مەۋلا


مەنىسى: (1) خوجا، ئۇستاز، ئىگە، باشلىق، بەگ، تۆرە، خوجايىن؛ شەپقەتچى، (2) دىنىي ئەمەل نامى، (3) بەندە، قۇل، ھەمراھ، ئوغۇل، دوست، تاغا، مېھمان، قوشنا، نەۋرە، كۈيۈ ئوغۇل. ئىزاھات: بۇ ئىسىم «الـ» بىلەن كېلىپ (ئەلمەۋلا بولسا) ئاللانى كۆرسىتىدۇ. «مەۋلا» (موللا) بىرىنچى تەركىب بولۇپ قوشۇلۇپ كەلگەن باشقا بىر تۈركۈم قوش تەركىبلىك ئىسىملاردا ئومۇمەن سۈپەتلەش رولىنى ئۆتەيدۇ، ئۇنىڭغا مۇستەقىل يەنە بىر ئىسىم ئىككىنچى تەركىب بولۇپ ئەگىشىپ كەلگەن. مۇشۇ تەرىقىدە نۇرغۇن يېڭى ئىسىملار ياسىلىدۇ. ئەمما بۇ يەردە ئاساسەن ئىككىنچى تەركىبكە مەنە بېرىلىدۇ. ئىككىنچى تەركىب بولغان بۇ ئىسىملار مۇستەقىل يەككە ئىسىم تەرىقىسىدە شۇ خىل ئىسىملار بابىدا ئېنىق ئىزاھلانغاچقا، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا يەنە تەكرار مەنە بېرىلمىدى ھەمدە مەنە بېرىلمىگەن بۇ خىل ئىسىملارنىڭ ئەسلىي ئىسمى بىلەن سۈپەت تەركىبىلا كۆرسىتىلدۇ. پەقەت زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگىلا مەنە بېرىلدى. مەسىلەن، مەۋلا ئاپاق (ئالەمنىڭ خوجىسى)، مەلاشاھ (ھەممىنىڭ شاھى ئاللا) دېگەندەك.

جىنسى: ئوغۇل

ئۆزگىرىشلىرى: موللا، موللام، موللاق، موللەك

تىل تەۋەلىكى: ئەرەبچە

كۆرۈلۈشى: (108) كۆرۈلۈشى

ياقتۇرغانلار: (0) ياقتۇرۇش (بۇ ئىسىمنى ياقتۇرسىڭىز، يۈرەك بەلگىسىگە بېسىڭ.)