
سېتىۋېلىش ئورنى
ئىززەت ئىلياس
بوغدا ئاتا
پلاستىنكا: ئىززەت ئىلياس ناخشىلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1996
ئىززەت ئىلياس ھەققىدە:
ئىززەت ئىلياس خانىم 1970-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1982-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان، ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە رول ئېلىش ۋە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرىنى پۇختا ئىگەللەش بىلەن بىرگە، ناخشا-مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلاپ، ناخشا ئېيتىش جەھەتتىمۇ چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە بولغان، 1986-يىلى 7-ئايدا ئوقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان ھەمدە «ھازازۇلنى ئىندەككە كەلتۈرۈش»، «ساختىپەز» قاتارلىق كۆپلىگەن دراممىلاردا رول ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئوبراز يارىتىش جەھ ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
1049

بوغدا ئاتا، بوغدا ئاتا! قامىتىڭدە باھادىرلار سىماسى، ئالماس كەبى تىك چوققىدا چاقنىغان. ئىپتىخارلىق جەڭگاھلارنىڭ ئىزناسى، بوغدا ئاتا، بوغدا ئاتا! سەن مۇقەددەس ئادەم ئاتا ھەيكىلى. بوغدا ئاتا، بوغدا ئاتا! سەن مۇقەددەس ئادەم ئاتا ھەيكىلى. ئۈستۈڭدە مۇز، ئاستىڭدا گۈل-چىمەن، بولۇر شۇندىن خسلىتىڭنى بىلگىلى، بوغدا ئاتا، بوغدا ئاتا! سەن مۇقەددەس ئادەم ئاتا ھەيكىلى. بوغدا ئاتا، بوغدا ئاتا! سەن مۇقەددەس ئادەم ئاتا ھەيكىلى. سەندە ئايان ئەزىز يۇرتۇم كەچمىشى، بوغدا كۆلى كۈمۈش قەدەھ تولغان ئاڭا. تولغان ئاڭا ئەل شاتلىقى كۆز يېشى، بوغدا ئاتا، بوغدا ئاتا! سەن مۇقەددەس ئادەم ئاتا ھەيكىلى. بوغدا ئاتا، بوغدا ئاتا! باغرىڭدىكەن ئەجدادلىرىم قەبرىسى، نە بارايمەن ئىلتىجا قىلىپ تەڭرىگە. سەندە تۇرسا بارچە تاغلار تەڭرىسى، بوغدا ئاتا، بوغدا ئاتا! سەن مۇقەددەس ئادەم ئاتا ھەيكىلى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...