راك مۇقامى
مۇقام ئانسامبىلى

راك مۇقامى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2002

مۇقام ئانسامبىلى ھەققىدە:
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىدىن ئىبارەت دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بۇ مەنىۋى تەۋەررۈكنى، بىباھا گۆھەرنى ساقلاپ قىلىش، يىراق ئۆتمۈشنىڭ مالىمانچىلىقىدا يوقىلىپ كەتكەن ئاھاڭلىرىنى تولۇقلاش، ئۇنى رەتلەش ۋە نەشر قىلىش، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش يولىدىكى ئىزدىنىش، ئۇنىڭ مۇزىكا قۇرۇلمىسى، ئورۇنلاش ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلارنىڭ مەزمۇنى ھەققىدىكى تەتقىقات توختاپ قالمىدى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئەڭ دەسلەپ 1951-يىلى پولات سىمغا ئۈنگە ئېلىندى. بۇ جەرياندا ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئەڭ ئاخىر ... داۋامى
تۈر: مۇقام
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 839
راك مۇقامى - ھەققىدە:
راك مۇقامى (ھۆرلۈككە تەلپۈنۈش) چوڭ نەغمە قىسمى236 مىسرا، داستان قىسمى بەش داستان 97 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 38 مىسراجەمئىي بولۇپ 368 مىسرا 
چوڭ نەغمە
مۇقەددىمە
 
سەتارىم تارىغا جان رىشتەسىدىن تار ئەشىپ سالسام،
ئانىڭكىم نالەسىدىن بىنەۋانىڭ كۆڭلىنى ئالسام.
يېشىمى: ساتارىمغا جېنىمنىڭ رىشتىسىدىن تار ئېشىپ سالسام، ئۇنىڭ نالە – ناۋاسى بىلەن يوقسۇلنىڭ كۆڭلىنى ئالسام.
 
مەقام ئالىپ مەقام ئىچرە مەقامنى دىلغا جاھ قىلسام،
مۇھەببەت كويىغا سالسا ئانىڭ ئالدىدا مەن چالسام.
يېشىمى: مۇقام ئىچىدىن ئورۇن ئېلىپ، مۇقامنى دىلىمغا جايلاشتۇرسام، تەقدىر مېنى مۇھەببەت كويىغا سالسا، مەن ئۇ جاناننىڭ ئالدىدا چالسام.
 
مەقاملارنىڭ ئاتاسىنى ھۈسەينىيۇ، ئەجەم دەرلەر،
بۇلاردىن يۇقارىكىم پەردەئى بەيادىنى چالسام.
يېشىمى: «ھۈسەينىي» بىلەن «ئەجەم»نى مۇقاملارنىڭ ئاتىسى دېيشىدۇ، مەن ئۇلارنىڭمۇ يۇقىرىسى بىلەن «بەياد» پەدىسىگە چالسام.
 
بەيادى ھەق تەئەلا يادىدا چالسام پەيا – پەيكىم،
كۆڭۈللەر بىنەۋا بولغانىنى بىلسەم نەۋا چالسام.
يېشىمى: ئاللاھنى يادلاپ ئۈزۈلدۈرمەي «بەياد» چالسام، باغرى ئېزىلگەنلەرنى كۆرسەم «ناۋا» نى چالسام.
 
ئارالاپ چالسام ئۇششاقنى، غەزەلنى راكغا يەتكۈزسەم،
شەبىستانۇ سەھەرلەردە مۇشاۋەرەك، پەنجگاھ چالسام.
يېشىمى: «راك»نى ئەۋجىگە يەتكۈزۈپ، «ئۇششاق»نىمۇ ئارىلاپ چالسام. «مۇشاۋەرەك»، «پەنجىگاھ»نى ئەتىگەن – ئاخشاملىرى چالسام.
 
ئىراقۇ چەببايات، ئۆزھالدا فەيزىكىم يەتەر بولسا،
تىلەپ خۇرشىدى ۋەسلىن سۇبھى دەمدە چەھارگاھ چالسام.
يېشىمى: ئەگەر «ئىراق»، «چەببەيات» ۋە «ئۆز ھال»دىن پەيزى يەتسە (كۇپايە قىلسا)، سەھەر پەيتىدە قۇياشنىڭ ۋىسالىنى تىلەپ «چاھارگاھ» چالسام.
 
يەتىپ ۋەسلىگە ھىممەتنىڭ جۇدالىق تاغىدىن ئۆتسەم،
ئىچىپ ۋاسلىڭ شەرابىدىن قىلىپ تەڭكەش سەگاھ چالسام.
يېشىمى: يۈكسەك نىيىتىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، جۇدالىق تېغىدىن ئۆتسەم، ۋىسالنىڭ شارابىنى ئىچىپ، ئۇنىڭغا «سەگاھ»نى تەڭكەش قىلسام.
 
كەل، ئەي مەشرەب، قەدەھ سۇنغىل بولايىن مەستى مۇستەغرەق،
بىر ئەلگە كاسەئى تەنبۇر، بىرىگە جامى مەي ئالسام.
يېشىمى: كەل، ئەي مەشرەب، قەدەھ تۇتقىن، غەرق مەست بولاي؛ بىر قولۇمغا تەنبۇر، بىر قولۇمغا مەيگە تولغان جامنى ئالاي.
 
بىرىنچى تەئەززە
 
ئەشرەقەت مىن ئەكسى شەمسىل كەئسى ئەنۋارۇل ھۇدا،
يار ئەكسىن مەيدە كۆر، دەپ جامدىن چىقتى سەدا.
يېشىمى: قەدەھتىكى (شارابقا چۈشكەن) قۇياش شولىسىدىن ھىدايەت نۇرى چاقنىدى، جامدىن: «يارنىڭ شولىسىنى شارابتا كۆرگىن» دېگەن سادا چىقتى.
 
غەير نەقشىدىن كۆڭۈل جامىدا بولسا زەنگى غەم،
يوقتۇر ئەي ساقىي، مەيى ۋەھدەت مەسەللىك غەمزەدا.
يېشىمى: كۆڭۈل جامىدا غەيرى تەسەۋۋۇردىن غەمنىڭ غەشلىكى پەيدا بولسا، ئەي ساقىي، بۇنىڭغا ۋەھدەت شارابىدەك تازلىغۇچى يوق.
 
ئەي، خۇش ئول مەيكىم، ئاڭا زەرف ئولسا بىر سىنغان سوفال،
جام ئولۇر گىيتىنەما جەمشىد، ئانى ئىچكەن گەدا.
يېشىمى: ئەي، مەي شۇنداق ياخشى نەرسىكى، ئۇ قۇيۇلغان قاچا بىر سۇنۇق ساپال بولسىمۇ، كىشىنى جەمشىد تىلەپ ئىچكەن «گىيتىنەما» (جاھاننى كۆرسەتكۈچى) جامى ھېس قىلدۇرىدۇ.
 
جامى مەي گەر ئۆيلەدۇر، ئول جام ئۈچۈن قىلماق بولۇر،
يۈز جەھان ھەم دەم نىسار، ئول مەي ئۈچۈن مىڭ جان فىدا.
 
يېشىمى: شاراب جامى ئاشۇنداق نەرسە ئىكەن، بۇ ھالدا، جام ئۈچۈن ھەر نەپەستە يۈز جاھاننى چاچقۇ قىلسا، شاراب ئۈچۈن مىڭ جاننى پىدا قىلسا ئەرزىيدۇ.
 
دەير ئارا ھۇش ئەھلى رۇسۋا بولغالى، ئەي مۇغبەچە،
جامى مەي تۇتساڭ مەنى دىۋانەدىن قىل ئىبتىدا.
يېشىمى: ھۇشى بار ئادەملەر مەيخانىغا رەسۋا بولۇشقا كېلىدۇ. ئەي مەيخانا خىزمەتچىسى، شاراب جامىنى تۇتساڭ، مەن مەجنۇندىن باشلا.
 
تاكى ئول مەيدىن كۆڭۈل جامىدا بولغاچ جىلۋەگەر،
چىھرەئى مەقسۇدى مەھۋ ئولغاي ھەم ئول دەم مائەدا.
يېشىمى: ئاشۇ كۆڭۈل جامىدىدىكى شارابتا مەقسەت چېھرىسى جىلۋىلەنگەنسېرى نازۇ نېمەت دېگەنلەر بىر ياقتا قالىدۇ.
 
ۋەھدەتى بولغاي مۇيەسسەر مەي بىلە جام ئىچرەكىم،
جامۇ مەي لەفزىن دەگەن بىر ئىسىم ئىلە قىلغاي ئەدا.
يېشىمى: ۋەھدەت (بىرلىك)كە مەي ۋە جام بىلەنلا ئېرىشىش مۇمكىم، شۇڭا «مەي» ۋە «جام» دېگەن سۆزلەر ئادەتتە، «جامۇمەي» دەپ بىرلا ئىسىم بىلەن ئىپادە قىلىنىدۇ.
 
سەن گۇمان قىلغاندىن ئۆزگە جامۇ مەي مەۋجۇد ئەرۇر،
بىلمەيىن نەفى ئەتمە بۇ مەيخانە ئەھلىن، زاھىدا.
يېشىمى: ئەي زاھىد، سەن تەسەۋۋۇر قىلغان نەرسىلەردىن باشقا، «جام» ۋە «شاراب» دېگەنلەرمۇ ئەسلىدىن مەۋجۈت. بۇنىڭ بىلەمەي تۇرۇپ، ئىچەرمەنلەرنى چەكلەپ قوغلاپ يۈرمە.
 
بىرىنچى تەئەززە چۈشۈرگىسى
 
تەشنەلەب ئولما نەۋائىي، چۇن ئەزەل ساقىيسىدىن،
«ئىشرەبۇ يا ئەييۇھەل ئەتشان» كەلۈر ھەر دەم نىدا.
يېشىمى: ئەي نەۋائىي، چاڭقاپ يۈرمە، تەقدىر ساقىيسىدىن: «ئەي تەشنالار، ئىچىڭلار!» دېگەن نىدا ھەر دەم كېلىپ تۇرىدۇ.
 
ئىككىنچى تەئەززە
بىرىنچى ئاھاڭ
 
ساقىيا، مەن يۇتماغان خۇنابى ھىجران قالدىمۇ؟
بەرمەسەڭ مەي ئەمدى قان يۇتماقغا ئىمكان قالدىمۇ؟
يېشىمى: ئەي ساقىي، مەن يۇتمىغان ھىجرانلىقنىڭ قانلىق ياشلىرى قالدىمۇ؟ مەي بەرمىسەڭ، ئەمدى پەقەت قانلا يۇتۇش كېرەك بولۇپ قالدىمۇ؟
 
ئەيكى، دەرسەن، ئىستەسەڭ ۋەسلىمنى جان قىلغىل فىدا،
مۇنى سور ئەۋۋەلكى، ھەجرىڭدىن ماڭا جان قالدىمۇ؟
يېشىمى: ئەي، ۋىسالىمغا يەتمەكچى بولساڭ جېنىڭنى پىدا قىلغىن دەيسەن، ئاۋۋال شۇنى سوراپ باققىنكى، جۇدالىقىڭ كەلتۈرگەن ئازاپ دەردىدىن مەندە جان قالدىمۇ؟
 
ئىشق مەخفى قالماس ئاخىر، ئەي كۆڭۈل، كۆپ چەكمە جان،
مەن ھەم ئەۋۋەل كۆپ ياشۇردۇم، كۆركى، پىنھان قالدىمۇ؟
يېشىمى: ئەي، كۆڭۈل، ئىشق – مۇھەببەت دېگەن ھامان مەخپىي قالمايدىكەن، ئاۋارە بولما، مەنمۇ بۇرۇن شۇنچە كۆپ يوشۇرۇۋېدىم، قارىغىنا، يوشۇرۇن پېتىچە قالدىمۇ؟
 
چەكتىلەر مەجرۇھ كۆڭلۈمدىن خەدەنگىن كۈچ بىلە،
بارى، ئەي جان، مۇژدەئى بەرگىلكى، پەيكان قالدىمۇ؟
يېشىمى: ئوقيا ئوقىنى جاراھەتلىك يۈرىكىدىن كۈچەپ تۇرۇپ تارتىۋالدى. ئەي جان، خۇش خەۋەر بەرگىنە، پەيكان (ئوق بېشى) قالدىمۇ يوق؟
 
كۆرگەچ ئول ئاينى جۇنۇندىنكىم يىقىلدىم، ئەي رەفىق،
تەڭرى ئۈچۈن ئايتكىم ھالىمغا ھەيران قالدىمۇ؟
يېشىمى: ئۇ ئاينى كۆرگىنىمدە، مەجنۇنلارچە يىقىلدىم، ئەي دوستۇم، خۇدا ھەققى، ئېيتقىنا، ئۇ ھالىمغا ھەيران قالدىمۇ، يوق؟
 
ئەي كۆڭۈل، بۇ گۇلشەن ئەترافىغا باقكىم، غۇنچەئى،
كىم كۆڭۈل جەمئ ئەيلەدى، بولماي پەرىشان قالدىمۇ؟
يېشىمى: ئەي كۆڭۈل، بۇ گۈلشەن تەرەپكە قاراپ باققىنا، غۇنچە كۆڭلىنى خاتىرجەم تۇتقانىدى، كېيىن پەرىشان بولماي قالدىمۇ؟
 
ئەي نەۋائىي، قاچماغىل ھەمدەملىغىمدىن، كۆركى يار،
گەر ساڭا مىھرىن كەم ئەتتى، بىزگە يەكسان قالدىمۇ؟
يېشىمى: ئەي نەۋائىي، دوستلۇقىمدىن قاچما، كۆرگىنكى، يار ساڭا ئانچە كۆيۈنمىگەنىكەن، بىزگە بىر خىل بولۇپ قالالىدىمۇ؟
 
ئىككىنچى ئاھاڭ
 
ھالۇ ئەھۋال ئۆزگەچە، ئەۋزائى ئەتۋار ئۆزگەچە،
گۇفتۇ گۇفتار ئۆزگەچە، ئەفئالۇ كىردار ئۆزگەچە.
يېشىمى: ھال – ئەھۋال باشقىچە، خۇي پېئىللەر باشقىچە، گەپ – سۆزلەر باشقىچە، قىلمىش – ئەتمىشلەر باشقىچە.
 
خادىمى خەيلى ھەمشەمنىڭ كارۇ بارى ئۆزگەچە،
تابىئى مەتبۇئىلارغە رويى دىيدارى ئۆزگەچە.
يېشىمى: ھەشەمەتچىلەرنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرى باشقىچە، ئۇلارنىڭ ئۆز تەۋەلىرىگە، ئەگەشكۈچىلىرىگە كۆرسەتكەن چىرايلىرى باشقىچە.
 
پىرۇ مۇخلىس ئۆزگەچە، ئۇستادۇ شاگىرد ئۆزگەچە،
ئاشىقانە تالىبۇ مەھبۇبى دىلدار ئۆزگەچە.
يېشىمى: پىر بىلەن مۇرىد، ئۇستاز بىلەن شاگىرت باشقىچە، تەلەپكار ئاشىق بىلەن دىلنى تارتقۇچى مەھبۇب باشقىچە.
 
مەسنەدى ئىرشاد تەختۇ سەلتەنەت جار ئۆزگەچە،
ھەم ئىرادەت ھەم ئىنايەت ۋىردى ئەزكار ئۆزگەچە.
يېشىمى: تاج – تەخت ۋە سەلتەنەت ئىگىلىرىنىڭ جار سېلىشلىرى باشقىچە، ئىرادىمۇ، ئىناۋەتمۇ، زىكرى – تىلاۋەتمۇ باشقىچە.
 
پىرى شەش ھال ئۆزگەچە، ھالى مۇلاقات ئۆزگەچە،
ئىلتىفاتى خەيرباد سادىقىغە يار ئۆزگەچە.
يېشىمى: ئالتە پىرنىڭ ئەھۋالى باشقىچە، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىمۇ باشقىچە؛ سادىقىيغا ئۆز يارىنىڭ ئىلتىپاتى ۋە خۇش مۇئامىلىسى باشقىچە.
 
ئىككىنچى تەئەززە چۈشۈرگىسى
 
پىرى شەش ھال ئۆزگەچە، ھالى مۇلاقات ئۆزگەچە،
ئىلتىفاتى خەيرباد سادىقىيغە يار ئۆزگەچە.
يېشىمى: ئالتە پىرنىڭ ئەھۋالى باشقىچە، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىمۇ باشقىچە؛ سادىقىغا ئۆز يارىنىڭ ئىلتىپاتى ۋە خۇش مۇئامىلىسى باشقىچە.
 
بىرىنچى نۇسخە
 
چەككەندە نەققاشى قەزا ئول سەرۋى گۇلرۇخ سۇرەتىن،
گويا بەگەنمەي تاشلامىش تەرھ ئەيلەپ ئانىڭ ھەيئەتىن.
يېشىمى: تەقدىر رەسسامى ئۇ گۈليۈزلۈك سەۋرىنىڭ سۈرىتىنى سىزغىنىدا، ئۇنىڭ قىياپىتىگە تەقلىد قىلغىدەك ھېچ نەرسە تاپالماپتۇ.
 
تا جىلۋە قىلدى ئول سەنەم، لەيلى سۆزى بولدى ئەدەم،
سەۋدام ئوتى چەككەچ ئەلەم، پەست ئەتتى مەجنۇن شۇھرەتىن.
يېشىمى: ئۇ گۈزەل يار جىلۋىلىنىپ چىقىۋىدى، لەيلى ھەققىدىكى سۆزلەر يوقالدى. سەۋدالىقىمنىڭ ئوتى يالقۇنلىغانىدى، مەجنۇننىڭ شۆھرىتى پەسەيدى.
 
رۇخسار ئاچىپ ئول سيمبەر، قامەتنى ئەيلەپ جىلۋەگەر،
ئۈزدىيۇ، كەتتى سەر – بەسەر، گۈل رەغبەتىن، سەرۋ ئۇلفەتىن.
يېشىمى: ئۇ كۈمۈش بەدەن يار قامىتىنى جىلۋىلەندۈرۈپ، يۈزىنى ئاچقانىدى، سەرۋىگە ئۈلپەت بولىدىغان، گۈلگە قىزىقىدىغانلار قالمىدى.
 
كۆڭلۈم يۈزۈڭ بىچارەسى، جانىم لەبىڭ خۇنخارەسى،
سور، ئەي جەھان ئەييارەسى، گاھى ئالارنىڭ ھالەتىن.
يېشىمى: ئەي جاھان ھەييارى، كۆڭلۈم يۈزۈڭ ئالدىدا بىچارە، جېنىم لېۋىڭ ئىشقىدا قان يۇتىدۇ، ئارىلاپ ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قوي!
 
تەقۋا ئەۋى ھەمۋار ئەرۇر، سۇبھەم ئىپى زۇننار ئەرۇر،
ئول كۇلبەئى خەممار ئەرۇر، تا كۆردۈم ئول چىن لۇئبەتىن.
يېشىمى: ئۇ خوتەن گۈزىلىنىڭ ئويۇنلىرىنى كۆرگەندىن بېرى، تەقۋادارلىق ئۆيۈم يەر بىلەن يەكسان بولدى، تەسۋىيىم زۇننارغا ئالماشتى، ھۇجرام مەيخانىغا ئايلاندى.
 
جەننەتغە قىلماسمەن نۇزۇل، ئول كوي ئارا تاپسام ۋۇسۇل،
دەۋزەخنى ئەيلەرمەن قەبۇل، ئەمما يوق ئانىڭ فۇرقەتىن.
يېشىمى: ئەگەر ئۇنىڭ كوچىسىدا ۋىسال تاپسام، جەننەتكىمۇ كىرمەيمەن. دوزاخنى قوبۇل قىلسام قىلىمەنكى، ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا قىيمايمەن.
 
ئەيلەپ سەلاسىل ئارزۇ، ئارتار جۇنۇنۇم مۇ – بەمۇ،
ناگاھ نەسىمى مۇشكبۇ يەتكۈرسە زۇلفۇڭ نەكھەتىن.
يېشىمى: سەلكىن شامال تاسادىپىي چېچىڭنىڭ خۇشبۇي ھىدىنى ئېلىپ كەلسە، چېچىڭنىڭ زەنجىرىگە باغلىنىش ئارزۇسىدا تېخىمۇ ساراڭ بولۇپ كېتىمەن.
 
ئىش سىررىن، ئايا، كىم بىلۇر، كىمدىن بۇ مۇشكىل ئاچىلۇر،
ۋاھكىم، بۇ غەم مۇھلىك قىلۇر، ھەر لەھزە كۆڭلۈم ھەيرەتىن.
يېشىمى: ئىشنىڭ سىرىنى كىملەر بىلەر، بۇ چىگىشنى كىملەر يېشەر؟ ئاھ، ھەمىشە مۇشۇ غەم كۆڭلۈمدىكى ھەيرانلىقنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.
 
بىرىنچى نۇسخە چۈشۈرگىسى
 
بولغىل نەۋائىي، رو بەرەھ، قىلغىل فەنا كويىن پەناھ،
تەرك ئەيلە زۇھدۇ خانەقاھ، قىل دەير پىرى خىزمەتىن.
يېشىمى: نەۋائىي، ئۇدۇل ماڭ، ئۆزلۈكنى يوقىتىش كوچىسىدىن پاناھلىق تاپ؛ تەقۋادارلىقنى ۋە خانىقانى تاشلاپ، مەيپۇرۇشنىڭ خىزمىتىنى قىل.
 
ئىككىنچى نۇسخە
 
كۆرمەدىم سەندەك جەھاندا مەھۋەشى دىلدارنى،
دىلبەرى شىرىن زەبانۇ شوخ گۈلرۇخسارنى.
يېشىمى: جاھاندا سېنىڭدەك ئايغا ئوخشاش گۈزەل، تىلى شىرىن، شوخ، گۈليۈزلۈك دىلدارنى كۆرۈپ باقمىدىم.
 
بىر سەنىڭدەك يوقتۇر دۇنيادا ئىززەت تەختىدە،
ھەم مەنىڭدەك كىم كۆرۈپتۇر ساھىبى ئازارنى.
يېشىمى: ئىززەت تەختىدە سېنىڭدەك ئولتۇرغان يەنە بىرسىنى دۇنيادىن تاپقىلى بولمايدۇ؛ كىشىگە شۇنداق ئازار بەرگۈچىنى مېنىڭدىن باشقا يەنە كىم كۆرۈپتۇ؟
 
مەن ياماندىن قاچسا كىم، ئول خالىقى پەرۋەردىگار،
گۇلغا قىلدى ھەمنىشىن گۇلشەن ئىچىندە خارنى.
يېشىمى: ئۇ مەندەك ياماندىن قاچقىنى بىلەن، ياراتقۇچى پەرۋەردىگار گۈلشەندە تىكەننى گۈلگە ھەمراھ قىلغان ئەمەسمۇ؟
 
ئەي پەرىزادى زەمانىم، يوقدۇرۇر قەدرىڭ سەنىڭ،
تاجى سەر قىلسام ياراشۇر ساڭا ئوخشا يارنى.
يېشىمى: ئەي زامانىمنىڭ پەرىزاتى، سەن بىباھاسەن، سېنىڭدەك يارنى بېشىمغا تاج قىلسام، يارىشىدۇ.
 
تا قاچانغا سەن قىلۇرسەن نازۇ ئىستىغنا ماڭا،
بىرگىنە سۆزلەت قولۇڭغا لەئلى شەكەر بارنى.
يېشىمى: ماڭا قاچانغىچە نازلىنىسەن، شېكەردەك لېۋىڭ بىلەن قولۇڭغا بىر قېتىم گەپ قىلىپ قويساڭچۇ.
 
گەر مۇسۇلمانزادە بولساڭ قىل قەلەمدەرغە كەرەم،
جەۋرۇ زۇلمۇڭ بىرلە سەن ئۆلتۈرمەگىل بۇ زارنى.
يېشىمى: ئەگەر مۇسۇلمان بالىسى بولساڭ، قەلەندەرگە مەرھەمەت قىل، بۇ بىچارىنى جەبىر – زۇلمىڭ بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويما.
 
ئاشىق ئەرسەڭ، ئەي قەلەندەر، كەچە – گۈندۈز دەرد ئىلە،
بۇلبۇل ئوخشا قىل ئوشۇل گۇل ۋەسفىغە گۇفتارنى.
يېشىمى: ئەي قەلەندەر، ئەگەر ئاشىق بولساڭ، خۇددى بۇلبۇلغا ئوخشاش كېچە – كۈندۈز دېمەي، دەرت – ھەسرەت بىلەن ئاشۇ گۈلنى مەدھىيىلە.
 
مۇستەھزاد
 
يوقتۇر بۇ جەھان ئىچرە بىر مەن كەبى ئاۋارە،
ھەم بىسەرۇ سامانمەن ھەم ئاجىزۇ بىچارە.
يېشىمى: جاھاندا ماڭا ئوخشاش سەرگەرداندىن يەنە بىرى تېپىلمايدۇ؛ يەنە مەندەك قايغۇلۇق، ئاجىز بىچارىمۇ يوق.
 
غەم خەيلى ئاياغىدا جىسمىم چۇ غۇبار ئولدى،
تۇفانى بەلا قىلدى تۇفراغ بىلە ھەمۋارە.
يېشىمى: غەم قوشۇنلىرىنىڭ ئايىغى ئاستىدا، ۋۇجۇدۇم توزانغا ئايلاندى، ئۇنى بالا – قازا توپانى تۇپراققا قوشۇۋەتتى.
 
باشىمغا بەلا تاشى ياندۇردى سىپىھر ئانچە،
ھەربىر ساچىم ئورنىدا يۈز پارە ئۈزە يارە.
يېشىمى: پەلەك بېشىمغا ھېسابسىز بالا تاشلىرىنى ياندۇردى؛ ھەر بىر تال چېچىمنىڭ ئورنىغا يۈزلىگەن يارىلارنى ئۈستى – ئۈستىلەپ پەيدا قىلدى.
 
تەئسىرى جۇنۇنۇمدىن ۋەھم ئەيلەبان، ئەي ئەھباب،
ھالىمنى سوراڭ، لەكىن قىلماڭ ماڭا نەززارە.
يېشىمى: ئەي دوستلار، مەجنۇنلۇقۇمنىڭ يۇقۇپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار، ھالىمنى سوراڭلار، لېكىن ماڭا قارىماڭلار.
 
ئەلەم ئارا بىدادى بىر زەررە ئەمەس خالىي،
ھەرقانچە جەفا بولسا قىلمىش ماڭا ھەر بارە.
يېشىمى: ئالەمنىڭ بۇ زالىمى زۇلۇم سېلىشتىن بىر دەممۇ توختىمىدى؛ قانچىلىك جاپا بولسا، دائىم ماڭا سالدى.
 
كۆڭلۈمگە شىكەست بەردى نا ئەھلىنىڭ ئازارى،
بۇ شىشەئى نازۇكنى سىندۇردى ئوشۇل خارە.
يېشىمى: نائەھلىنىڭ ئازارى دىلىمنى جاراھەتلەندۈردى؛ دىلىمنىڭ بۇ نازۇك شىشىسىنى ئاشۇ تاش سۇندۇرۇپ تاشلىدى.
 
مۇستەھزاد چۈشۈرگىسى
 
كۆز سالما ئەرۇسى دۇن رۇخسارىغا، ئەي مەھزۇن،
ھەر گۇن نەچە سەندەكنى ئازغۇردى بۇ مەككارە.
يېشىمى: ئەي مەھزۇن، زامان گۈزىلىنىڭ رۇخسارىغا نەزەر تاشلىما، ئۇ مەككار ھەر كۈنى سەندەكتىن نەچچىنى ئازدۇرىدۇ.
جۇلا
 
شوخ ئىكى غەزالىڭنى ناز ئۇيقۇسىدىن ئويغات،
تا ئۇيقۇلارى كەتسۇن، گۈلزار ئىچىدە ئوينات.
يېشىمى: ئىككى شوخ كىيىكىڭنى نازلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغاتقىن، ئۇلارنى گۈلزارلىقتا ئوينات، ئۇيقۇلىرى ئېچىلسۇن.
 
تىشلەپكى، ساچىڭ ئۆزدۈڭ، ئاچقاندا پەرىشان قىل،
ئافاق سەۋادىندا جان رايىھەسىن بۇترات.
يېشىمى: چېچىڭنى چىشلەپ ئۆرۈدۈڭ، يەشكىنىڭدە ئۇنى يايغىن دە، ئۇنىڭ جان ھىدىدەك خۇش پۇرىقىنى ئالەمگە تارقاتقىن.
 
كۇلبەمغە خۇي ئەفشان كەل، زۇلفۇڭ قىلىپ ئاشىفتە،
ئەنجۇم سىپەھىن سىندۇر، ئافاق ئۇلۇسىن قوزغات.
يېشىمى: كۈلبەمگە چاچلىرىڭنى يېيىپ، تەر تامچىلىرىنى تۆكۈپ كەل؛ شۇنىڭ بىلەن يۇلتۇزلار قوشۇنىنى يېڭىپ، جاھان خەلقىنى قوزغىۋەت.
 
سەنەم
 
ئارەز قۇياشىن ئاچىپ، ئەشكى قۇرۇغان كۆزنى،
كۆپ ھەجرىدە يىغلاتتىڭ، بىر ۋەسلىدە ھەم يىغلات.
يېشىمى: چىراي قياشىنى ئېچىپ، پىراقىدا كۆپ يىغىلاپ ياشلىرى قۇرىغان كۆزنى ۋەسلى بىلەنمۇ بىر قېتىم يىغلات.
 
بىر ئاھ ئىلە كۈل بولدۇم، ئەي چەرخ، تىلەپ تاپىپ،
فەرھاد ئىلە مەجۇنغا ئاشىقلىق ئىشىن ئۆرگات.
يېشىمى: ئەي پەلەك، ئاشىقلىنى تىلەپ تېپىپ، بىر ئاھ بىلەن كۈلگە ئايلاندىم، ئەمدى پەرھاد بىلەن مەجنۇنغا ئاشىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆگىتىپ قويغىن.
 
خارە تۈبىدە ياتقۇڭ، يوق سۇد ئەگەر يۈز يىل،
كۆك ئەتلەسى ئۈستىدە جىسمىڭنى ياتىپ ئاغنات.
يېشىمى: ئەگەر كۆكنىڭ ئەتلىسى ئۈستىدە يۈز يىل ئېغىناپ ياتقىنىڭدىن پايدا چىقمىسا، تاش تۈۋىدە ياتقىنىڭ ياخشى.
 
بەزم ئىچرە، نەۋائىي، كۆپ يىغلار ئەسە، ئەي ساقىي،
ھۇش ئەلىتكۈچى دارۇنى جامىغا ئانىڭ چايقات.
يېشىمى: ئەي ساقىي، بەزمىدە نەۋائىي كۆپ يىغلاپ كەتسە، ئۇنىڭ قەدىھىگە ھۇشسىزلاندۇرغۇچى دورىنى سېلىپ چايقىۋەتكىن.
 
چوڭ سەلىقە
 
سەنىڭ جانىڭ، مەنىڭ جانىم بىر جان ئەمەسمۇ؟
سەنىڭ ئۈچۈن مەنىڭ جانىم قۇربان ئەمەسمۇ؟
يېشىمى: سېنىڭ جېنىڭ مېنىڭ جېنىم بىر جان ئەمەسمۇ، سېنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ جېنىم قۇربان ئەمەسمۇ؟
 
سەنى دەدىم، سەنى دەدىم، كەچتىم بۇ جاندىن،
يۈرەك – باغرىم پارە – پارە، كۆز ياشىم ئاندىن.
يېشىمى: سېنى دەپ بۇ جاندىن كەچتىم، يۈرەك – باغرىم پارە – پارە بولدى، كۆز يېشىم تېخىمۇ كۆپ تۆكۈلىدىغان بولدى.
 
يارنىڭ يۆلەكى ياردىن، يارى بولساما قايدىن،
غۇنچە بويلارى زىلۋا، شىرىن سۆزلەرى ئاندىن.
يېشىمى: دوستنى دوست قوللايدۇ، دوستى بولمىسا، قانداق قىلىدۇ؟ غۇنچىدەك خۇشپىچىم بويى زىلۋا، شېرىن سۆزلىرى بولسا، تېخىمۇ مەپتۇن قىلارلىق.
 
يارىمنىڭ بويى زىلۋا، زىلۋا بويىدا گۈل بار،
شىرىن سۆزلەرى تاتلىق، ئايدەك يۈزىدە خال بار.
يېشىمى: يارىمنىڭ بويى زىلۋا، زىلۋا بويىدا بەجايىكى بىر گۈلنىڭ پەيزى بار؛ شېرىن سۆزلىرى تاتلىق، ئايدەك يۈزىدە خالى بار.
 
ئايغا ئوخشاتاي يارىم، گۈنگە ئوخشاتاي يارىم،
سەنىڭ زىلۋا بويۇڭنى، كىمگە ئوخشاتاي يارىم.
يېشىمى: ئايغا ئوخشىتاي يارىم، كۈنگە ئوخشىتاي يارىم، سېنىڭ زىلۋا بويۇڭنى، كىمگە ئوخشىتاي يارىم؟
 
بىرىنچى كىچىك سەلىقە
بىرىنچى ئاھاڭ
 
يەنە نە چىھرەغە ئوت سالدى مەيكى، ھەيرانمەن،
يەنە نە چىھرەنى يەل ئاچتىكىم، پەرىشانمەن.
يېشىمى: ھەيرانمەن، مەي يەنە قايسى چېھرىڭنى قىزارتتىكىنە؟ پەرىشانمەن، شامال يەنە قايسى چىرايىنى ئېچىۋەتتىكىن؟
 
ئۇچۇركى، ئەي قۇيۇن، ئول ئاي باشىغە ئەۋزۈلەرمەن،
بۇ دەمكى يولىدا تۇفراغ بىرلە يەكسانمەن.
يېشىمى: مۇشۇ دەمدە ئۇنىڭ يولىدا يەر بىلەن يەكسان بولدۇم (تۇپراق بولدۇم). ئەي قۇيۇن، مېنى ئۇچۇرغىن، ئۇ ئاينىڭ بېشىدىن ئۆرگىلەي.
 
بىرى فۇسۇنۇ بىرى سىيمىياغا ھەمل ئەتەر ئەل،
چۇ زەئفىدىن كەلىپ ئۈن كۆزلەرىگە پىھانمەن.
يېشىمى: كىشىلەرنىڭ ئەپسۇن بىلەن سىيمىياغا (مەدەنلەرنى ئالتۇن مەدىنىگە ئايلاندۇرۇش غايىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات) تەدبىر بەرگىنىدەك زەئىپلىكىمدىن ئۈنۈملا ئاڭلىنىدۇ، ئەمما ئەلنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەيمەن.
 
ۋۇھۇش ئارا مەنى دەشت ئىچرە كۆردى چۇن مەجنۇن،
تەسەۋۋۇر ئەتتىكىم ئول خەيلغە نىگاھبانمەن.
يېشىمى: مەجنۇن مېنى باياۋانلاردىكى ۋەھشىي ھايۋانلار ئارىسىدا كۆرۈپ، «شۇ ھايۋانلار توپىنىڭ چوپانى ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ قالدى.
 
چۇ خەلقدىن قاچىبان دەير سارى يۈزلەندىم،
رەفىقلەر، بىلىڭىز ۋەھشىئى بەيابانمەن.
يېشىمى: كىشىلەردىن قېچىپ، مەيخانىغا يۈزلەندىم؛ ئەي دوستلار، بىلىپ قويۇڭلاردىكى، مەن باياۋاندىكى بىر ۋەھشىيمەن.
 
چۇ بىلمەي ئەلگە ۋەفا ئەيلەدىم، جەفا كۆردۈم،
نە سۇد ئەمدى ئەگەر نەچەكىم پۇشايمانمەن.
يېشىمى: بىلمەستىن كىشىلەرگە ۋاپا قىلىپتىمەن، ئەمما ئۇلاردىن جاپا كۆردۈم، ئەمدى قانچە پۇشايمان قىلساممۇ نېمە پايدىسى؟
 
نەۋائىي، ئەمدى قىلۇرمەن ھىجاز ئاھەنگى،
ساغىنماغىل ياناكىم ئازىمى خۇراسانمەن.
يېشىمى: نەۋائىي، مەن ئەمدى مەككىگە يۈزلۈندىم، «خۇراسانغا يەنە قايتىدۇ» دەپ سېغىنمىغىن.
 
ئىككىنچى ئاھاڭ
 
ھەيھاتكىم، بىراۋ غەمىدىن زار مەن يەنە،
فەرياد كىم، بەلاغا گىرىفتار مەن يەنە.
يېشىمى: ۋاي دەرىغ، بىرسىنىڭ غېمىدە يەنە زارلىنىۋاتىمەن. ۋاي دات، يەنە بالاغا گىرىپتار بولۇپ قالدىم!
 
ئەي مۇددەئىكى، ئارىم ئەدى تەئنۇ سۆكمەكىڭ،
فارىغ دەگۈلكى، ھەر نە دەسەڭ، بار مەن يەنە.
يېشىمى: ئەي دەۋاگەر، تەنە – سۆكۈشلىرىڭدىن ئۇيۇلاتتىم. ئەمدى ئۇنداق ئەمەس، نېمە دېسەڭ مانا مەن بار.
 
دەفئ ئەرمىش ئەردى نۇش لەبىڭدىن مەلالەتىم،
لۇتف ئەيلە، ئەي تەبىبكى، بىمار مەن يەنە.
يېشىمى: لېۋىڭنىڭ تەمى دەردىمنىڭ شىپاسى ئىدى. ئەي تېۋىپ، شەپقەت قىل، مەن يەنە كېسەل.
 
ھەر كەچە بىر قۇياش غەمىدىن، غۇسسە تاشىدىن،
باشتىن ئاياق سىپىھردەك ئەفگارمەن يەنە.
يېشىمى: ھەر كېچىسى ئوخشاشلا بىر قۇياش غېمىدە، بالا – قازا تېشىنىڭ قايغۇسىدا، پۈتۈن جىسمىم ئاسماندەك زەخمىلىنىدۇ.
 
سوفيئى ئەقل سەۋمەئەسىن، شۇكرىكىم، بۇزۇپ،
دارۇل فەنايى ئىشقىدا خەممارمەن يەنە.
يېشىمى: شۈكۈر، ئەقىل سوفىسىنىڭ ئىبادەتخانىسىنى بۇزۇپ، ئىشقنىڭ يوقىلىش مەيخانىسىدا يەنە مەيپۇرۇش بولدۇم.
 
ئاغزىم قۇرۇپ، دەمىم تۇتۇلۇپ، سەكرەسەم نە ياڭ،
كىم تەلبە چابۇكۇمغا جىلاۋدارمەن يەنە.
يېشىمى: ئاغزىم قۇرۇپ، دېمىم تۇتۇلۇپ، سەكرىسەم ئەجەب ئەمەس، چۈنكى مەن يەنە تەلۋە چەۋەندازىمغا ئات يېتىلىگۈچى بولدۇم.
 
ئەقل ئىتتى، ھۇش كەتتى، كۆڭۈل كۆيدى، چىقتى جان،
شۇكر ئەت، نەۋائىياكى، سەبۇكبارمەن يەنە.
يېشىمى: ئەقىل يىتتى، ھۇش كەتتى، كۆڭۈل كۆيدى، جان چىقتى؛ ئى نەۋائىي، ئەمدى ھەممىدىن قۇتۇلۇپ يېنىكلەپ قالدىڭ، شۈكۈر قىل.
 
ئۈچىنچى ئاھاڭ
 
ئاق ئالما، قىزىل ئالما،
ئالمامغا نەزەر سالما.
ئەن ئەمدى كەتەر بولدۇم،
سەن مەندىن خەفا بولما.
يېشىمى: ئاق ئالما، قىزىل ئالما، ئالمامغا نەزەر سالما؛ مەن ئەمدى كېتەر بولدۇم، سەن مەندىن خاپا بولما.
 
ئالتۇندىن چىلىم بولسا،
مەرۋايىت كۆزى بولسا،
بىر چەكسەم تاماكاڭنى،
ئىشق ئوتى ئەدا بولسا.
يېشىمى: ئالتۇندىن چىلىم بولسا، چىلىمنىڭ مەرۋايىتتىن كۆزى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن تاماكاڭنى بىر چەكسەم، ئىشق ئوتى پەسەيسە.
 
تۆتىنچى ئاھاڭ
 
ئايماغىل سىررىڭنى سەن ھەركىمگە، سىرداش ئۆزگەدۇر،
دەردى يوق بىدەردغە مۇڭ ئايما، مۇڭداش ئۆزگەدۇر.
يېشىمى: سىرىڭنى ھەر كىمگە ئېيتىۋەرمە، سىرداش دېگەن ئۆزگىچە. دەردسىزلەرگە مۇڭلانما، مۇڭداش دېگەن ئۆزگىچە.
 
ھەمرەھى قابىل بىلە يۈر بىر غەرىچلىق بولسا يول،
يۈرمەگىل ناجىنس بىرلە، يولدا يولداش ئۆزگەدۇر.
يېشىمى: يولۇڭ بىر غېرىچلىق بولسىمۇ، قابىل ھەمراھ بىلەن ماڭ، ناجىنسى خۇمسىلار بىلەن ماڭما، يولداش دېگەن ئۆزگىچە.
 
قولدا مالىڭ بارىدا يارۇ بەرادەر خىيش كۆپ،
ئارى، باش ياستۇققا يەتكەندە قارىنداش ئۆزگەدۇر.
يېشىمى: قولۇڭدا بايلىقىڭ بار چاغدا ئۇرۇغ – تۇغقان، يار – دوستلىرىنىڭ كۆپ بولىدۇ. شۇنداق، بېشىڭ ياستۇققا تەگكەن (ئاغرىپ يېتىپ قالغان) چاغدىكى قېرىنداش ئۆزگىچە.
 
بارچە يىغلار «ئاھ» دەپ، دەردلىغ كىشىدۇر بەلگۈلۈك،
دىل كۆيۈپ كۆزدىن تۆكەلگەن دەردلىغ ياش ئۆزگەدۇر.
يېشىمى: ھەممە ئادەم «ئاھ» دەپ يىغلاپ قويىدۇ، ئەمما دەردمەن بەلگىلىك بولىدۇ؛ باغرى ئۆرتەنگەن ئادەمنىڭ كۆزىدىن تۆكۈلگەن دەردلىك ياش دېگەن ئۆزگىچە.
 
ئەي ھۇۋەيدا، بەرمە دىل، ھەر بىۋەفانى يار دەپ،
ئىكى ئەلەم باۋەفا يارى قارا قاش ئۆزگەدۇر.
يېشىمى: ئەي ھۇۋەيدا، «يار» دەپ، ۋاپاسىزلارغا كۆڭۈل بەرمە؛ ئىككىلا ئالەمدە ۋاپادار بولىدىغان قارا قاشلىق يار دېگەن باشقىچە.
 
بىرىنچى كىچىك سەلىقە چۈشۈرگىسى
 
ئەقل ئىتتى، ھۇش كەتتى، كۆڭۈل كۆيدى، چىقتى جان،
شۇكر ئەت، نەۋائىياكى، سەبۇكبارمەن يەنە
يېشىمى: ئەقىل يىتتى، ھۇش كەتتى، كۆڭۈل كۆيدى، جان چىقتى؛ ئى نەۋائىي، ئەمدى ھەممىدىن قۇتۇلۇپ يېنىكلەپ قالدىڭ، شۈكۈر قىل.
 
ئىككىنچى كىچىك سەلىقە
 
كەچە كەلگۈمدۇر دەبان ئول سەرۋ گۇلرو كەلمەدى،
كۆزلەرىمغە كەچە تاڭ ئاتقۇنچە ئۇيقۇ كەلمەدى.
يېشىمى: ئۇ كېلىشكەن گۈل يۈزلۈكۈم «كەچتە كېلىمەن» دەپ كەلمىدى. شۇڭا تاڭ ئاتقۇچە كۆزۈمگە ئۇيقۇمۇ كەلمىدى.
 
لەھزە – لەھزە چىقتىمۇ چەكتىم يولىدا ئىنتىزار،
كەلدى جان ئاغزىمغا – يۇ، ئول شوخ بەدخۇ كەلمەدى.
يېشىمى: پات – پات چىقىپ، ئىنتىزارلىق بىلەن يولىغا كۆز تىكتىم، جېنىم ئاغزىمغا كېلىپ قالدى – يۇ، لېكىن ئۇ بەيخۇي شوخ كەلمىدى.
 
ئارەزىدەك ئايدىن ئەركەندە گەر ئەتتى ئىھتىيات،
روزگارىمدەك ھەم ئولغاندا قاراڭغۇ كەلمەدى.
يېشىمى: ئۇ ئۆز جامالىدەك يورۇق ئايدىڭدا كېلىشتىن ئېھتىيات قىلدىمكىن دېسەم، مېنىڭ زامانىمغا ئوخشاش قاراڭغۇلۇق چۈشكەندىمۇ كەلمىدى.
 
ئول پەرىۋەش ھەجرىدىنكىم يىغلادىم دىۋانەۋار،
كىمسە بارمۇكىن ئاڭا كۆرگەندە كۈلكۈ كەلمەدى.
يېشىمى: ئۇ پەرىنىڭ پىراقىدا سارڭلارچە يىغلىدىم، مېنىڭ بۇ ھالىمنى كۆرۈپ، كۈلگىسى كەلمىگەنلەرمۇ بارمىدۇ؟
 
كۆزلەرىڭدىن نەچە سۇ كەلگەي دەپ ئۆلتۈرمەڭ مەنى،
كىم بارى قان ئەردى كەلگەن، بۇ كەچە سۇ كەلمەدى.
مەنىسىلا «كۆزلىرىڭدىن نېمانچە ياش كېلىۋېرىدۇ» دەپ مېنى ئۆلتۈرمەڭ، بۇ ئاخشام كۆزۈمدىن كەلگىنى ياش ئەمەس، ھەممىسى قان.
 
تالىبى سادىق تاپىلماس، يوقسا كىم قويدى قەدەم،
يولغا كىم ئەۋۋەل قەدەم مەئشۇقى ئۇترۇ كەلمەدى.
يېشىمى: سادىق ئاشىق تېپىلمايدىكەن، ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇ يارنىڭ يولىغا دەسلەپ قەدەم قويسا، نېمىشقا مەشۇقى قارشى ئېلىشقا كەلمەيدۇ؟
 
ئەي نەۋائىي، بادە بىرلە خۇررەم ئەت كۆڭلۈڭ ئۆيىن،
نە ئۈچۈنكىم، بادە كەلگەن ئۆيگە قايغۇ كەلمەدى.
يېشىمى: ئەي نەۋائىي، مەي بىلەن كۆڭلۈڭ ئۆيىنى شاد قىل؛ چۈنكى، مەي كەلگەن ئۆيگە قايغۇ كەلمەيدۇ.
 
پىشرەۋ
بىرىنچى ئاھاڭ
 
ئىشقىڭ ئوتىدا كۆيگەلى كەلدىم،
ئايدەك يۈزۈڭنى كۆرگەلى كەلدىم.
يېشىمى: ئايدەك يۈزۈڭنى كۆرگىلى، ئىشق ئوتۇڭدا كۆيگىلى كەلدىم.
 
سەۋدايى زۇلفۇڭ تۈشتى باشىمغا،
سەندىن دەۋاسىن سورغالى كەلدىم.
يېشىمى: بېشىمغا چېچىڭنىڭ سەۋداسى چۈشتى، سەندىن شىپالىق سوراپ كەلدىم.
 
بەھرىڭگە كىردىم غەۋۋاسى بولاي دەپ،
بىر دۇررى مەقسۇد ئالغالى كەلدىم.
يېشىمى: غەۋۋاس بولۇپ دېڭىزىڭغا چۈشتۈم، بىر مەقسەت ئۈنچىسىنى سۈزۈپ ئالغىلى كەلدىم.
 
مەندىن سوراساڭ، ئەي گۈلئۇزارىم،
مەھۋى جامالىڭ بولغالى كەلدىم.
يېشىمى: ئەي گۈل يۈزلۈكۈم، مەندىن سورىساڭ، جامالىكنىڭ ھەيرانىسى بولاي دەپ كەلدىم.
 
كۆردۈم جەمالىڭ كەتتىم ئۆزۈمدىن،
مەجنۇنى شەيدا بولغالى كەلدىم.
يېشىمى: جامالىڭنى كۆرۈپ ئۆزۈمدىن كەتتىم، ساڭا كۆيگەن شەيدا مەجنۇن بولغىلى كەلدىم.
 
ساقىي قەدەھنى قىلغىل مۇھەييا،
ۋەھدەت مەيىدىن ئىچكەلى كەلدىم.
يېشىمى: ساقىي، قەدەھنى تەييارلا، بىرلىك (ۋەھدەت) شارابىدىن ئىچكىلى كەلدىم.
 
رەھمەت ئىشىكىن مەشرەبكە ئاچغىل،
ئشىقڭ كويىدا ئۆلگەلى كەلدىم.
يېشىمى: مەشرەبكە رەھمەتلىك بولۇش ئىشىكىنى ئېچىپ بەرگىن، ئىشقىڭنىڭ كوچىسىدا ئۆلگىلى كەلدىم.
 
ئىككىنچى ئاھاڭ
 
ئەيلەدىڭ، يا رەب، مەنى بىدىلنى جاناندىن جۇدا،
ياخشىراق ئەردى بۇ كىم قىلغاي ئەدىڭ جاندىن جۇدا.
يېشىمى: ئەي تەڭرىم، مەن مىسكىننى جاناندىن جۇدا قىلدىڭ، ئۇنداق قىلغىچە جېنىمدىن جۇدا قىلغىنىڭ مىڭ ياخشى ئىدى.
 
يارغە بىدىل كۆڭۈل جان لەئلى تانىڭ بولماسا،
نە تەلەب ئۆمر ئەيلەگەي خىزر ئابىھەيۋاندىن جۇدا.
يېشىمى: جان بېغىشلىغۇچى كۆيدۈرگۈچ لېۋىڭ بولمىسا، ساڭا كۆڭلۈم مەپتۇن بولامتى؟ خىزىر ھاياتلىق سۈيىدىن ئايرىلسا، قانداقمۇ ئۆمۈر تەلەپ قىلالايتتى؟
 
يارغا بارغاچ نەزەردىن ئۆزدە قالماي زەررەئى،
نە ۋۇجۇدى زەررەنىڭ خۇرشىدى تاباندىن جۇدا.
يېشىمى: ئەس يادىم يارنىڭ يېشىغا كەتكەچكە ئۇنىڭدىن ئۆزەمدە زەررىچە ئەسەر قالمىدى، قۇياشتىن ئايرىلغان زەررىچە قانداقمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىسۇن؟
 
قەترە – قەترە بارسا ياش كۆزدىن، نە غەمكىم، ئۆكسۈمەس،
يۈز تۈمەنمىڭ دۇررى غەلتان بولسا ئۇمماندىن جۇدا.
يېشىمى: كۆزۈمدىن تامچە – تامچە ياش تۆكۈلسە نېمە غەم؟ ئۇممان دېزىڭىزىدىن يۈر تۈمەنمىڭ ئۈنچىنى سۈزۈۋالغان بىلەنمۇ، ئۇنىڭدا يەنە ئۈنچە ئۆكسۈپ قالمايدۇ ئەمەسمۇ؟
 
دەردسىزلەر ئاھىدا تەئسىر ئەگەر يوق، تاڭ ئەمەس،
نە ئۈچۈنكىم ئۆتمەگەي ئوق بولسا پەيكاندىن جۇدا.
دەردسىزلەرنىڭ چەككەن ئاھلىرى تەسىرسىز بولسا، ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، چۈنكى ئوق كاماندىن ئايرىلسا كارغا كەلمەيدۇ – دە.
 
تۆشمەسە ئىشقىڭ كۆڭۈلگە، دەم بەدەم نەدۇر بۇ ئاھ،
بولماسا ئوت ئاندا، بەس، بۇ دۇد ئولۇر قاندىن جۇدا.
يېشىمى: كۆڭۈلدە ئىشقىڭ بولمىسا، نېمىشقا بۇنداق توختاۋسىز ئاھ ئۇرىمەن؟ ئىچىمدە ئوت بولمىسا، بۇ تۈتۈن نەدىن چىقىدۇ؟
 
ئەي ئايازىي، جاندا ئەرمەس نۇقتەلەر، كۆيدۈرگەلى،
داغلاردۇركىم، بولۇپتۇر جانغا ھىجراندىن جۇدا.
يېشىمى: ئەي ئايازىي، «جان» دېگەن خەتتە تۇرغىنى چېكىتلەر ئەمەس، بەلكى ئۇ جاننى كۆيدۈرگەندە پەيدە بولغان ھىجران داغلىرىدۇر.
 
پىشرەۋ چۈشۈرگىسى
 
ساقىي قەدەھنى قىلغىل مۇھەييا،
ۋەھدەت مەيىدىن ئىچكەلى كەلدىم.
يېشىمى: ساقىي، قەدەھنى تەييارلا، ۋەھدەت شارابىدىن ئىچكىلى كەلدىم.
 
رەھمەت ئىشىكىن مەشرەبكە ئاچغىل،
ئشىقڭ كويىدا ئۆلگەلى كەلدىم.
يېشىمى: مەشرەبكە رەھمەتلىك بولۇش ئىشىكىنى ئېچىپ بەرگەن، ئىشقىڭنىڭ كوچىسىدا ئۆلگىلى كەلدىم.
 
تەئكىد
بىرىنچى ئاھاڭ
 
ئەي سەبا، يەتكۈر پەيامىمنى مەنىڭ دىلدارغا،
كەلتۈر ئاندىن بىر مۇھەببەتنامەئى مەن زارغا.
يېشىمى: ئەي تاڭ شامىلى، مېنىڭ خەۋىرىمنى دىلدارىمغا يەتكۈز، ئۇنىڭدىن مەن بىچارىغا بىر مۇھەببەتنامە كەلتۈر.
 
ۋاھ، كەبۇتەر كۈل بولۇر مەكتۇبدىن ئۇچقۇن تۈشۈپ،
ئوت ياقىپمەن سىينەئى پۇر سوزدىن گۇفتارغا.
يېشىمى: تېز تۇتاشقۇچى يۈرەك ئوتۇمنى يېقىپ نامە ئەۋەتتىم، ۋاھ، بۇ مەكتۇپتىن ئۇچقۇن چۈشۈپ، ئۇنى ئېلىپ ماڭغان كەپتەرمۇ كۆيۈپ كۈل بولىدىغان بولدى.
 
ھەر گۇلىدۇر بىر تەبەق شۇئلە، جانىم ئۆرتەر ئۈچۈن،
سەنسىرىن كىرسەم تەماشايى ئۈچۈن گۇلزارغا.
يېشىمى: تاماشا قىلىش ئۈچۈن، سەنسىز گۈلزارلىققا كىرسەم، ئۇ يەردىكى ھەر بىر گۈل جېنىمنى كۆيدۈرۈش ئۈچۈن يېقىلغان بىر تاۋاق ئوت بولۇپ كۆرۈنىدۇ.
 
تۈشمەسە مەن ناتەۋانغا كۆزلەرى ئەرمەس ئەجەب،
باردۇر پەرۋاسى قاچان بىمارنىڭ بىمارغا.
يېشىمى: ئۇ يارنىڭ مەن بىچارىغا كۆزى چۈشمىسە، ئەجەب ئەمەسكى، قاچان كېسەل كىشى كېسەل كېشىگە پەرۋا قىلغان؟
 
تاپمادى مەشھۇرىي گۇفتارىم مەرجان قەدرىنى،
ھەر نەچچە تىزدىم جەۋاھىر رىشتەئى ئەشئارغا.
يېشىمى: ئەي مەشھۇرىي، شېئىر رىشتىسىغا شۇنچە گۆھەرلەرنى تىزساممۇ، سۆزلىرىم مارجانچىلىك قەدىر – قىممەتكە ئېرىشمىدى.
 
ئىككىنچى ئاھاڭ
 
خەزان ئەتتىم زىمىستانى غەمىڭدە گۇلئۇزارىمنى،
كەلىپ دىلبەر تەماشا قىل خەزان بولغان بەھارىمنى.
يېشىمى: غېمىڭنىڭ زېمىستانىدا گۈزەل يارىمنى غازاڭ قىلدىم؛ سەن كېلىپ، غازاڭ بولغان باھارىمنى تاماشا قىل.
 
قۇردى باغى تەبئىم، غۇنچە قالدى گۇل ئاچىلماسدىن،
كەرەم ئايىن بەرىپ سەبزئەيلە باغۇ لالەزارىمنى.
يېشىمى: تەبىئەت بېغىم قۇرۇپ كەتتى، غۇنچە ئېچىلالماي ئۆز پېتىچە قالدى؛ مەرھەممەت قىلىپ، باغ ۋە گۈلزارىمنى كۆكەرتىپ بەرگىن.
 
نەگۈندۇر لەززەتىن تاتتىم، نە تۈنلەردە تاپىپ ئارام،
كەچۈردۈم ھەجر ئوتىدا كۆيدۈرۈپ لەيلۇ نەھارىمنى.
يېشىمى: كۈندۈزلىرى لەززەت يوق، كېچىلىرى ئارام يوق، شۇنداق قىلىپ، ھىجران ئوتىدا كۈنلىرىمنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتتىم.
 
ياقامنى چاك ئەتىپ يىغلاپ بارىپ كويىدا داد ئەتتىم،
ئوشۇل بىرەھم ئىشىتمەيدۇر مەنى فەريادۇ زارىمنى.
يېشىمى: كوچىسىغا بېرىپ، ياقامنى يىرتىپ تۇرۇپ يىغىلاپ، دادلىدىم، بىراق، ئۇ رەھىمسىز مېنىڭ پەريادىمغا قۇلاق سالمىدى.
 
چىقارغە جان يەقىن بولدى، ئۆلەي دەرمەن كۆرۈپ ديدار،
ئايا بادى سەبا، بارىپ ئايغىل بىرەھم يارىمنى.
يېشىمى: جان چىقاي دەپ قالدى، يارنىڭ دىدارىنى بىر كۆرۈپ ئۆلەي دەيمەن؛ ئى تاڭ شامىلى، رەھىمسىز يارىمغا بۇ ھالىمنى يەتكۈزگىن.
 
مەن ئۆلسەم، ئەي بەرادەرلەر، ئانى يولىدا كۆمگەيسىز،
كى ھەر يانە ئۆتەر بولسە باسىپ ئۆتكەي مەزارىمنى.
يېشىمى: ئى دوستلار، ئۆلۈپ كەتسەم، ئۇنىڭ ئۆتەر يولىغا دەپنە قىلىڭلاركى، ئۇ قايسى بىر تەرەپكە بارسا، مازىرىمنى بېسىپ ئۆتكەي.
 
ھۇۋەيدا ئايتادۇر يىغلاپ: ئۆلۈم ھەقدۇر، ئۆلەر بارچە،
كۆڭۈلدە قالماغاي ئەرمان كۆرۈپ ئۆلسەم نىگارىمنى.
يېشىمى: ھۈۋەيدا يىغىلاپ تۇرۇپ ئېيتىدۇكى، ئۆلۈم راست، ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ؛ نىگارىمنى كۆرۈپ ئۆلۈپ كەتسەم، ئامانىم قالمايتتى.
 
داستان
بىرىنچى داستان
 
ھەر كىشىنىڭ دەردى بولسا، يىغلاسۇن يار ئالدىدا،
قالماسۇن ئەرمان يۈرەكدە ئەتسۇن ئىزھار ئالدىدا.
يېشىمى: ھەر كىشىنىڭ دەردى بولسا، يارى ئالدىدا يىغلاپ، يۈرەكتىكى ئارمانلىرىنى قالدۇرماي ئىزھار قىلسۇن.
 
ئەندەلىبى بىنەۋادەك نالەيۇ ئەفغان بىلە،
دائىما يىغلاپ تۇرارمەن ئەينى گۈلزار ئالدىدا.
يېشىمى: گويا گۈلزارلىقتىكى بىچارە بۇلبۇلدەك يىغلاپ، دائىم نالە – پىغان قىلىمەن.
 
مەنسۇرى ھەللاجدەك ئىچىپ شەرابى ئەنتەھۇر،
چەرخ ئۇرۇپ يىغلاپ تۇرارمەن ئوشبۇ دەم دار ئالدىدا.
يېشىمى: مۇشۇ دەمدە، مەنمۇ مەنسۇر ھەللاجىدەك شارابى ئەنتەھۇرنى ئىچىپ، دار ئالدىدا چۆگىلەپ يىغلاۋاتىمەن.
 
ھەر كىشى بىر قەترەئى نۇش ئەيلەسە ئول بادەدىن،
ئول قىيامەتدە قىلۇر ئەرزىنى جەببار ئالدىدا.
يېشىمى: كىمكى ئاشۇ شارابدىن بىر تامچە ئوتلاپ ئالسا، ئۇ قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئالدىدا ئۆز ئەھۋالىنى بايان قىلىدۇ.
 
تەلبە مەشرەب، قىلماغىل زاھىدغا سىررىڭنى ئەيان،
ئايتىپ، ئايتىپ يىغلاغىل سەن ئاشىقى زار ئالدىدا.
يېشىمى: ئەي تەلۋە مەشرەب، سەن سىرىڭنى زاھىتقا ئاشكارىلىما، ئۇنى ھەسرەتلىك ئاشىقنىڭ ئالدىدا ئېيتىپ يىغلىغىن.
 
ئىككىنچى داستان
 
مۇندىن كەتەر بولساڭ باغداد شەھرىگە،
غەرىب، سەنى بىر ئاللاھغا تاپشۇردۇم.
ئاللاھ سالدى جۇدالىقنىڭ دەردىگە،
غەرىب، سەنى بىر ئاللاھقا تاپشۇردۇم.
يېشىمى: غەرىب، بۇ يەردىن باغداد شەھرىگە كېتەر بولساڭ، سېنى بىر ئاللاھقا تاپشۇردۇم؛ ئاللاھ سېنى جۇدالىقنىڭ دەردىگە سالدى، غەرىب، مەن سېنى بىر ئاللاھغا تاپشۇردۇم.
 
مەن كەتەرمەن مۇندىن باغداد شەھرىگە،
كۆپ يىغلاما، سەنەمجان، كەتسەم كەلۈرمەن.
ئىلاجىم يوق ئابباسخاننىڭ زۇلمىگە،
كۆپ يىغلاما سەنەمجان، كەتسەم كەلۈرمەن.
 
يېشىمى: مەن بۇ يەردىن باغداد شەھرىگە كېتىمەن، كۆپ يىغلاما، سەنەمجان، كەتسەم، يەنە قايتىپ كېلىمەن؛ ئابباسخاننىڭ زۇلمىنى يېڭىشكە ئىلاج قىلالمىدىم، كۆپ يىغلاما سەنەمجان، كەتسەم، يەنە قايتىپ كېلىمەن.
 
نەچە گۈن تارتۇرمەن سەنىڭ جەبرىڭنى،
سەبرى قىلا ئالمادىم داغى ھەجرىڭنى،
رازى ئەردىم تەڭرىم ئالسا خانىمنى،
غەرىب، سەنى بىر ئاللاھغا تاپشۇردۇم.
يېشىمى: سېنىڭ جۇدالىق دەردىڭنى قانچە ۋاقىت تارتارمەن؟ ھىجران كەلتۈرگەن دېغىڭغا ھېچ سەۋرى قىلالمىدىم؛ شۇ تاپتا، ئاللاھىم جېنىمنى ئالسا، رازىي ئىدىم، غەرىب، سېنى بىر ئاللاھقا تاپشۇردۇم.
 
مەنى كەتتى دەبان يىغىلاپ ئولتۇرما،
قىزىلگۈلدەك رەنگى رويۇڭ سولدۇرما.
دوستلار بىلسۇن، دۈشمەنلەرگە بىلدۈرمە،
كۆپ يىغلاما، سەنەمجان، كەتسەم كەلۈرمەن.
يېشىمى: مېنى «كەتتى» دەپ يىغىلاپ ئولتۇرما؛ قىزىلگۈلدەك چىرايىڭنى سولدۇرما؛ دوستلار بىلسۇن، دۈشمەنلەرگە بىلدۈرمە؛ كۆپ يىغلىما، سەنەمجان، كەتسەم، يەنە قايتىپ كېلىمەن.
 
كەلۈرمەن دەپ ئەقلۇ ھۇشۇم ئالۇرسەن،
كەتەرمەن دەپ جانىغا ئوت سالۇرسەن،
ھالا بۇندىن كەتسەڭ قاچان كەلۈرسەن؟
غەرىب، سەنى بىر ئاللاھقا تاپشۇردۇم.
يېشىمى: «كېلىمەن» دەيسەن، ئەقىل – ھۇشۇمنى ئالىسەن، «كېتىمەن» دەيسەن، جېنىمغا ئوت سالىسەن؛ ھالا بۈگۈن كەتسەڭ، قاچان قايتىپ كېلەرسەن؟ غەرىب، سېنى بىر ئاللاھقا تاپشۇردۇم.
 
كۆڭلۈم ئەمدى بولدى مەنىڭ يۈز پارە،
سەنسىز تىرىكلىكىم يوقتۇر دۇنيادا،
ئۆلمەسەم كەلۈرمەن يەنە ئۈچ ئايدا،
كۆپ يىغلاما، سەنەمجان، كەتسەم كەلۈرمەن.
يېشىمى: ئەمدى مېنىڭ يۈرىكىم يۈز پارچە بولۇپ كەتتى، سەنسىز بۇ دۇنيادا ياشىمايمەن؛ ئۆلمىسەم، يەنە ئۈچ ئايدا قايتىپ كېلەرمەن؛ كۆپ يىغلىما، سەنەمجان، كەتسەم، يەنە قايتىپ كېلىمەن.
 
سەنەم دەرلەر: سەنىڭ بىرلە ئەھدەم بار،
ئۈچ ئايغاچە كەلسەڭ ئاڭا سەبرەم بار،
كەلەلمەسەڭ يول ئۈستىدە قەبرەم بار،
غەرىب، سەنى بىر ئاللاھغا تاپشۇردۇم.
يېشىمى: سەنەم ئېيتىدۇ: ساڭا ۋەدە بېرىمەنكى، ئۈچ ئايغىچە قايتىپ كېلەلىسەڭ، ئاڭغىچە سەۋرەم بار. كېلەلمەسەڭ، يول ئۈستىدە قەبرەم بار. غەرىب، سەنى بىر ئاللاھغا تاپشۇردۇم.
 
غەرىب ئايتۇر: تەقدىر شۇنداغ بولماسا،
ئەجەل يەتىپ شۇم پەيمانەم يولماسا،
جانىم چىقىپ، تەنىم چۆلدە قالماسا،
كۆپ يىغلاما، سەنەمجان، كەتسەم كەلۈرمەن.
يېشىمى: غەرىب ئېيتىدۇ: قىسمەت بولۇپ، ئەجەل يېتىپ شۇم پەيمانەم تولمىغان بولسا، جېنىم چىقىپ، تېنىم چۆلدە قالمىسىلا، مەن قايتىپ كېلىمەن، سەنەمجان، كۆپ يىغلىمىغىن!
 
ئۈچىنچى داستان
 
يۇرت قەدرىنى شاھلار بىلمەس،
يۇرتدىن يۇرتقا ئاشماغۇنچە.
ياخشى يارنىڭ قەدرىن بىلمەس،
بىر يامانغا تۈشمەگۈنچە.
يېشىمى: يۇرتلارنى كېزىپ باقمىغىچە پادىشاھلار ئەل – يۇرتنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ؛ ئىنسان بىر ياماننىڭ قولىغا چۈشمىگىچە ياخشى يارنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ.
 
قول ئۇزارتسام يارغا يەتمەس،
يارسىز مەنىڭ ئىشىم بۈتمەس،
كىشى مەردنىڭ قەدرىن بىلمەس،
بىر نامەردكە تۈشمەگۈنچە.
يېشىمى: يا قولۇمنى ئۇزاتسام، يارغا يەتمەيدۇ، يا يارسىز مېنىڭ ئىشىم پۈتمەيدۇ؛ ئىنسان بىر نامەرتنىڭ قولىغا چۈشمىگىچە مەرتنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ.
 
سىندۇرما مۇئمىن سەداسىن،
ئوقۇرلار بەش ۋەقت نەمازىن،
شاھلار بىلمەس يۇرت زىراسىن،
ھاتەم بولۇپ تۈشمەگۈنچە.
يېشىمى: مۆمىنلەرگە زۇلۇم قىلما، ئۇلار بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيدۇ؛ پادىشاھلار ھاتەم بولۇپ يازالمىغىچە ئەل – يۇرتنى رازىي قىلىپ بولالمايدۇ.
 
خۇدا كىمگە بىر دەرد بەرۈر،
ئول دەردىگە دەرمان بەرۈر،
بەندە خۇدا دەپ يىغلاماس،
بىر دەرد – ئەلەم كەلمەگۈنچە.
يېشىمى: ئاللاھ كىمگە بىر دەرد بەرسە، ئۇ دەردكە بىر شىپالىق بېرىدۇ؛ بەندە بېشىغا بىر دەرد – ئەلەم كەلمىگىچە «ئاللاھ» دەپ يىغلىمايدۇ.
 
شاھى ئابباس دەر: مەن بىلمەدىم،
غەرىب ھالىن ھەم سورمادىم،
ئىشق ئوتىنى مەن بىلمەدىم،
ئۆز باشىمغا كەلمەگۈنچە.
يېشىمى: ئابباس شاھ دەيدۇ: ئۆز بېشىمغا كەلمىگىچە ئىشق – مۇھەببەت ئوتىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەپتىمەن، شۇڭا غەرىبنىڭ ھالىنىمۇ سورىيالماپتىمەن.
 
تۆتىنچى داستان
 
ئەي يارانلار، دىيار بەكرى شەھرىدە،
ئەقلىم ئالدى قارا كۆزلۈك بىر پەرى.
سەلام قىلدى ئىككى قولى كۆكسىدە،
ئەقلىم ئالدى قارا كۆزلۈك بىر پەرى.
يېشىمى: ئەي دوستلار، دىيار بەكىر شەھرى (تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونىدىكى بىر شەھەر)دە، قارا كۆزلۈك بىر پەرى سۈپەت قىز ئىككى قولىنى كۆكسىگە قويۇپ تۇرۇپ، بىر سالام قىلدى – دە، ئەقىل – ھۇشۇمنى ئوۋلىۋالدى.
 
چەشمەنىڭ لەبىدە كۆردۈم مەن ئانى،
تىللا تارغاقىدا تارار ساچىنى،
كىمگە ئايتاي، كىمگە يىغلاي دەردىنى،
قانىم تۆكتى قارا كۆزلۈك بىر پەرى.
يېشىمى: مەن ئۇنى بۇلاقنىڭ لېۋىدە، ئالتۇن تاغاق بىلەن چېچىنى تاراۋاتقان ھالدا كۆردۈم. ئۇ بەجايىكى جېنىمنى ئالدى، قېنىمنى تۆكتى، ئەمدى كىمگە يىغلاپ ئېيتاي بۇ دەردىمنى؟
 
ھۇرلار ئانچە بولماس جەننەت ئىچىندە،
كۆرگەن كىشى قالۇر ھەسرەت ئىچىندە.
تەئزىم قىلدى دىيدار فۇرسەت ئىچىندە،
ئەقلىم ئالدى قارا كۆزلۈك بىر پەرى.
يېشىمى: جەننەتتىكى ھۆرلەرمۇ ئۇنچىلىك چىرايلىق بولماس، كۆرگەن ئادەم ھەسرەتتە قالىدۇ؛ شۇ كۆرۈشكىنىمىزدە، ئۇ قارا كۆزلۈك پەرى ماڭا تازىم قىلدى – دە، گويا ئەقىل – ھۇشۇمنى ئالدى.
 
شاھ ئابباسخان دەر: بۇ جانى نەيلەيىن،
ئۆلگۈنچە شول يارنى كۆرۈپ ئۆلەيىن،
ئاشىقلىقنىڭ يولىن ئەمدى بىلەيىن،
ھەيران قىلدى جادۇ كۆزلۈك بىر پەرى
يېشىمى: شاھ ئابباسخان ئېيتىدۇ: بۇ جاننى ئەمدى قانداق قىلاي، ئۆلۈپ كەتكىچە شۇ يارنى بىر كۆرۈپ ئۆلەي، ئاشىقلىقنىڭ يولىنى ئەمدى بىلىۋاتىمەنكى، ئۇ جادۇ كۆزلۈك پەرى مېنى ھەيران قىلدى.
 
بەشىنچى داستان
 
زۇلمۇڭ بىلەن قەبا فالەك،
كۆزدە ياشىم قان ئەيلەدى.
يۇسۇف كەبى زىلەيخادەك،
مەسكەنىن زىندان ئەيلەدى.
يېشىمى: قوپال پەلەك خۇددى سۇيۇف – زىلەيخالارنىڭ ئۆي – ماكانىنى زىندان قىلغاندەك زۇلۇم قىلىپ، مېنى قانلىق يىغلاتتى.
 
ھەركىم ئەگەر سۆيسە ئۇنى،
سۆيەر كۆرۈپ ئاخىر ئۇنى،
ئىسمائىلدەك بىر گۈن مەنى،
بىر يولى قۇربان ئەيلەدى.
يېشىمى: كىمكى ئۇنى سۆيسە، ئۇمۇ ئاقىبەت ئۇنى سۆيىدۇ؛ خۇددى ھەزرەتى ئادەم ئىسمائىلنى قۇربانلىق قىلغاندەك، ئۇمۇ مېنى بىر يولىلا قۇربانلىق قىلىۋەتتى.
 
قەنى ئول ھەزرەتى ئادەم،
قەنى ئول سەرۋەرى ئالەم،
رەسۇلغا بولغان ئول ماتەم،
ئۇلارنى گىريان ئەيلەدى.
يېشىمى: قېنى، ئۇ ھەزرەتى ئادەم، قېنى، ئۇ ئالەمنىڭ سەردارى؟ رەسۇلۇللاھقا تۇتۇلغان ماتەم ئۇلارنى راسا يىغلاتتى.
 
ھەركىم ئاڭا كۆڭۈل باغلار،
كەچە – گۈندۈز كۆيۈپ يىغلار،
بۇلبۇل بوستاننى داغلاپ،
گۇللارنى خەزان ئەيلەدى.
يېشىمى: كىمكى ئۇنىڭغا كۆڭۈل باغلىسا، خۇددى شەيدا بۇلبۇل بوستانىنى داغلاپ گۈللەرنى جازان قىلغاندەك، ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، كېچە – كۈندۈز يىغلايدۇ.
 
مەشرەب
بىرىنچى مەشرەب
 
ئەي پەرى يۈزلۈك بەگىم، جانلار فىدا بولسۇن ساڭا،
دۇنيادا ھۇسن ئاتى بار ئەركەن، بەقا بولسۇن ساڭا.
يېشىمى: ئەي پەرى يۈزلۈك گۈزىلىم، ساڭا جانلار پىدا بولسۇن؛ دۇنيادا «گۈزەللىك» دېگەن سۆزلا بولىدىكەن، ئۇ ساڭا مەڭگۈ خاس بولسۇن.
 
ھەددى مەخلۇقاتدىندۇر نارى ئول ھۇسنۇ جەمال،
ئولكى يوقتۇر رەھم ئەرۇر، بۇ ھەم ئەتا بولسۇن ساڭا.
يېشىمى: سېنىڭدە رەھىم – شەپقەت بولمىسىمۇ، لېكىن پۈتكۈل مەخلۇقاتلار ئېرىشەلىشى مۇمكىن بولمىغان ھۆسن – جامال باركى، تەڭرى بۇنىمۇ ساڭا بەخشەندە قىپتۇ.
 
ئەيمەنىپ ھاسىد تىلىندىن، دەست بەرمەس چۈن سەلام،
كۆز ئۇچى بىرلە يىراقتىن بەرھەبا بولسۇن ساڭا.
يېشىمى: ھەسەتخورنىڭ تىلىدىن ئەيمىنىپ، سالاملاشقىلىمۇ بولمايدۇ، شۇڭا كۆز ئۇچى بىلەن يىراقتىن ساڭ «مەرھابا» دەيمەن.
 
چۈن ۋەفاسىزلەرگە بەرمىشلەر ئەزەلدە كۆركنى،
بۇ كەمالى ھۇسن ئىلە قاندىن ۋەفا بولسۇن ساڭا.
يېشىمى: تەڭرى ئەزەلدە كۆركەملىكنى ۋاپاسىزلارغا بەرگەنىكەن، ھالبۇكى بۇنىچىۋالا تولغان گۈزەللىك بىلەن سەندە قانداقمۇ ۋاپا بولسۇن؟
 
بىر قىيا باقساڭ زەكاتى ھۇسن ئۈچۈن، ئەي كۆركە باي،
لۇتفىئى مىسكىندىن ئۆلگۈنچە دۇئا بولسۇن ساڭا.
يېشىمى: ئەي گۈزەللىككە باي نازىنىن، ھۆسن جامالىڭنىڭ زاكىتى ئۈچۈن بولسىمۇ بىر قېتىم قىيا باقساڭ، بۇ بىچارە لۇتفىي ساڭا ئۆلگىچە دۇئا قىلاتتى.
 
كەل، ئەي دىلبەر، بەيات ئەيلەي ساڭا بىر – بىر جۇدالىغنى،
كى شايەد رەھم ئەتىپ، سالساڭ ئۆزۈڭگە ئاشنالىغنى.
يېشىمى: ئى دىلبەر، كەلگىن، ساڭا جۇدالىقنىڭ نېمىلىكىنى بىر بايان قىلىپ بېرەي؛ رەھمىڭ كېلىپ، مېنى ئۆزۈڭگە ئاشنا قىلساڭ ئەجەب ئەمەس.
 
تەمامى خانۇمانىمدىن كەچىبان بىر سەنى دەرمەن،
ئۆزۈڭدىن ئۆزگە بىلمەيدۇر، ئۆزۈڭ بىلگىل جۇدالىغنى.
يېشىمى: پۈتكۈل مال – مۈلكۈمدىن كېچىپ بىر سېنى دەپلا يۈرىمەن؛ بۇ خىل جۇدالىقنىڭ نېمىلىكىنى سەن ئۆزۈڭلا بىلىپ قويساڭ بولىدۇ.
 
كى سەندىن ئۆزگەنى دەمەم، قەسەم بىللاھ، جانىمغا،
جەفالار ئەيلەمە، ئەي ماھ، ماڭا بەرگىل سەفالىغنى.
يېشىمى: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سەندىن باشقىنى دېمەيمەن؛ ئەي ئاي، ماڭا پاكلىق كۆرسەتكى، جېنىمغا جاپا سالما.
 
سۇلەيمان تەختىگە جەمشىدنىڭ جامىغا بەرمەسمەن،
قولۇمدا كاسەئى چۇبىن ساڭا قىلسام گەدالىغنى.
يېشىمى: سېنى سۇلايماننىڭ تەختىگىمۇ، جەمشىتنىڭ قەدىھىگىمۇ تېگىشمەيمەن؛ قولۇمدا ياغاچ ئاياق (قاچا)، سېنىڭىلا گادىيىڭ بولسام دەيمەن.
 
ئايا ئەي رەھمسىز زالىم، جەفاجۇ كۆزلەرى جەللاد،
نىگارا، مەشرەبىڭگە قىلماغايسەن بىۋەفالىغنى.
يېشىمى: ئەي رەھىمسىز زالىم، جاپا سالغۇچى، كۆزلىرى جاللات يار، مەشرەبىڭگە ۋاپاسىزلىق قىلمىغايسەن.
 
ئىككىنچى مەشرەب
 
تا كىيدى قىزىل، ئۆزىنى زىيبا قىلايىن دەپ،
ئوت ياقتى جەھان مۇلكىدە غەۋغا قىلايىن دەپ.
يېشىمى: ئۆزىنى زىيبا قىلىمەن دەپ قىزىل كىيىنگەنىدى، نەتىجىدە، جاھان مەملىكىتىگە غەۋغا ئوتىنى ياققان بولدى.
 
مەششاتە بىلە جىلۋەدە كۆرسەتتى قەددىنى،
مەندەك نەچە دىۋانەنى شەيدا قىلايىن دەپ.
يېشىمى: مەندەك نەچچە مەجنۇننى شەيدا قىلاي دەپ، پەرداز قىلىپ، جىلۋە بىلەن بويىنى كۆرسەتتى.
 
زىبا سەنەمىم گۇل يۈزىدىن پەردەنى ئاچتى،
ئەلەم ھەمە كۆز سالدى تەماشا قىلايىن دەپ.
يېشىمى: ئۇ گۈزەل سەنىمىم گۈل يۈزىدىن پەردىنى ئاچتى، پۈتكۈل ئەلەم ئۇنى تاماشا قىلىش ئۈچۈن كۆز تىكتى.
 
زۇلفىنى تاراپ، قاش ئۇچۇرۇپ، جىلۋەلەر ئەتتى،
ئاشۇ بى بەلا فىتنەنى بەرپا قىلايىن دەپ.
يېشىمى: بالا – قازا ۋە پىتنە – پاسات ئوتلىرىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن، چاچلىرىنى تاراپ، قاشلىرىنى ئېتىپ، جىلۋىلەر قىلدى.
 
تا ئەيلەدىم ئالدىغا بارىپ ئەرزى نىيازىم،
چىن سالدى جەبىنىغە تەمەننا قىلايىن دەپ.
يېشىمى: مەن ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ھاجەتمەنلىكىمنى ئىزھار قىلغانىدىم، ئۇ ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ، قوشۇمىسىنى تۈردى.
 
مەستانە سەمەند سەكرەتە كەلدى شاھى خۇنزىر،
شەمشىرى جەفانى يەنە بۇررا قىلايىن دەپ.
يېشىمى: ئۇ قان ئىچكۈچىلەرنى شاھى جاپا شەمشىرىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مەستلەرچە ئات چاپتۇرۇپ كەلدى.
 
كۆپ يىلكى بۇ قۇل خىزمەتىنى قىلمادى بەرجا،
كەلدىكى غەرەب بىرلە چۇ سەزا قىلايىن دەپ.
يېشىمى: كۆپ يىلدىن بېرى بۇ قۇل ئۇنىڭ خىزمىتىنى بەجا كەلتۈرەلمىگەنىدى، شۇڭا «سازايى قىلاي» دەپ، غەزەپ بىلەن يېتىپ كەلدى.
 
باشىمنى كەسىپ ئالغىلۇ خۇشھال بولۇپ كەت،
قانىمنى تۆكۈپ لالەئى سەھرا قىلايىن دەپ.
يېشىمى: بېشىمنى كېسىۋالىغىن – دە، قېنىمنى تۆكۈپ سەھرادىكى لالىگە ئوخشىتىپ قويغانلىقىڭدىن خۇشال بولۇپ كەت.
 
خەنجەر قولىدا مەشرەبىن ئۆلتۈرگەلى كەلدى،
غەۋغايى قىيامەتنى ھۇۋەيدا قىلايىن دەپ.
يېشىمى: ئۇ «قىيامەت غەۋغاسىنى پەيدا قىلاي» دەپ، خەنجەرنى كۆتۈرگەن ھالدا، مەشرەبنى ئۆلتۈرىۋەتكىلى كەلدى.
1– راك مۇقامى تېكىستلىرى چوڭ نەغمە 236 مىسرا، بەش داستان 94 مىسرا ۋە ئىككى مەشرەب 38 مىسرا بولۇپ، جەمئىي 368 مىسرا شېئىردىن تەركىب تاپقاندۇر.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...