
سېتىۋېلىش ئورنى
مۇقام ئانسامبىلى
چەببايات مۇقامى
پلاستىنكا: ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2002
مۇقام ئانسامبىلى ھەققىدە:
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىدىن ئىبارەت دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بۇ مەنىۋى تەۋەررۈكنى، بىباھا گۆھەرنى ساقلاپ قىلىش، يىراق ئۆتمۈشنىڭ مالىمانچىلىقىدا يوقىلىپ كەتكەن ئاھاڭلىرىنى تولۇقلاش، ئۇنى رەتلەش ۋە نەشر قىلىش، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش يولىدىكى ئىزدىنىش، ئۇنىڭ مۇزىكا قۇرۇلمىسى، ئورۇنلاش ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلارنىڭ مەزمۇنى ھەققىدىكى تەتقىقات توختاپ قالمىدى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئەڭ دەسلەپ 1951-يىلى پولات سىمغا ئۈنگە ئېلىندى.
بۇ جەرياندا ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئەڭ ئاخىر ...
داۋامى
تۈر:
مۇقام
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
455

چەببايات مۇقامى - ھەققىدە:
چەببەيات مۇقامى (ياد ئېتىش، ئەسلەش) چوڭ نەغمە قىسمى 178 مىسرا، داستان قىسمى تۆت داستان 74 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 50مىسرا جەمئىي بولۇپ 302 مىسرا
چوڭ نەغمە مۇقەددىمە ۋىسالى ھەجرىدىن نالان كۆرەرمەن جانى زارىمنى، ماڭا، يا رەب، نەسىب ئەتسەڭ نە بولغاي گۇلئۇزارىمنى. يېشىمى: ھەسرەتلىك جېنىم ۋىسال پىراقىدا نالە – پىغان چېكىۋاتىدۇ. ئەي پەرۋەردىگار، گۈل يۈزلۈكۈمنى ماڭا نېسىپ قىلساڭ بولماسمىدى؟ نەچە بىرەھم ئىلكىگە بولۇپمەن مۇبتەلا ئاخىر، ساۋۇرمىشلار ھەۋاغا ھەر گۈنى غەمكىن غۇبارىمنى. يېشىمى: قانداق بولۇپ بىر رەھىمسىزنىڭ قولىغا مۇپتىلا بولۇپ قالدىمكىن، ئۇ ھەر كۈنى غەمكىن غۇبارىمنى كۆككە سورىۋاتىدۇ. تاپىپ ئىشقىم كەمال ئانداغكى روھى ۋامىقۇ فەرھاد، كەلىپ پەرۋانە ياڭلىغ ئۆيرۈلۈر شەمئى مەزارىمنى. يېشىمى: ئىشقىم شۇنداق كامالەتكە يەتتىكى، ۋامىق بىلەن فەرھادنىڭ روھى كېلىپ، مازىرىمنىڭ شامىنى پەرۋانىدەك ئايلىنىدۇ. كۆرۈپ ئەھلى تەماشا نەۋ باھارى لالەزارى دەر، باغىر قانىن شەفەقگۇن ئەيلەگەن كاھى ئۇزارىمنى. يېشىمى: يۈرەك قېنىمنىڭ ساماندەك چىرايىمنى شەپەق رەڭگىگە كىرگۈزگەنلىكىنى كۆرگەن تاماشىچىلار بۇ باھارنىڭ لالىزارىمىكىن دەپ قالىدۇ. دەگىل بۇ ئۇمرى ئالەمدىن ۋەفانى كۆرمەدىم ھەر گىز. بۇ دەھر ئىچرە نەفەس ئالغۇنچە بىلمەسمەن تۇرارىمنى. يېشىمى: بۇ دۇنيادا نەپەس ئالغۇچىلىك تۇرالىشىمنى بىلمەيمەن، چۈنكى بۇ ئالەمدىكى ئۆمرۈمدىن ھەرگىز ۋاپا كۆرمىدىم. ئەگەر گۇل پەردەدە بولسا، نەچۈك ئارام ئالۇر بۇلبۇل، يۈز ئاچقىل، بىقەرار ئەتكىل، بۇ جانى بىقەرارىمنى. يېشىمى: يۈزۈڭنى ئاچ، بۇ تاقەيسىز جېنىمنى تېخىمۇ تەلپۈندۈر، ئەگەر گۈل ئۆزىنى نىقابلىسا، بۇلبۇل قانداق ئارام تاپالايدۇ؟ نەچەكىم خەستە جاندۇرمەن مەيى لەئلىڭگە، ئەي ساقىي، تەبەسسۇم جامىنى پۇر ئەيلەگىل، دەفئ ئەت خۇمارىمنى. يېشىمى: ئەي ساقىي، لېۋىڭنىڭ شارابى ئۈچۈن، جېنىم كۆپ دەرد چەكتى؛ تەبەسسۇم جامىنى تولدۇرۇپ، مېنى خۇماردىن چىقارغىن. جەمالىڭدىن نەچە مەھرۇم ئولۇپ مەھزۇن يۈرۈي، جانا، ۋىسالىڭ بىرلە مەمنۇن قىل دىلى ئۇمىدۋارىمنى. يېشىمى: ئەي جان، جامالىڭدىن مەھرۇم بولۇپ قاچانغىچە غەمكىن يۈرۈيمەن؟ ۋىسالىڭ بىلەن ئۈمىدۋار دىلىمنى مەمنۇن قىلغىن. بولۇرمەن شاد كۆكسۈم داغىنى قايغۇ قاناتقاندىن، كۆرۈپ خۇرسەند ئولۇپ بىرەھم ئاچىلغان لالە زارىمنى. يېشىمى: كۆكسۈمدىكى جاراھەتنى قايغۇنىڭ قاناتقانلىقىدىن خۇشالمەن. چۈنكى ئۇ رەھىمسىز يار بۇ ئېچىلغان لالىزارىمنى كۆرسە خۇشال بولۇپ قالار. ئەگەر ئەنقا ئالۇر بولسا نىشان، مەندىن نىشان تاپماس، فەنا دەشتىدە نا پەيدا كۆرەرمەن مەرغزارىمنى. يېشىمى: ئۆمۈر مايسىزارىمنىڭ يوقلۇق چۆلىدە تۈگەشكەنلىكىنى كۆردۈم. شۇڭا ئەنقا قۇشى ئىزدىگەن تەقدىردىمۇ مەندىن نىشانە تاپالمايدۇ. لىقا مۇمكىن ئەمەس تەجرىد ھاسىل قىلمايىن، ئەرشىي، خەزان بەرگى كەبى بەرباد ئەيلەي ھەرنە بارىمنى. يېشىمى: ئەي ئەرشىي، ئۆزلۈكتىن كەچمەي تۇرۇپ، ۋىسالغا يېتىش مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، خازان بولغان يوپۇرماققا ئوخشاش بارلىقىمنى بەرباد قىلاي. تەئەززە ئارەزىن ياپقۇچ كۆزۈمدىن ساچىلۇر ھەر لەھزە ياش، ئۆلەكىم پەيدا بولۇر يۇلدۇز، نىھان بولغاچ قۇياش. يېشىمى: ئۇ يۈزىنى ياپسىلا، كۆزۈمدىن بېھىساب ياشلار تۆكۈلىدۇكى، خۇددى قۇياش پېتىپ كەتسىلا، ئاسماننى يۇلتۇزلار قاپلىغاندەك. قۇتى بىر بادامۇ دەيرىم گۇشەئى مىھراب ئەدى، غارەتى دىن ئەتتى ناگاھ بىر بەلالىق كۆزۈ قاش. يېشىمى: بالاخور كۆز بىلەن قاش توساتتىن دىنىمنى بۇلاپ كەتكەچكە، بىر تال بادام ئوزۇۇم، مەيخانىنىڭ بىر بۇلۇڭى مېھراب بولۇپ قالدى. بۇ دەما – دەم ئاھىم ئىفشا ئەيلەر ئول ئاي ئىشقىنى، سۈبھىنىڭ پات – پات دەمى ئانداقكى ئەيلەر مىھر فاش. يېشىمى: خۇددى تاڭ سەھەرنىڭ سەلكىن شامىلى قۇياشنىڭ چىقىشىدىن بەشارەت بەرگەندەك، تىنىمسىز چىقىۋاتقان بۇ ئاھىم ئۇ ئاينىڭ ئىشقىنى ئاشكارىلاپ تۇرىدۇ. بۇ سەئى قىلماق مۇرۇۋۋەت ئەسرۇ قاتىقدۇر، ۋەلىك، دەسەم ئاغزى ئىچرە ئايتۇر لەئل ھەم بار نەۋئى تاش. يېشىمى: «سېخىيلىق بىلەن بىرەر قېتىم سۆيدۈرمىدىڭ، بەك قاتتىق ئىكەنسەن» دېسەم، ئۇ: «ياقۇتمۇ قاتتىق تاشنىڭ بىر خىلىغۇ» دەپ پىچىرلىدى. ناۋەكىڭ كۆڭلۈڭگە كىرمەك جان تالاشماقمۇ ئىكىن، كىم قىلۇر پەيكانىنى كۆڭلۈم بىلە جانىم تالاش. يېشىمى: ئوقۇڭنىڭ يۈرىكىگە قادالغانلىقى مەندىن جان تالاشقانلىقىمىكىن، ئەمما جېنىم بىلەن يۈرىكىم سېنىڭ ئوقۇڭنى تالىشىدىغانلىقى راست. ئۇمرى جاۋىد ئىستەسەڭ فەرد ئولكى بوستان خىزرىدۇر، سەرۋكىم دەئب ئەيلەدى ئازادلىغ بىرلە مەئاش. يېشىمى: ئەبەدىيلىك ھايات ئىزدىسەڭ يالغۇزلۇقنى ئىختىيار قىل. چۈنكى سەرۋى دەرىخى ئەركىن – ئازادە ئۆسۈپ ئادەتلەنگەچكە، بوستاندا ھەمىشە كۆكلەپ تۇرىدۇ. قاشى ئالىندا نەۋائىي بەرسە جان، ئەيب ئەتمەگىز، كىم بۇدۇر مىھراب، بىر – بىر قويغۇسىدۇر بارچە باش. يېشىمى: نەۋەئىي ئۇنىڭ قېشى ئالدىدا جان بەرسە ئەيىبلىمەڭلار، چۈنكى ئۇ ھەممە ئادەم باش قويىدىغان مېھرابقۇ. تەئەززە چۈشۈرگىسى قاشى ئالىندا نەۋائىي بەرسە جان، ئەيب ئەتمەڭىز، كىم بۇدۇر مىھراب، بىر – بىر قويغۇسىدۇر پارچە باش. يېشىمى: نەۋائىي ئۇنىڭ قېشى ئالدىدا جان بەرسە ئەيىبلىمەڭلار، چۈنكى ئۇ ھەممە ئادەم باش قويىدىغان مېھرابقۇ. نۇسخە دەرىغاكىم، مەنى تاشلاپ بۇگۈن ئول دىلرەبا كەتتى، قالىپدۇرلار نەچە نائاشنا، ئول ئاشنا كەتتى. يېشىمى: ۋاي ئېسىت، بۈگۈن ئۇ دىلرەبا مېنى تاشلاپ كەتتى؛ بىر مۇنچە ياتلار قېلىپ، ئۇ دوست كەتتى. نەزەردىن كەتتى ئاتىن ئويناتىپ ئول چابۇكى چالاك، ئىزىنىڭ تۇفراغىن كۆزۈمگە ئەيلەپ تۇتىيا، كەتتى. يېشىمى: ئۇ چەۋەنداز ئېتىنى ئوينىتىپ، نەزەردىن غايىب بولدى؛ ئىزىنىڭ توپىسىنى كۆزۈمگە تۇتىيا قىلىپ قويۇپ كەتتى. نەسۇد ئەمدى ئەگەرچە بولسا چۇن خور مۇھرەلەر پەيدا، نەتەي ئەمدى ئىكى ئەلەمنى، دۇررى بىبەھا كەتتى. يېشىمى: ھەر قانچە قۇيۇشتەك پارلاق مارجانلار بولسىمۇ، ئۇنىڭ نېمە پايدىسى، ئەمدى ئىككى ئالەمنى نېمە قىلاي، باھاسىز گۆھەر كەتتى. خۇشا بەزمى ۋىسالىدىن نەچە گۈن كامران ئەردىم، بۇ گۈن مەھتاب ئەينىم تىيرە ئەيلەپ مەھلىقا كەتتى. يېشىمى: خەيرىيەت، ئۇنىڭ ۋىسال بەزمىسىدىن بىر نەچچە كۈن تەختىيار بولغان ئىدىم، بۈگۈن نۇرلۇق كۆزۈمنى قاراڭغۇلاشتۇرۇپ، ئۇ ئاي سۈرەتلىكىم كەتتى. ئەبەس مەھبۇبلاردىن ئەمدى ئۈمىدى ۋەفا قىلماق، ئەسىرى دەردى ھىجران ئەيلەبان ئول بىۋەفا كەتتى. يېشىمى: ئەمدى مەھبۇبلاردىن ۋاپا كۈتۈش پايدىسىز ئىش بولۇپ قاپتۇ. ئۇ ۋاپاسىز مېنى ھىجرانلىق دەردىگە ئەسىر قىلىپ قويۇپ كەتتى. مۇستەھزاد بىرىنچى ئاھاڭ ئەي مەلاھەت كىشۋەرىنىڭ خەيلىغە سۇلتانمۇ سەن، بىر باقىپ كۆڭلۈمنى ئالدىڭ ئافەتى دەۋرانمۇ سەن. يېشىمى: ئەي، ھۆسن مەملىكىتىنىڭ سۇلتانىمۇ سەن، بىر قارىشىڭ بىلەنلا كۆڭلۈمنى رام قىلىۋالدىڭ، سەن جاھانغا ئاپەت سالغۇچىمۇ؟ كۆڭلۈم ئالدىڭ ئەرسە ھەرگىز باقمادىڭ، ئەي مەھلىقا، دۇرمۇ سەن يا لەئلىمۇ يا خۇد لەبى مەرجانمۇسەن. يېشىمى: ئەي ئاي يۈزلۈكۈم، كۆڭلۈمنى ئوۋلىۋېلىپلا پەقەت قارىماس بولىۋالدىڭ، سەن مەرۋايىتمۇسەن، ياقۇتمۇ سەن ياكى مارجانمۇ سەن؟ ئۆلتۈرۈرسەن، كۆيدۈرۈرسەن فۇرقەتىڭدە، ئەي پەرى، يىغلاتىپ ھەم كۈلدۈرۈرسەن بىر بەلايى جانمۇسەن. يېشىمى: ئەي پەرى، جۇدالىق ئوتۇڭدا كۆيدۈرىسەن، ئۆلتۈرىسەن، ھەم يىغلىتىپ ھەم كۈلدۈرىسەن، سەن جاننىڭ بىر بالاسىمۇ؟ ئاتەشى ئىشقىڭنى ياقتىڭ بۇ ۋۇجۇدۇمغا بۇ گۈن، دوستمۇ سەن، دۈشمەنمۇ سەن، مەن بىلمەدىم جانانمۇ سەن. يېشىمى: بۈگۈن ۋۇجۇدۇمغا ئىشقىڭنىڭ ئوتىنى ياقتىڭ، بىلەلمىدىم، سەن ماڭا دوستمۇ، دۈشمەنمۇ ياكى جانانمۇ؟ گۇل يۈزۈڭغە ئەندەلىب تەڭلىغ قىلىپ زار ئەيلەدىڭ، گۇلمۇ سەن يا خارمۇسەن يا ھۇرمۇ سەن، غىلمانمۇسەن. يېشىمى: مېنى بۇلبۇلغا ئوخشاش گۈل يۈزۈڭگە زار قىلىپ قويدۇڭ: سەن گۈلمۇ، تىكەنمۇ، ھۆرمۇ ياى غىلمانمۇسەن؟ گۇل سىفەت گۇللۇقدا تۇرساڭ نەستەرىن بولغاي خەجىل، كۆرمەدىم ھەر گىز مەلاللىقدا، لەبى خەندانمۇ سەن. يېشىمى: گۈلشەن ئىچىدە گۈلدەك تۇرساڭ، نەستەرىن گۈلى خىجالەتچىلىكتە قالىدۇ. سېنىڭ غەمكىن بولغىنىڭنى مۇتلەق كۆرمىدىم، كۈلۈپ تۇرغان لەۋمۇسەن؟ جىلۋە ئەيلەپ چىقساڭ ئۆيدىن رەشك ئەيلەر مۇشتەرى، ھۇسن ئىقلىمىغا گويا بىر ماھى تابانمۇ سەن. يېشىمى: ئۆيدىن جىلۋىلىنىپ چىقساڭ، مۇشتەرى يۇلتۇزىمۇ رەشك قىلىدۇ، ياكى سەن ھۆسن ئېلىنىڭ نۇرلۇق ئېيىمۇ؟ كۆرمەدىم بۇ فانىدا سەندەك مەلاھەتلىك كىشى، يا پەرىسەن، يا مەلەكسەن، بىلمەدىم، ئىنسانمۇ سەن. يېشىمى: بۇ پانىي ئالەمدە سەندەك بىر گۈزەلنى كۆرگىنىم يوق: ھۆرمۇسەن، پەرىشتەمۇسەن ياكى ئىنسانمۇسەن، بىلەكمىدىم. گۈلسۇرۇخ يەڭلىغ يۈزۈڭغە بۇ بىلال بىچارەنى، ئەيلەدىڭ مانەندى بۇلبۇل، غۇنچەئى رەيھانمۇ سەن. يېشىمى: بۇ بىچارە بىلالنى ئەتىر گۈلدەك يۈزۈڭگە زارىققان بۇلبۇلغا ئوخشاش تەلمۈرىدىغان قىلىپ قويدۇڭ، سەن يا گۈلنىڭ غۇنچىسىمۇ؟ ئىككىنچى ئاھاڭ نەزاكەت بوستانىدا قەددىڭ سەرۋى خىراماندۇر، مەلاھەت گۈلىشتانىدا يۈزۈڭ گۇلبەرگى خەنداندۇر. يېشىمى: قەددىڭ نازاكەت بوستانىنىڭ گۈزەل سەرۋىسى، يۈزۈڭ ھۆسن گۈلىستانىنىڭ ياپراقلار ئارىسىدا ئېچىلغان گۈلىدۇر. ساڭا كىم بىقەرار ئەرمەس، كۆرەي دەپ ئىنتىزار ئەرمەس، جەمالىڭ ئافتابىغە ھەمە زەرراتى رەقساندۇر. يېشىمى: جامالىڭنى كۆرۈشكە ئىنتىزار ۋە بىقارار بولمىغان كىم بار؟ ھەممە ئادەم قۇياشتەك جامالىڭ ئەتراپىدا زەررىلەردەك ئايلىنىدۇ. زىھى ھۇسنۇڭ سىفاتىدا مەنى شەيدايىكىم سەندىن، چەمەنلەر ئىچرە كىرسەڭ ئەنجۇمەنلەر ئىچرە داستاندۇر. يېشىمى: ئەگەر گۈلزارلىققا كىرسەڭ، ئۇ يەردىكى يىغىلىشلاردا گۈزەل ھۆسنۈڭنى مەدھىيىلەپ، داستان سۆزلەۋاتقانلىقىمنى كۆرىسەن. نەدىن مەن بولماغايمەن ئادەمىيلەر شاھى ئالەمدە، كى بۇلبۇل دىگۇشا گۇفتارى بىرلە شاھى مۇرغاندۇر. يېشىمى: مەن نېمىشقا دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ شاھى بولالمايمەن، بۇلبۇلمۇ ئۆزىنىڭ كۆڭۈلنى شادلاندۇرغۇچى ناۋاسى بىلەن قۇشلارنىڭ پادىشاھىغۇ! زەمان پۇر شورىشۇ، ئافاق پۇر فىتنە، جەھان ھاسىد، خەلالىق كۆزلەرىدىن غەيبدەك مەشھۇرىي پىنھاندۇر. يېشىمى: زامان غەۋغاغا، دۇنيا پىتنىگە، جاھان ھەسەنخورلارغا تولغان، شۇڭا مەشھۇرىي ئۆزىنى كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن قاچۇرۇپ، يوشۇرۇنغاندۇر. مۇستەھزاد چۈشۈرگىسى گۇلسۇرخ يەڭلىغ يۈزۈڭغە بۇ بىلال بىچارەنى، ئەيلەدىڭ مانەندى بۇلبۇل، غۇنچەئى رەيھانمۇ سەن. يېشىمى: بۇ بىچارە بىلالنى ئەتىر گۈلدەك يۈزۈڭگە زارىققان بۇلبۇلغا ئوخشاش تەلمۈرىدىغان قىلىپ قويدۇڭ، سەن يا گۈلنىڭ غۇنچىسىمۇ؟ جۇلا ياھۇ – يارەي، ئاللاھ يەي، بىر گۇل يارەي، ئاللاھ يەي. ئاتەش كۆزلۈك جانانىم، جانانىمەي، ئاللاھ يەي. ۋاي، ئاللاھ يەي، دوست ئاللاھ يەي، ۋاي، ئاتەش كۆزلۈك جانانىم. مەن سەنى كۆرۈپ جانان، غەمگە مۇبتەلا بولدۇم، ئوت ياقدىڭ يۈرەكىمگە، ئاشىق بىقارار بولدۇم. يېشىمى: ئەي جانان، مەن سېنى كۆرۈپلا غەمگە مۇپتىلا بولدۇم؛ يۈرىكىمگە ئوت ياقتىڭ، تاقەتسىز ئاشىق بولدۇم. نەقرات: ياھۇ – يارەي، ئاللاھ يەي، بىر گۈل يارەي، ئاللاھ يەي. ئاتەش كۆزلۈك جانانىم، جانانىمەي، ئاللاھ يەي، ۋاي، ئاللاھ يەي، دوست ئاللاھ يەي، ئاتەش كۆزلۈك جانانىم. ئايغا ئوخشايدۇر يۈزۈڭ، چولپانغا ئوخشايدۇر كۆزۈڭ. ئوخشايدۇر نەبات قەندگە، شۇ سەنىڭ شىرىن سۆزۈڭ. يېشىمى: يۈزۈڭ ئايغا ئوخشايدۇ، كۆزۈڭ چولپان يۇلتۇزىغا ئوخشايدۇ؛ سېنىڭ شېرىن سۆزۈڭ بولسا، قەنت – ناۋاتقا ئوخشايدۇ. ئا، ياھۇ – يارەي، ئاللاھ يەي، ئا، بىر گۇل يارەي، ئاللاھ يەي. ئاتەش كۆزلۈك جانانىم، جانانىمەي، ئاللاھ يەي، ۋاي، ئاللاھ يەي، دوست ئاللاھ يەي، ۋاي، ئاتەش كۆزلۈك جانانىم. ئاي بولدى يىلمۇ بولدى، سەنىڭ ئوتۇڭدا كۆيگەلى. ئىنتىزار بولدۇم ئەجەب، ئاي يۈزۈڭنى كۆرگەلى. يېشىمى: سېنىڭ ئوتۇڭدا كۆيۈۋاتقىنىمغا ئاي توشۇپ، يىلمۇ بولۇپ قالدى. ئايدەك يۈزۈڭنى كۆرۈشكە ئەجەبمۇ ئىنتىزار بولدۇم. ياھۇ، يارەي، ئاللاھ يەي، ئا، بىر گۇل يارەي، ئاللاھ يەي. ئاتەش كۆزلۈك جانانىم، جانانىمەي، ئاللاھ يەي، ۋاي، ئاللاھ يەي، دوست ئاللاھ يەي، ۋاي، ئاتەش كۆزلۈك جانانىم. ئاللاھ، ئاتىم سەمرىمەيدۇر، ئەڭىز ئوتىدا، يۈرەك – باغرىم پارە بولدى، يارنىڭ ئوتىدا. يېشىمى: ئاللاھ، ئېڭىزلىقتىكى ئوت بىلەن ئېتىم سەمرىمەيدۇ؛ يارنىڭ ئىشق – مۇھەببەت ئوتىدا يۈرەك – باغرىم پارە – پارە بولدى. ئاللاھ، يارىم جەمالىڭدىن، بولدۇم ۋىيرانە. ئىشق ئوتى يامان ئەكەن، قىلدى دىيۋانە. يېشىمى: ئاللاھ، ئەي يارىم، جامالىڭنى كۆرگەندىن بۇيان، ئىشق – مۇھەببەت ئوتۇڭدا ۋەيران بولدۇم؛ ئىشق ئوتى دېگەن ھەقىقەتەن يامان ئىكەن، مېنى مەجبۇن قىلىۋەتتى. ياھۇ، يارەي، ئاللاھ يەي، ئا، بىر گۇل يارەي، ئاللاھ يەي. ئاتەش كۆزلۈك جانانىم، جانانىمەي، ئاللاھ يەي، ۋاي، ئاللاھ يەي، دوست ئاللاھ يەي، ۋاي، ئاتەش كۆزلۈك جانانىم سەنەم دىلبەرا، ماڭا سەنىڭدەك يارۇ جانان قايدادۇر، ساڭا ھەم مەندىك ئەل ئىچرە زارۇ ھەيران قايدادۇر. يېشىمى: ئەي دىلبەر، ماڭا سېنىڭدەك يار ۋە جانان نەدە، ساڭىمۇ كىشىلەر ئارىسىدا مېنىڭدەك زارىققان ۋە ھەيرانىي بولغانلار بارمۇ؟ يۈرەكىم بولدى جەراھەت، باغلادى زەردابۇ قان، سەنى كەبى مەرھەم قىلۇر يارى قەدىردان قايدادۇر. يېشىمى: يۈرىكىم يارىلىنىپ قان – زەرداپقا تولدى، ئۇنىڭغا شىپالىق بېرەلەيدىغان ساڭا ئوخشاش قەدىردان يار نەدىن تېپىلىدۇ. خەستەيۇ بىمار ئولۇپ، يولۇڭدا ياتسام مۇردەۋار، سورغۇچى ھالى غەرىبىن مەرھەمى جان قايدادۇر. يېشىمى: كېسەللىكىمدىن يولۇڭدا مۇردىدەك ياتسام، مەندەك غېرىبنىڭ ھالىنى سورىغۇچى سەندەك جاننىڭ مەلھىمى قايدا؟ ئەرز ئەتەي دەردىمنى ئايتىپ، ئەي پەرى، دادىمغا يەت، كىشۋەرى ئىشق ئىچرە سەندەك ئەدلىي سۇلتان قايدادۇر. يېشىمى: ئەي پەرى، دەردىمنى ئېيتىپ ساڭا ئەرز قىلاي، دادىمغا يەتكىن؛ ئىشق مەملىكىتىدە سەندەك ئادالەتلىك سۇلتان نەدە بار؟ كۆرگەلى زۇلفى پەرىشانىڭ، پەرىشاندۇر كۆڭۈل، بول پەرىشان زۇلفىغا مەندەك پەرىشان قايدادۇر. يېشىمى: يېيىلغان چاچلىرىڭنى كۆرگەندىن بېرى، كۆڭلۈم پەرىشاندۇر. بۇ يېيىلغان چاچقا مەندەك پەرىشان بولغان بارمۇ؟ لۇتف ئەتىپ، جانا، كۆتەر ئايدەك جەمالىڭدىن نىقاب، كۆرگەلى ھۇسنۇڭنى مەندەك زارۇ ھەيران قايدادۇر. يېشىمى: ئەي جانان، مەرھەمەت قىلىپ، ئايدەك جامالىڭدىن چۈمپەردەڭنى ئېلىۋەتكىن. ھۆسنۈڭنى كۆرۈشكە مەندەك زارىققان ۋە ھەيرانىي بولغان يەنە نەدە بار؟ غۇنچە ياڭلىغ قان بولۇپ، ئىشقىڭ بىلە خامۇشمەن، بول ھۇۋەيدادەك ساڭا باغرى تولا قان قايدادۇر. يېشىمى: يۈرىكىم غۇنچىدەك قان بولۇپ، ئىشقىڭ دەردىدە گەپ سۆزدىن قالدىم. بۇ ھۇۋەيدادەك سەن ئۈچۈن باغرى قانغا تولغان ئادەم يەنە تېپىلارمۇ؟ چوڭ سەلىقە بۇ گۇن ئايغە ئالتى دەيدۇر، ساناسام يەتتى، بىۋەفاغا ئاشىق بولسام، تاشلادى – كەتتى. يېشىمى: بۈگۈن ئايغا ئالتە دەيدۇ، ساناپ باقسام يەتتە بولۇپتۇ؛ ۋاپاسىزغا ئاشىق بولسام، تاشلاپلا كەتتى. تاشلاپ كەتسەڭ كەتكەنىڭنى ئۇنۇتماغايمەن، ئەمدى كەلسەڭ سەن قاشىمغا يولاتماغايمەن. يېشىمى: تاشلاپ كەتسەڭ كېتىۋەر، بۇ قىلغىنىڭنى ئۇنۇتمىغايمەن؛ ئەمدى قېشىمغا كەلسەڭ، يېقىن يولاتمىغايمەن. يولاتمايمەن مەن قاشىمغا مۇڭلانىپ قالسۇن، ئارفا، بۇغداي سانامىدەك سارغارىپ قالسۇن. يېشىمى: قېشىمغا يولاتمايمەن، مۇڭلىنىپ قالسۇن؛ ئاپا – بۇغداينىڭ سامىغا ئوخشاش سارغىيىپ قالسۇن. قانداق كىشى كەتەر ئىكىن يارىنى تاشلاپ، مەيلى بولسا ئالىپ كەتسۇن بىللەلا باشلاپ. يېشىمى: ئۆزىنىڭ يارىنى تاشلاپ كېتىدىغان قانداق كىشى ئىكەن ئۇ؟ ئەگەر يارىغا مەيلى بولسا، ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتسۇن. كىچىك سەلىقە بىرىنچى ئاھاڭ كۆرگەلى ھۇسنۇڭنى زارۇ مۇبتەلا بولدۇم ساڭا، نە بەلالىغ گۈن ئەدىكىم ئاشىنا بولدۇم ساڭا. يېشىمى: ساڭا ئاشنا بولغان شۇ كۈن قانداق بالالىق كۈن ئىدىكىن، ھۆسنۈڭنى بىر كۆرۈپلا ساڭا باغلىنىپ قالدىم. ھەر نەچە دەردىمكى گۈن – گۈندىن ئۈزەي سەندىن كۆڭۈل، ۋاھكى، گۈن – گۈندىن بەدتەرراق مۇبتەلا بولدۇم ساڭا. يېشىمى: سەندىن ئاستا – ئاستا كۆڭۈل ئۈزەي دەپ قانچە قىلساممۇ، ۋاي دەرىغ، ساڭا كۈندىن كۈنگە تېخىمۇ بەتتەررەك باغلاندىم. مەن قاچان دەدىم ۋەفا قىلغىل، ماڭا زۇلم ئەيلەدىڭ، سەن قاچان دەردىڭ فىدا بولغىل، فىدا بولدۇم ساڭا. يېشىمى: مەن قاچان: «ۋاپا قىل» دېسەن، زۇلۇم سالدىڭ، لېكىن سەن قاچانىكى: «ماڭا پىدا بول» دىسەڭ، پىدا بولدۇم. قاي پەرى پەيكەغە دەرسەن تەلبە بولدۇڭ بۇ سىفەت، ئەي پەرى پەيكەر، نە قىلساڭ قىل ماڭا، بولدۇم ساڭا. يېشىمى: قايسى پەرى ئۈچۈن مۇنچىۋالا تەلۋە بولۇپ كەتتىڭ دەۋاتىسەنغۇ؟ ئەي پەرى، ماڭا نېمە قىلساڭ قىل، ساڭىلا شۇنداق بولدۇم. ئەي كۆڭۈل، تەركى نەسىھەت ئەيلەدىم ئاۋارە بول، يۈز بەلا يەتمەسكى، مەن ھەم بىر بەلا بولدۇم سەڭا. يېشىمى: ئەي كۆڭۈل، نەسىھەتنى ئاڭلىمىدىم، ئەمدى سەن سەرگەردان بول. يۈز بالا يەتمىگەندىمۇ مەنمۇ ساڭا بىر بالايىئاپەت بولدۇم. جامى جەم بىرلە خىزىر سۇيى نەسىبەمدۇر مۇدام، ساقىيا، تا تەركى جاھ ئەيلەپ گەدا بولدۇم ساڭا. يېشىمى: ئەي ساقىي، مەنسىپىمنى تاشلاپ، ساڭا تىلەمچى بولۇپ كەلگەندىن بېرى، جەمشىد جامى بىلەن خىزىر سۈيى (ئابىھايات) دائىملىق نېسىۋەم بولدى. غۇسسە چەنگىدىن نەۋائىي تاپمادىم ئۇششاق ئارا، تا نەۋائىيدەك ئەسىرۇ بىنەۋا بولدۇم ساڭا. يېشىمى: نەۋائىيغا ئوخشاش سېنىڭ بىچارە ئەسىرىڭ بولۇپ قالغاندىن بۇيان، ئاشقىلار ئارىسىدا غەم چاڭى (سازى)دىن پەيزى ئالالمىدىم. ئىككىنچى ئاھاڭ پەردەغە كىرگەن كەبى خۇرشىدى رەخشان ھەر كەچە، ئەزمى خىلۋەت ئەيلەر ئول شەمئى شەبىستان ھەر كەچە. يېشىمى: نۇرلۇق قۇياش ھەر ئاخشىمى پەردە ئىچىگە كىرىپ كەتكەندەك، بۇ كېچەمنىڭ چىرىقىمۇ خىلۋەتكە كىرىۋالىدۇ. ئول كۈلۈپ ئەھباب بىرلە سۈبھىدەك، مەن شەمئۋار، ئۆرتەنىپ كۆڭلۈم، تۆكەرمەن دۇررى غەلتان ھەر كەچە. يېشىمى: ئۇ ھەر ئاخشىمى دوستلىرى بىلەن تاڭ نۇرىدەك كۈلىدۇ، مەن بولسام كۆڭلۈمنى شامدەك ئۆرتەپ، كۆزۈمدىن ئۈنچە مارجان تۆكۈپ چىقىمەن. بىر قۇياش ھىجرانىدا ئۇريات تەنىم گەردۇن كەبى، مىھر ئوتىدىن كۆرگۈزۈر مىڭ داغى پىنھان ھەر كەچە. يېشىمى: يالىڭاچ گەۋدەم بىر قۇياشنىڭ پىراقىدا، ھەر كېچىسى ئىشق ئوتىدىن خۇددى ئاسمانغا ئوخشاش مىڭلىغان يوشۇرۇن داغلارنى كۆرسىتىدۇ. گاھ – گاھ، ئەي مەخمۇرى خاب ئالۇد، سور ئول خەستەنى، كىم يەتەر ئاغزىمغا لەئلىڭ يادىدىن قان ھەر كەچە. يېشىمى: ئەي ئۈگدىگەن مەست، بىمارنىڭ ھالىدىن ئانچە – مۇنچە خەۋەر ئالساڭچۇ؛ ھەر كېچە لېۋىڭنى ئويلاپ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن قان كېلىدۇ. ناسىھا، نە نەۋئ پىنھان تائەت ئەيلەيكىم، ئالۇر، دىنۇ دانىش نەقدىنى بىر نامۇسۇلمان ھەر كەچە. يېشىمى: ئەي نەسىھەتچى، ئىمان ۋە ئەقىل بايلىقىمنى بىر نامۇسۇلمان ئېلىۋالغان تۇرسا، مەن كېچىسى قانداقمۇ يوشۇرۇن ئىبادەت قىلالايمەن؟ بىر كەچە سورغىل مەنى، ئاندىن بۇرۇنكىم سورغاسەن، «قانى ئول بىدىلكى، ئەيلەر ئەردى ئەفغان ھەر كەچە». يېشىمى: بىر ئاخشام بولسىمۇ ھالىمنى سوراپ قويغىن، بۇرۇنمۇ: «ھەر كېچىسى داد – پەرياد قىلىدىغان ھېلىقى ئاشىق قېنى دەپ سورايتتىڭغۇ. چەك، نەۋائىي، نالە، كۆز مەي بەرسۇنۇ باغرىم كەباب، چۇن بولۇر ئول ئاي خەيالى بىزگە مىھمان ھەر كەچە. يېشىمى: نەۋەئىي، نالە كۈيىنى چال، كۆزۈم شاراب، جىگىرىم كاۋاپ تەييارلىسۇن، چۈنكى ھەر ئاخشىمى ئۇ ئاينىڭ خىيالى ماڭا مېھمان بولۇپ كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟! ئۈچىنچى ئاھاڭ ۋاھ، نە خۇشدۇر خەستەلىكدە كۆسەرلەر يارىم كەلىپ، ياكى يالغۇزلۇقدا ياندا تۇرسا دىلرادىم كەلىپ. يېشىمى: ئاھ، ئاغرىپ قالغان چېغىمدا، يارىم يوقلاپ كەلسە ياكى يالغۇزچىلىقتا دىلدارىم كېلىپ يېنىمدا تۇرسا، نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى. ياد ئەتەر ئولسام بەناگاھ ئول پەرى يۈزلۈكنىكىم، كۇلبەم ئىچرە ئول دەمى ئولتۇرسا گۈلزارىم كەلىپ. يېشىمى: ئۇ پەرى يۈزلۈكنى ئېسىمگە ئېلىشىم ھامانلا، دەرھال ھۇجرامغا كېلىپ، گۈلدەك ئېچىلىپ ئولتۇرسا ئىدى. كەلسە غەمنىڭ لەشكەرى باشىمنى ئايلاندۇرماغا، گۇفتەلىغ بولسا، يانىمغا ئول شەكەرخارىم كەلىپ. يېشىمى: غەم لەشكىرى بېشىمنى ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كەلگىنىدە، ئۇ شىرىن سۆزلۈكۈم يېنىمغا كېلىپ، ھەمسۆھبەت بولسا. قۇتۇلۇر ئەردىم بۇ غەمدىن، ئول دىلئارامىم كۆرۈپ، ۋاھ، ئەگەرچەندكى قەتل ئەتسە دىئازارىم كەلىپ. يېشىمى: ئىخ، ئەگەر دىئازارىم كېلىپ جېنىمنى ئالىدىغان ئىش بولسىمۇ، ئۇنى بىر كۆرسەم، دىلىمغا ئاراملىق يېتىپ، بۇ غەملەردىن قۇتۇلار ئىدىم. بۇ كۆڭۈلنى بارچە غەملەردىن خەلاس قىلغاي ئەدى، بىر نەزەر قىلماق بىلەن ئول شوخى خۇنخارىم كەلىپ. يېشىمى: ئو شوخ قانخۇرۇم كېلىپ، بىرلا نەزەر تاشلىسا ئىدى، كۆڭلۈمنى بارچە غەملەردىن خالاس قىلاتتى. كىچىك سەلىقە چۈشۈرگىسى نەچە ۋاقت ئەيلەپ تەھەممۇل، ئەي بىلال، بولغىل خەمۇش، مەرھەممەت ئەيلەر سىتەم يەتكەندە غەمخارىم كەلىپ. يېشىمى: ئەي بىلال، بىر قانچە ۋاقىت تاقەت قىل، جەبىر – زۇلۇم چېكىگە يەتكەندە، غەمخورۇڭ كېلىپ رەھىم – شەپقەت قىلىدۇ. تەئكىد ئىشق ئارا مەنمەن دەمى بىمىھنەتۇ غەم بوماغان، جانىدىن مەھرۇم ئولۇپ، جانانغا مەھرەم بولماغان. يېشىمى: مۇھەببەت يولىدا بىر دەممۇ جاپاسىز، غەمسىز ئۆتمىگەن ئادەم پەقەت مەن؛ جېنىمدىن مەھرۇم بولۇپ، جانانغا يېقىنلىشالمىغانمۇ مەن. يۈز ۋەفا ئەيلەپ، جەفادىن ئۆزگە نەفئى كۆرمەگەن، مىڭ جەفا كۆرۈپ، ۋەفاسى زەررەئى كەم بولماغان. يېشىمى: يۈز ۋاپا قىلسىمۇ، جاپادىن ئۆزگە نەپ كۆرمىگەن، ۋاپانى قىلچە كەمقىلمىسىمۇ، مىڭلاپ جاپا كۆرگەنمۇ مەن. مىڭ قۇياشچە كۆرگەن ئۆز يارىن، ۋەلې يار ئالىدا، مىڭ ئۈلۈشىدىن بىرىچە زەررەنىڭ ھەم بولماغان. يېشىمى: ئۆز يارىنى مىڭ قۇياشقا تەڭ كۆرسىمۇ، لېكىن يارى ئالدىدا زەررىنىڭ مىڭ ئۈلۈشىدىن بىرسىچىلىك ئېتىۋارغا ئېلىنمىغىنىمۇ مەن. ئالەم ئەھلى ئىشق ئارا رۇسۋالىغىم تەئن ئەتمەڭىز، كىمدۇرۇر ئاشىق بولۇپ، رۇسۋايى ئالەم بولماغان. يېشىمى: ئەي ئالەم ئەھلى، ئىشق يولىدىكى رەسۋالىقىم ئۈچۈن تاپا – تەنە قىلماڭلار، ئاشىق بولۇپ رەسۋايى ئالەم بولمىغان زادى كىم بار؟ ئەنجۇم ئەرمەس تەردۇر ئاھىم ئوتىدىن كۆك سەقفىدە، ۋاھكى، بۇ تەردىن بىنايى قالمادى نەم بولماغان. يېشىمى: ئاسماننى قاپلىغان يۇلتۇز ئەمەس، ئاھىم ئوتىدىن ھاسىل بولغان تەر تامچىلىرىدۇر؛ ھالبۇكى بۇ تەر تامچىلىرىدىن ھۆل بولمىغان مەۋجۇدات قالمىدى. دەستگىرى ئىستەكىم غەمدىن خەلاس ئىمكان ئەمەس، ئولكى بىر زەررىدىن كەمەر بەلىگە مۇھكەم بولماغان. يېشىمى: بىر ئۇستاز ئىزدە، ئۇنىڭ ئالدىدا بېلىڭگە ئالتۇن كەمەرنى مەھكەم باغلىمىغىچە غەمدىن خالاس بولالمايسەن. ئەي نەۋائىي بىلكى تاپماس لەئلىدىن قۇتى ھەيات، جاننى تەسلىم ئەيلەمەكلىككە مۇسەللەم بولماغان. ئەي نەۋائىي بىلگىنكى، جاندىن كېچىپ ئۆزىنى يارىغا تاپشۇرمىغان ئادەم ئۇنىڭ لېۋىدىن ھاياتلىق ئوزۇقى ئالالمايدۇ. داستان بىرىنچى داستان كۆكسۈمنى چاڭ ئەتىپ قانلار يىغلادىم، كەسىپ – كەسىپ قارا باغرىم تۇزلادىم. ئەرزى ھالىم بىردىن – بىردىن سۆزلەدىم، رەھمى كەلىپ بىزگە نىگاھ ئەيلەدى. يېشىمى: كۆكسۈمنى يېرىپ، قان – قان يىغلىدىم؛ قارا باغرىمنى كېسىپ – كېسىپ تۇزلىدىم؛ ئەھۋالىم ھەققىدىكى ئەرزىمنى بىردىن – بىردىن بايان قىلدىم؛ رەھمى كېلىپ ماڭا نەزەر سالدى. كۆپ جەفالار چەكىپ باغىڭە كىردىم، باغبان بولۇپ ئالما، نارىن تەرمەدىم. شۇكر لىللاھ يەنە جەمالىڭ كۆردۈم، تەڭرى سەنى بىزگە ئەتا ئەيلەدى. يېشىمى: نۇرغۇن جاپا چېكىپ بېغىڭغا كىردىم؛ باغۋەن بولۇپ، ئالما – ئانار تەرمىدىم؛ ئاللاھقا شۈكۈر، يەنە جامالىڭنى كۆردۈم؛ ئاللاھ سېنى ماڭا نېسىپ قىلىپتۇ. بەلالاردىن قاچىپ كىردىم دەرياگە، ھەر زەمان ئۇچرادىم تۇرلى جەفاگە. قۇلاق سال، دىلبەرا، ئۇشبۇ سەۋداگە، بىزگە بۇ قىسمەتنى خۇدا ئەيلەدى. يېشىمى: بالايىئاپەتلەردىن قېچىپ دەرياغا كىردىم؛ ھەر ۋاقىت تۈرلۈك جاپالارغا ئۇچرىدىم؛ ئەي دىلبەر، بۇ ساداغا قۇلاق سالكى، بۇ قىسمەتنى بىزگە ئاللاھ نېسىپ قىلغاندۇر. سەنسەن سەنەۋبەرنى ۋەفالىق يارى، ساڭا فىدا بولسۇن جانى ئەفگارى. مۇختەسەر ئەيلەسەم ئۇشبۇ دەفتارى، بىۋەفا دۇن كىمگە ۋەفا ئەيلەدى. يېشىمى: سەنەۋبەرنىڭ ۋاپادار يارى پەقەتلا سەن؛ يارىلانغان جان ساڭا پىدا بولسۇن؛ ئۇزۇن گەپنى قىسقا قىلسام، بىۋاپا ئالەم كىمگە ۋاپا قىلغان؟ ئىككىنچى داستان نەمايان ئولدۇڭ، ئەي دىلبەر، يۈزۈڭنى ئافتاب ئەيلەب، قارا كاكۇل بىلە زۇلفى پەرىشانىڭ نىفاب ئەيلەب. يېشىمى: ئەي دىلبەر، يۈزۈڭنى قۇياش قىلغان، ئۇنىڭغا قاپقارا كوكۇلاڭ بىلەن يېيىلىپ تۇرغان چېچىڭنى نىقاپ قىلغان ھالدا نامايان بولدۇڭ. لەبىڭ خالىنى كۆرگەچ، تەن ئۆيىدە ناتەۋان كۆڭلۈم، قۇشىدۇركىم قەفەسدە تەلپىنىپ كۆپ ئىزتىراپ ئەيلەب. يېشىمى: لېۋىڭدىكى خالنى كۆرگەندە، تەن ئۆيىدىكى ناتىۋان كۆڭلۈم خۇددى قەپەستىدىكى قۇشتەك تەلپۈنۈپ، تاقەتسىزلەندى. جەمالىڭ دەفتەرىدىن نۇكتەئىنى شەرھ ئەتە ئالمان، يىلى ئۇمرۇم ئىچىدە، ئەي پەرى، يۈز مىڭ كىتاب ئەيلەب. يېشىمى: ئەي پەرى، مەن ئۇمرۈم بويى يۈزمىڭ كىتاب يېزىپمۇ، جامالىڭ دەپتىرىدىكى بىر ھېكمەتنى شەرھلەپ بولالمايمەن. نە كافىر كۆزلەرىڭ ئالەمنى تەنھا ئەيلەدى تاراج، شەبىيخۇن كەلتۈرەر غەم جانىمە يۈز مىڭ ئىتاب ئەيلەب. يېشىمى: قارا كۆزلىرىڭ ئالەمنى يالغۇز ئۆزى ئىشغال قىلدى؛ ئۇنىڭ غېمى كېچىلىك ھۇجۇم قوزغاپ، جېنىمغا يۈزمىڭ ئازابلارنى سالدى. ۋەفا ھەرفىنى سورغاندا ماڭا سەن تازە جان بەردىڭ، مەسىھا لەبلەرىڭ ئىئجازىدىن گويا جەۋاب ئەيلەب. يېشىمى: «ۋاپا»نىڭ نېمىلىكىنى سورىغىنىمدا، ھاياتلىق بەخش ئەتكۈچى لېۋىڭنىڭ مۆجىزىلىرى بىلەن دېگۈدەك جاۋاب بېرىپ، ماڭا يېڭى جان ئاتا قىلدىڭ. سەھەر تۇرفە چەمەندە گۇل بىلە تەنھا شەراب ئىچتى، ئەجايىپ باغبانى سىينەئى بۇلبۇل كەباب ئەيلەب. يېشىمى: ئاجايىپ باغۋەن ئىكەن، سەھەردە گۈل بىلەن يالغۇز شاراپ ئىچىپ، بۇلبۇلنىڭ باغرىنى كاۋاپ قىلدى. گۇلىستانى سۇخەننى سەير ئەتەردە ساھىبى دىۋان، چەكەر باشىغا گۇلدەك مىسرائىنى ئىنتىخاب ئەيلەب. يېشىمى: دىۋان تۈزگۈچى شائىر سۆز گۈلىستاننى سەيلە قىلغىنىدا، مىسرالارنى تاللاپ، بېشىغا گۈلدەك قىستۇرۇۋالىدۇ. (ئېسىل مىسرالارنى كاللىسىغا تىزىۋالىدۇ) نە گۈندۈز شەرتدۇر مەي ئىچكەلى شۇربى مۇدامىڭدىن، قەدەھ تۇت ساقىيئى سىيمىنبەدەنكىم ماھتاب ئەيلەب. يېشىمى: شاراپنى كۈندۈزدىلا ئىچىش شەرت ئەمەس، ئەي كۈمۈش بەدەنلىك ساقىي، ئايدىڭدىمۇ ئۈزۈلدۈرمەي قەدەھ تۇت. ھەقىقەتەن جىلۋەگەردۇر، دەر ھەقىقەت ياشۇرۇپ بولماس، مەجاز ئەھلى زەلىلىي تەلبەگە مۇنداغ قەباب ئەيلەب. يېشىمى: مەجاز ئەھلى زەلىلىي تەلىۋىنى قانچە قامال قىلغان بىلەنمۇ، ھەقىقەت يەنىلا جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇنى يوشۇرغىلى بولمايدۇ. ئۈچىنچى داستان باغبان بولۇپ باغىڭ ئىچرە، تەرسەم تازە گۇللارىڭنى. ئىگەم سەنى خۇش ياراتمىش، ئەگسەم نازۇك بەللەرىڭنى. يېشىمى: بېغىڭدا باغۋەن بولۇپ، يېڭى ئېچىلغان گۈللىرىڭنى ئۈزسەم؛ پەرۋەردىگارىم سېنى گۈزەل يارىتىپتۇ، نازۇك بەللىرىڭنى ئەگسەم. مەنى سورساڭ ئۇشبۇ دەمدە، رەنگىم سارىغ، كۆزۈم نەمدە. ئاي يۈزۈڭگە تۇتما پەردە، تەرھىنالە قوللارىڭنى. يېشىمى: مېنىڭ شۇ تاپتىكى ئەھۋالىمنى سورىساڭ، رەڭگىم سېرىق، كۆزۈم نەملىك؛ ئايدەك يۈزۈڭگە چۈمبەل تارتما، قوللىرىڭ دەرت كۆرمىسۇن. مەڭزىڭ ئەسلى لالەدۇر، باقىشىڭ جاننى ئالادۇر. لەبىڭ ئالتۇن فىيالەدۇر، ئىچىپ قانسام باللارىڭنى. يېشىمى: مەڭزىڭ ئەسلىدىن قىزىل گۈلدۇر، قاراپ قويۇشۇڭ جاننى ئالىدۇ؛ لېۋىڭ ئالتۇن پىيالىدۇر، ئۇنىڭدىن ھەسەل – بالنى ئىچىپ قانسام. سەھەر قوپۇپ ساچىڭ تارا، گۇل يۈزۈڭگە رومال ئورا. رەقىب يۈرى بولسۇن قارا، بىلىپ يۈرسەم يوللارىڭنى. يېشىمى: سەھەر قوپۇپ چېچىڭنى تارا، گۈلدەك يۈزۈڭگە رومال ئورا؛ يولۇڭنى بىلىۋېلىپ ئۇنىڭدا يۈرسەم، رەقىبلەرنىڭ يۈزى قارا بولسۇن. غەرىب ئاشىق بولدۇم فەقىر، گۇناھىمغا بولدۇم مۇنكىر. دۇئا بىرلە ئەرزىن ئوقىر، قىبلە ئەيلەب خاللارىڭنى. يېشىمى: پېقىر غەرىب ئاشىق بولدۇم، گۇناھىمغا ئاقلىغۇچى بولدۇم؛ ئۇ خاللىرىڭغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، دۇئا بىلەن ئەرزىنى بايان قىلىدۇ. تۆتىنچى داستان ئارادىن ھىچ سۆز كەچمەيىن، جان ئاكا، قايان بارۇرسەن؟ مەنىڭ گۇلۇم ئاچىلمايىن، جان ئاكا، قايان بارۇرسەن؟ يېشىمى: ئوتتۇرىدا ھېچبىر گەپ – سۆز ئۆتۈلمەي تۇرۇپ، جان ئاكا نەگە بارىسەن؟ مېنىڭ گۈلۈم ئېچىلماي تۇرۇپ، جان ئاكا، نەگە بارىسەن؟ ئانامنىڭ خىزمەتىن قىلماي، كەفەن سوراغىدا بولماي، ئۆز قولۇڭدا گۆرگە قويماي، جان ئاكا، قايان بارۇرسەن؟ يېشىمى: ئانامنىڭ خىزمىتىنى قىلماي، كېپەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلماي، ئۆز قولۇڭ بىلەن يەرلىكىگە قويماي تۇرۇپ، جېنىم ئاكا، نەگە بارىسەن؟ بىزگە دۇنيا زىندان بولدى، كىيگەنىمىز كەفەن بولدى، ئىچكەنىمىز زەھر بولدى، جان ئاكا، قايان بارۇرسەن؟ يېشىمى: بىزگە بۇ دۇنيا زىندان بولدى، كىيگىنىمىز كىيىم ئەمەس كېپەن بولدى، ئىچكىنىمىز زەھەر بولدى، جان ئاكا نەگە بارىسەن؟ بىزنى ئەيلەدىڭ بىچارە، باغرىم بولدى پارە – پارە، يۈرەكىمگە سالىپ يارە، جان ئاكا، قايان بارۇرسەن؟ يېشىمى: بىزنى بىچارە قىلىپ قويدۇڭ، يۈرەك – باغرىم پارە – پارە بولدى؛ يۈرىكىمنى جاراھەتلەندۈرۈپ، جېنىم ئاكا نەگە بارىسەن؟ گۇلجامالنى كۆپ زارلاتىپ، يۈرەكىن ئوتقا داغلاتىپ، بەختى قارانى قان يىغلاتىپ، جان ئاكا، قايان بارۇرسەن؟ يېشىمى: گۈلجامالنى كۆپ زارلىتىپ، يۈرىكىنى ئوتتا داغلىتىپ، ئۇ بەختسىزنى قان يىغلىتىپ، جان ئاكا نەگە بارىسەن؟ مەشرەب بىرىنچى مەشرەب قىلدى ئول ئاي ئالىدا ئاشىقلىغىم ئىزھارىنى، مەن ئاڭا سىررىم دەدىم، بىلمان ئانىڭ ئەسرارىنى. يېشىمى: ئۇ ئاينىڭ ئالدىدا ئاشىقلىقىم ئۆزىنى ئاشكارىلىدى: مەن ئۇنىڭغا سىرىمنى ئېيتتىم، لېكىن ئۇنىڭ سىرىنى بىلمەيمەن. كۆز قاراسىن ھەل قىلپ، ئول ئايغا يازغۇم نامەئى، بارى بۇ تەزۋىر ئىلە كۆرگەي كۆزۈم رۇخسارىنى. يېشىمى: كۆزۈمنىڭ قارىسىنى سىياھ قىلىپ ئۇ گۈزۈلگە خەت يازىمەن. كۆزۈم بۇ ھىيلە بىلەن ئۇنىڭ رۇخسارىنى بىر كۆرىۋالغاي. كۆزىدىن تا جانغا يەتمەي لەئلىدىن بەرمەس ھەيات، ئول مەسىھ ئۆلدۈم دەگەندە تىرگۈزۈر بىمارىنى. يېشىمى: رۇخسارىنى كۆرگەندىن كېيىن تاكى جاننى تەقدىم قىلمىغىچە لېۋىدىن ھاياتىق بەرمەيدۇ. «ئۆلدۈم» دېگەندىلا، ئۇ جان بېغىشلىغۇچى بىمارىنى تىرىلدۈرىۋالىدۇ! ھەيفدۇركىم، رىشتەئى تەسبىھ قىلغاي ئەھلى زۇھد، كۇفر زۇلفى ئىچرە ئۆلگەن زۇلفىنىڭ زۇننارىنى. يېشىمى: ئەپسۇسلىنارلىق ئىش شۇكى، ئۇنىڭ قاپقارا چېچى ئىچىدە يوقالغان زۇننارنى زاھىدلار تەسۋىيسىگە يىپ قىلىۋالىدۇ. ئارەزىڭ دەۋرىڭ چەكەردە گوييا نەققاشى سۇنئ، مىھر دەۋرى بىرلە تەڭ ئاچمىش ئەدى پەركارىنى. يېشىمى: تەقدىر رەسسامى يۈزۈڭنى ئايلانمىسىنى سىزىدىغان چاغدا، پەركار (سىركۇل)ىنى گويا قۇياش ئايلانمىسىغا تەڭ قىلىپ ئاچقانىدى. تۆكمە جامىنكىم، بەلا سىيلى جەھاننى بۇزماسۇن، مەست كۆرسەڭ، زاھىدا، دەيرى فەنا خەممارىنى. يېشىمى: ئەي ھازىت، ئۆزلۈكنى يوقىتىش مەيخانىسىنىڭ خۇشتارلىرىنى مەست ھالەتتە كۆرگىنىڭدە، ئۇلارنىڭ جامىنى ئۆرىۋەتمە، ئۇنىڭ تاشقىنى بۇ جاھاننى خاراب قىلمىسۇن يەنە. ئەي نەۋائىي، شەۋقىدىن ئۆلسەم، ئىبارەت قىلغاسەن، تۇفراغىم بىرلە مۇھەببەت كويىنىڭ دىيۋارىنى. يېشىمى: ئەي نەۋائىي، مەن ئۇنىڭ ئىشتىياقىدا ئۆلۈپ كەتسەم، ۋۇجۇدۇم تۇپرىقى بىلەن مۇھەببەت كوچىسىنىڭ تاملىرىنى قوپارغايسەن. سەنى ئۇششاق كۆڭلىن غارەت ئەتكەچ، دىلرەبا دەرلەر، مەنى سەن شوخ دامىغا ئەسىرۇ مۇبتەلا دەرلەر. يېشىمى: ئاشىقلار كۆڭلىنى تالان – تاراج قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى «دىلرەبا» (دىلنى رام قىلغۇچى، كۆڭۈلنى مەپتۇن قىلغۇچى دەيدۇ) مېنى بولسا سەن شوخنىڭ قاپقىنىغا چۈشۈپ قالغان «ئەسىر ھەم گىرىپتار» دەيدۇ. سەنى قەسرى جەمالى ھۇسىن ئۆزرە شاھى مەھرويان، مەنى رۇسرايى ئىشقىڭ كوچاسىدا بىر گەدا دەرلەر. يېشىمى: سېنى ھۆسن – جامال قەسرىدە ئولتۇرغان گۈللەرنىڭ شاھى دېسە، مېنى ئىشقىڭ كوچىسىدا رەسۋا بولغان بىر گاداي دەيدۇ. بۇ گۈن ھەر زەرد رويى ئىشقىڭ ئوقىدا شەھىد ئولسا؛ قىيامەت گۈنى بىرلە گۇلچىھرەئى گۇلگۇن قەبا دەرلەر. يېشىمى: بۈگۈن سېنىڭ ئىشقىڭ ئوقىدا شېھىت بولغان سۇلغۇن چىرايلارنى قىيامەت كۈنى گۈل رەڭلىك لىباسلارنى كىيگەن گۈل يۈزلۈكلەردىن بولىدۇ، دەيدۇ. ئەجەب قەۋمىدۇر ئەسھابى رىزا بىرلە ۋەفالاركىم، بەلا تىغى باشىدا سايەئى بالى ھۇما دەرلەر. يېشىمى: قازاغا رىزا بولغۇچى ۋاپادارلار ئاجايىپ كىشىلەر – دە، ئۇلار ئۆز بېشىغا بالا – قازا تىغى كەلسە، ئۇنى «ھۇما قۇشنىڭ قانىتىدىن چۈشكەن سايە» دەپ بىلىدۇ. ئەگەر ئۇمرى جىگەر پەرگالەسىدىن مەن غىزا بەرسەم، قاچان نامىھرىبان ئىتلار نەن ئۆزگە ئاشنا دەرلەر. يېشىمى: ئۆمرۈم بويى جىگەر پارىلىمنى غىزا قىلىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ كۆيۈمسىزنىڭ ئىتلىرى مېنى ھېچقاچان ئۆزىگە دوست تۇتمايدۇ. كۆرۈپ مەشھۇرىينى بۇ نەۋئ سەرگەردانۇ سەرگەستە، غەم ئابادى جەھان ئىچرە غەرىبۇ بىنەۋا دەرلەر. يېشىمى: مەشھۇرىينى بۇنداق سەرگەردان ھالەتتە كۆرگەنلەر ئۇنى «غەمگە تولغان بۇ جاھاندىكى غېرىب ۋە يوقسۇل» دېيىشىدۇ. ئىككىنچى مەشرەب بىرىنچى ئاھاڭ ئەي پەرىزادى زامانىم، جان بىلە قۇل مەن ساڭا، گۇلشەنى ھۇسنۇڭداقى بىر دەستە سۇنبۇل مەن ساڭا. يېشىمى: ئەي زامانىمنىڭ پەرىزاتى، مەن جان – دىلىم بىلەن ساڭا قۇلمەن؛ ھۆسن – جامال گۈلشىنىڭدىكى بىر دەستە سۇنبۇلۇڭمەن. ئەي گۇلى گۇلزارى جەننەت دىلبەرى ساھىب جەمال، گۇل يۈزۈڭنىڭ ئوتىدا بىر خەستە بۇلبۇل مەن ساڭا. يېشىمى: ئەي جەننەت گۈلزارىنىڭ گۈلى بولغان گۈزەللىك ساھىبى دىلبەر، مەن گۈل يۈزۈڭنىڭ ئوتىدا كۆيگەن بىر بىمار بۇلبۇلۇڭمەن. باردۇر ھۇسنۇڭ سەنىڭ بىلقىسۇ يۇسۇفدىن فۇزۇن، مەي ئىچەر بولساڭ، نىگارا، ساغەرى مۇل مەن ساڭا. يېشىمى: سەن بىلقىس ۋە يۈسۈپلەردىنمۇ بەك گۈزەلسەن. ئەي نازىنىن، مەي ئىچەر ۋاقتىڭدا قەدىھىڭ بولسام دەيمەن. ياستانىپمەن ئىشىكىڭنى جانۇ دىل بىرلە مۇدام، ساقلاساڭ قۇل مەن ساڭا، گەر خەرجلەرسەڭ پۇل مەن ساڭا. يېشىمى: ئىشىكىڭنى ھەمىشە جان – دىل بىلەن قوغداپ، ساقلاپ تۇرىمەن؛ ساقلىساڭ قۇلۇڭمەن، خەجلىسەڭ پۇلۇڭ. قىل قەلەمدەرغە، نىگارا، لۇتفدىن بىر ئىلتىفات، مۇددەتى بولۇپدۇرۇر، ئەي دىلرەبا، قۇلمەن ساڭا. يېشىمى: ئەي دىلنى مەپتۇن قىلغۇچى، قەلەندەر ئۇزۇندىن بېرى سېنىڭ قۇلۇڭ بولۇپ كەلدى، ئۇنىڭغا شەپقەت قىلىپ بىرەر قېتىم ئىلتىپات كۆرسەت. ئىككىنچى ئاھاڭ ئەرزىم ئىشىتكىل، ئەي با لەتافەت، قىلغىل تەرەھھۇم ئەيلەپ شەفائەت. يېشىمى: ئەي لاتاپەت ئىگىسى، ئەرزىمنى ئاڭلىغىن؛ ماڭا شاپائەت ئەيلەپ، رەھىم قىلغىن. سەن بىر ھۇمايى، مەن بىر گەدايىڭ، يايغىل باشىمغا چەترى سەئادەت. يېشىمى: سەن بېشىمغا ھۇما قۇشى قونغان بىر شاھسەن، مەن سېنىڭ گادىيىڭ، بېشىمغا سائادەت چېدىرىنى يايغىن. نە گىريە قىلماي، نە زارىي بولماي، نە غەمگە قالماي، ئەي سەرۋىي قامەت. يېشىمى: ئەي سەرۋى بويلۇق يار، يىغا – زارە قىلماسلىققا، دەرد تارتماسلىققا، غەمگە چۆكمەسلىككە نېمە چارەم بولسۇن؟ دەردىم بەسى كۆپ، ھەددىدىن زىيادە، دايىم كۆرەرمەن ئەلدىن مەلامەت. يېشىمى: دەردىم ھەددىدىن زىيادە كۆپ، خەلقتىن دائىم ئەيىپلەش ئاڭلايمەن. مەجنۇنلۇغۇمدا بىمىھرى گەردۇن، باشىمغا ئۇردى سەنگى شەقاۋەت. يېشىمى: مەجنۇن (ساراڭ) بولۇپ قالغان چېغىمدا، بۇ رەھىمسىز پەلەك بېشىمغا بەختسىزلىك تېشى بىلەن ئۇردى. مەن زارىغا كىم يارى ۋەفاسىز، دىلخەستە قىلدى ئەيلەپ زەافەت. يېشىمى: ۋاپاسىز يار – ناز – كەرەشمە قىلىپ، مەن بىچارىنىڭ دىلىنى يارا قىلدى. فەقرى بىلالىي قىلغىل دۇئايى، يارغا يەتەرسەن بولساڭ سەلامەت. مەنىسى ئەي يوقسۇل بىلال، دۇئا قىل، سالامەت بولساڭ، يار يېتىشەرسەن. 2– مۇقام چەببايات مۇقامىنىڭ تېكىسىتلىرى چوڭ نەغمە قىسمى 178 مىسرا، تۆت داستان 74 مىسرا ۋە ئىككى مەشرەب 50 مىسرا بولۇپ، جەمئىي 302 مىسرا شېئىردىن تەكىب تاپقان. يۇقىرىقى ئون ئىككى مۇقامنىڭ تېكىستى ۋە يېشىمى بېيجىڭ مەكىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ئەپەندىمنىڭ «ئەسلى يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. «زۇلقار مەتبەئەچىلىكى» دە تىزىلدى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...