ھايات
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

ھايات

پلاستىنكا: تەنھا سۆيگۈ

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2015

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 525
ھايات - ھەققىدە:
سۆزى: مۇختار بۇغرا
مۇزىكىسى: مەمتىمىن مامۇت 
جىلۋە قىلىپ رەڭدار ھايات،
ھەر كويغا سالدى ھەممىنى.
جىلۋە قىلىپ رەڭدار ھايات،
ھەر كويغا سالدى ھەممىنى.
بەزىدە سۇلتان بولۇپ،
بەزىدە كەيدىم جەندىنى.
بەزىدە سۇلتان بولۇپ،
بەزىدە كەيدىم جەندىنى.

♬ ♬ ♬

يۈردۈم ئىگىز-پەس يورغىلاپ،
چاپتى ئېتىممۇ چەللىدە.
يۈردۈم ئىگىز-پەس يورغىلاپ،
چاپتى ئېتىممۇ چەللىدە.
ماڭدىم قەدەمدە پۇتلىشىپ،
قالدىم ئۇزاقتا بەيگىدە.
ماڭدىم قەدەمدە پۇتلىشىپ،
قالدىم ئۇزاقتا بەيگىدە.

بۇلبۇلمىكىن دەپ باققىنىم،
قۇزغۇنغا ئوخشاش سايرىدى.
بۇلبۇلمىكىن دەپ باققىنىم،
قۇزغۇنغا ئوخشاش سايرىدى.
ئادىل تارازا ئەل دىگەن،
داننى ساماندىن ئايرىدى.
ئادىل تارازا ئەل دىگەن،
داننى ساماندىن ئايرىدى.
ئادىل تارازا ئەل دىگەن،
داننى ساماندىن ئايرىدى.
داننى ساماندىن ئايرىدى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...