سەگاھ مۇقامى
مۇقام ئانسامبىلى

سەگاھ مۇقامى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2002

مۇقام ئانسامبىلى ھەققىدە:
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىدىن ئىبارەت دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بۇ مەنىۋى تەۋەررۈكنى، بىباھا گۆھەرنى ساقلاپ قىلىش، يىراق ئۆتمۈشنىڭ مالىمانچىلىقىدا يوقىلىپ كەتكەن ئاھاڭلىرىنى تولۇقلاش، ئۇنى رەتلەش ۋە نەشر قىلىش، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش يولىدىكى ئىزدىنىش، ئۇنىڭ مۇزىكا قۇرۇلمىسى، ئورۇنلاش ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلارنىڭ مەزمۇنى ھەققىدىكى تەتقىقات توختاپ قالمىدى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئەڭ دەسلەپ 1951-يىلى پولات سىمغا ئۈنگە ئېلىندى. بۇ جەرياندا ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئەڭ ئاخىر ... داۋامى
تۈر: مۇقام
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 570
سەگاھ مۇقامى - ھەققىدە:
سەگاھ مۇقامى (بۇ مۇقامنىڭ بۇرۇنقى نامى-پەسىللىك مۇقامى) چوڭ نەغمە قىسمى 158 مىسرا، داستان قىسمى ئۈچ داستان 64 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 42 مىسرا جەمئىي بولۇپ 264مىسرا 
چوڭ نەغمە
مۇقەددىمە
 
ئەمەس خىلۋەت نىشىنلەرغە تەماشايى چەمەن ھاجەت،
چۇنانچە بولماغاي ئەھلى فەناغا ئەنجۇمەن ھاجەت.
يېشىمى: خۇددى ئۆزلۈكىنى يوقاتقانلارغا يىغىلىش سورۇنى لازىم بولمىغىنىدەك،
خىلۋەتتە ئىبادەت قىلغۇچىلارغا چىمەن سەيلىسى ھاجەتسىز.
 
گىرىفتارى قەددى رەئنايى گۇلگۇنپۇش مەن، ۋاھ – ۋاھ،
كۆڭۈلدە قالمادى بەرگى گۇلى سەرۋى سۇمەن ھاجەت.
يېشىمى: كۈلرەڭ كىيىنگەن، قەددى – قامىتى كېلىشكەن رەناغا گىرىپتار
بولغاندىن بۇيان، گۈل، ياپراق، سەرۋى، ياسىمەنلەرگە كۆڭلۈمنىڭ خۇشى قالمىدى.
 
بەلا دەشتىندەكى ئاۋارەلەرنىڭ ھالىنى سورماڭ،
كى ئاندا نە گۇلۇ نە بۇلبۇلۇ نە كوھكەن ھاجەت.
يېشىمى: بالايىئاپەت دەشتىدە قالغان سەرگەردانلارنىڭ ھالىنى سورىماڭ، ئۇ
يەردە گۈلمۇ، بۇلبۇلمۇ، تاغ كەسكۈچىمۇ يوق.
 
سەھەر ۋاقتى سەبا يەتكۈردى زۇلفۇڭ تارىدىن بۇيى،
مۇئەتتەر ئولدى ئەلەم، بولمادى مۇشكى خوتەن ھاجەت.
يېشىمى: تاڭ شامىلى سەھەردە چېچىڭنىڭ ھىدىنى ئېلىپ كەلگەنىدى، ئالەم ئەتىر
پۇرىقىغا تولۇپ، خوتەن ئىپارىغا ئېھتىياج قالمىدى.
 
سوئال ئەيلەپدۇرۇركى يىغلاماقدىن نە غەرەز ئاخىر،
دەدىلەر مۇستەفا، دوستۇم، ماڭا ۋەيسى قىرەن جاھەت.
يېشىمى: يىغلىشىڭىزنىڭ سەۋەبى نېمە، دەو سورىغانىدى. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام: «ماڭا دوستۇم سۇلتان ۋەيس قىرەن كېرەك بولدى» دىدى.
 
زىلەيخا گۇلشەنىن قىلدى سەمۇمى ئىشق خاكىستەر،
بۇ ياڭلىغ دەمەكىم ئول يۇسۇفى گۇل پىرەھەن ھاجەت.
يېشىمى: زىلەيخانىڭ گۈلشېنىنى ئىشق شىۋىرغىنى توپا – تۇپراق قىلىۋەتتى
دېمەن، بۇ ئۇنىڭ قانلىق كۆينەك كىيگەن يۈسۈپكە ھاجەتمەن بولغانلىقىدىندۇر.
 
جۇنۇن بازارىدا رۇسۋالىغىمنىڭ بائىسى ئولدۇر،
بەھاغا ئالمادىلار، يوق ئىكەندۈك ماۋۇ مەن ھاجەت.
يېشىمى: جۇنۇن (ساراڭلىق) بازىرىدا رەسۋا بولۇشۇمنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇ يەردە
«ماۋۇ مەن» دېگەن سۆزگە ئېھتىياج يوقكەن، ئۆزلۈكۈمنى بىر تىيىنغىمۇ ئالمىدى.
 
بۇ مۇشتى ئۇستىخانىمنى ئانىڭ كويىغا تاشلاڭلار،
شەھىدى ئىشقغا تابۇت نە گورۇ نە كەفەن ھاجەت.
يېشىمى: مېنىڭ بۇ بىر چاڭگال ئۇستىخىنىمنى ئۇنىڭ كوچىسىغا تالىۋېتىڭلار.
چۈنكى ئىشق يولىدا شېھىت بولغان ئادەمگە تاۋۇتنىڭمۇ، گۆرنىڭمۇ، كېپەننىڭمۇ
كېرىكى بولمايدۇ.
 
رەفىقا، بىسەرۇپالارنى سەن ئاغرىتماغىل زىنھار،
ھەبىب ئىشىكىگە بارغاندا، نە سەن ھاجەت، نە مەن ھاجەت.
يېشىمى: ئەي دوست، يوقسۇللارنىڭ كۆڭلىنى ھەرگىز ئاغرىتمىغىن. چۈنكى
ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بارغاندا، سەنمۇ، مەنمۇ ئوخشاش قىممەتتىكى ئىنسانغا
ئايلىنىمىز.
 
نەۋائىي، يارنىڭ ئاستانەسىنىڭ توفراغى بولدۇڭ،
ساڭا ئەندى نە سەھۋايۇ نە شەھرۇ نە ۋەتەن جاھەت.
يېشىمى: ئەي نەۋائىي، يار بوسۇغىسىنىڭ تۇپرىقى بولدۇڭ، ئەمدى ساڭا سەھرامۇ،
شەھەرمۇ، ۋەتەنمۇ كېرەك بولمايدۇ.
 
تەئەززە
 
كەلگىلكى، مۇشتاق بولمىشەم شىرىن لەبىڭ گۇلقەندىنە،
كەلگىل، لەبىڭ قەندىن ئىلەتگىل ئانلارنىڭ گۇلقەندىنە.
يېشىمى: كەل، مەن شېرىن لېۋىڭنىڭ گۈلقەنتىنى سېغىنىپ قالدىم. كەلگىن،
لېۋىڭنىڭ قەنتىنى زامانىڭنىڭ گۈلقەنتىەە يەتكۈزگىن.
 
ھەر قايدا كىم شەرھ ئەيلەسەم شىرىن دۇداغىڭ قەندىنى،
روھلار قانۇر تۇتى كەبى ئول لەئلى شەكەر خەندىنە.
يېشىمى: شېرىن لېۋىڭنىڭ قەنتىنى قەيەردە شەرھلىسەم، ئاشۇ كۈلۈپ تۇرغان
ياقۇت لېۋىڭنىڭ شېكىرىدىن روھلار خۇددى شاتۇتىدەك ئوزۇقلىنىدۇ.
 
شەھلا كۆزۈڭ مەندى كۆڭۈل ئايدىيۇ ئانت ئىچەركى بۇ،
بولسۇن كەفارەت جانۇ دىل ئول گەرچەگىڭ سەۋگەندىنە.
يېشىمى: شەھلا كۆزۈڭ كۆڭلۈمنى ئېلىۋېلىپلا قەسەم ئىچىدۇ، جان – دىلىم ئاشۇ
ئىچكەن قەسىمىڭنىڭ كاپارىتى (تۆلىمى) بولسۇن.
 
مۇشكىن ساچىڭ بەنددىن مەنى كەسدىيۇ پەيۋەند ئەيلەدى،
تەھسىن ئانىڭ كەسكەنىگە، رەھمەت ئانىڭ پەيۋەندىنە.
يېشىمى: ئىپار ھىدلىق چېچىڭ مەنى بەنتتىن يەشتىمۇ يەنە باغلىۋالدى. ئۇنىڭ
يەشكىنىگە ئاپىرىن، باغلىغىنىغا رەھمەت!
 
زۇلفىلە قاشى قارەدۇر سەرۋى خىرامان دىلبەرىڭ،
قاشلارىگە قۇربان ئولام، يا تۇررەئى دىل بەندىنە.
يېشىمى: ئۇ سەرۋى بويلۇق دىلبەرنىڭ چېچىمۇ، قېشىمۇ قاپقارا، ئۇنىڭ
قاشلىرىغا قۇربان بولايمۇ ياكى كۆڭۈلنى باغلىۋالغان چاچلىرىغىمۇ؟
 
ئەي ۋائىز، ئەبسەم ئول، ماڭا تائەتىڭى پىش ئەيلەمە،
مەن ئاشىق ئولدۇم كىرمەگۈم، ھەر قىسسەخانىنىڭ پەندىنە.
يېشىمى: ئەي ۋائىز، تائىتىڭنى پەش قىلىپ تولا چىغىمغا تەگمە، مەن بىر
ئاشىق، ھەرقانداق ۋەزخانىنىڭ نەسىھىتىگە كىرمەيمەن.
 
ئەي ئىشقنى ئىنكار ئەيلەيەن، چۈنۇ چىرايۇ چەندنى قوي،
نەچۈك تۈشەرسەن ئاشىقىڭ چۈنۇ چىرايۇ چەندىنە.
يېشىمى: ئەي ئىشقنى ئىنكار قىلغۇچى، ئۇنداق – مۇنداقلىرىڭنى (نېمە ئۈچۈن،
نېمە سەۋەبتىن، قانچىلىك، دېگەندەك سوئاللىرىڭنى) قوي، چۈنكى سەنمۇ
ئاشىقنىڭ ئۇنداق – مۇنداقلىرىغا چۈشۈپ قالىسەن.
 
زۇلفى كەمەندىندىن كۆڭۈل قۇتۇلماس ئايرۇ، شۆيلە بىل،
سەۋداسىگە بەل باغلامىش، ھەم كۆز قاراتمىش بەندىنە.
يېشىمى: كۆڭۈل ئۇنىڭ چېچىنىڭ سىرتمىقىدىن قۇتۇلمايدۇ، بىلىشىڭ كېرەككى،
كۆڭۈل ئۇنىڭ سەۋداسىغا بەل باغلىغان ھەم ئۇنىڭ ئەسىرى بولۇشىغا كۆز تىككەن.
 
چۈن شەھرىيارنىڭ شەھرىنە بۇ گۈن نەسىمىدۇر مەلىك،
بۇيرۇق ئانىڭدۇر، ھۇكم ئانىڭ ھەم شەھرىنە ھەم كەندىنە.
يېشىمى: نەسىمى بۈگۈن پادىشاھنىڭ شەھىرىگە پادىشاھدۇر، شۇڭا ھەم ئۆزىگە ھەم
شەھىرىگە بۇيرۇق بېرەلەيدۇ، ھۆكۈمىنى يۈرگۈزەلەيدۇ.
 
تەئەززە چۈشۈرگىسى
 
چۈن شەھرىيارنىڭ شەھرىنە بۇ گۈن نەسىمىدۇر مەلىك،
بۇيرۇق ئانىڭدۇر، ھۇكم ئانىڭ ھەم شەھرىنە ھەم كەندىنە.
يېشىمى: نەسىمىي بۈگۈن شەھرىيار (پادىشاھ، ئىمپېراتور)نىڭ شەھىرىگە
پادىشاھدۇر. شۇڭا ھەم ئۆزىگە ھەم شەھىرىگە بۇيرۇق بېرەلەيدۇ، ھۆكۈمىنى
يۈرگۈزەلەيدۇ.
 
نۇسخە
 
ماڭا سەن بولماساڭ جان ھاجەت ئەرمەس،
بىھىشتۇ ھۇرۇ رىزىۋان ھاجەت ئەمەس.
 
يېشىمى: سەن بولمىساڭ، ماڭا بۇ جاننىڭ كېرىكى يوق؛ جەننەت ۋە ھۆرلەرنىڭمۇ
لازىمى يوق.
 
فىراقىڭدا كۆزۈم ياشى بار ئەركەن،
بەھارۇ ئەبرى نىيسان ھاجەت ئەرمەس.
يېشىمى: پىراقىڭدا كۆز ياشلىرىمنى تۆكۈۋاتقان ئىكەنمەن، باھار ۋە باھار
بۇلۇتلىرى دېگەنلەرگە ھاجەت چۈشمەيدۇ.
 
يۈزۈڭدىن شاملار زۇلفۇڭنى يىغساڭ،
فۇرۇغى ماھى تابان ھاجەت ئەرمەس.
يېشىمى: ئاخشاملىرى يۈزۈڭنى يېپىۋالغان چاچلارنى قايرىساڭ، تولۇن ئاينىڭ
نۇرىغا ھاجەت قالمايدۇ.
 
بويۇڭ سەرۋۇ كۆزۈڭ نەگىس، يۈزۈڭ گۇل،
سەنىڭ قاشىڭدا بوستان ھاجەت ئەرمەس.
يېشىمى: بويۇڭ سەرۋىگە، كۆزۈك نەرگىسكە، يۈزۈڭ گۈلگە ئوخشايدۇ، سەن بار
يەردە گۈلزارغا ھاجەت قالمايدۇ.
 
ئەگەر گەشتى لەبى دەريا قىلۇرسەن،
كۆزۈمگە كەلكى، ئۇممان ھاجەت ئەرمەس.
يېشىمى: ئەگەر دەريا بويلىرىنى سەيلە قىلماقچى بولساڭ، (ياش قۇرىمايدىغان)
كۆزۈمگە كەل، دەريا بويىغا بېرىش ھاجەت ئەمەس.
 
رەقىب بىرلە مۇساھىب قىلما بىزنى،
قۇتۇرغان ئىتكە سەگبان ھاجەت ئېرمەس.
يېشىمى: مېنى ئىشىك باقارىڭغا ھەمراھ قىلىمەن دېمەن، چۈنكى، قۇترىغان ئىتقا
ئىتباقار لازىم بولمايدۇ.
 
ئاتايىغە بۇسۇغاڭدىن ئورۇن بەر،
سەرايۇ كاخى ئەيۋان ھاجەت ئەرمەس.
يېشىمى: ئاتايىغا بوسۇغاڭدىن ئورۇن بەر، ئۇنىڭغا ئايۋانلىق قەسىر كېرەك ئەمەس.
 
نىگارا، سەنسىزىن مەندىن نە ھاسىل،
ئەگەر جان بولماسا، تەندىن نە ھاسىل.
يېشىمى: ئەي نىگار، جانسىز تەننىڭ كېرەكى بولمىغىنىدەك، سەنسىز مېنىڭ نېمە
كېرىكىم؟
 
چۇ گۇلدىن رەنگ ئەمەس بۇلبۇلغا بۇيى،
بەھارۇ باغۇ گۇلشەندىن نە ھاسىل.
يېشىمى: بۇلبۇلغا گۈلنىڭ رەڭگى ئەمەس، ھىدى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا،
باھار، باغ ۋە گۈلشەننىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟
 
جەفايۇ ئىشۋەلەرنى فەن تۇتۇپسەن،
مۇنىڭتەك ئىشۋە پۇرفەندىن نە ھاسىل.
يېشىمى: ناز – كەرەشمىلىرىڭ بىلەن كىشىگە جاپا سېلىشنى ئادەت قىلىۋاپسەن.
بۇنداق ناز – خۇلۇق، نەيرەڭۋازلىقنىڭ نېمە پايدىسى؟
 
كىشىكىم يوقتۇرۇر مھرى ۋەفاسى،
ئەگەر خورشىددۇر ئاندىن نە ھاسىل.
يېشىمى: ئادەم ھەر قانچە قۇياش بولۇپ كەتسىمۇ، مېھر – ۋاپاسى بولمىسا،
ئۇنىڭ نېمە كېرىكى؟
 
نۇسخە چۈشۈرگىسى
 
بۇ تۇرلۈك ھۇسن ئىلە لۇتفىي قولۇڭغا،
ئىنايەت قىلماساڭ، سەندىن نە ھاسىل.
يېشىمى: شۇنچە ھۆسىن – جامالىڭ تۇرۇپ، قۇلۇڭ لۇتفىيغا مۇھەمەت قىلمىساڭ،
سېنىڭ نېمە كېرىكىڭ؟
 
جۇلا
 
تالى مەجنۇن شاخى ئەگىلدى يار ئەگىلمەيدۇر ماڭا،
يا كەلىپ ئالغىن بۇ جاننى يا كۆڭۈل بەرگىن ماڭا.
يېشىمى: ھەتتا مەجنۇن تالنىڭ شېخىمۇ ئېگىلدى، ئەمما يار تېخىچە ماڭا
ئېگىلمەيۋاتىدۇ. (ئى يار)، يا كېلىپ بۇ جاننى ئالغىن، يا كۆڭلۈڭنى بەرگىن.
 
يار يىراقتا، مەن فىراقتا، ۋەدە يالغان بولماسۇن،
خەلقى ئەلەم بىر بولۇپ، يولدىن چىقارغان بولمىسۇن.
يېشىمى: يار ئۇزاقتا، مەن ئۇنىڭ جۇدالىقىدا؛ ۋەدىمىز ۋەدە بولسۇن،
خەلقىئالەم بىر بولۇپ، ئازدۇرۇپ كەتكەن بولمىسۇن، دەيمەن.
 
«ئەسسالام» دەپ ئۆيگە كىرسەم، ئۆيدە يارىم ئولتۇرۇر،
قاشلارى قىيغان قەلەمدەك، كۆزلەرى ئويناپ تۇرۇر.
يېشىمى: «ئەسسالام» دەپ ئۆيگە كىرسەم، ئۆيدە يارىم ئولتۇرۇپتۇ. قاشلىرى
ئۇچلىغان قەلەمدەك ئىنچىكە، كۆزلىرى ئويناپ تۇراتتى.
 
كۆرگەلى كەلدىلەرمۇ كۆيدۈرگەلى كەلدىلەرمۇ؟
كۆيۈپ ئۆچكەن ئوتلارنى ياندۇرغالى كەلدىلەرمۇ؟
يېشىمى: كۆرگىلى كەلدىلىمۇ، كۆيدۈرگىلى كەلدىلىمۇ؟ كۆيۈپ ئۆچكەن ئوتلارنى
(جانلىق تىلدا: ئوتلىنى) ياندۇرغىلى كەلدىلىمۇ؟
 
ئىزدەمەس كۆڭلۈم مەنىڭ يار ئىزدەگەننىڭ يارى بول،
كىم سانى يارىم دەسە، بارىپ شۇنىڭ گۇلزارى بول.
يېشىمى: باشقا يار ئىزدىگەن ئادەمنىڭ يارى بولۇشنى كۆڭلۈم خاھلىمايدۇ. كىم
سېنى «يارىم» دېسە، بېرىپ شۇنىڭ گۈلزۈرى بولغىن.
 
سەنەم
 
ئاي ئالدىدا، گۈن كەينىدە، ھەسرەت ئىچىمدە،
كۆيۈپ تۇرغان ئوتنى سالدىڭ مەنىڭ ئىچىمگە.
يېشىمى: ئەي ئاي ئالدىمدا، كۈن كەينىمدە تۇرۇپتۇ، سەن مېنىڭ ئىچىمگە كۆيۈپ
تۇرغان ئوتنى سېلىۋەتتىڭكى، مەن ھەسرەت ئىچىدە قالدىم.
 
ئاتلارىنى ھايدايدۇركەن مۇز دابان بىلەن،
بىر ياخشىنى قىينايدۇركەن بىر يامان بىلەن.
يېشىمى: ئاتلارنى ھايدايدىكەن مۇز داۋان بىلەن، بىر ياخشىنى قىينايدىكەن
بىر يامان بىلەن.
 
قارا – قارا قارغالارنىڭ قاناتى بولسام،
ئەگىز – ئەگىز چىنارلارنىڭ شاخىغا قونسام.
يېشىمى: قارا – قارا قاغىلارنىڭ قانىتى بولسام، ئېگىز – ئېگىز چىنارلارنىڭ
شېخىغا قونسام.
 
جان ئالغۇچى ئەزرائىلنىڭ شاگىردى بولسام،
ئاشىقلارغا قەسد قىلغاننىڭ جانىنى ئالسام.
يېشىمى: جان ئالغۇچى ئەزرائىلنىڭ شاگىرتى بولسام، ئاشىقلارغا قەست قىلغان
ئادەمنىڭ جېنىنى ئالسام، دەيمەن.
 
چوڭ سەلىقە
 
قىزىل – قىزىل ئالمالارىم ئاقىندا كەتتى،
قىزىل تونلۇق مەنىڭ يارىم ئىلىغا كەتتى.
يېشىمى: قىزىل – قىزىل ئالمىلار ئېقىندا ئېقىپ كەتتى. مېنىڭ قىزىل تونلۇق
يارىم ئىلىغا كەتتى.
 
قاراسام ھىچ كۆرۈنمەيدۇ ئىلىنىڭ تاغى،
مۇنداق يامان بولارمۇدۇر كۆيەكنىڭ داغى.
يېشىمى: قارىسام، ئىلىنىڭ تېغى ھېچ كۆرۈنمەيدۇ. كۆيۈكنىڭ دېغى مۇنداقمۇ
يامان بولارمۇ؟
 
قارا – قارا كۆرۈنگەنلەر تاغنىڭ دىرەختى،
يارنى يارغا كۆرسەتمەگەن يولنىڭ يىراغى.
يېشىمى: قارا – قارا كۆرۈنگەنلەر تاغنىڭ دەرىخى. يارنى يارغا كۆرسەتمىگەن
يولنىڭ ئۇزاقلىقى.
 
يوللار يامان، يوللار يامان، يولنى بىلمەسە،
مان يارىمنى ئىزدەگەننى دۈشمەن بىلمەسە.
يېشىمى: يولنى بىلمىسە، «يول يامان، يول يامان» دەپ ئولتۇرىدىغان گەپ.
مېنىڭ يارىمنى ئىزدىگىنىمنى دۈشمەن بىلىپ قالمىسا، دەيمەن.
 
يولدا يەتمەي ئۆلۈپ قالسام، قارغا يەمەمدۇر،
قارغالارمۇ قىيامەتلىك ئاشىق دەمەمدۇر.
يېشىمى: يار ۋىسالىغا يەتمەي تۇرۇپ، يولدا ئۆلۈپ كەتسەم، قاغا يەپ
كەتمەسمۇ؟ قاغىلارمۇ ئۆز ئىچىدە قىيامەتلىك ئاشىق بولىشىدۇ، دەيدىغۇ؟
 
كىچىك سەلىقە
 
لەبىڭ يادىدا گۇلگۇن مەي ئىچىپ مەستانە بولمىشمەن،
جۇنۇن شەھرىدە رۇسۋالىق بىلە ئەفسانە بولمىشمەن.
يېشىمى: لېۋىڭنى ئەسلەپ، گۈلرەڭ مەي ئىچىپ مەستانە بولدۇم. سەۋدايىلىق
شەھىرىدە رەسۋا بولۇپ، سۆز – چۆچەككە قالدىم.
 
پەرى پەيكەر نىگارى لەيلى يەڭلىغ جىلۋەگەر كۆرگەچ،
ياقامنى چاك ئەتىپ مەجنۇن كەبى دىۋانە بولمىشمەن.
يېشىمى: پەرى سۈپەت نىگارنى لەيلىدەك جىلۋىلىك گۈزەل كۆرگىنىمدە، ياقامنى
يىرتىپ مەجنۇندەك ساراڭ بولدۇم.
 
جەمالىڭ شەمئىغە، ئى گۇل، نەسىم ئەتمەكنى ياغ ئەيلەپ،
باشىڭدىن ئۆيرۇلۇپ بۇلبۇل كەبى پەرۋانە بولمىشمەن.
يېشىمى: ئەي گۈلۈم، جامالىڭ شامىغا سەلكىن شامال بولۇش ئارزۇسىدا، بېشىڭدا
بۇلبۇلدەك چۆرگىلەپ، پەرۋانە بولدۇم.
 
بىراۋ ئىشقىن تەرك ئەيلەپ ئەدىم، يۈزمىڭ جەفا تارتىپ،
گىرىفتارى سىتەم، ۋاھكىم بىراۋگە يانە بولمىشمەن.
يېشىمى: بىرسىنىڭ ئىشقىدىن يۈزمىڭ جاپا – مۇشەققەت چېكىپ ئاران ئۆزۈمنى
تارتقانىدىم؛ ۋاھ، زۇلۇم – سىتەم بىلەن يەنە بىرسىگە گىرىپتار بولدۇم.
 
كۇلاھى زەرنى باشىڭ ئۈزرە كۆرگەچ، ئوتلۇق ئاھىمدىن،
چەكىپ زەررىن ئەلەم باشىم ئۈزە شاھانە بولمىشمەن.
يېشىمى: بېشىڭدىكى ئالتۇن كۇلاھنى كۆرگەچ، ئوتلۇق ئاھىمدىن بېشىمغا ئالتۇن
تۇغ تاقاپ، شاھلارغا ئوخشاش بولدۇم.
 
جۇنۇن دەشتىدە مەجنۇندەك كىيىكلەر ھەمدەمىم بولمىش،
نەدىنكىم شەھر ئەلىدىن ئەسرۇ كۆپ ئەفسانە بولمىشمەن.
يېشىمى: سەۋدايىلىق باياۋانىدا، مەجنۇنغا ئوخشاشلا كىيىكلەرگە ھەمدەم
بولدۇم. نېمە ئۈچۈنكى شەھەر خەلقىنىڭ ناھايىتى كۆپ سۆز – چۆچەكلىرىگە قالدىم.
 
قەددىم دالۇ كۆزۈم پۇرنەم سىرىشكىمنى ساچىپ ھەريان،
ۋەفا سەيدىن تۇتارغا دامى سەۋەدى دانە بولمىشمەن.
يېشىمى: قەددىم ئېگىلگەن، كۆزۈم نەملىك، ياشلىرىمنى تارام – تارام تۆككەن
ھالدا، ۋاپا قۇشىنى تۇتۇش ئۈچۈن، دان بىلەن توزاق بولدۇم.
 
فىگار ئەيلەپ تەنىمنى تىيرى ئىشقىڭ، ئەي قارا كاكۇل،
ساچىڭ سەۋداسىدىن، ۋاھكىم، ئەجايىب شانە بولمىشمەن.
يېشىمى: ئەي قارا كوكۇللىلىق يار، ئىشقىڭ ئوتى تېنىمنى جاراھەتلەندۈردى.
توۋا، چېچىڭنىڭ سەۋداسىدىن ئاجايىپ بىر تاغاققا ئوخشاپ قالدىم.
 
ئىچىمدە تامغا – تامغا داغى ئىشقىڭ نەقدىنى ئاسراپ،
ئىچىدىن چاڭ – چاك بولغان بۇزۇن ۋىيرانە بولمىشمەن.
يېشىمى: بېسىلغان تامغىلاردەك ئورناپ كەتكەن ئىشقىڭ داغلىرىنى ئىچىمدە مال
– دۇنيادەك ساقلاپ، ئىچ ئىچىمدىن چاك كتكەن ۋەيرانىغا ئوخشاپ قالدىم.
 
فۇتۇھىي قۇلغا، ئى شاھ، شەكەرىن لەفزىڭ گەزەك قىلغىل،
لەبىڭ يادىمدا گۇلگۇن مەي ئىچىپ مەستانە بولمىشمەن.
يېشىمى: ئەي شاھ، قۇل فۇتۇھىيغا شېرىن سۆزۈڭنى زاكۇسكا قىلىپ بەرگىن.
لېۋىڭنى ئەسلەپ، گۈلرەڭ شاراب ئىچىپ، كەيپ بولۇپ قالدىم.
 
تەنىمدىن چىقغالى يەتتى جۇدالىق جىھەتدىن جانىم،
نىسار ئولغاي ئاڭا جانۇ جەھانىم بەلكى ئىمانىم.
يېشىمى: جۇدالىق تۈپەيلى جېنىم تېنىمدىن چىقىپ كېتەي دەپ قالدى؛ ئۇنىڭغا
جېنىم، بايلىقىم، بەلكى ئىمانىم نىسار (چاچقۇ) بولسۇن.
 
باشىمنى بەندەۋار ئىشىكىڭدە قويدۇم تا تىرىكدۇرمەن،
كى تۇفراقدىن كۆتەرسۇن لۇتف بىرلە تۆكسەمۇ قانىم.
يېشىمى: تىرىكلا بولىدىكەنمەن ئىشىكىڭدە قۇللارچە باش قويۇپ تۇرىمەن؛
قېنىمنى تۆكسەڭمۇ مەيلى ئەمما مەرھەمەت قىلىپ، يەردىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ قويغىن.
 
ساغىندىم گۇل يۈزۈڭنى بىردەمى كۆرمەككە مەن مۇشتاق،
فىراقىندا سەھەر بۇلبۇلنى ئۆرتەر ئاھۇ ئەفغانىم.
يېشىمى: گۈل يۈزۈڭنى سېغىندىم، ئۇنى بىردەم كۆرۈشكە ئىنتىزارمەن. تاڭدا
پىراق بىلەن چەككەن ئاھۇ – پىغانىم بۇلبۇلنىمۇ ئۆرتەيدۇ.
 
بۇ ئىقلىم ئىچرە ئىستەپ كۆرمەدىم سەندەك پەرىۋەشنى،
يۈزۈڭگە تەلمۈرۈپ جان بەرگەلى بىسيار ئەرمانىم.
يېشىمى: بۇ دۇنيادا سەندەك پەرىزات سۈپەت يارنى ئۇچراتمىدىم، يۈزۈڭگە
تەلمۈرۈپ تۇرۇپ جان بېرىش – بىردىنبىر ئامىنىمدۇر.
 
مەلاھەتدە لەبىڭگە قەندۇ شەكەر قاندا تەڭ بولسۇن،
نەزاكەتلىك قولۇڭغا سۇ قۇيالماس خان قىزى، خانىم.
 
يېشىمى: خېنىم، شېرىنلىكتە لېۋىڭگە قەن – ناۋاتمۇ تەڭلىشەلمەيدۇ؛
نازارەتلىكتە خاننىڭ قىزىمۇ قولۇڭغا سۇ قويۇپ بېرەلمەيدۇ.
 
كۆزۈڭ كافىرلىقى يەتمەيدۇرۇركىم سۈرمەدار ئەتتىڭ،
مەنى ئۆلتۈرگەلى مايىل بولۇپ سەن شاھى ئىھسانىم.
يېشىمى: كۆزۈڭنىڭ قارىلىقى يەتمىگەندەك ئۈستىگە يەنە سۈرمە تارتىپسەن؛
شاھلارچە ئىلتىپات قىلىپ، مېنى ئۆلتۈرەي دەپسەن.
 
كىچىك سەلىقە چۈشۈرگىسى
 
نەچە مۇددەتدۇرۇركىم مەن ساڭا، ئەي دىلبەرى رەئنا،
بولۇپمەن ۋالىھى شەيدا تۈشۈپسەن شاھى خۇبانىم.
يېشىمى: ئەي گۈزەل رەنا، سەن گۈزەللەر شاھى بولغىنىڭ ئۈچۈن، مەن ساڭا
ئۇزۇندىن بۇيان ئەسەسبىي شەيدا.
 
پىشرەۋ
 
دەمە يۈزكىم خوتەن گۇلزارىدۇر بۇ،
دەمە خەت نافەئى تاتارىدۇر بۇ.
يېشىمى: ئۇنى يۈز دېمە، ئۇ خوتەن گۈلزارى؛ ئۇنى يېڭى خەت تارتقان مويلاۋ
(مىيىق) دېمە، ئۇ تاتار ئىپارى.
 
كۆزى ئۆلتۈرسە، لەئلى جان باغىشلار،
ئەجايىب مۇددەئا ئىزھارىدۇر بۇ.
يېشىمى: كۆزى ئۆلتۈرسە، لېۋى جان بېغىشلايدۇ. بۇ ئۆز مۇددىئاسىنى ئاجايىپ
بىر خىل ئىزھارلاشقۇ!
 
دەسەم: كۆڭلۈمنى زۇلفۇڭ ئەيلەدى بەند،
دەر: ئەي مىسكىن، ئانىڭ بىر تارىدۇر بۇ.
يېشىمى: «چېچىڭ مېنى باغلىۋالدى» دېسەم، ئۇ: «ئەي بىيچارە، بۇ تېخى
چېچىمنىڭ بىرلا تېلى» دەيدۇ.
 
سۆزى گەر ئەسرۇ شىرىندۇر، تاڭ ئەرمەس،
ھەدىسى لەئلى شەكەر بارىدۇر بۇ.
يېشىمى: سۆزنىڭ ئىنتايىن شېرىن بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ
شېكەر ياغدۇرغۇچى ياقۇت لېۋىدىن چىققان.
 
ئوغۇرلار جان زەنەخدانىڭ ئارا خال،
كى بابىل چاھىنىڭ ئەييارىدۇر بۇ.
يېشىمى: زىناقلىرىڭ ئارىسىدىكى خالىڭ جاننى ئوغۇرلايدۇكى، بابىل زىندانىغا
چۈشكەن ئەييارمىكىنە بۇ؟!
 
كۆڭۈل ئۆزلۈكنى بىر ساغەرگە ساتتى،
مەگەر دەيرى فەنا خەممارىدۇر بۇ.
يېشىمى: كۆڭۈل ئۆزلۈكىنى بىر قەدەھ شاراپقا ساتتى، قارىغاندا ئۇ ئۆزلۈكىنى
يوقاتقانلار مەيخانىسىنىڭ ئىچەرمىنى ئوخشايدۇ.
 
نەۋائىيغا، دەسەم قىل ئەي يىگىت، رەھم،
كۈلۈپ دەر: نە ھاياسىز قەرىدۇر بۇل.
يېشىمى: «ئەي يىگىت، نەۋائىيغا رەھىم قىلغىن» دېسەم، ئۇ كۈلۈپ كېتىپ:
«قانداق ھاياسىز قېرى بۇ» دەيدۇ.
 
مەنى بىچارەنى بىخانۇمان ئەت،
ئۆزۈڭ ئىشقىدا ۋۇسۋايى زەمان ئەت.
يېشىمى: مەن بىچارىنى ھەممىدىن مەھرۇم قىل، ئۆزۈڭنىڭ ئىشقىدا رەسۋايى ئالەم
قىلغىن.
 
جىگەر قانىدىن ئەيلەر جۇيبارى،
ئوقۇڭ جانىم ئارا سەرۋى رەۋان ئەت.
يېشىمى: جىگىرىم قانلىرىدىن ئېقىن ھاسىل بولدى؛ كىرپىك ئوقۇڭنى جېنىمدا
ئۆسۈۋاتقان سەرۋى دەرىخى قىلغىن.
 
نىشانە ئەيلەدىم سىينەم ئوقۇڭغا،
ئاڭا پەيۋەستە قاشىڭدىن كامەن ئەت.
يېشىمى: كىرپىك ئوقڭڭغا كۆكسۈمنى نىشان قىلىپ بەردىم، ئەمدى ئۇنىڭغا قوشۇما
قاشلىرىڭنى كامان قىلغىن.
 
تىلەر جانىم قۇشى ئەيلەرنى پەرۋاز،
ئانىڭ پەرۋازىنى بىر لامەكان ئەت.
يېشىمى: جېنىم قۇشى پەرۋاز قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ پەرۋازىنى ماكانسىز
(سەندىن باشقا يەرگە چۈشەلمەيدىغان) قىلىپ قويغىن.
 
نىسار ئەيلەي ساڭا جانۇ جەھانىم،
قەبۇل ئەيلە بۇلارنى، قەسدى جان ئەت.
يېشىمى: ساڭا جاھان ۋە جېنىمنى چاچقۇ قىلاي، ئۇنى قوبۇل قىل، جېنىمنىڭ
قەستىگە چۈشكىن.
 
مەنى مەست ئەيلە تاكىم سۈبھى مەھشەر،
كۆزۈڭ پەرتەۋسىدىن ئەسرۇك نىشان ئەت.
يېشىمى: مېنى كۆز نۇرۇڭ بىلەن تاكى قىيامەتكىچە مەست قىلغىن.
 
پىشرەۋ چۈشۈرگىسى
 
زۇھۇرىي بولماسا يادىڭدا بىر دەم،
قىيا باققانىدىن ئىلكىڭنى قان ئەت.
يېشىمى: زۇھۇرىي سېنى بىردەم ئېسىمدىن چىقارغىدەك بولسا، شۇ گۇناھى ئۈچۈن
قولۇڭنى ئۇنىڭ قېنى بىلەن بويىغىن.
 
تەئكىد
 
دەۋزەخنىڭ ئوتىنى دەيدۇر، كۆيۈكنىڭ ئوتىغا يەتمەس،
سەنىڭ ئىشقى فىراقىڭدا باشىمدىن غەم تاغى كەتمەس.
يېشىمى: دوزاخنىڭ ئوتىنى يامان دەيدۇ، ئەمما كۆيۈكنىڭ ئوتىغا يەتمەيدۇ؛
ئىشقىڭنىڭ جۇدالىقىدا، بېشىمدىن غەمنىڭ تېغى نېرى كەتمەيدۇ.
 
قاشىڭ دەيمۇ، كۆزۈڭ دەيمۇ، سىياقىڭ قىلدى مەستانە،
سەنىڭ ئىشقى فىراقىڭدا يۈرەكىم كۆيدى يىگانە.
يېشىمى: قېشىڭنى دەيمۇ، كۆزۈڭنى دەيمۇ، سېنىڭ پۈتكۈل تۇرۇقۇڭ مېنى مەست
قىلدى؛ مۇھەببىتىڭنىڭ جۇدالىقىدا، مېنىڭلا يۈرىكىم كۆيىۋاتىدۇ.
 
ئوقۇيمەن خاجە ھافىزنى، خۇدايىم ئايرىماس بىزنى،
خۇدايىم ئايرىسا بىزنى، ئۇنۇتمايمەن قارا كۆزنى.
يېشىمى: خوجا ھاپىز ئەسەرلىرىنى ئوقۇيمەن، خۇدايىم بىزنى ئايرىۋەتمىسۇن؛
خۇدايىم بىزنى ئايرىۋەتسىمۇ، مەن ئۇ قارا كۆزنى ئۇيۇتمايمەن.
 
داستان
بىرىنچى داستان
 
نا ئەھلى بىلەن سۇھبەت تۇتما ھەر جايدا،
دۈشمەنلەرگە سىررى ھالىن بىلدۈرۈر...
كۆڭۈلدەكى سىرنى ئايتما نامەردكە،
دۈشمەنلەرگە سەۋغا – سەلام يەتكۈرۈر.
يېشىمى: ھەرقانداق يەرە، نائەھلى ئادەم بىلەن ھەمسۆھبەت بولمىغىنكى، ئۇ
دۈشمەنلەرگە مەخپىيەتلىكىڭنى دەپ قويىدۇ؛ نامەرت ئادەمگە كۆڭۈلدىكى سىرنى
ئېيىتمىغىنكى، ئۇنى دۈشمەنلەرگە سوغات قىلىۋېتىدۇ.
 
مۇھەببەتسىز گۇلدىن ياخشىدۇر يافراق،
بىبەھرى گىياھدىن ياخشىدۇر تۇفراق.
بىئەقىل يولداشتىن ياخشىدۇر تاياق،
كور كىشىگە يۈرەر يولىن بىلدۈرۈر.
يېشىمى: مۇھەببەتسىز گۈلدىن يوپۇرماق ياخشى؛ پايدىسىز ئۆسۈملۈكتىن توپا
ياخشى؛ ئەقىلسىز ھەمراھتىن ھاسا – تاياق ياخشىكى، ئۇ ھېچ بولمىسا، ئەما
كىشىگە ماڭىدىغان يولنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇ.
 
يامانلارنى قويۇپ بولماس رائيغا،
سەنى سالۇر غەم – غۇسسەنىڭ چاھىغا.
مۇھەببەتنىڭ مېھمانى بارسا ئۆيىغە،
كۈچۈك ئىتتەك قاباپ، فىئلىن بىلدۈرۈر.
يېشىمى: يامان ئادەملەرنى ئۆز مەيلىگە قويىۋەتكىلى بولمايدۇ. ئەگەر
قويىۋەتسەڭ، سېنى غەم – غۇسسىنىڭ قۇدۇقىغا تاشلايدۇ. ئىشق – مۇھەببەتنىڭ
مېھمىنى ئۆيىگە بارسا، ئۇنداق ئادەملەر خۇددى كىچىك ئىت (كۈچۈك) تەك قاۋاپ،
ئۆز خۇيىنى بىلدۈرىدۇ.
 
يۈسۈفبەگ دەر: ئەجەب بولدى زەمانلار،
ئەمدى ساڭا ھەمراھ بولدى مەكانلار.
ئۆز ھالىنى ھەرگىز بىلمەس نادانلار،
بىر ئىش بىلە ھەرنە ھالىن بىلدۈرۈر.
يېشىمى: يۈسۈپ بەگ ئېيتىدۇ: زامانلار ئەجەب بىر خىل بولىۋاتىدۇ، ئەدى ساڭا
جاي – ماكانلار ھارام بولدى. نادان ئادەملەر گەرچە بىر ئىشلارنى قىلىپ،
تۈرلۈك ئەھۋاللارنى ئۇقتۇرسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ھەرگىز بىلمەيدۇ.
 
ئىككىنچى داستان
 
رۇخسارىڭنى كۆرۈپ ئاغدى خەيالىم،
ئەي دىلرەبا، قايدا بولۇر مەكانىڭ؟
پەرىمۇ سەن، بەشەرمۇ سەن نىگارىم،
ئايتغىل، جانا، قايدا بولۇر مەكانىڭ؟
يېشىمى: رۇخسارىڭنى كۆرۈپلا، ئەس – يادىم ئاستىن – ئۈستۇن بولدى، ئەي
دىلرەبا، قەيەردە تۇرىسەن؟ پەرىمۇ سەن، ياكى ئىنسانمۇ، ئېيىتقىنا ئەي جان
بىگارىم، قەيەرلىكسەن؟
 
مەنى سورساڭ، شاھ بەرقۇتنىڭ قىزىمەن،
شەمسى بوستان ئەرۇر مەنىڭ مەكانىم.
ھالىم سورساڭ پەرىزادنىڭ قىزىمەن،
ياقىن يەردە يوقتۇر مەنىڭ مەكانىم.
يېشىمى: مېنى سورىساڭ، شاھ بەرقۇتنىڭ قىزىمەن، «شەمسى بوستان» دېگەن يەر
مېنىڭ ماكانىمدۇر؛ ھال – زاتىمنى سورىساڭ، پەرىزاتنىڭ قىزىمەن، مېنىڭ تۇرار
جايىم ناھايىتى يىراقتا.
 
سەنى كۆرسە ئاقىل يولدىن ئاداشار،
جۇملە ئەلەم بەلكى سەنى تالاشار.
مەنزىلىڭگە نەچە گۈندە يول توشار،
قايدا بولۇر، جانا، سەنىڭ مەكانىڭ؟
يېشىمى: سېنى كۆرسە، ئەقىل يولدىن ئادىشىدۇ؛ بەلكى پۈتكۈل ئالەم سېنى
تالىشىدۇ. تۇرار جانىڭغا نەچچە كۈندە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، ئەي جان، سېنىڭ
ماكنىڭ زادى قەيەردە؟
 
ئاشىق بولساڭ كۆيۈپ – يانىپ ئۆچەرسەن،
سەئيى قىلساڭ شىرىن شەربەت ئىچەرسەن.
ئۇچيۈز ئالتمىش مەنزىل، يىلىم كەچەرسەن،
بىلەر بولساڭ شۇنداق جايدۇر مەكانىم.
يېشىمى: ئاشىق بولساڭ كۆيۈپ – يېنىپ ئۆچىسەن، بەل قويىۋەتمەي تىرىشساڭ،
شىرىن شەربەت ئىچىسەن؛ يول ئارىسى ئۈچيۈز ئاتمىش مەنزىل كېلىدۇ، بىر
يىلدىمۇ بېسىپ بولالمايسەنكى، بىلمەكچى بولساڭ، مېنىڭ ماكانىم شۇنداق جايدا.
 
قەمەر شاھ دەر: ھىجرانلىقتا ئۆتەرمەن،
فىراقىڭدا پەرۋانەدەك كۆيەرمەن.
ۋەسلىڭ ئۈچۈن جاننى فىدا ئەتەرمەن،
ئەي دىلرەبا، قايدا سەنىڭ مەكانىڭ؟
يېشىمى: قەمەر شاھ ئېيتىدۇ: ھىجرانلىقتا ئۆتىۋاتىمەن، جۇدالىقىڭدا،
پەرۋانىدەك كۆيىۋاتىمەن؛ ساڭا ئېرىشىش ئۈچۈن، جاننى تىكىمەن، ئەي دىلرەبا،
سېنىڭ ماكانىڭ قەيەردە؟
 
شەمسى جانان پەرىلەرنىڭ بىرىمەن،
بىلىپ ئالغىل، كوھى قافنىڭ پىرىمەن.
مەنمۇ سەنى كۆپتىن ئىزلەپ يۈرىمەن،
شەمسى بوستانىدادۇر مەنىڭ مەكانىم.
يېشىمى: ئىسمىم شەمسى جانان، پەرىلەرنىڭ بىرىمەن، بىلىۋالغىنلىكى، مەن
كۇھىقاپنىڭ پىرى؛ ئۇزۇندىن بۇيان مەنمۇ سېنى ئىزلەپ يۈرەتتىم، مېنىڭ
ماكانىم شەمسى بوستاندا.
 
ئۈچىنچى داستان
 
ئەي يارانلار، مۇسۇلمانلار،
نە بولدى يارىم كەلمەدى.
ئىشق ئوتىدا كۆيدى جانلار،
نە بولدى يارىم كەلمەدى.
يېشىمى: ئەي دوستلار، مۇسۇلمانلار، نېمە ئىش بولدىكىن، يارىم كەلمىدى؛
مۇھەببەت ئوتىدا، جانلار كۆيدى، نېمىشقىدۇر يارىم كەلمىدى.
 
كەلۈرمەن دەپ ۋەئدە ئەتتى،
كەلۈر مۇددەتىدىن ئۆتتى.
ئەرتەدە چاشگاھغا يەتتى،
نە بولدى يارىم كەلمەدى.
يېشىمى: «كېلىمەن» دەپ ۋەدە قىلغانىدى، كېلىدىغان ۋاقتىدىن ئۆتتى؛ تاڭ
ئاتتى، چاي (ئاش) ۋاقتىمۇ بولدى، ھەي، نېمە ئىش بولدىكىن، يارىم كەلمىدى.
 
يا بىراۋنىڭ فەندىن ئالدى،
يار بىر يامان دەردكە قالدى،
يار بىر غەيرى بىلە بولدى،
نە بولدى يارىم كەلمەدى.
يېشىمى: يا بىراۋنىڭ توزىقىغا چۈشتى، يا بىر يامان دەردكە قالدى؛ يا بىر
غەيرى بىلەن بىللە بولدى، نېمە ئىش بولدىكىن يارىم كەلمىدى.
 
دەردلىك ئىستەرلەر تەبىبىن،
كۆڭلىدە دائىم مەتلەبىن،
سەنەم دەپ يىغلار غەرىبىن،
نە بولدى يارىم كەلمەدى.
يېشىمى: كېسەل بولغانلار دوختۇرلىرىنى ئىزدەيدۇ، كۆڭلىدە ھەمىشە تەلەپلىرى
بولىدۇ؛ غەرىبلەر «سەنەم» دەپ يىغلايدۇ، نېمە ئىش بولدىكىن يارىم كەلمىدى.
 
گۇل يۇزىنى كۆرگۈم كەلۈر،
بىللەلەشىپ يۈرگۈم كەلۈر،
دائىم دەۋران سۈرگۈل كەلۈر،
نە بولدى يارىم كەلمەدى.
يېشىمى: گۈلدەك يۈزىنى كۆرگۈم كېلىدۇ، قول تۇتۇشۇپ يۈرگۈم كېلىدۇ، ھەمىشە
دەۋران سۈرگۈم كېلىدۇ، ھەي، نېمە بولدىكىن يارىم كەلمىدى.
 
يۈرەك بولدى پارە – پارە،
بۇ دەردلەرگە بارمۇ چارە،
يىغلار غەرىب بۇ بىچارە،
نە بولدى يارىم كەلمەدى.
يېشىمى: يۈرەك پارە – پارە بولدى، بۇ دەردلەرگە چارە بارمۇ؟ بۇ بىچارە
غەرىب: «يارىم كەلمىدى، نېمە بولغاندۇ» دەپ يىغلايدۇ.
 
مەشرەب
بىرىنچى مەشرەب
 
دىلئارامىغا كۆڭۈلم بولدى بۇلبۇل،
لەبى غۇنچە، يۈرى چۇن خىزمەنى گۇل.
يېشىمى: لېۋى غۇنچە، يۈزى گۈلزاردەك نىگارىم ئۈچۈن، كۆڭلۈم بۇلبۇل بولدى.
 
شىكەستى بەرمەگىل، جان رىشتەسىدۇر،
باشىڭدا ھەلقە – ھەلقە تارى كاكۇل.
يېشىمى: بېشىڭدىكى بۈدۈر چاچلىرىڭنىڭ بىرەر مويىغىمۇ ئازار بەرمەن، چۈنكى
ئۇ جان رىشتىسىدۇر.
 
سىپاھى چىنۇ ماچىن بىر بولۇپدۇر،
ھۇجۇم ئەيلەپ خەتتى مۇشكىنۇ سۇنبۇل.
يېشىمى: ھىن بىلەن ماچىن قوشۇنى ھۇجۇمدا گىرەلىشىپ كەتكەندەك، ئۇنىڭ
ئىپاردەك مىيىقلىرى بىلەن سۇمبۇل چاچلىرى ئارىلىشىپ كېتىپتۇ.
 
مەنىڭ ئىشقىم سەنىڭ ھۆسنۈڭ نىگارا،
تۈشۈپدۇر لاجەرەم ھۆسنى تەقابۇل.
يېشىمى: ئەي نىگار، مېنىڭ ئىشقىم بىلەن سېنىڭ ھۆسنۈڭ تارا باپ كېلىدۇ.
 
خۇمارىمەن يەتىپدۇر لەبكە جانىم،
قانى جامۇ قانى ساقىي، قانى مۇل.
يېشىمى: خۇمارىم تۇتۇپ، جېنىم تۇمشۇقۇمغا كېلىپ قالدى، قېنى ساقىي، قېنى
قەدەھ، قېنى مەي؟
 
فىرىب ئەنگىز ئول شوخ تۈركىيلەرنى،
كۆرۈپ رەشك ئەيلەگەي خۇبانى كابۇل.
يېشىمى: كابۇل گۈزەللىرى سېھىرلىك، شوخ تۈرك قىزلىرى كۆرگىنىدە، رەشك قىلىدۇ.
 
مۇنافىقلارغا بۇ مەيدان ئىچىدە،
تىلىمدۇر زالفىقارۇ ئەقل دۇلدۇل.
يېشىمى: مۇناپىقلارغا بۇ مەيداندا، تىلىم زۇلپىقار قىلىچى، ئەقلىم دۇلدۇلدۇر.
 
زەلىلىي شېئرىدىن مۇرغى سەھەرخىز،
چەمەندە ئەيلەي فەريادۇ غۇلغۇل.
يېشىمى: سەھەر قۇشلىرى چىمەنلىكتە زەلىلىينىڭ شېئىرىنى ئاڭلاپ، غۇلغۇلا ۋە
پەريات كۆتۈرۈشتى.
 
ئىككىنچى مەشرەب
بىرىنچى ئاھاڭ
 
ھەم ئېيدۇ مەۋسىمى گۇل، ساقىي، كەتۈر فىيالە،
كىم كۆردى گۇل چاغىدا مەيسىز قەدەھۇ بادە.
يېشىمى: ئەي ساقىي، بۈگۈن ھەم ھېيىت ھەم گۈل پەسلى، قېنى قەدەھ كەلتۈر؛ گۈل
پەسلىدە، مەيسىز قەدەھنى كىم كۆرۈپتۇ؟
 
ۋائىز قىلۇر نەسىھەت ئاشىقلارغە تۈنۇ گۈن،
كۆردۈم بۇ گۈن ئانى مەست تەقۋاسى يوق تالادە.
يېشىمى: ئاشىقلارغا تۈنۈگۈن نەسىھەت قىلغان ئۇ تەقۋادار ۋائىزنى بۈگۈن
تالادا مەست ھالەتتە كۆردۈم.
 
تاڭلا بۇگۈن ئىكى گۈن بىل غەمىنەت گۇل ۋەقتى،
ئاشىق ئەسەڭ تەرەب قىل تاپ شەھددانى سادە.
يېشىمى: بۇ دۇنيا قىيامەت كۈنى ۋە بۈگۈن بولۇپ جەمئىي ئىككىلا كۈندۇركى،
گۈل ۋاقتىنى غەنىمەت بىل. ئاشىق بولساڭ، ئاددىي شاھدان گۈلىنى بولسىمۇ
تېپىپ، كۆڭلۈڭنى خۇش قىل.
 
گۇل كەتتى، ئەي ھەرىفلەر، نە غافىل ئولتۇرۇرسىز،
قىلماي سۇرۇدى نەغمە يارسىزۇ جامى بادە.
يېشىمى: ھەي ئاغىنىلەر، گۈل ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ، نېمىشقا نەغمە بىلەن
پەيزى قىلماي، يارسىز، مەي تولدۇرۇلغان قەدەھسىز، غەپلەتتە ئولتۇرىسىلەر؟
 
مەجلىسى سەبۇھىداكىم نە نەرسە خۇش كۆرۈنۈر،
ساقىي ئىزارى ئەكسى جام ئىچرە بولسا بادە.
يېشىمى: تاڭ پەيتىدىكى شاۋاپ سورۇنىدا، ئەڭ گۈزەل كۆرۈنىدىغىنى ساقىينىڭ
جامدىكى شارابتا ئەكىس ئەتكەن چېھرىسىدۇر.
 
مۇترىبكى چەكسە نەغمە، شاھىدكى سەۋت قىلسا،
ھافىز شۇ تەرزىدە كىم بەزمىئى شاھزاد.
يېشىمى: سازەندە نەغمە چالسا، دىلبەر ناۋا قىلسا، مانا بۇ ھافىز ئۈچۈن
شاھزادىلەر بەزمىسىدۇر.
 
ئىككىنچى ئاھاڭ
 
ئوتقا سالغىل سەرۋىنى ئول قەددى مەۋزۇن بولماسا،
يەلگە بەرگىل گۇلنى ئول رۇخسارى گۇلگۇن بولماسا.
يېشىمى: سەرۋى دەىخى ئەگەر ئۆلچەملىك تۈز بولمىسا، ئۇنى ئوتقا سېلىۋەت؛
گۈلنىڭ رەڭگى ئەگەر گۈلگە لايىق بولمىسا، ئۇنى شامالغا سورۇۋەت.
 
سەرسەرى ئاھىم ئەسەر غەم شامى ھىجران تاغىغا،
ياخشىدۇر تاڭ ئاتقۇنچە بۇ تاغ ھامۈن بولماسا.
يېشىمى: ئاھىم بورىنى غەم تۈنىدە ھىجران تېغىغا ئۇرۇلىدۇ. بۇ تاغ تاڭ
ئاتقىچە ئۆرۈلۈپ تۈزلۈڭلىككە ئايلىنىپ كەتمىسە ياخشىغۇ.
 
تەلبەلىكدىن، ۋاھكى، ھەردەم دەردىم ئەفزۇندۇر مەگەر،
ئول پەرى ئىشقىدا ھەردەم دەردىم ئەفزۇن بولماسا.
يېشىمى: تەلۋىلىك كېسىلىم بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىۋاتىدۇ، ئەگەر ئاشۇ پەرى
ئىشقىدا دەردىم كۈندىن – كۈنگە ئېغىرلاشمىسا، مۇنساق بولماس ئىدى.
 
گەر كۆڭۈل قەتل ئىستەبان سەن ۋەئدە قىلدىڭ تاڭلا دەپ،
ئۇشبۇ دەم ئۆلتۈر بۇ ئىھسان بىرلە مەمۇن بولماسا،
يېشىمى: «ئەتىلىككە ئۆتۈرىمەن» دەپ ۋەدە قىلىۋېدىڭ، ئەگەر بۇ كۆڭۈل بۇ
ياخشىلىقىڭدىن خۇش بولمىسا، ھازىرلا ئۆلتۈرۈۋەت.
 
خىرقە جىنسىن رەھن ئۈچۈن، ئەي شەيخ، ئالماس پىرى دەير،
بادەن بەرمەس تاكى ئۆزلۈك جىنسى مەرھۇن بولماسا.
يېشىمى: ئەي شەيخ، مەيخانا خوجايىنى سوچىلىق پەرىجىسىنى گۆرۈگە ئالمايدۇ،
تاكى شەخسىيەت (ئۆزلۈك) گۆرۈگە قويۇلمىغىچە شاراب بەرمەيدۇ.
 
فانى ئول ۋەسل ئەستەر ئەرسەڭ، بىنەۋالىقدىن نە غەم،
بولماسۇن ھەرگىز مەتائى دۇنيائى دۇن بولماسا.
يېشىمى: «ۋىسالغا يېتىمەن» دېسەڭ ئۆزلۈكۈڭنى يوقات، يوقسۇللۇقتىن غەم
قىلما، بۇ پەسكەش دۇنيانىڭ مال – مۈلكى يوقالسا يوقالمامدۇ!
 
ئەي نەۋائىي، تانما، گەر دەر ئول پەرى مەجنۇن سەنى،
ئاشىق ئولغايمۇ پەرىغە ئولكى مەجنۇن بولماسا.
يېشىمى: ئەي نەۋائىي، ئۇ پەرى سېنى «مەجنۇن» دېسە، «راست دېدىڭ» دېگىن.
چۈنكى مەجنۇن بولمىسا ئادەم پەرىگە ئاشىق بولامدۇ؟
 
3– مۇقام سەگاھ مۇقامى تېكىسىتلىرى چوڭ نەغمە قىسمى 158 مىسرا، ئۈچۈن
داستان 64 مىسرا ۋە ئىككى مەشرەب 42 مىسرا بولۇپ، جەمئىي 264 مىسرا
شېئىردىن تەشكىل تاپقان.
 
يۇقىرىقى ئون ئىككى مۇقامنىڭ تېكىستى ۋە يېشىمى بېيجىڭ مەكىزىي مىللەتلەر
ئۇنىۋېرسىتېتى تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئابدۇرەئوپ
پولات تەكلىماكانىي ئەپەندىمنىڭ «ئەسلى يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى
مۇقام تېكىستلىرى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.     
                             «زۇلقار مەتبەئەچىلىكى» دە تىزىلدى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...