ئادەملەر ئۇلۇغ
سەنۇبەر تۇرسۇن

ئادەملەر ئۇلۇغ

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020

سەنۇبەر تۇرسۇن ھەققىدە:
سەنۇبەر تۇرسۇن (1971-يىلى تۇغۇلغان) ناخشىچى، يازغۇچى، مەشھۇر دۇتارچى ۋە ئۇيغۇر مۇقاملىرى تەتقىقاتچىسى. ئۇ 2000-يىلى تۇنجى پىلاستىنكىسىنى تارقاتقان. يەنە ئۇيغۇرچە «يىپەك يولى ساداسى» دا باھالىغۇچى بولغان. ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 1
ئادەملەر ئۇلۇغ - ھەققىدە:
سۆزى: مۇھەممەتجان راشىدىن
مۇزىكىسى: سەنۇبەر تۇرسۇن 

گۈللەرنىڭمۇھەرخىلى باردۇر،
كۈنلەرنىڭمۇ ھەرخىلى باردۇر.
ئادەملەردىن رەنجىمە كۆڭلۈم،
ئۇلارنىڭمۇ سەرخىلى باردۇر.
ئادەملەردىن رەنجىمە كۆڭلۈم،
ئۇلارنىڭمۇ سەرخىلى باردۇر.

تىلەمچىگە نان بىرەر بىرى،
كەپتەرلەرگە دان بىرەر بىرى.
زۆرۈر بولسا قان بىرەر بىرى،
ھەتتا جاننى بەرمىكى باردۇر.
زۆرۈر بولسا قان بىرەر بىرى،
ھەتتا جاننى بەرمىكى باردۇر.

ياتمىقى بار ئاغرىپ ساقنىڭمۇ،
سۇلمىغى بار سەيلىگاھنىڭمۇ.
ياتمىقى بار ئاغرىپ ساقنىڭمۇ،
سۇلمىغى بار سەيلىگاھنىڭمۇ.
دۆلەت كەتسە ھەتتا شاھنىڭمۇ،
دۆڭدىن قوراي تەرمىكى باردۇر.
دۆلەت كەتسە ھەتتا شاھنىڭمۇ،
دۆڭدىن قوراي تەرمىكى باردۇر.

دۇنيا تىلسىم ئادەملەر ئۇلۇغ،
تىرىكلىككە ئادەم ئۆزى تۇغ.
يانغانغا سۇ، زىمىنتانغا چوغ،
شۇڭا گۈزەل مەنزىلى باردۇر.
يانغانغا سۇ، زىمىنتانغا چوغ،
شۇڭا گۈزەل مەنزىلى باردۇر.
شۇڭا گۈزەل مەنزىلى باردۇر.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...