خەندان ئۇرۇپ
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

خەندان ئۇرۇپ

پلاستىنكا: تۇنجى سۆيگۈ

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2000

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 384
كەل نىگارىم بۇلبۇل كەبى خەندان ئۇرۇپ
يەر جاھانغا ھايات بەرگىن كۈندەك يورۇپ
خەندان ئۇرۇپ كۈندەك يورۇپ
كەل نىگارىم كەتمەس بولۇپ

قارا تۈننى يورۇق تاڭغا ئۇلاپ بىدار
يۈرەك ناخشام مۇرادىمنى قىلار ئىزھار
تۈندە بىدار ۋەسلىڭگە زار
بۇنچە تەشنا قىلمىغىن يار

ئايدەك يورۇپ كەلگەن يار
كۈندەك يورۇپ كەلگىن يار
خەندان ئۇرۇپ كەلگىن يار
كەتمەس بولۇپ كەلگىن يار
شوخ ناخشامغا جۆر بولۇپ
خەندان ئۇرۇپ كەلگىن يار

قارا قارا چاچلارىڭنى تال تال ئۆرۈپ
ئەگمە ئەگمە قاشلارىڭغا ئوسما قويۇپ
كەل نىگارىم خەندان ئۇرۇپ
كەل نىگارىم كەتمەس بولۇپ
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...