قەمبەرخان
ھوشۇر قارى

قەمبەرخان

پلاستىنكا: قەمبەرخان

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2006

ھوشۇر قارى ھەققىدە:
«بوم پەدە»، «قەمبەرخان»، «دېھقان بالىسى»، «بىلىم ئىشقىدا» قاتارلىق ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى ۋە «ئۇ دۇنياغا سەپەر»، «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ»، «سەرسان روھ» قاتارلىق فىلىملەردە ياراتقان جانلىق ۋە تەسىرلىك ئوبرازلىرى، «كىم قاتىل»، «كۈندە ئايەم»، «زىيارەت» قاتارلىق ئېپىزوتلىرىدىكى يۇمۇرىستىك ئوبرازى بىلەن تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئۇستاز سەنئەتكار ھوشۇر قارى 1964-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇ ... داۋامى
تۈر: خەلق ناخشىسى
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 544
قەمبەرخان - ھەققىدە:
سۆزى: خەلق
مۇزىكىسى: خەلق  
بۇغداي باغلىغان باغلىق دادەي
يۈرەكنى داغلىغان ياغلىق
قىلىغىڭنى دىمىسەم چىرايىڭ ماڭا چاغىلىق
قەمبەرخان خېنىم ئاتلىق كەلمەملا ۋاي جېنىم تاتلىق
ئالما ئاتتىم دەرياغا يارەي
لەيلىۋىلىپ چۆكمەيدۇ
سەن يارىمىنىڭ ئوتلارى يارەي
يالدىلايدۇ ئۆچمەيدۇ
قەمبەرخان خېنىم ئاتلىق كەلمەمىلا ۋاي جېنىم تاتلىق
ئېرىقتىكى لاي سۇنى يارەي
كۆلگە باشلىماڭ ۋاي يارىم
ئەقلى ھوشىڭىز بولىسا يارەي
بىزنى تاشلىماڭ يارىم
قەمبەرخان خېنىم ئاتلىق كەلمەمىلا ۋاي جېنىم تاتلىق
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...