گۈل يارىخان
ھوشۇر قارى

گۈل يارىخان

پلاستىنكا: دېھقان بالىسى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2008

ھوشۇر قارى ھەققىدە:
«بوم پەدە»، «قەمبەرخان»، «دېھقان بالىسى»، «بىلىم ئىشقىدا» قاتارلىق ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى ۋە «ئۇ دۇنياغا سەپەر»، «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ»، «سەرسان روھ» قاتارلىق فىلىملەردە ياراتقان جانلىق ۋە تەسىرلىك ئوبرازلىرى، «كىم قاتىل»، «كۈندە ئايەم»، «زىيارەت» قاتارلىق ئېپىزوتلىرىدىكى يۇمۇرىستىك ئوبرازى بىلەن تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئۇستاز سەنئەتكار ھوشۇر قارى 1964-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇ ... داۋامى
تۈر: خەلق ناخشىسى
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 739
گۈل يارىخان - ھەققىدە:
سۆزى: خەلقنىڭ
مۇزىكىسى: خەلقنىڭ 
گۈلۈم - گۈليار ئەمەسمۇ (ۋاي) باغىم گۈلزار ئەمەسمۇ،

بىزنى يامان دېگەنلەر، ئۆزى ۋەيران ئەمەسمۇ.

گۈليارىخان (ۋاي) بويلارىڭ ساز ۋاي دادەي.

سۆسەر تۇماق كەيگەنلەر (ۋاي) سەتەڭنى تاللاپ سۆيگەنلەر،

ئايىدا-يىلىدا كەپ قويۇپ يۈرەك-باغرىمنى ئەزگەنلەر.
گۈليارىخان (ۋاي) بويلارىڭ ساز ۋاي دادەي.
ئايىدا-يىلىدا كەپ قويۇپ يۈرەك-باغرىمنى ئەزگەنلەر.
گۈليارىخان (ۋاي) بويلارىڭ ساز ۋاي دادەي.

بولمايمەنۇ بولمايمەن (ۋاي) سېنىڭ بىلەن بولمايمەن،

سېنىڭ بىلەن بولغۇچە تەنھا يۈرۈپ ئوينايمەن.
گۈليارىخان (ۋاي) بويلارىڭ ساز ۋاي دادەي.
سېنىڭ بىلەن بولغۇچە تەنھا يۈرۈپ ئوينايمەن.
گۈليارىخان (ۋاي) بويلارىڭ ساز ۋاي دادەي.
گۈليارىخان (ۋاي) بويلارىڭ ساز ۋاي دادەي.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...