سېتىۋېلىش ئورنى
ھوشۇر قارى
ئايرىلارمىز دېگەنمۇ
پلاستىنكا: دېھقان بالىسى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2008
ھوشۇر قارى ھەققىدە:
«بوم پەدە»، «قەمبەرخان»، «دېھقان بالىسى»، «بىلىم ئىشقىدا» قاتارلىق ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى ۋە «ئۇ دۇنياغا سەپەر»، «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ»، «سەرسان روھ» قاتارلىق فىلىملەردە ياراتقان جانلىق ۋە تەسىرلىك ئوبرازلىرى، «كىم قاتىل»، «كۈندە ئايەم»، «زىيارەت» قاتارلىق ئېپىزوتلىرىدىكى يۇمۇرىستىك ئوبرازى بىلەن تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئۇستاز سەنئەتكار ھوشۇر قارى 1964-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇ ...
داۋامى
تۈر:
خەلق ناخشىسى
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
623
ئايرىلارمىز دېگەنمۇ - ھەققىدە:
سۆزى: خەلقنىڭ مۇزىكىسى: خەلقنىڭ
سەن سەپەرگە ماڭغاندا مەن ئىشىكىڭدە (ۋاي) قالغان، مەن ئىشىكىڭدە (ۋاي) قالغان، قاچان كېلەر يارىم دەپ، قارا كۆزۈمگە ياش ئالغان. باغدا ئالما يېگەنمۇ ئايرىلارمىز دېگەنمۇ. كېتىپ بارىسەن يارىم قاچان كېلىسەن (ۋاي) يارىم، قاچان كېلىسەن (ۋاي) يارىم، سېنىڭ كەلمىكىڭ مۈشكۈل مەن بېرىپ كۆرەي يارىم. باغدا ئالما يېگەنمۇ ئايرىلارمىز دېگەنمۇ. ئاي بىلەن كۈننى قوشۇپ ئەلچى ئەۋەتتىم يار (ۋاي) ساڭا، ئەلچى ئەۋەتتىم يار (ۋاي) ساڭا، ئاي بىلەن كۈنمۇ قايتتى ھېچ خەۋەر يوقتۇر ماڭا. باغدا ئالما يېگەنمۇ ئايرىلارمىز دېگەنمۇ. باغدا ئالما يېگەنمۇ ئايرىلارمىز دېگەنمۇ.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...