يار قوشىقى
ھوشۇر قارى

يار قوشىقى

پلاستىنكا: دېھقان بالىسى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2008

ھوشۇر قارى ھەققىدە:
«بوم پەدە»، «قەمبەرخان»، «دېھقان بالىسى»، «بىلىم ئىشقىدا» قاتارلىق ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى ۋە «ئۇ دۇنياغا سەپەر»، «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ»، «سەرسان روھ» قاتارلىق فىلىملەردە ياراتقان جانلىق ۋە تەسىرلىك ئوبرازلىرى، «كىم قاتىل»، «كۈندە ئايەم»، «زىيارەت» قاتارلىق ئېپىزوتلىرىدىكى يۇمۇرىستىك ئوبرازى بىلەن تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئۇستاز سەنئەتكار ھوشۇر قارى 1964-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇ ... داۋامى
تۈر: خەلق ناخشىسى
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 762
يار قوشىقى - ھەققىدە:
سۆزى: خەلقنىڭ
مۇزىكىسى: خەلقنىڭ 
لاچىن بولۇپ ئۇچتۇممەن، كۆل بويىغا چۈشتۈممەن،
كارىڭ يوق يۈرگەن بىلەن، يار كويۇڭغا چۈشتۈممەن.
مۇساپىر دېمەڭ بىزنى، كۆيدۈرۋالىمىز سىزنى،
بىر قاراپ قويۇپ خېنىم، ئوتقا سالىمىز سىزنى.
بىر قاراپ قويۇپ بالا، ئوتقا سالىمىز سىزنى.

دەردى بارلار توۋلايدۇ، سازى بىلەن ناخشىنى،
دەردى بارلار توۋلايدۇ، سازى بىلەن ناخشىنى،
بىزنى يامان دەپ يۈرسە، تېپىۋالسۇن ئوبداننى.
بىزنى يامان دەپ يۈرسە، تېپىۋالسۇن ئوبداننى.

ئاق سۆگەتنىڭ سايىسى بار، مەجنۇنتالنىڭ يوقمىكەن،
ئاق سۆگەتنىڭ سايىسى بار، مەجنۇنتالنىڭ يوقمىكەن،
دۇتتارچىنىڭ يارى بار، راۋاپچىنىڭ يوقمىكەن.
دۇتتارچىنىڭ يارى بار، راۋاپچىنىڭ يوقمىكەن.
بۇ تېرەك ئۆسمەيدىكەن، ئۆسسىمۇ كەسمەيدىكەن،
بۇ تېرەك ئۆسمەيدىكەن (ۋاي)، ئۆسسىمۇ كەسمەيدىكەن،
باشقا ئوت ئۆچكەن بىلەن، يار ئوتۇڭ ئۆچمەيدىكەن.
باشقا ئوت ئۆچكەن بىلەن، يار ئوتۇڭ ئۆچمەيدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...