سېتىۋېلىش ئورنى
ھوشۇر قارى
تۆت پەدە
پلاستىنكا: دېھقان بالىسى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2008
ھوشۇر قارى ھەققىدە:
«بوم پەدە»، «قەمبەرخان»، «دېھقان بالىسى»، «بىلىم ئىشقىدا» قاتارلىق ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى ۋە «ئۇ دۇنياغا سەپەر»، «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ»، «سەرسان روھ» قاتارلىق فىلىملەردە ياراتقان جانلىق ۋە تەسىرلىك ئوبرازلىرى، «كىم قاتىل»، «كۈندە ئايەم»، «زىيارەت» قاتارلىق ئېپىزوتلىرىدىكى يۇمۇرىستىك ئوبرازى بىلەن تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئۇستاز سەنئەتكار ھوشۇر قارى 1964-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇ ...
داۋامى
تۈر:
خەلق ناخشىسى
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
696
تۆت پەدە - ھەققىدە:
سۆزى: خەلقنىڭ مۇزىكىسى: خەلقنىڭ
تۆت پەدىگە چالمايىتتىم، تۆت پەدىگە چالمايىتتىم، چالدۇرغان ئۆزەڭ يارىم. چالدۇرغان ئۆزەڭ يارىم. راست گېپىڭىنى ئېيتساڭچۇ، راست گېپىڭىنى ئېيتساڭچۇ، ئەجەپ قىينالدى بۇ جانىم. ئەجەپ قىينالدى بۇ جانىم. ۋاي ئەجەپ قىينالدى بۇ جانىم. ھوي ئەجەپ قىينالدى بۇ جانىم. ♪♪♪♪ يار سېنى پاناھ تارتىپ، يار سېنى پاناھ تارتىپ، ئايۋانىڭدا ياتايمۇ. ئايۋانىڭدا ياتايمۇ. ئۆزەمنىڭ دەردىنى ئاز دەپ، ئۆزەمنىڭ دەردىنى ئاز دەپ، سېنىڭ دەردىڭنى تارتايمۇ. سېنىڭ دەردىڭنى تارتايمۇ. ئوي سېنىڭ دەدىڭنى تارتايمۇ. ئوي سېنىڭ دەردىڭنى تارتايمۇ. ♪♪♪♪ بۇلبۇل تولا سايرايدۇ، بۇلبۇل تولا سايرايدۇ، گۈل شاخىگە قونسام دەپ. گۈل شاخىگە قونسام دەپ. ياتسام ئۇيقۇم كەلمەيدۇ، ياتسام ئۇيقۇم كەلمەيدۇ، سەن يارىمنى كۆرسەم دەپ. سەن يارىمنى كۆرسەم دەپ. ئوي سەن يارىمنى كۆرسەم دەپ. ئوي سەن يارىمنى كۆرسەم دەپ. ئوي سەن يارىمنى كۆرسەم دەپ. ئوي سەن يارىمنى كۆرسەم دەپ.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...