سېتىۋېلىش ئورنى
ھوشۇر قارى
چوكان سېكىلەك
پلاستىنكا: دېھقان بالىسى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2008
ھوشۇر قارى ھەققىدە:
«بوم پەدە»، «قەمبەرخان»، «دېھقان بالىسى»، «بىلىم ئىشقىدا» قاتارلىق ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى ۋە «ئۇ دۇنياغا سەپەر»، «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ»، «سەرسان روھ» قاتارلىق فىلىملەردە ياراتقان جانلىق ۋە تەسىرلىك ئوبرازلىرى، «كىم قاتىل»، «كۈندە ئايەم»، «زىيارەت» قاتارلىق ئېپىزوتلىرىدىكى يۇمۇرىستىك ئوبرازى بىلەن تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئۇستاز سەنئەتكار ھوشۇر قارى 1964-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇ ...
داۋامى
تۈر:
خەلق ناخشىسى
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
678
چوكان سېكىلەك - ھەققىدە:
سۆزى: خەلقنىڭ مۇزىكىسى: خەلقنىڭ
ئايىۋانىڭدا مەن ياتىپ سارايىڭنى بىلمەيمەن، ئايىۋانىڭدا مەن ياتىپ سارايىڭنى بىلمەيمەن، قاچان كېلىسەن يارىم قارايىڭىنى بىلمەيمەن. ئۆرگەلدى پەلەك چۆرگەلدى پەلەك، ئويناڭ قارا كۆز چوكان سېكىلەك. ئۆيلەرى قەيەردىرەك مەن باراي شۇ يەرگىرەك، ئۆيلەرى قەيەردىرەك مەن باراي شۇ يەرگىرەك، ئانچە-مۇنچە كەپ تۇرسىلا چىدىمايدىكەن يۈرەك. ئۆرگەلدى پەلەك چۆرگەلدى پەلەك، ئويناڭ قارا كۆز چوكان سېكىلەك. ئۆينىڭ ئالدىدا تېرەك ئەجەپ قونمايدىكەن قاغا، ئۆينىڭ ئالدىدا تېرەك ئەجەپ قونمايدىكەن قاغا، كۆزۈم تويسا تويغاندۇ يۈرەكىم قانمىدى يارغا. ئۆرگەلدى پەلەك چۆرگەلدى پەلەك، ئويناڭ قارا كۆز چوكان سېكىلەك. ئۆرگەلدى پەلەك چۆرگەلدى پەلەك، ئويناڭ قارا كۆز چوكان سېكىلەك. ئويناڭ قارا كۆز چوكان سېكىلەك.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...