ھوشۇر قارى

ھوشۇر قارى
                        «بوم پەدە»، «قەمبەرخان»، «دېھقان بالىسى»، «بىلىم ئىشقىدا» قاتارلىق ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى ۋە «ئۇ دۇنياغا سەپەر»، «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ»، «سەرسان روھ» قاتارلىق فىلىملەردە ياراتقان جانلىق ۋە تەسىرلىك ئوبرازلىرى، «كىم قاتىل»، «كۈندە ئايەم»، «زىيارەت» قاتارلىق ئېپىزوتلىرىدىكى يۇمۇرىستىك ئوبرازى بىلەن تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئۇستاز سەنئەتكار ھوشۇر قارى 1964-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز يېزىسىدا تاماملاپ، 1980-يىلى قەشقەر سەنئەت مەكتپىگە قوبۇل قىلىنغان. مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇۋېتىپ 1982-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا «سىگان قىزى»، «قانلىق يىللار»، «يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەك»، «ھازازۇلنى ئىندەككە كەلتۈرۈش» قاتارلىق دىرامىلاردا باش رول ۋە ئاساسلىق روللارنى ئېلىپ 1986-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا-تىياتىرىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. ھازىرغىچە مۇشۇ ئۆمەكتە ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
ئۆمەككە كەلگەندىن كېيىن «غېرىپ-سەنەم»، «مۇقام ئەجداتلىرى»، «تانسىكەش تۆمۈر خوتۇنلار»، «قېرى يىگىتنىڭ تويى»، «غۇنچەم» قاتارلىق ئەللىككە يېقىن دىراما-ئوپېرا، «تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى»، «نىساخان»، «يىپەك يولى رىۋايىتى» قاتارلىق يىگىرمىگە يېقىن كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا، يۈزگە يېقىن ئىتوتتا ھەر خىل پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭدىن باشقا قەشقەر خەلق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ بۇ خىل تالانتىنىمۇ نامايەن قىلدى.
شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا-تىياتىرىنىڭ دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىسى، داڭلىق ئاكتىيور، ناخشىچى ھوشۇرقارى سەلەي بىلەن شىنجاڭ رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمە مەركىزىنىڭ ئاتاقلىق ئاۋاز ئارتىسى، ئاۋاز رېژىسسورى پاتىگۈل زۇنۇن شىنجاڭنىڭ سەنئەت ئىشلىرىغا زور  تۆھپە قوشقان داڭلىق سەنئەتكارلار. ئۇلار ئائىلىدە ئىناق ئەر-خوتۇن، كەسىپتە ئۆزئارا بىر-بىرىنى قوللىغۇچى بولۇپ، ئوتتۇز ئۈچ يىلنى ئۆتكۈزدى. پەرزەنتى پەزىلەت ھوشۇر قارى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ دىكتورى.
                    

ھوشۇر قارى پلاستىنكىلىرى

بارلىق پلاستىنكىلار

پلاستىنكا ئىسمى ناخشىچى رەسىمى كۆرۈلۈشى
قەمبەرخان ھوشۇر قارى قەمبەرخان 681 كۆرۈلۈشى