سېتىۋېلىش ئورنى
سەنۇبەر تۇرسۇن
گۈلمىدى غۇنچەمىدى
پلاستىنكا: سەنۇبەر تۇرسۇن خەلق ناخشىلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020
سەنۇبەر تۇرسۇن ھەققىدە:
سەنۇبەر تۇرسۇن (1971-يىلى تۇغۇلغان) ناخشىچى، يازغۇچى، مەشھۇر دۇتارچى ۋە ئۇيغۇر مۇقاملىرى تەتقىقاتچىسى. ئۇ 2000-يىلى تۇنجى پىلاستىنكىسىنى تارقاتقان. يەنە ئۇيغۇرچە «يىپەك يولى ساداسى» دا باھالىغۇچى بولغان. ...
داۋامى
تۈر:
خەلق ناخشىسى
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
1
گۈلمىدى غۇنچەمىدى - ھەققىدە:
سۆزى: خەلقنىڭ مۇزىكىسى: خەلقنىڭ
گۈلمىدى غۇنچەمىدى، يارىم سېنىڭ باشىڭدىكى. كېچىلەپ تونالمىدىم. كىملەر ئىدى قاشىڭدىكى. ئامرىقىم، چىرايلىقىم، كەتسەڭ يىراققا نە قىلاي. ساڭا ئۆگەنگەن كۆڭۈلنى، ئەمدى كىمگە خار قىلاي. گۈلنى گۈل دەمدۇ كىشى، گۈلنىڭ پۇراقى بولمىسا. يارنى يار دەمدۇ كىشى، يارنىڭ ۋاپاسى بولمىسا. ناز ئېتەر كىملەرگە گۈل، شاخىدا بۇلبۇل بولمىسا. كىم بىلۇر قەدرىڭنى يار، دەرتمەن كۆڭۈللەر بولمىسا؟
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...