بىزنىڭ ناخشىمىز
سەنۇبەر تۇرسۇن

بىزنىڭ ناخشىمىز

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020

سەنۇبەر تۇرسۇن ھەققىدە:
سەنۇبەر تۇرسۇن (1971-يىلى تۇغۇلغان) ناخشىچى، يازغۇچى، مەشھۇر دۇتارچى ۋە ئۇيغۇر مۇقاملىرى تەتقىقاتچىسى. ئۇ 2000-يىلى تۇنجى پىلاستىنكىسىنى تارقاتقان. يەنە ئۇيغۇرچە «يىپەك يولى ساداسى» دا باھالىغۇچى بولغان. ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 1
بىزنىڭ ناخشىمىز - ھەققىدە:
سۆزى: تەلئەت ناسىر
مۇزىكىسى: ئابلىكىم ئابدۇللا 

كېزەر ناخشىمىز ھەر ياننى،
ساداسى يايرىتىپ جاننى.
بولۇپ جۆر كاككۇك بۇلبۇللار،
قىزىتقاي باغۇ-بوستاننى.

بىزنىڭ ناخشىمىز ياڭرايدۇ،
چالغان سازىمىز سايرايدۇ.
ئېيتقان ناخشىمىز كۆڭۈل سۆزى،
ئەل زوقى بىلەن ئاڭلايدۇ.

يۈرەك ئۇرغۇتسا شادلىقنى،
كۈلەر ئورمان چىمەنزارلار.
كىشى ناخشىنى ئېيتقاندا،
كېلەر ئەسكە گۈزەل چاغلار.

بىزنىڭ ناخشىمىز ياڭرايدۇ،
چالغان سازىمىز سايرايدۇ.
ئېيتقان ناخشىمىز كۆڭۈل سۆزى،
ئەل زوقى بىلەن ئاڭلايدۇ.

قېنى دوستۇم سۈرۈپ دەۋران،
جاھانغا ياڭرات ناخشاڭنى.
جاھانغا ياڭرات ناخشاڭنى.
سەھەر ئاشناسى قۇشلاردەك،
پىغان ئەت دىلدا ئارماننى.
پىغان ئەت دىلدا ئارماننى.

بىزنىڭ ناخشىمىز ياڭرايدۇ،
چالغان سازىمىز سايرايدۇ.
ئېيتقان ناخشىمىز كۆڭۈل سۆزى،
ئەل زوقى بىلەن ئاڭلايدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...