سېتىۋېلىش ئورنى
ھوشۇر قارى
ئەنجان يولى
پلاستىنكا: دېھقان بالىسى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2008
ھوشۇر قارى ھەققىدە:
«بوم پەدە»، «قەمبەرخان»، «دېھقان بالىسى»، «بىلىم ئىشقىدا» قاتارلىق ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى ۋە «ئۇ دۇنياغا سەپەر»، «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ»، «سەرسان روھ» قاتارلىق فىلىملەردە ياراتقان جانلىق ۋە تەسىرلىك ئوبرازلىرى، «كىم قاتىل»، «كۈندە ئايەم»، «زىيارەت» قاتارلىق ئېپىزوتلىرىدىكى يۇمۇرىستىك ئوبرازى بىلەن تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئۇستاز سەنئەتكار ھوشۇر قارى 1964-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇ ...
داۋامى
تۈر:
خەلق ناخشىسى
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
757
ئەنجان يولى - ھەققىدە:
سۆزى: خەلقنىڭ مۇزىكىسى: خەلقنىڭ
قەشقەر يولى گۈلزارلىق، ئەنجان يولى بىر ئايلىق. ئەنجان يولى بىر ئايلىق. قەيەردە يۈرىدىكەن، سۆيگەن يارىم چىرايلىق. قەيەردە يۈرىدىكەن، سۆيگەن يارىم چىرايلىق. قەشقەر يولى گۈلزارلىق، ئەنجان يولى بىر ئايلىق. ئەنجان يولى بىر ئايلىق. ساق-سالامەت بارمىدۇ، مېھرىبانىم چىرايلىق. ساق-سالامەت بارمىدۇ، مېھرىبانىم چىرايلىق. كۆچ-كۆچچى دېمەڭ بىزنى، ئەنجان يولىدا كارۋان. ئەنجان يولىدا كارۋان. سارغايدى دېمەڭ بىزنى، يار دەردىدە سارغايغان. سارغايدى دېمەڭ بىزنى، يار دەردىدە سارغايغان.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...