگارى «خۇش كېلىپسەن» دەپ، رەھىم – شەپقەت بىلەن قارشى ئالسىمۇ ئەجەب ئەمەس.
 
بەشىنچى داستان
 
مۇغەننى چەك مەقامى «راك»نى بەزم ئىچرە مەستانە،
ساچىپ ئەربابى مەئنا لەفزىدىن مەجلىسغە دۇردانە.
يېشىمى: ئەي سازەندە، بەزمىدە دانالار سۆزىدىن ئۈنچىلەرنى چېچىپ «راك»
مۇقامىنى زوق – شوق بىلەن ياڭرات.
 
سەنى ياد ئەيلەبان مۇڭلۇغ كۆڭۈللەر ئەسرۇ مەھزۇندۇر،
كى سەن ھەم ياد ئەتىپ تۈز « چەببەياد»ىڭ، بولما بىگانە.
يېشىمى: سېنى ياد ئېتىپ مۇڭلۇق كۆڭۈللەر ناھايىتى غەمكىن بولدى؛ سەنمۇ
سازىڭنى «چەببەياد» مۇقامىغا تۈز، ئۇنداق ياتلىشىپ كەتمە.
 
چىقىپ قايا نەفەس چىقماقغا بائىس بىلمەسەڭ نەدۇر،
تەرەننۇم قىل «سەگاھ» ئاھەنگى بىرلە نەغمە رىندانە.
يېشىمى: نەپەس ئېلىشتىن مەقسەت نېمە؟ بۇنى بىلمىسەڭ، «سەگاھ» مۇقامى ئاھاڭى
بىلەن نەغمە قىلىپ، مەردانىلىق بىلەن كۈيلە.
 
كۆڭۈل چۈن مۇزتەرىبدۇر، تۆرت مەزھەبدىن نەدۇر مەقسەد،
ئىشىتكىل «چەھارگاھ»نى فەھم قىلغىل سىررى مەيخانە.
يېشىمى: «تۆت مەزھەپتىن مەقسەت نېمە بولغىيدى؟» دەپ كۆڭۈل ئىزتىراپلىققا
چۈمۈلگەندە، «چەھارگاھ» (تۆت ئاھاڭ؛ تۆت زامان؛ تۆت مەيدان) مۇقامىنى
ئاڭلاپ، مەيخانا سىرلىرىنى چۈشەنگىن.
 
كۆڭۈل مۇلكىنى شاھەنشاھى ئشىقىڭ چۈن مەقام ئەتتى،
ئاچىپ يۈز پەنجگاھ نەققارەسىن ئۇرغىلكى قەرزانە.
يېشىمى: كۆڭۈل مەملىكىتىگە ئىشقىڭ خاقانى ئورۇنلاشتى. ئەمدى پەيزىڭ بىلەن،
«پەنجگاھ» ناغرىسىنى دانالارچە سالغىن.
 
ئەرۇر ئىشق ئەھلى كۆپ مەھزۇن باقىپ پەرگارى لەئلىڭغە،
چەكىپ «ئوششاق» ناخۇن بىرلە قىلغىل راست دىۋانە.
يېشىمى: ئاشىقلار چىرايلىق لېۋىڭنى كۆرگەندىن بۇيان، ناھايىتى قايغۇلۇق.
ناخۇنۇڭ بىلەن «ئۇششاق» مۇقامىنى چېكىپ، ئۇلارنى راسا سەۋدايى قىلىۋەت.
 
زىلەيخايى جۇنۇن لەشكەر چەكىپ ئەيلەر سەياسەت كۆپ،
«باياد» ئاھەنگىدىن تاشلارمۇسەن كۆڭلۈمنى زىندانە.
يېشىمى: جۇنۇن زىلەيخاسى لەشكەر تارتىپ، ماڭا كۆپ ھەيۋە – قەھر قىلىدۇ؛
ئەمدى سەن «بايات» مۇقامىنىڭ مۇڭ – زارى بىلەن كۆڭلۈمنى زىندانغا تاشلىماقچىمۇ؟
 
بۇ بەزم ئەھلىگە غەفلەت لەشكەرى يەغما تەرەننۇمدۇر،
كەرەك «نەشئاۋەرەك» تىغى بىلە جەۋلانى مەردانە.
يېشىمى: بۇ بەزمىدىكىلەرگە غەپلەت لەشكىرى ھۇجۇم قىلسا،
«نەشئاۋەرەك» (مۇشاۋەرەك) تىغىنى كۆتىرىپ، مەردانە جەۋلان قىلىش كېرەك.
 
تەكەللۇم ئىستەبان شىرىن لەبىڭدىن بىنەۋا بولغاچ،
كۆيەرمىز بىر «نەۋا» ئۈمىدىدە بىز جەمئىي پەرۋانە.
يېشىمى: شىرىن لېۋىڭدىن بىرەر جۈملە ئاڭلاش ئۈمىدىدە بىچارە بولۇپ قالغان
ۋاقتىمىزدا، ھەممىمىز پەرۋانە بولۇپ، بىر «ناۋا» ئارزۇسىدا كۆيىمىز.
 
دەسۇن كۆڭلۈم مەقامى ئەجز ئارا «ئۆزھال»ىنى، ناقىس،
«ئەجەم» بىرلە «ئىراق» ئەھلى بۇ سىرنى بىلمەسۇن يانە.
يېشىمى: ناقىسنىڭ دىلى ئاجىزلىق ئورنىدا تۇرۇپ، «ئۆزھال»ىنى ئېيىتسۇن،
لېكىن، «ئەجەم» بىلەن «ئىراق» ئەھلى بۇ سىرنى بىلىپ قالمىسۇن.
 
مەشرەب
بىرىنچى مەشرەب
 
گوياكى كۆڭۈل سەرھەدى باغى ئەلەمىمدۇر،
ئاشىقمەنۇ دۇنيانى سۇ ئالسا نە غەمىمدۇر.
يېشىمى: دىلىم گوياكى دەر – ئەلەمنىڭ بېغىمدۇر. مەن بىر ئاشىق، دۇنيانى سۇ
باسقىنىدىن پەرۋايىم پەلەك.
 
بەرقىلىكى فەلەككە چەكەدۇر شۇئلەئى ئاھىم،
فەريادى قىيامەتدە نىشانى ئەلەمىمدۇر.
يېشىمى: پەلەكتە چېقىۋاتقان چاقچاق ئاھىمنىڭ يالقۇنىدۇر. ئۇ قىيامەت كۈنى
بۇ دۇنيادا تارتقان دەرد – ئەلەملىرىمنىڭ بەلگىسى بولىدۇ.
 
يول باشلاغۇچى، كەئبە تەۋافىغا ھاجەت،
ھەر خارۇ خەسى دەشتى سەۋدادى ھەرەمىمدۇر.
يېشىمى: كەبە تاۋىپىغا ۋە يول باشلىغۇچىغا ئېھتىياجىم يوق، باياۋاندىكى ھەر
بىر تىكەن ۋە خەس – خەشەكلەر مېنىڭ ھەرىمىمدىن نىشاندۇر.
 
زىرۇ زەربەرى خالۇ خەتتىڭ بىرلە مۇزەييەن،
رۇخسارۇ قاشىڭ سۇرەتى لەۋھى قەلەمىمدۇر.
يېشىمى: ئاستى خال، ئۈستى مىيىقلىرىنىڭ بىلەن زىننەتلەنگەن جامالىڭ ۋە
قېشىڭ مېنىڭ «لەۋھى قەلەم»ىمنىڭ سۈرىتىدۇر.
 
زۇننارىنى بوينۇمغا سالىپ قىلدى بەرەھمەن،
ئەي تەلەب ۋەلىلىي، نە ئاجايىپ سەنەمىمدۇر.
يېشىمى: ئەي تەلۋە زەلىلىي، ئۇ شۇ قەدەر ئاجايىپ سەنەم (بۇت)كى، زۇننارىنى
بوينۇمغا سېلىپ، مېنى بەرەھمەن (بۇتپەرەس) قىلىۋەتتى.
 
ساڭا يۈز شۇكرق، با رەب، بىزگ ئادىل پادىشاھ قىلىدىڭ،
فەقىر، مىسكىنغە ئول ئابدۇرەشىد ىاننى پەناھ قىلدىڭ.
يېشىمى: ئەي پەرۋەردىگار، ساڭا يۈز قېتىم شۈكرى، بىزگە ئادىل پادىشاھ
بەردىڭ، ئابدۇررەشىدخاننى بىز پەقىر – مىسكىنلەرگە باشپاناھ قىلدىڭ.
 
نەفسىي، كەچە گۈندۈز شۈكرى قىل تەڭرى تەقەددۇسغا،
كى شاھىڭ ھەققىدە قىلماي دۇئا، قاتىغ گۇناھ قىلدىڭ.
يېشىمى: ئەي نەفىسىي، مۇقەددەس تەڭرىگە كېچە – كۈندۈز تەشەككۇر ئېيت، شاھىڭ
ھەققىدە دۇئا قىلمىساڭ، قاتتىق گۇناھ قىلغان بولىسەن.
 
ھەق يولىدا جان كەچىپ بىر جۇستىجۇيى قىلمادىم،
تەۋبە سۇيىدىن تەنىمنى شۇستىسۇيى قىلمادىم.
يېشىمى: ھەق يولىدا جان تىكىپ ئىزدىنەلمىدىم، توۋا سۈيى بىلەن تېنىمنى
يۇيۇپ پاكلىيالمىدىم.
 
ۋاھ، نەچۈك مەقبۇل بولغاي بۇ نەمازىمكىم مەنىڭ،
چۈنكى خۇنامى جىگەر بىرلە ۋۇزۇيى قىلمادىم.
يېشىمى: ئاھ، بۇ نامىزىم قانداقمۇ قوبۇل بولسۇن، چۈنكى سۇ ئورنىدا جىگەر
قېنىم بىلەن تاھارەت ئالالمىدىم.
 
ئۆتدى ئۇمرۇم دۇنيانىڭ مەسلەھەتىدىن، ۋادەرىغ!
ئاخىرەت ئەسبابىدىن بىر تار مۇيى قىلمادىم.
يېشىمى: ۋاي ئېست، ئۆمرۈم بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى بىلەنلا ئۆتۈپ كەتتى،
ئاخىرەت ئۈچۈن، قىلچىلىكمۇ تەييارلىق قىلالمىدىم.
 
كەچەلەر خەسە كۆڭۈل غەمكىن ئۆلۈم قورقۇنچىدىن،
كۆز ياشىم بىرلە يۈزۈمگە ئابىرويى قىلمادىم.
يېشىمى: جاراھەتلەنگەن كۆڭلۈم كېچىلىرى ئۆلۈم ۋەھىمىسىدىن غەمگە چۈمۈش
بىلەن ئۆتتى، كۆز ياشلىرىم بىلەن ئىبادەت قىلىپ، يۈزۈمنى يورۇق (ئۆزەمنى
ئايرويلۇق) قىلالمىدىم.
 
ئەي رەشىدىي، سەن ئۆزۈڭنى بىھۇدە ئاشىق دەمە،
ئىشقنىڭ مەيدانىدا بىر ھايى – ھۇيى قىلمادىم.
يېشىمى: ئەي رەشىدىي، سەن ئۆزۈڭنى ھېچ نېمىدىن ھېچ نېمە يوقلا ئاشىق
دەۋالما، چۈنكى ئىشق مەيدانىدا بىرەر قېتىم «ھاي – ھۇي» دېگۈدەك ئىش قىلىپ
باقمىدىڭ.
 
ئىككىنچى مەشرەب
 
يانە ياز بولدىيۇ تاپتى بوستان نەشۋۇ نەما،
ئەي نەسىمى روھپەرۋەر، خەيرى مەقدەم، بەرھەبا.
يېشىمى: يەنە ياز كەلدى، بوستاندا ھاياتلىق ئويغاندى؛ ئەي جان بېغىشلىغۇچى
باھار شامىلى، قۇتلۇق قەدىمىڭگە مەرھابا.
 
ئەمدى خۇشتۇر ماھپەيكەلەر بىلە گۇلگەشتكىم،
باغى رىزۋانتەك چەمەن بولدى لەتىفۇ جانفىزا.
يېشىمى: بۇ ئاي يۈزلۈكلەر بىلەن گۈل سەيلى قىلىدىغان ئېسىل پەيت؛ چىمەنلەر
جەننەتتەك گۈزەل، ھاياتبەخىشلىك پەيزىگە چۈمدى.
 
ئۇشمۇنىڭتەك فەسلدە مەن ۋەسلى دىلبەردىن يىراق،
ئەسرۇ زۇلم ئولغاي، ئىلاھا، تۇتماسۇن تەڭرى رەۋا.
يېشىمى: مۇشۇنداق پەسلىدە مەن دىلبەرنىڭ ۋىسالىدىن يىراققا قالدىم. ئەي،
ئاللاھ، مۇنچىۋالا قاتتىق زۇلۇمنى ماڭا راۋا كۆرمە.
 
گەرچە بار ئەردى بۇرۇن ئەندەك غۇبارى خاتىرىم،
شۇكر لىللاھكىم، مۇيەسسەر بولدى ئەنۋائى سەفا.
يېشىمى: بۇرۇن گەرچە دىلىمدا ئاز – پاز غۇبار بولسىمۇ، ئاللاھقا شۈركۈركى،
شۇ ئاندا مەن پۈتۈنلەي پاكلىققا مۇيەسسەر بولدۇم.
 
خاھ ئۆلتۈر، خاھ تىرگۈز، ئىختىيار ئىلكىڭدەدۇر،
ئول سەنىڭ نازۇ ئىتابىڭغا مەنىڭ جانىم فىدا.
يېشىمى: سېنىڭ ناز – كەرەشمەڭ ۋە قەھر – غەزىپىڭگە جېنىم پىدا بولسۇن،
مەيلى ئۆلتۈر ياكى تىرىلدۈر ئىختىيار ئۆزەڭدە.
 
5– مۇقام پەنجگاھ مۇقامى تېكىسىتلىرى چوڭ نەغمە قىسمى 216 مىسرا، بەش
داستان 92 مىسرا ۋە ئىككى مەشرەب 34 مىسرا بولۇپ، جەمئىي 342 مىسرا
شېئىردىن تەركىب تاپقان.
 
يۇقىرىقى ئون ئىككى مۇقامنىڭ تېكىستى ۋە يېشىمى بېيجىڭ مەكىزىي مىللەتلەر
ئۇنىۋېرسىتېتى تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئابدۇرەئوپ
پولات تەكلىماكانىي ئەپەندىمنىڭ «ئەسلى يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى
مۇقام تېكىستلىرى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.     
                             «زۇلقار مەتبەئەچىلىكى» دە تىزىلدى.
تېكىسىتلىرى بولسا، چوڭ نەغمە قىسمى 148 مىسرا،
ئۈچ داستان 54 مىسرا ۋە ئىككى مەشرەب 34 مىسرا بولۇپ، جەمئىي 236 مىسرا
شېئىردىن تەركىب تاپقان.
 
يۇقىرىقى ئون ئىككى مۇقامنىڭ تېكىستى ۋە يېشىمى بېيجىڭ مەكىزىي مىللەتلەر
ئۇنىۋېرسىتېتى تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئابدۇرەئوپ
پولات تەكلىماكانىي ئەپەندىمنىڭ «ئەسلى يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى
مۇقام تېكىستلىرى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.     
                             «زۇلقار مەتبەئەچىلىكى» دە تىزىلدى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...