ئايلىنىپ كېتەلمىدىم
ھوشۇر قارى

ئايلىنىپ كېتەلمىدىم

پلاستىنكا: دېھقان بالىسى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2008

ھوشۇر قارى ھەققىدە:
«بوم پەدە»، «قەمبەرخان»، «دېھقان بالىسى»، «بىلىم ئىشقىدا» قاتارلىق ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى ۋە «ئۇ دۇنياغا سەپەر»، «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ»، «سەرسان روھ» قاتارلىق فىلىملەردە ياراتقان جانلىق ۋە تەسىرلىك ئوبرازلىرى، «كىم قاتىل»، «كۈندە ئايەم»، «زىيارەت» قاتارلىق ئېپىزوتلىرىدىكى يۇمۇرىستىك ئوبرازى بىلەن تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئۇستاز سەنئەتكار ھوشۇر قارى 1964-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇ ... داۋامى
تۈر: خەلق ناخشىسى
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 641
ئايلىنىپ كېتەلمىدىم - ھەققىدە:
سۆزى: خەلقنىڭ
مۇزىكىسى: خەلقنىڭ 
بىر باغقا ئانار سالدىم بىر باغقا يالاڭ توغاچ،
بىر باغقا ئانار سالدىم بىر باغقا يالاڭ توغاچ،
ئايلىنىپ كېتەلمىدىم كۆڭلۈم سىزدىلا بولغاچ (ئىلاھىمەي).
ئايلىنىپ كېتەلمىدىم كۆڭلۈم سىزدىلا بولغاچ (ئىلاھىمەي).
ماڭداپمۇ يېتەلمىدىم چامداپمۇ يېتەلمىدىم (ھەي)،
ماڭداپمۇ يېتەلمىدىم چامداپمۇ يېتەلمىدىم (ھەي)،
ئىشقىڭىزدا خۇمار كۆز ناخشا ئېيتىپ كېتەلمىدىم (ئىلاھىمەي).
ئىشقىڭىزدا خۇمار كۆز ناخشا ئېيتىپ كېتەلمىدىم (ئىلاھىمەي).

باغىمغا كىرەر بولساڭ قولۇڭغا پەنەر ئالغىن،
باغىمغا كىرەر بولساڭ قولۇڭغا پەنەر ئالغىن،
يۇرتۇڭغا مۇساپىرمەن ھالىمدىن خەۋەر ئالغىن (ئىلاھىمەي).
يۇرتۇڭغا مۇساپىرمەن ھالىمدىن خەۋەر ئالغىن (ئىلاھىمەي).
ھالىمدىن خەۋەر ئالغىن ھەي!
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...