
سېتىۋېلىش ئورنى
مۇقام ئانسامبىلى
چەھارگاھ مۇقامى
پلاستىنكا: ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2002
مۇقام ئانسامبىلى ھەققىدە:
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىدىن ئىبارەت دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بۇ مەنىۋى تەۋەررۈكنى، بىباھا گۆھەرنى ساقلاپ قىلىش، يىراق ئۆتمۈشنىڭ مالىمانچىلىقىدا يوقىلىپ كەتكەن ئاھاڭلىرىنى تولۇقلاش، ئۇنى رەتلەش ۋە نەشر قىلىش، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش يولىدىكى ئىزدىنىش، ئۇنىڭ مۇزىكا قۇرۇلمىسى، ئورۇنلاش ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلارنىڭ مەزمۇنى ھەققىدىكى تەتقىقات توختاپ قالمىدى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئەڭ دەسلەپ 1951-يىلى پولات سىمغا ئۈنگە ئېلىندى.
بۇ جەرياندا ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئەڭ ئاخىر ...
داۋامى
تۈر:
مۇقام
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
428

چەھارگاھ مۇقامى - ھەققىدە:
چەھارگاھ مۇقامى (خەلقنىڭ ئاسايىشلىققا، تاڭغا،گۈزەل ھاياتقا بولغان تەلپۈنۈشى) چوڭ نەغمە قىسمى 148 مىسرا، داستان قىسمى ئۈچداستان 56 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 34 مىسرا جەمئىي بولۇپ 238 مىسرا
چوڭ نەغمە مۇقەددىمە كۆرۈپ گۇلتەك يۈزۈڭ رەنگىن كۆزدىن يۈز چەمەن بولدى، ئەقىق ئەرنىڭنى كۆرگەلى كۆزۈم ھالى يەمەن بولدى. يېشىمى: گۈلدەك يۈزۈڭنى كۆرۈپ، كۆز يېشىمدىن يۈزلەرچە چىمەن بىنا بولدى؛ ھېقىقتەك لېۋىڭنى كۆرگەندىن بېرى كۆزۈم يەمەننىڭ ھالىغا (ئەڭ ئوسال ھالغا) قالدى. تۈن ئاقشام تولغانۇ سۇنبۈل بىكىن زۇلفۇڭدىن ئاھ ئۇردۇم، ھەۋانى غالىيە تۇتتى جەھان مۇشكى خوتەن بولدى. يېشىمى: تۈنۈگۈن ئاخشام تولغىنىپ تۇرغان چېچىڭنى ئەسلەپ ئاھ ئۇرغانىدىم، ھاۋانى ئىس – تۈتەك قاپلاپ، جاھان گوياكى خوتەن ئىپارىدەك قاپقارا بولۇپ كەتتى. قىلىپ رەئنا قەددىڭ يادىن سەھەردە ئانچە يىغلادىم، كۆزۈمنىڭ جويبارى ئىچرە سەرۋى نارۋەن بولدى. يېشىمى: گۈزەل قامىتىڭنى ئەسلەپ، سەھەردە شۇنچىلىك يىغلىدىمكى، كۆزۈم دەرياسىنىڭ بويىدا سەرۋى، نارۋەن دەرەخلىرى كۆكلەپ كەتتى. مەنىڭتەك گوييا كۆردى يۈزۈڭنى ئەبرى نەۋروزى، كۆزىنىڭ ياشىدىن يەر يۈزى ۋەردى ياسۇمەن بولدى. يېشىمى: باھار بۇلۇتلىرى خۇددى ماڭا ئوخشاشلا يۈزۈڭنى كۆرۈپ قالدى بولغاي، كۆز يېشىدىن ئەتىر گۈل ۋە ياسىمانلەر كۆكلەپ، يەر يۈزىگە تولدى. سەبا زۇلفۇڭنى تاغتتى، مەگەر ھالى خەيالىمدا، يازىلدى ئەژدىھا بولدى، ئورالدى ئەھرەمەن بولدى. يېشىمى: تاڭ شامىلى چاچلىرىڭنى يەلپۈپ توزغاتقانىدى، ھالىي خىيالىمدا، ئۇنىڭ يېيىلغان تۇرۇقى ماڭا خۇددى ئەجدىھادەك ئۇزۇن، تۈرۈلگەندىكى ھالىتى بولسا، (پاكار، دوغىلاق دىۋە) ئەھرىمەندەك توم – يوغان بولۇپ كۆرۈندى. كۆرەدۈر گەچ كۆزۈڭ، كۆڭلۈم سەنىڭ زۇلفۇڭغا باغلاندى، كۆرۈڭ ئول جادۇدىن بۇ ھەم يەنە بىر ئۆزگە فەن بولدى. يېشىمى: ماڭا بىر نەزەر تاشلىشىڭ بىلەنلا، كۆڭلۈم چېچىڭغا باغلىنىپ قالدى. قاراڭ، بۇمۇ جادۇگەرلىكتىن ئۆزگىچە بولغان بىر سېھرىگەرلىك بولدى. ئەگەر شىرىن ئۈچۈن فەرھاد ئىشقى كوھكەن بولسا، نە تاڭ سەككاكى ھەم، جانا يولۇڭدا جانكەن بولدى. يېشىمى: ئەي جان، شېرىننىڭ ئىشقى فەرھادنى تاغ كەسكۈچى پىداكار قىلىپ قويغان بولسا، سەككاكىيمۇ سېنىڭ يولۇڭدا ئۆز جېنىنى كەسكۈچى بولۇپ قالدى، بۇنىڭدىن ئەجەبلەنمە. تەئەززە كۆڭلۈم ئۆرتەنسۇن ئەگەر غەيرىڭغە پەرۋا ئەيلەسە، ھەر كۆڭۈل ھەمكىم سەنىڭ شەۋقۇڭنى پەيدا ئەيلەسە. يېشىمى: ئەگەر كۆڭلۈم سەندىن باشقىغا مەيل قىلسا، ئۇ ئۆرتەنسۇن؛ باشقا كۆڭۈلدە سېنىڭ ئىشقىڭ پەيدا بولسا، ئۇمۇ ئۆرتەنسۇن. ھەر كىشى ۋەسلىن تەمەننا ئەيلەسەم، نەۋمىد ئۆلەي، ھەر كىشى ھەكىم سەنىڭ ۋەسلىڭ تەمەننا ئەيلەسە. يېشىمى: سەندىن بۆلەك ھەرقانداق ئادەمنىڭ ۋەسلىنى ئارزۇ قىلسام، مۇرادسىز ئۆلەي؛ باشقىلارمۇ سېنىڭ ۋەسلىڭنى ئارزۇ قىلسا، مۇرادسىز ئۆلسۇن. ئۆزگەلەر ھۇسنىن تەماشا ئەيلەسەم، چىقسۇن كۆزۈم، ئۆزگە بىر كۆز ھەمكى ھۇسنۇڭنى تەماشا ئەيلەسە. يېشىمى: باشقىلارنىڭ ھۆسنىنى تاماشا قىلسام، كۆزۈم چىقىپ كەتسۇن؛ باشقا كۆز سېنىڭ ھۆسنۈڭنى تاماشا قىلسا، ئۇمۇ چىقسۇن. غەير زىكرىن ئاشكارا ئەتسە، لال ئولسۇن تىلىم، قايسى بىر تىل ھەمكى زىكرىڭ ئاشكارا ئەيلەسە. يېشىمى: تىلىم سەندىن باشقا بىرسىنىڭ گېپىنى قىلسا، تۇتۇلۇپ قالسۇن؛ باشقا ھەرقانداق بىر تىل سېنىڭ گېپىڭنى قىلسا، ئۇمۇ تۇتۇلسۇن. رەشكدىن جانىغا ھەر نەگىس كۆزى بىر شۆئلەدۇر، باغ ئارا ناگاھ خىرام ئول سەرۋى رەئنا ئەيلەسە. يېشىمى: ئۇ سەرۋى بويلۇق گۈزىلىم باغدا سەير قىلسا، باغدىكى ھەر بىر نەرگىس گۈلىنىڭ كۆزىمۇ كۈندەشلىكىمنى قوزغاپ، جېنىمغا چۈشكەن ئوت بولۇپ تۇيۇلىدۇ. يوق ئاغىزدىن نۇكتە ئايتۇر مەھۋەشىمدەك بولماغاي، گەر قۇياش ھەر زەررەسىدىن بىر مەسىھا ئەيلەسە. يېشىمى: ئەگەر قۇياش ئۆزىنىڭ ھەر بىر زەررىچىسىنى ھايات بېغىشلىغۇچى ئىيساغا ئايلاندۇرغان تەقدىردىمۇ، ئۇ يەنىلا مېنىڭ ئۇ ئويماقتەك كىچىككىنە ئېغىزىدىن بال تېمىتىپ سۆزلەيدىغان گۈزىلىمگە يېتەلمەيدۇ. ئاقىبەت جانىمغا يەتتى، ئەي خۇشا مۇغكىم، مەنى، بىر قەدەھ بىرلە جەرابات ئىچرە رۇسۋا ئەيلەسە. يېشىمى: ئىشق ئاقىۋەت جېنىمغا تاقالدى. ئەمدى مەيپۇرۇش بىر قەدەھ بىلەن، مېنى مەيخانىدا رەسۋا قىلسا ياخشى بولاتتى. كەلتۈرۈڭ دەفئى جۇنۇنۇمغە پەرىخان، يوق تەبىب، كىم ئول ئەنسەبدۇر پەرى ھەر كىمنى شەيدا ئەيلەسە. يېشىمى: مېنىڭ ساراڭلىقىمنى ساقايتالايدىغان دوختۇر يوق. پېرخۇن چاقىرىڭلار، پەرىگە ئاشىق بولغان ئادەمگە شۇ ئامال قىلىدۇ. سۈھىدەك ھەر دەمدە گەردۇن قويماغاي ئاسارىنى، ناگاھ ئەھلى سىدق كۆڭلى مىھرىن ئىفشا ئەيلەسە. يېشىمى: سادىق كىشىلەر كۆڭۈل مېھرىنى ئاشكارىلىسىلا، پەلەك سۈبھىدەك دائىم ئۇنىڭدىن ھېچبىر نىشانە قويمايدۇ. دەھر شوخىغا، نەۋائىي، سەيد بولما، نەچەكىم، گۈن ئىزارى ئۈزرە تۈن زۇلفىن مۇتەررا ئەيلەسە. يېشىمى: ئەي نەۋائىي، ھەتتا كۈندەك ئاق يۈزى ئۈستىگە تۈندەك قارا چاچلىرىنى يايغان تەقدىردىمۇ، جاھان گۈزىلىنىڭ دامىغا چۈشۈپ قالما. تەئەززە چۈشۈرگىسى دەھر شوخىغا، نەۋائىي، سەيد بولما، نەچەكىم، گۈن ئىزارى ئۈزرە تۈن زۇلفىن مۇتەررا ئەيلەسە. يېشىمى: ئەي نەۋەئىي، ھەتتا كۈندەك ئاق يۈزى ئۈستىگە تۈندەك قارا چاچلىرىنى يايغان تەقدىردىمۇ، جاھان گۈزىلىنىڭ دامىغا چۈشۈپ قالما. نۇسخە ياشۇرۇن دەردىمنى زاھىر قىلدى ئەفغان ئاقىبەت، ئاسراغان سىررىمنى يايدى سىيلى مىژگان ئاقىبەت. يېشىمى: ئاھ – زارىم يوشۇرۇن دەردىمنى ئاخىر ئاشكارىلىۋەتتى؛ ساقلاپ كەلگەن سىرىمنى بولسا، كىرپىكىم كەلكۈنى يېيىۋەتتى. ياشۇرۇپ ئەردىم باغىر چاكىنى، ۋاھكىم، قىلدى فاش، ھەر تەرەف كۆزدىن تەرەششۇھ ئەيلەگەن قان ئاقىبەت. يېشىمى: باغرىم چاكلىرىنى يوشۇرۇپ يۈرەتتىم، ۋاي دەرىغ، كۆزۈمدىن سىرغىپ چىققان تارام – تارام قانلار ئۇنى ئاخىر پاش قىلىۋەتتى. تىغى ھەجرىڭدىن نىھان كۆكسۈم شىكافىن، ئاھكىم، ئەلگە رەۋشەن ئەيلەدى چاكى گىرىبان ئاقىبەت. يېشىمى: جۇدالىقىڭ تىغىدىن كۆكسۈمدە ھاسىل بولغان يوشۇرۇن تۆشۈكچىلەر ياقامنىڭ يىرتىلىشى بىلەن ئەلگە ئاشكارا بولۇپ كەتتى. ۋايكىم، كۆكسۈم شىكافىدىن ئۇلۇسقا بولدى فەھم، ئىشق ئوتى باغرىمغا قويغان داغى پىنھان ئاقىبەت. يېشىمى: ۋاي، كۆكسۈمدىكى تۆشۈكلەرنى كۆرگەن كىشىلەر ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە، ئىشق ئوتىنىڭ يۈرىكىمدە پەيدا قىلغان يوشۇرۇن يارىلىرى ئىكەنلىكىنى سېزىۋالدى. شەۋقىدىن دەم ئۇرمايىن، بىدادىغا خۇرسەند ئەدىم، ۋاھكى، بولدۇم ھەجرىدىن رۇسۋايى دەۋران ئاقىبەت. يېشىمى: ئىشتىياقىمدىن سۆز ئاچماي، مەن ھەتتا ئۇنىڭ زۇلمىدىنمۇ خۇشال ئىدىم. ۋاي ئېسىت، جۇدالىقتا ئاخىرى بۇنىڭدىنمۇ مەھرۇم بولۇپ، رەسۋايى ئالەم بولدۇم. گەر بۇدۇر كافىر كۆزۇ زۇننار زۇلفى، ئەي فەقىھ، بولغۇدەكمەن دەير ئارا مەستۇ پەرىشان ئاقىبەت. ئەي قازى ئاخۇنۇم، ئۇنىڭ قارا كۆزى بىلەن زۇننار چېچى مۇشۇنداق مەھلىيا قىلارلىق بولىدىغان بولسا، مەن ئاخىر قاۋاقخانىلاردا، مەست ۋە پەرىشان بولۇپ ئۆتىدىغان ئوخشايمەن. ئىشق كويىدا جۇنۇنۇمنى مۇنادى ئەيلەدى، ھەجر تاشىدىن مۇنەققەش جىسمى ئوريان ئاقىبەت. يېشىمى: ھىجران تاشلىرىنىڭ زەربىسىدىن گۈل چېكىلگەن يالىڭاچ بەدىنىم ئاقىۋەت ئىشق كوچىسىدا، ساراڭلىقىمنى جاكارلاپ جار سالدى. دەھر بوستانى ئارا سەركەش نىھالى كۆرمەدۈك، سايە يەڭلىغ بولماغاي يەر بىرلە تەكسان ئاقىبەت. يېشىمى: زامان بوستانىدا، نى – نى تىك ئۆسكەن دەرەخلەرنىڭ ئاقىۋەت ئۆز سايىسىغا ئوخشاش يەر بىلەن يەكسان بولماي قالغىنىنى كۆرمىدىم. ئى نەۋائىي، دەۋلەتى باقىي تىلەرسەن ۋەسلىدىن، ئانى كەسب ئەتمەك فەنا بولماي نە ئىمكان ئاقىبەت. يېشىمى: ئى نەۋائىي، ئۇنىڭ ۋىسالىدىن مەڭگۈلۈك دۆلەتكە ئېرىشمەكچى بولىسەن، ئەمما ئۆزلۈكنى يوق قىلماي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئېرىشىش مۇمكىنمۇ، ئاخىر؟ نۇسخە چۈشۈرگىسى ئەي نەۋائىي، دەۋلەتى باقىي تىلەرسەن ۋەسلىن، ئانى كەسب ئەتمەك فەنا بولماي نە ئىمكان ئاقىبەت. يېشىمى: ئەي نەۋائىي، ئۇنىڭ ۋىسالىدىن مەڭگۈلۈك دۆلەتكە ئېرىشمەكچى بولىسەن، ئەمما ئۆزلۈكنى يوق قىلماي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئېرىشىش مۇمكىمۇ، ئاخىر؟ مۇستەھراد تۈن ئاقشام بولدى – يۇ، كەلمەس مەنى شەمئى شەبىستانىم، بۇ ئەندۇھ ئوتىدىن ھەر دەم كۆيەر پەرۋانەدەك جانىم. يېشىمى: كەچ بولۇپ كەتتى، ئەمما كېچەمنى يورۇتقۇچى چىرىغىم كەلمىدى. بۇ قايغۇ ئوتىدا، جېنىم ھەر نەپەستە پەرۋانىدەك كۆيۈپ كېتىۋاتىدۇ. نە غەم كۆرگۈزسە كۆكسۈم پارەسىن چاكى گىرىبانىم، كۆرۈنمەس بولسا كۆكسۈم يارەسىدىن داغى پىنھانىم. يېشىمى: ياقامنىڭ يىرتىقىنىڭ تىلىنغان كۆكسۈمنى كۆرسىتىپ قويۇشىدىن غەم قىلمايمەن، لېكىن يۈرىكىمنىڭ يارىسىدىن يوشۇرۇن داغلىرىم كۆرۈنۈپ قالمىسا بولاتتى. غەمىدىن دۇررى مەكنۇندەك سىرىشكىم ئاقتى جەنھۇندەك، مۇزەييەن قىلدى گەردۇندەك جەھاننى ئەشكى غەلتانىم. يېشىمى: ئۇنىڭ غېمىدە، مەرۋايىتتەك ياشلىرىم ئامۇ دەرياسىدەك ئاقتى؛ ياش ئۈنچىلىرىم جاھاننى يۇلتۇزلۇق ئاسماندەك بېزىدى. فەلەك ھەم تولدى كەۋكەبدىن، قۇياش ھەم تۈشتى ئەشھەبدىن، كەلىپ تۈشمەس بۇ مەركەبدىن، مەنىڭ خۇرشىدى رەخشانىم. يېشىمى: پەلەك يۇلتۇزغا تولدى، قۇياشمۇ دۇلدۇلدىن چۈشتى؛ بىراق، مېنىڭ نۇرلۇق قۇياشىم ئاتتىن چۈشكىنى يوق. جەھاننى زۇلمەت ئەتتى چەھ، بۇ زۇلمەت ئىچرە ئۆلگۈم، ۋاھ، ماڭا بولساڭ نە خىزرى روھ، نەتىپ ئەي ئابى ھەيۋانىم. يېشىمى: زۇلمەت (قاراڭغۇلۇق) جاھاننى زىندانغا ئايلاندۇردى، بۇ زۇلمەت ئىچىدە ئۆلىدىغان ئوخشايمەن. ئەي ئابىھاياتىم، مېنى ساڭا باشلايدىغان خىزىر بارمۇ؟ دەمە كۆكتىن قۇياش كەتمىش، فەلەككە تىيرەلىك يەتمىش، ئول ئاي ھەجرىدە يار ئەتمىش فەلەكنى دۇدى ئەفغانىم. يېشىمى: «كۆكتىن قۇياش كېتىپ، جاھاننى قاراڭغۇلۇق باستى» دەپ قالما، ئۇ ئاينىڭ پىراقىدا چەككەن ئاھىمنىڭ تۈتۈنى جاھاننى قارايتىۋەتتى. مۇستەھزاھ چۈشۈرگىسى نەۋائىي كەبى ھىجراندىن بۇ ئاقشام ئۆلدۈم ئەفغاندىن، غەمىم يوق بولسا يۈز جاندىن، يەتىپ گەر كەلسە جانانىم. يېشىمى: مەن نەۋائىي بۇ ھىجران ئاخشىمىدا پىغان ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن؛ ئەگەر شۇ تاپتا جانانىم كېلىپ قالسا، بىر ئەمەس يۈز جېنىم بولسىمۇ، بەرسەم مەيلى ئىدى. جۇلا گەردۇندىن ئۆتەر نالەيۇ زارىم كەچەلەردە، بىلمەس نەتەي ئول ماھى ئىزارىم كەچەلەردە. يېشىمى: كېچىلىرى نالە – زارىم پەلەكتىن ئاشىدۇ. قانداق قىلارمەن، ئۇ ئاي يۈزلۈكۈم بۇنى تېخى بىلمەيدۇ. زەھرە يارىلۇر، دەردى فىراقىندا كۆڭۈلدىن، ئاھىكى چىقار ئوق كەبى يارىم كەچەلەردە. يېشىمى: تۈ نىسپىلىرىدا، جۇدالىقىڭ دەردىدىن يۈرىكىمدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىققان ئاھىم ئۆتنى يېرىۋەتكۈدەك قىلىۋاتىدۇ. يوقتۇر غەمۇ رەنجۇ ئەلەمۇ قايغۇدىن ئۆزگە، ھەجرىڭدە مەنىڭ ھەمدەھۇ يارىم كەچەلەردە. يېشىمى: سەندىن ئايرىلغاندىن بۇيان، كېچىلىرى ماڭا رەنج – غەم، قايغۇ – ئەلەمدىن باشقا ھەمدەم بولىدىغان دوست – يار يوق. ئاغزى دەمىدۇر شامۇ سەھەر نۇقلۇ شەرابىم، لەئلى غەمىدۇر دەفئى خۇمارىم كەچەلەردە. يېشىمى: ئۇنىڭ ئېغىزى ھەققىدىكى پاراڭلار ئەتتىگەندىن كەچكىچە ماڭا غىزا ۋە شاراب بولىدۇ، ياقۇت لېۋىنىڭ غېمى كېچىلىرى خۇمارىمنى باسىدۇ. ھىجران چەرىكى بەسكى ئۇرۇر جانغا شەبىخۇن، دۇنيانى تۇتار گەردۇ غۇبارىم كەچەلەردە. يېشىمى: ھىجران لەشلىرى جېنىمغا شۇنداق قاتتىق ھۇجۇم قىلىدۇكى، كۆتۈرۈلگەن چاڭ – توزانلىرىم كېچىلىرى جىمى ئالەمنى قاپلايدۇ. ياد ئەيلەسەم ئول شوخ قاراقچى قارا كۆزنى، قالماس نەتەيىن سەبرۇ قەرارىم كەچەلەردە. يېشىمى: قانداق قىلارمەن، ئۇنىڭ ئاشۇ شوخ قاراقچى قارا كۆزلىرىنى ئەسلىسەم، كېچىلىرى سەۋر – تاقىتىم قالمايدۇ. زۇلفى غەمىدىن ئۆلسەم ئاتايى بىكىن ئەلگە، بولغۇسىدۇرۇر يارى مەزارىم كەچەلەردە. يېشىمى: مەن ئاتايى ئۇنىڭ چاچلىرىنىڭ غېمىدە ئۆلۈپ كەتسەم، مازىرىم كېچىلىرى ئەلگە يار بولغاي. سەنەم چىقتى ناگاھ مەھۋەشى رەنگىنى گۇلنار ئەيلەگەچ، ھەلقە – ھەلقە زۇلفىنى بويغا زۇننار ئەيلەگەچ. يېشىمى: توساتتىن بىر ئايجامال ئانار گۈلىدەك كۆركەم – گۈزەل كىيىنگەن، بۇدرە چاچلىرىنى بويغا زۇننار قىلغان ھالدا چىقىپ كەلدى. ئىككى جادۇ كۆزلەرىگە ئەھلى ئەلەم بەندەدۇر، ئىسمى ئەئزەم ساچلارى بوينىدا تۇرمار ئەيلەگەچ. يېشىمى: چاچلىرى بوينىغا ئىسمى ئەزەمدەك تۇمار قىلىۋالغان، سېھىر يېغىپ تۇرىدىغان ئىككى كۆزگە جاھان ئەھلى قۇل بولىدۇ. مەن يەتىمگە بىر نەزەر قىلمادى ئول ماھ پەيكەرى، خەلقنىڭ بەدنامىدىن، مەندىن يامان ئار ئەيلەگەچ. يېشىمى: ئۇ ئاي سۈپەت گۈزەل خەلقنىڭ بەدنامىغا قېلىشىنى مەندىنمۇ بەك ئار – نومۇس ھېسابلىغاچ، مەن يېتىمغا نەزەر سېلىپمۇ قويمىدى. پىستە ئاغزىنىڭ ئىچىدە تىشلەرى دۇردانەدۇر، سۆزلەرى قەندىن لەزىز، شىرىن گۇفتار ئەيلەگەچ. يېشىمى: پىستىدەك ئاغزىدىكى چىشلىرى گويا مەرۋايىتقا ئوخشايدۇ؛ ئۇنىڭ سۆزلىرى شېرىنلىكتە قەندىنمۇ لەززەتلىك. ئاتتى مىژگان ئوقلارىن ئىكى قاراقچى كۆزلەرى، بولدى بۇ جىسمىم زەئىف، باغرىمنى ئەفگار ئەيلەگەچ. يېشىمى: ئىككى قاراقچى كۆزى كىرپىك ئوقلىرىنى ئاتقانىدى، دەل يۈرىكىمگە تېگىپ يارىدار قىلغاچ، جىسمىم زەئىپلەشتى. ناگاھان كۆردۈم تۈشۈمدە ئاي يۈزىنىڭ شەۋقىنى، ئول زەمان يانىمدا يوق، ئۇيقۇمنى بيدار ئەيلەگەچ. يېشىمى: چۈشۈمدە ئاي يۈزىنىڭ خۇشاللىق يېغىپ تۇرغان ھالىتىنى كۆرگەنىدىم، دەرھال ئويغىنىپ قارىسام، ئۇ يېنىمدا يوق. نەۋبەتىيكىم يار كويىدا مۇجاۋىر بولدىكىم، مالىنى ھەم باشىنى، جانىنى ئىسار ئەيلەگەچ. يېشىمى: نەۋبەتىي يارنىڭ كوچىسىدا ماكان تۇتۇپ، ئۇنىڭغا مال – مۈلكى، بېشى ۋە جېنىنى چاچقۇ قىلدى. چوڭ سەلىقە كۆردۈم يۈزۈڭنى دىيۋانە بولدۇم، ئەقلۇ ھۇشۇمدىن بىيگانە بولدۇم. يېشىمى: يۈزۈڭنى كۆردۈم – دە، ئەقىل – ھۇشۇمدىن ئايرىلىپ، ساراڭلا بولدۇم. تارتىپ جەفايىڭ ئۆلسەم يولۇڭدا، يانماسمەن ھەرگىز مەردانە بولدۇم. يېشىمى: جاپايىڭنى تارتىپ ئىشقىڭ يولىد ئۆلۈپ كەتسەممۇ ھەرگىز يانمايمەنكى، مەن شۇنداق مەردانە بولدۇم. بولدۇم جەھاندا رۇسۋايى ئەلەم، ياخشى، يامانغا ئەفسانە بولدۇم. يېشىمى: جاھاندا رەسۋايى ئەلەم بولدۇم، ياخشى – ياماننىڭ ھەممىسىگە سۆز – چۆچەك بولۇپ بەردىم. كەۋسەر شەرابى يادىمغە كەلمەس، لەئلىڭ غەمىدىن مەستانە بولدۇم. يېشىمى: ياقۇتتەك لېۋىڭ غېمى بىلەن مەست بولغانلىقىم ئۈچۈن، كەۋسەر شارابى يادىمغىمۇ كەلمەيدۇ. يۇمدۇم كۆزۈمنى سەندىن بۆلەكدىن، كەچتىم بارىدىن رىندانە بولدۇم. يېشىمى: سەندىن باشقىغا قارايدىغان كۆزۈممۇ يوق، ھەممىدىن كەچتىم، مانا شۇنداق باتۇر بولدۇم. ئىشقىڭ مەيىگە پۇر بولدى جىسمىم، ھەم ساقىي ھەم مەي، پەيمانە بولدۇم. يېشىمى: ۋۇجۇدۇم ئىشقىڭ شارابىغا پۈركەندى: شۇ تاپتا ھەم ساقىي، ھەم مەي، ھەم قەدەھ بولدۇم. بىر قەترە ئەردىم، چۆكتۈم تەڭىزگە، كىردىم سەدەفكە دۇردانە بولدۇم. يېشىمى: مەن بىر تامچە ئىدىم، دېڭىزغا چۆكتۈم، سەدەپكە كىردىم – دە، مەرۋايىت ۋانىسىغا ئايلاندىم. كۆردۈرمەسە ئوت بولماس يىغاچ چوغ، ئىشق ئوتى بىرلە ھەمخانە بولدۇم. يېشىمى: ئوت كۆيدۈرمىسە ياغاچ چوغقا ئايلىنالمايدۇ، شۇ تاپتا ئىشق ئوتى بىلەن بىر يەردە بولدۇم. بولدۇم فەنا مەن تۇفراغ ئىچىدە، بىر دانە ئەردىم، مىڭ دانە بولدۇم. يېشىمى: تۇپراق ئىچىگە كۆمۈلدۇم. بىر دانە دان ئىدىم، مىڭ دانە بولدۇم. ئەۋۋەل ئوتىدا بۇد ئولدى نابۇد، جان جانغا كىردى، جانانە بولدۇم. يېشىمى: دەسلەپ ئۇنىڭ ئوتىدا بارلىقىم نابۇت بولدى. كېيىن جان جانغا قوشۇلۇپ كەتتى، جانانغا ئايلاندىم. تەگدى كۆزۈڭدىن ھەر دەمدە مىڭ ئوق، ئەۋۋەل ئەدىم دەشت، گۈلخانە بولدۇم. يېشىمى: كۆزۈڭدىن ھەر نەپەستە مىڭ ئوق كېلىپ تەگدى، ئىلگىرى دەشت ئىدىم، ئەمدى گۈلخانا بولدۇم. بىر نەچە يىلدۇر ياردىن جۇدامەن، بىلمەم ئۆزۈمنى، ئايا، نە بولدۇم. يېشىمى: ياردىن جۇدا بولغىنىمغا بىر نەچچە يىل بولدى، ھەي، شۇ تاپتا ئۆزەمنىڭ نېمە بولغانلىدىمنىمۇ بىلمەيمەن. قويماس دەردىلەر مەئمۇرەدە گەنج، ئاباد ئەدىممەن، ۋىيرانە بولدۇم. يېشىمى: خەزىنىنى ئاۋات يەردە قويمايدۇ، دېيىشىدۇ، شۇڭا بۇرۇن ئاۋات بولغان بولسام، ئەمدى ۋەيرانە بولدۇم. گۇمنام، مەي سۇن، كىم بولسا مەيخور، مەسجىد ئەمەسمەن، مەيخانە بولدۇم. يېشىمى: ئەي گۇمنام، كىم ئەي ئىچسە، سۇنۇپ بېرىۋەر. مەن ئەمدى مەسجىد ئەمەس، مەيخانا بولدۇم. كىچىك سەلىقە يارنىڭ كويىدا مەن دىيۋانە بولدۇم ئاقىبەت، خەلق ئاراسىدىن چىقىپ بىيگانە بولدۇم ئاقىبەت. يېشىمى: يارنىڭ كوچىسىدا ئاخىر ساراڭ بولۇپ قالدىم. جامائەتچىلىكتىن ئايرىلىپ قالدىم، ئەلدىن ياتلىشىپ كەتتىم. كەلمەگەي ئەلەمگە سەندەك مەھۋەشى، ئى نازەنىن، ئىشتىياقىڭ كەيفىدە مەستانە بولدۇم ئاقىبەت. يېشىمى: سەندەك بىر گۈزەل دۇنياغا يەنە كەلمىسە كېرەك. ئەي نازىنى، ئىشتىياقىڭ خۇمارىدا ئاقىۋەت مەستانە بولدۇم. ئەلگە ئىشرەت باغىدا خۇرۇملىقۇ دىلشادلىق، مەن غەرىبىڭ غەم بىلە ھەمخانە بولدۇم ئاقىبەت. يېشىمى: كىشىلەرگە ئىشرەت بېغىدا شات – خوراملىق يار بولسا، مەن غېرىبىڭ ئاخىرى غەمگە ھەمدەم – ھەمماكان بولدۇم. بىر زەمان يوقتۇر ماڭا ئارام ئىلە سەبرۇ قەرار، ئاي يۈزۈڭنىڭ شەمئىغە پەرۋانە بولدۇم ئاقىبەت. يېشىمى: ئاي يۈزۈڭنىڭ چىرىغىغا ئاخىر پەرۋانە بولدۇم، ماڭا ئەمدى بىردەممۇ ئاراملىق يوق، سەۋر – تاقىتىم تۈگىدى. ئىكى شەھلا كۆزلەرىڭ كۆڭلۈم قۇشىنى قىلدى سەيد، چۇغز يەڭلىغ مەسكەنى ۋىيرانە بولدۇم ئاقىبەت. يېشىمى: شەھلا كۆزلىرىڭ كۆڭلۈم قۇشىنى ئوۋلاپ كەتتى، مەن ئەمدى ھوقۇشقا ئوخشاش ۋەيرانىغا ماكانلاشتىم. ئەي يارانلار، يارنىڭ ۋەسلى مەنى قىلدى خۇمار، مۇتتەسىل ئاستانەئى مەيخانە بولدۇم ئاقىبەت. يېشىمى: ئەي دوستلار، مېنى يار ۋەسلى خۇمار قىلدى. ئاخىرى مەيخانا بوسۇغىسىغا ماكانلاشتىم. ساقىيا، مەي تۇت ماڭا جامى مۇھەببەت تولدۇرۇپ، نەۋبەتىيكىم تەشنەلەب رىندانە بولدۇم ئاقىبەت. يېشىمى: ئەي ساقىي، مەن نەۋبەتىي ئاقىۋەت ئىشق ئوتىدا چاڭقىغان بىر باتۇرغا ئايلاندىم. مۇھەببەت قەدىھىنى تولدۇرۇپ ماڭا مەي تۇت! كىچىك سەلىقە چۈشۈرگىسى ساقىيا، مەي تۇت ماڭا جامى مۇھەببەت تولدۇرۇپ، نەۋبەتىيكىم تەشنەلەب رىندانە بولدۇم ئاقىبەت. يېشىمى: ئەي ساقىي، نەۋبەتىي تەشنالىقتىن ئاخىر باتۇرغا ئايلاندى. ئەمدى ئۇنىڭغا مۇھەببەت قەدىھىنى لىق تولدۇرۇپ مەي تۇت! تەئكىد سوراپ كۇلبەم سارى كەلدى مەنى ئول شوخ ياد ئەيلەب، غەمىن كۆڭلۈمنى ھىجران غۇسسەسىندىن ۋاھكى، شاد ئەيلەب. يېشىمى: ئۇ شوخ مېنى ياد ئېتىپ، كۇلبەمگە يوقلاپ كەلدى. كۆڭلۈمنى جۇدالىقنىڭ غەم – غۇسسىلىرىدىن تازىلاپ، خۇشال قىلدى. يولىدا مەن كىم ئول بىدادنىڭ دادىمنى تاپماقكىم، قويۇپ باشىنى يۈز مەندەك، تۇرار يولىدا داد ئەيلەب. يېشىمى: مەندەك يۈزلىگەن كىشىلەر ئۇنىڭ يولىدا باش قويۇپ ئەرز – دادىنى ئېيتىپ تۇرىۋاتسا، مەن ئۇ زالىمغا قانداقمۇ دادىمنى يەتكۈزەلەيمەن؟ بولۇپسەن كۆپ چەمەن گۇللارىغا مەغرۇر، ئەي بۇلبۇل، تەگەر بادى جەزان ئاخىر، نە قىلغۇڭ ئىئتىماد ئەيلەب. يېشىمى: ئەي بۇلبۇل، چىمەننىڭ گۈللىرى بىلەن كۆپ مەغرۇرلىنىدىكەنسەن، كۈز شامىلى ئاخىر ئۇنى خازان قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ نېمە قىلىسەن؟ دەرىيغا، تىيرە قىلدىڭ روزگارىم ئاقىبەت، ئەي شوخ، خەتتىڭ كۆز مەردۇمىدىن ھەل قىلىپ مۇشكىن سەۋدا ئەيلەب. يېشىمى: ئەي شوخ، كۆز قارچۇقۇڭنىڭ سىياھىدىن قارايغان ئىپاردەك مىيىقلىرىڭ بىلەن ئاقىۋەت روزىگارىمنى (بارلىقىمنى، دۇنيايىمنى) قارايتىۋەتتىڭ. بوسۇغاڭغا قوياي باشىمنى دەپ دەرگاھىڭە كەلدىم، مەنى ياندۇرماغىل ئۇشبۇ ئىشىكدىن بىيمۇراد ئەيلەب. يېشىمى: بوسۇغاڭغا باش قوياي دەپ دەرگاھىڭغا (ھوزۇرۇڭغا، ئالدىڭغا) كەلدىم، مېنى نائۈمىد قىلىپ، ئىشىكىڭدىن ياندۇرما. تۇرارغا، ئابىدا، بىر كۇنچى غۇربەت ئالەم ئەھلىدىن، چىق ئەمدى تەرك ئەتىپ ھىرسۇ ھەۋانى خەيرباد ئەيلەب. يېشىمى: ئەي ئابىد، بىر غۇربەت بولۇڭىدا ماكان تۇتماقچى بولساڭ، ئەمدى ھېرىسمەنلىك ۋە ھاۋايى ھەۋەسنى تەرك ئېتىپ، ئەلەم ئەھلى ئارىسىدىن چىقىپ كەتكىن. داستان بىرىنچى داستان بەھار بولدى گۇل ئاچىلدى، مەنىڭ كۆڭلۈم ئاچىلماسمۇ. بۇلبۇل قانى كۆپ ساچىلدى، مەنىڭ قانىم ساچىلماسمۇ. يېشىمى: باھار بولدى، گۈل ئېچىلدى، مېنىڭ گۈلۈم ئېچىلماسمۇ؟ بۇلبۇل قېنى كۆپ چېچىلدى، مېنىڭ قېنىم چېچىلماسمۇ؟ ئەمدى مەندىن دەۋلەت كەتتى، رەقىبلەرغە نەۋبەت يەتتى. خەبەرىم يوق گۇل ئاچىلدى، مەنىڭ گۇلۇم ئاچىلماسمۇ. يېشىمى: ئەمدى مەندىن بەخت – دۆلەت كەتتى، رەقىپلەرگە نۆۋەت كەلدى. ھېچ ئاڭلاپ باقمىغان گۈللەر ئېچىلىپ كەتتى، مېنىڭ گۈلۈم ئېچىلماسمۇ؟ يارىم يۈرگەن باغلار قالدى، باغ ئىچىندە زاغلار قالدى، يۈرەكلەردە داغلار قالدى، يەنە شەراب ئىچىلمەسمۇ. يېشىمى: يارىم يۈرگەن باغلار قالدى، باغى ئىچىدە قاغا – قۇزغۇنلار قالدى. يۈرەكلەردە داغلار قالدى، يەنە شاراپ ئىچىلمەسمۇ؟ سەنەم دەر: ئۇمرۇم سەيقەلى، كەلدى مۇھەببەت بۇلبۇلى، ئاچىلدى باغلارنىڭ گۇلى، مەنىڭ گۇلۇم ئاچىلماسمۇ. يېشىمى: سەنەم ئېيتىدۇ: ئۆمرۈمنىڭ شەنىگە مۇھەببەت بۇلبۇلى كەلدى، باغلارنىڭ گۈللىرى ئېچىلدى، ئەمدى مېنىڭ گۈلۈم ئېچىلماسمۇ؟ ئىككىنچى داستان مۇندى كەتەر بولدۇڭ زالىم ئاغالار، ھەرنە كۆرگەنىڭنى بەيان دەگەيسەن. يالغۇز ھەمراھ قالدى چاھنىڭ ئىچىندە، ئۆلگەنى يوق، ئەسەن – ئەمان دەگەيسەن. يېشىمى: زالىم ئاكىلار بۇ يەردىن كېتىدىغان بولدۇڭلار. كۆرگەنلىرىڭلارنى سۆزلەپ بەرگەيسىلەر. «يالغۇزلا ھەمراھ قۇدۇقنىڭ ئىچىدە قالدى، ئۇ تېخى ھايات، ئامان – ئېسەن» دېگەيسىلەر. نە يامان سەۋداغا قالىپدۇر باشىم، يەگەنىم، – ئىچكەنىم – زەھردۇر ئاشىم، كۆزۈمنى ئويدىلار ئۆز قارىنداشىم، ئۇلفەتداشى يىلان – چايان دەگەيسەن. يېشىمى: بېشىم قانداق يامان سەۋدالىققا قالغان – ھە! يېگىنىم – ئىچكىنىم زەھەر بولىۋاتىدۇ؛ كۆزۈمنى ئۆز قېرىنداشلىرىم ئويدى؛ «ئۇنىڭغا يىلان – چايانلار ئۈلەپتلىك قىلىۋاتىدۇ» دېگەيسىلەر. بىزلەر ئۈچۈن ھىممەت كەمەر باغلاغان، فىراقىمدا سىينەلەرىن داغلاغان، كەلمەدى دەپ يولغا قاراپ زارلاغان، شاھ خۇسرەۋ ئاتامغا سەلام دەگەيسەن. يېشىمى: مەن ئۈچۈن ھىممەت كەمىرىنى باغلىغان، جۇدالىق ئوتۇمدا يۈرەكلىرىنى داغلىغان، «كەلمىدى» دەپ يولۇ،غا زارىقىپ قارىغان شاھ خۇسرەۋ ۋە ئاتامغا «سالام» دېگەيسىلەر. توقۇز ئاي، توقۇز گۈن قورساق كۆتۈرگەن، پەرۋىش ئەيلەب كەمالىمغا يەتكۈرگەن، كەچەلەرى ئوخلاماي، ئاق سۈت ئەمدۈرگەن، مىھرىبانىم ئانامغا سەلام دەگەيسەن. يېشىمى: توققۇز ئاي، توققۇز كۈن مڭا قۇرساق كۆتۈرگەن؛ پەرۋىش قىلىپ، كامالىتىمگە يەتكۈزگەن؛ كېچىلىرى ئۇخلىماي، ئاق سۈتىنى ئېمىتكەن مېھرىبان ئانامغا «سالام» دېگەيسىلەر. نە يامان سەۋداغا قالىپدۇر باشىم، يەگەنىم – ئىچكەنىم – زەھردۇر ئاشىم، كۆزۈمنى ئويدىلار ئۆز قارىنداشىم، ئۇلفەتداشى يىلان – چايان دەگەيسەن. يېشىمى: بېشىم قانداق يامان سەۋدالىققا قالغان – ھە! يېگىنىم – ئىچكىنىم زەھەر بولىۋاتىدۇ؛ كۆزۈمنى ئۆز قېرىنداشلىرىم ئويدى؛ «ئۇنىڭغا يىلان – چايانلار ئۈلپەتلىك قىلىۋاتىدۇ» دېگەيسىلەر. بىزلەر ئۈچۈن ھىممەت كەمەر باغلاغان، فىراقىمدا سىينەلەردىن داغلاغان، كەلمەدى دەپ يولغا قاراپ زارلاغان، شاھ خۇسرەۋ ئاتامغا سەلام دەگەيسەن. يېشىمى: مەن ئۈچۈن ھىممت كەمىرىنى باغلىغان، خۇدالىق ئويۇمدا يۈرەكلىرىنى داغلىغان، «كەلمىدى» دەپ يولۇمغا زارىقىپ قارىغان شاھ خۇسرەۋ ئاتامغا «سالام» دېگەيسىلەر. توقۇز ئاي، توقۇز گۈن قوساق كۆتۈرگەن، پەرۋىش ئەيلەب كامالىمغا يەتكۈرگەن، كەچەلەرى ئۇخلاماي، ئاق سۈت ئەمدۈرگەن، مىھرىبانىم ئانامغا سەلام دەگەيسەن. يېشىمى: توققۇز ئاي، توققۇز كۈن ماڭا قورساق كۆتۈرگەن؛ پەرۋىش قىلىپ، كامالىتىمگە يەتكۈزگەن؛ كېچىلىرى ئۇخلىماي، ئاق سۈتىنى ئېمىتكەن مېھرىبان ئانامغا «سالام» دېگەيسىلەر. يۈرەكىمىدىن كەتمەس ھەرگىز فىراقى، مۇرادقا يەتمەيىن ئۆچتى چىراقى، ئەمدى ھەمراھلاردىن كەتمەس سوراقى، گۈلجەمىلە سىڭلىمغا سەلام دەگەيسەن. يېشىمى: يۈرىكىمدىن جۇدالىق سېغىنىسى ھەرگىز كەتمەس؛ مۇرادىغا يەتمەي چىرىغى ئۆچتى، ئەمدى ھەمراھلارغا سوراق تۈگىمەيدۇ؛ سىڭلىم گۈلجەمىلىگە «سالام» دېگەيسىلەر. ئۆتتى يەئقۇب ئوغلى داغدا يۈرەكى، كۆزۈم ئويۇلغان بىلەن يوقتۇر كەرەكى، ئاخىر دەمدە ھەمراھجاننىڭ تىلەكى، ھەقدىن سورار گەۋھەرى ئىمان دەگەيسەن. يېشىمى: مەن ياقۇپ ئوغلىنىڭ يۈرىكى داغ ئىچىدە ئۆتتى؛ كۆزۈم ئويۇلغان بولسىمۇ كېرەك يوق؛ «ھەمراھجاننىڭ ئاخىرقى تنىقتىكى تىكى ئاللاھتىن ئىمان گۆھىرىنى تىلەشتىنلا ئىبارەتتۇر» دەڭلار. ئۈچىنچى داستان تەتۈر فەلەكنىڭ دەردىدىن، يۈرەكىمدە داغلار قالدى. بۇلبۇل كەتتى گۈلزارىمدىن، چەمەنزارلى باغلار قالدى. يېشىمى: تەتۈر فەلەكنىڭ دەردىدىن، يۈرىكىمدە داغلار قالدى. گۈلزارىمدىن بۇلبۇللار ئۇچۇپ كەتتى، چىمەنزار باغلار ئەمدى ئۆتمۈش بولۇپ قالدى. مۇندا قالدى ۋەتەن جايىم، خەزان بولدى چاھار باغىم، يارىم بىلەن ئۆتكەن چاغىم، قەدىيم گۈزەل جايلار قالدى. يېشىمى: ۋەتەن – يۇرتۇم قالدى؛ تۆت پەسىللىك بېغىم غازاڭ بولدى؛ يارىم بىلەن ئۆتكەن چاغلار، قەدەم ئىزىمىز بار قەدىيمى گۈزەل جايلار ئەمدى ئۆتمۈش بولپ قالدى. ئاسان قىلغىل مۇشكىلىمنى، ياقىن قىلغىل مەزىلىمنى. ئۇچۇردۇممەن بۇلبۇلۇمنى، باغىم ئىچرە زاغلار قالدى. يېشىمى: مۈشكۈلۈمنى ئاسان قىلغىن، كۆزلىگەن مەنزىلىمنى يېقىن قىلغىن؛ بۇلبۇلۇمنى ئۆچۇرۇپ قويدۇم، ئەمدى بېغىمدا قارغا – قۇزغۇنلار قالدى. باغبان ئانا مىھرىبانىم، مەندىن ئۆتتى بۇ دەۋرانىم. يۈرەكىمدە كۆپ ئەرمانىم، خۇشمۇ ئەسىل چاغلار قالدى. يېشىمى: باغۋەن كەبى پەرۋىشكار مېھرىبان ئانا، ئەمدى مېنىڭ دەۋرىم ئۆتۈپ كەتتى، يۈرىكىمدە جىق ئارمانلىرىم قالدى، ھەي ... ، شۇنداق ئېسىل چاغلار ئەمدى ئۆتمۈش بولۇپ قالدى – دە ! مەشرەب بىرىنچى مەشرەب شۇكر لىللاھ، ھالەتىم زاھىر بولۇپدۇر يارغا، ئەمدى يار ئالدىدا ئۆزنى كۆرسەتەي ئەغيارغا. يېشىمى: ئاللاھغا شۈكۈر، ئەھۋالىم يارغا ئايان بولۇپتۇ، ئەمدى يار ئالدىدا تۇرۇپ رەقىبلەرگە ئۆزۈمنى بىر كۆرسىتەي. سەير ئۈچۈن كىرسە گۇلىستان ئىچرە ئول سەرۋى رەۋان، بەندە ئولسۇن سەرۋى ئازاد ئول قەددى رەفتارغا. يېشىمى: ئۇ سەرۋى بويلۇق گۈزەل يار سەيلە قىلغىلى گۈلىستانغا كىرگىنىدە، گۈزەل سەرۋى دەرىخى ئۇنىڭ كېلىشكەن بوي – تۇرۇقىغا قۇل بولسۇن. ناز ئىلە تا ئاتلانىپ شەھر ئىچرە سالدى رۇستاخىز، جان بىلەن بەردىم كۆڭۈل ئول دىلبەرى ئەييارغا. يېشىمى: ناز – كەرەشمە بىلەن شۇنداق ئاتلىنىپ چىقىۋىدى، شەھەردە سۈرەن – چۇقان چىقىپ كەتتى، مەن ئۇ ھەييارغا جان بىلەن كۆڭلۈمنى بېرىۋەتتىم. دوستلار، ئەيب ئەتمەڭىز قان يىغلاسام مەن زارنى، بەس كەلە ئالمام نەتەي بۇ دىيدەئى خۇنبارغا. يېشىمى: ئەي دوستلار، قان يىغلىسام، مەن بىچارىنى ئەيىپكە بۇيرۇماڭلار، نېمە ئۈچۈنكى كۆزلىرىمدىن قان تۆكۈشنى توختىتالمايۋاتىمەن. ئەي سەئىد، ئول ياردىن تاپدىڭ مۇردىڭنى تەمام، بارچەسى بولدى مۇيەسسەر، شۇكرى بىرۇ بارغا. يېشىمى: ئەي سەئىدىي، ياردىن ھەممە مۇرادىڭنى تاپتىڭ، جىمىي تىلەكلىرىڭگە مۇيەسسەر بولدۇڭ، ئەمدى، بىر ۋە بار بولغان ئاللاھغا تەشەككۈر ئېيت! ئىككىنچى ئاھاڭ قىلسا مۇشكىن چىنىدىن ئۆترۇكى كاكۇل سىندۇرۇر، لالەكىم دىل خۇن قىلۇر، بازارى سۇنبۇل سىندۇرۇر. يېشىمى: ئىپار ھىدلىق جىڭگىلەك چاچلىرىنى كۆرسەتسە، لالىنىڭ باغىرىنى قان قىلىپ، سۇنبۇلنىڭ بازىرىنى كاساتلاشتۇرىدۇ. ئول خىرامان سەرۋى گۇلنار قىلسا گەر مەيلى چامەن، سەرۋ ئاياغىغا يىقىلىپكىم ۋەلې گۇل سىندۇرۇر. يېشىمى: ئۇ گۈليۈزلۈك يار ئەگەر گۈزەل سەرۋىدەك لەرزان مېڭىپ، چىمەنزارلىققا كىرىدىغان بولسا، گۈزەل سەرۋى دەرىخى ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىدۇ، ھەتتا گۈلمۇ خىجالەتچىلىكتە قالىدۇ. ئەبرويى جانن خەيالى بولدى كۆزۈمدىن يىراق، سىيللەرى كەلدى بۇ يولغا ئەمدىكىم بۇل سىندۇرۇر. يېشىمى: جاناننىڭ گۈزەل قاشلىرىنىڭ ئوي – خىيالى كەللامدىن يىراقلىشىۋېدى، ئۇنىڭ ئورنىغا كۆز يولۇمغا سەل كەلدى، ئەمدى بۇ مېنى سۇندۇرىدىغان بولدى. ئۈچىنچى ئاھاڭ تەگسە گۇلنىڭ پەردەسىغە سۇھبەتىدىن تازە نەم، غەم تىكەنىدىن دىلى مەجرۇھ بۇلبۇل سىندۇرۇر. يېشىمى: بۇلبۇلنىڭ سۆھبىتىدىن گۈلنىڭ يۈزىدە ئىسسىق ياش پەيدا بولسا، غەم تىكەنلىرى مىسكىن بۇلبۇلنىڭ دىلىنى سۇندۇرىدۇ. ھافىزا، بۇ سىررى ۋەھدەتنى قولۇڭدىن بەرمەگىل، تا خىيالى زۇھدى تەقۋانى تەۋەككۇل سىندۇرۇر. يېشىمى: ئەي ھافىز، بۇ ۋەھدەت (ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە بارلىقى) سىرىنى (ھېكمىتىنى) قولدىن بەرمە، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش تەقۋادار زاھىدنىڭ ىيالىنى سۇندۇرىدۇ. ئىككىنچى مەشرەب بىرىنچى ئاھاڭ گۇل يۈزۈڭنى ئارزۇلاپ، يۈز – كۆزنى گۇلزار ئەيلەدى، شەكەر ئەرنىڭنى تىلەپ جان، تەننى ئەفگار ئەيلەدى. يېشىمى: گۈل سېنىڭ يۈزۈڭنىڭ ئارزۇسىدا، يۈز – كۆزىنى گۈلزار قىلدى؛ جان سېنىڭ شېكەر لېۋىڭنىڭ تىلىكىدە، تېنىنى مەجرۇھ قىلدى. ئايمۇدۇر ياخۇد يۈزۈڭ خۇرشىدى تابان، ئەي سەنەم، بار ئانىڭتەك شۇئلەسى كۆزلەرنى پەيكار ئەيلەدى. يېشىمى: ئەي گۈزەل يار، يۈزۈڭنىڭ نۇرى كۆزلەرنى قاماشتۇردى، يۈزۈڭ ئايمۇ ياكى تاۋلىنىپ تۇرغان قۇياشمۇ؟ ئىلەتتى ئاغزىڭدىن ئوغۇرلاپ پىستە تارلىقنى، ئاڭا، تۈز سۈيىن قۇيدىلار ئانچە، ئاندىن ئىقرار ئەيلەدى. يېشىمى: پىستە كىچىكلىكنى سېنىڭ ئېغىزىڭدىن ئوغۇرلىغان ئىكەن، ئۇنىڭغا بىر مۇنچە تۇز سۈيىنى قۇيغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇنى ئىقرار قىلدى. ئەي مەسىھادەم بەگىم، بىر دەم بىلە بەرگىل شىفا، شىيۋە بىرلە كۆزلەرىڭ جانىمنى بىمار ئەيلەدى. يېشىمى: ئەي تىنىقلىرى ھايات بېغىشلىغۇچى خېنىم، سېنىڭ خۇلقۇڭ بىلەن كۆزلىرىنىڭ مېنى كېسەلچان قىلدى، «سۇف!» قىلىپ بىر دەم سېلىش بىلەن شىپالىق بەرگىن. ئىككىنچى ئاھاڭ زاھىدىكىم كۆردى زۇلفۇڭ كۇفرىن، ئىماندىن كەچىپ، بوينىدا تەسبىھىنى بەلىگە زۇننار ئەيلەدى. يېشىمى: قاپقارا چاچلىرىڭنى كۆرگەن زاھىت ئىمانىدىن كېچىپ، بوينىدىكى تەسۋىسىنى بېلىگە باغلاپ، زۇننار قىلدى. كۆڭلۈم ئەمگەنمەس بەلى سەن نەچە ئاچىغ سۆزلەسەڭ، چۈن يارتىغدا ئوغان گۇل قۇڭشەسىن خار ئەيلەدى. يېشىمى: ھەر قانچە ئاچچىق سۆزلىسەڭمۇ، سېنىڭدىن كۆڭلۈم رەنجىمەيدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئەزەلدىنلا گۈل تۈۋىدە تىكەن ياراتقان – دە. ئىشق ئىشىن سەككاكىي ئەۋۋەل بىلمەيىن ئاسان كۆرۈپ، ئاخىرى ئۆز جانىنىڭ ئىشىنى دۇشۋار ئەيلەدى. يېشىمى: سەككاكىي ئىشق – مۇھەببەت ئىشىنى باشتا ئاسان چاغلاپ، ئاخىرىدا ئۆز جېنىنى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. 4– مۇقام چەھارگاھ مۇقامى تېكىسىتلىرى بولسا، چوڭ نەغمە قىسمى 148 مىسرا، ئۈچ داستان 54 مىسرا ۋە ئىككى مەشرەب 34 مىسرا بولۇپ، جەمئىي 236 مىسرا شېئىردىن تەركىب تاپقان. يۇقىرىقى ئون ئىككى مۇقامنىڭ تېكىستى ۋە يېشىمى بېيجىڭ مەكىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ئەپەندىمنىڭ «ئەسلى يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. «زۇلقار مەتبەئەچىلىكى» دە تىزىلدى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...