سېتىۋېلىش ئورنى
ھوشۇر قارى
جانانىم كەلسە
پلاستىنكا: دېھقان بالىسى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2008
ھوشۇر قارى ھەققىدە:
«بوم پەدە»، «قەمبەرخان»، «دېھقان بالىسى»، «بىلىم ئىشقىدا» قاتارلىق ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى ۋە «ئۇ دۇنياغا سەپەر»، «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ»، «سەرسان روھ» قاتارلىق فىلىملەردە ياراتقان جانلىق ۋە تەسىرلىك ئوبرازلىرى، «كىم قاتىل»، «كۈندە ئايەم»، «زىيارەت» قاتارلىق ئېپىزوتلىرىدىكى يۇمۇرىستىك ئوبرازى بىلەن تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئۇستاز سەنئەتكار ھوشۇر قارى 1964-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇ ...
داۋامى
تۈر:
خەلق ناخشىسى
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
721
جانانىم كەلسە - ھەققىدە:
سۆزى: خەلقنىڭ مۇزىكىسى: خەلقنىڭ
ئۇزاقتىن سېغىنغان كۆڭۈلنى ئىزدەپ، نە بولۇر بۇ كېچە جانانىم كەلسە. ئۇزاقتىن سېغىنغان كۆڭۈلنى ئىزدەپ، نە بولۇر بۇ كېچە جانانىم كەلسە. تەلمۈرۈپ يولىغا تەقەززا بولدۇم، كۆرسىتىپ ھۆسنىنى رەيھانىم كەلسە. تەلمۈرۈپ يولىغا تەقەززا بولدۇم، كۆرسىتىپ ھۆسنىنى رەيھانىم كەلسە. بۇلبۇل نالىسى يېتەلمەس ماڭا، خۇشپۇراقلار چېچىپ باغۋەنىم كەلسە. چاڭقىغان دىلىمغا دەريا ئاققۇزۇپ، لەۋلەرى شەربەتلىك دىلبەرىم كەلسە. چاڭقىغان دىلمىغا دەريا ئاققۇزۇپ، لەۋلەرى شەربەتلىك دىلبەرىم كەلسە. چاڭقىغان دىلمىغا دەريا ئاققۇزۇپ، لەۋلەرى شەربەتلىك دىلبەرىم كەلسە. ئىچەرمەن ئاشۇ چاغ ھاياجاندا مەي، يۈرەكنىڭ سۆيگۈسى نىگارىم كەلسە. بەخىتلىك ئۆتەرمەن جاھاندا يەنە، ئامرىقىم مۇرادىم دىلدارىم كەلسە. بەخىتلىك ئۆتەرمەن جاھاندا يەنە، ئامرىقىم مۇرادىم دىلنارىم كەلسە. دىلنارىم كەلسە.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...