سېتىۋېلىش ئورنى
ھوشۇر قارى
بوم پەدە
پلاستىنكا: بوم پەدە
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2004
ھوشۇر قارى ھەققىدە:
«بوم پەدە»، «قەمبەرخان»، «دېھقان بالىسى»، «بىلىم ئىشقىدا» قاتارلىق ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى ۋە «ئۇ دۇنياغا سەپەر»، «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ»، «سەرسان روھ» قاتارلىق فىلىملەردە ياراتقان جانلىق ۋە تەسىرلىك ئوبرازلىرى، «كىم قاتىل»، «كۈندە ئايەم»، «زىيارەت» قاتارلىق ئېپىزوتلىرىدىكى يۇمۇرىستىك ئوبرازى بىلەن تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئۇستاز سەنئەتكار ھوشۇر قارى 1964-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇ ...
داۋامى
تۈر:
خەلق ناخشىسى
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
721
بوم پەدە - ھەققىدە:
سۆزى: خەلقنىڭ مۇزىكىسى: خەلقنىڭ
غېرىپ ئاۋارىدۇر (ۋاي) كۆڭلۈم، ئىلاھىمەي! بىتائىنلىق ماكان (ۋاي) بولماس. بىتائىنلىق ماكان (ۋاي) بولماس. شۇ بۇ كۈندە ئۆلۈپ كەتسەم، ئۆلۈپ كەتسەم، دادەي! خۇنۇم ئەلگە راۋا بولماس. ئاھ دەيمەن خۇدايمغا، يەتكۈزگىن مۇرادىمغا. سېنى ئەنجاندا دەپ (ۋاي) ئاڭلاپ، ئىلاھىمەي! بېلىمنى سەيلىدە (ۋاي) باغلاپ. بېلىمنى سەيلىدە (ۋاي) باغلاپ. سېنى كەلمەيدۇ دەپ ئاڭلاپ، يەنە ئاڭلاپ دادەي! باياۋان چۆلىدە يىغلاپ. ئاھ دەيمەن خۇدايمغا، يەتكۈزگىن مۇرادىمغا. قۇرۇپ قاقشال بولۇپ قالدۇق، ئىلاھىمەي! ئوتۇنچى ئاپىرىپ (ۋاي) ساتسۇن. ئوتۇنچى ئاپىرىپ (ۋاي) ساتسۇن. خېرىدارى كېلىپ سورىسا، كېلىپ سورىسا، دادەي! غېرىپ بىچارە دەپ (ۋاي) يانسۇن. ئاھ دەيمەن خۇدايمغا، يەتكۈزگىن مۇرادىمغا.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...