ئانارگۈل بالا
ھوشۇر قارى

ئانارگۈل بالا

پلاستىنكا: دېھقان بالىسى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2008

ھوشۇر قارى ھەققىدە:
«بوم پەدە»، «قەمبەرخان»، «دېھقان بالىسى»، «بىلىم ئىشقىدا» قاتارلىق ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى ۋە «ئۇ دۇنياغا سەپەر»، «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ»، «سەرسان روھ» قاتارلىق فىلىملەردە ياراتقان جانلىق ۋە تەسىرلىك ئوبرازلىرى، «كىم قاتىل»، «كۈندە ئايەم»، «زىيارەت» قاتارلىق ئېپىزوتلىرىدىكى يۇمۇرىستىك ئوبرازى بىلەن تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئۇستاز سەنئەتكار ھوشۇر قارى 1964-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇ ... داۋامى
تۈر: خەلق ناخشىسى
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 652
ئانارگۈل بالا - ھەققىدە:
سۆزى: خەلقنىڭ
مۇزىكىسى: خەلقنىڭ 
شامال چىقسا ئەگىيدۇ (بالا)،
سەمەن يولىدا (ۋاي) تىرەك.
سەمەن يولىدا (ۋاي) تىرەك.
ئانچە-مۇنچە كەپ تۇرسلا،
ئانارگۈل بالا!
چىدىمايدىكەن ۋاي يۈرەك.
ئانچە-مۇنچە كەپ تۇرىسلا،
ئانارگۈل بالا!
چىدىمايدىكەن ۋاي يۈرەك.

♪♪ ∮مۇزىكا∮♪♪

ئېرىقتىكى لاي سۇنى (بالا)،
كۆلگە باشلىماڭ (ۋاي) يارىم.
كۆلگە باشلىماڭ (ۋاي) يارىم.
ئاقىۋەت لازىم بولىمىز،
ئانارگۈل بالا!
بىزنى تاشلىماڭ (ۋاي) يارىم.
ئاقىۋەت لازىم بولىمىز،
ئانارگۈل بالا!
بىزنى تاشلىماڭ (ۋاي) يارىم.

♪♪ ∮مۇزىكا∮♪♪

ئېرىقىڭدا سۇ بارمۇ (بالا)،
ئۇسسۇزلۇقتا مەن (ۋاي) تەشنا.
ئۇسسۇزلۇقتا مەن (ۋاي) تەشنا.
كۆڭلۈمدىكى يارىمغا،
ئانارگۈل بالا!
مەڭگۈلۈك بولاي (ۋاي) ئاشنا.
كۆڭلۈمدىكى يارىمغا،
ئانارگۈل بالا!
مەڭگۈلۈك بولاي (ۋاي) ئاشنا.
مەڭگۈلۈك بولاي (ۋاي) ئاشنا.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...