ئوغلۇمغا سۆز
سەنۇبەر تۇرسۇن

ئوغلۇمغا سۆز

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020

سەنۇبەر تۇرسۇن ھەققىدە:
سەنۇبەر تۇرسۇن (1971-يىلى تۇغۇلغان) ناخشىچى، يازغۇچى، مەشھۇر دۇتارچى ۋە ئۇيغۇر مۇقاملىرى تەتقىقاتچىسى. ئۇ 2000-يىلى تۇنجى پىلاستىنكىسىنى تارقاتقان. يەنە ئۇيغۇرچە «يىپەك يولى ساداسى» دا باھالىغۇچى بولغان. ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 4
ئوغلۇمغا سۆز - ھەققىدە:
سۆزى: سەنۇبەر تۇرسۇن
مۇزىكىسى: سەنۇبەر تۇرسۇن 

قەددى شەمشاد قامەتلىك ئوغلۇم،
نۇر پىشانە ئامەتلىك ئوغلۇم.
يۈرۈكۈمنىڭ پارىسى ئۆزۈڭ،
ھاياتىمنىڭ مەناسى ئوغلۇم.

ئارزۇلىرىم يوق دىسەم يالغان،
لېكىن زورلاپ تاڭغۇم يوق ساڭا.
سەن قەلبىمنى كۆرەلمىسەڭمۇ،
بەختىڭ ئۈچۈن چاپىمەن ئالغا.

ئاتتەك بەڭۋاش ياشلىقتا بەزەن،
كۆڭلۈڭ كىرمەس ئەقلىڭ سۆزىگە.
ئىدراك بىلەن يەڭگىن مۈشكۈلنى،
كىبىر قىلما ئەسلا ئۆزگىگە.

خاتىرەمدە ئۆچمەس يالداما،
بىللە ئۆتكەن گۈزەل قىش-ياز.
ئىستىقبالنىڭ كۆكىدە ئوغلۇم،
 بۈركۈت كەبى قىل ئەركىن پەرۋاز.
 بۈركۈت كەبى قىل ئەركىن پەرۋاز.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...