دېھقان بالىسى
ھوشۇر قارى

دېھقان بالىسى

پلاستىنكا: دېھقان بالىسى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2008

ھوشۇر قارى ھەققىدە:
«بوم پەدە»، «قەمبەرخان»، «دېھقان بالىسى»، «بىلىم ئىشقىدا» قاتارلىق ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى ۋە «ئۇ دۇنياغا سەپەر»، «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ»، «سەرسان روھ» قاتارلىق فىلىملەردە ياراتقان جانلىق ۋە تەسىرلىك ئوبرازلىرى، «كىم قاتىل»، «كۈندە ئايەم»، «زىيارەت» قاتارلىق ئېپىزوتلىرىدىكى يۇمۇرىستىك ئوبرازى بىلەن تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئۇستاز سەنئەتكار ھوشۇر قارى 1964-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇ ... داۋامى
تۈر: خەلق ناخشىسى
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 774
دېھقان بالىسى - ھەققىدە:
سۆزى: خەلقنىڭ
مۇزىكىسى: خەلقنىڭ 
سېنى دەيمۇ سېنى دەيمۇ (ۋاي)،
سېنى كۆرمەي ئۆلەرمەنمۇ.
سېنى دەيمۇ سېنى دەيمۇ (ۋاي)،
سېنى كۆرمەي ئۆلەرمەنمۇ.
سېنى كۆرمەي ئۆلۈپ كەتسەم (ۋاي)،
مۇرادىمغا يېتەرمەنمۇ (ۋاي بالا).
دېھقان بالىسى (ۋاي) ئانارنىڭ دانىسى!

سېنى دەيمۇ سېنى دەيمۇ (ۋاي)،
سىياقىڭ قىلدى ھەيرانە.
سېنى دەيمۇ سېنى دەيمۇ (ۋاي)،
سىياقىڭ قىلدى ھەيرانە.
جاھاندىن ئىزدىسەم يوقتۇر (ۋاي)،
سېنىڭدەك ياخشى مەردانە (ۋاي بالا).
دېھقان بالىسى (ۋاي) ئانارنىڭ دانىسى!

قاراقاش قوش ھەيدەيدۇ (ۋاي)،
ئارقىدا چىرىمداندا.
قاراقاش قوش ھەيدەيدۇ (ۋاي)،
ئارقىدا چىرىمداندا.
سەن يارىمنىڭ دەردىدە (ۋاي)،
كۆيۈپ ئاز قالدى بۇ جانلار (ۋاي بالا).
دېھقان بالىسى (ۋاي) ئانارنىڭ دانىسى!
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...