سېتىۋېلىش ئورنى
ھوشۇر قارى
خانلەيلۇن
پلاستىنكا: بوم پەدە
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2004
ھوشۇر قارى ھەققىدە:
«بوم پەدە»، «قەمبەرخان»، «دېھقان بالىسى»، «بىلىم ئىشقىدا» قاتارلىق ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى ۋە «ئۇ دۇنياغا سەپەر»، «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ»، «سەرسان روھ» قاتارلىق فىلىملەردە ياراتقان جانلىق ۋە تەسىرلىك ئوبرازلىرى، «كىم قاتىل»، «كۈندە ئايەم»، «زىيارەت» قاتارلىق ئېپىزوتلىرىدىكى يۇمۇرىستىك ئوبرازى بىلەن تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئۇستاز سەنئەتكار ھوشۇر قارى 1964-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇ ...
داۋامى
تۈر:
خەلق ناخشىسى
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
690
خانلەيلۇن - ھەققىدە:
سۆزى: خەلقنىڭ مۇزىكىسى: خەلقنىڭ
بارارغا يوللىرىڭ بولسۇن، يانارغا ھەمراھىڭ بولسۇن. يانارغا ھەمراھىڭ بولسۇن. سېنىڭدەك نازىنىم يارغا، ۋاي يارغا! مېنىڭ قۇللىرىڭ بولسۇن. ئاللا بالىخان كەتتى، ۋاي كەتتى! كىم مۇرادىغا يەتتى. كېتەردە خوش دېمەي كەتكەن، مېنىڭ ئۇنداقمۇ يارىم يوق. مېنىڭ ئۇنداقمۇ يارىم يوق. پىشانەمگە پۈتۈلگەننى، خانلەيلۇن! مېنىڭ تارتماي ئىلاجىم يوق. ئاللا بالىخان كەتتى، ۋاي كەتتى! كىم مۇرادىغا ۋاي يەتتى. كېتەرمەنغۇ- كېتەرمەنغۇ، كۆزۈڭدىن يۈتەرمەنغۇ. كۆزۈڭدىن يۈتەرمەنغۇ. ھەرقانچە يامان بولسام، خانلەيلۇن! يادىڭغا يېتەرمەنمۇ. ئاللا بالىخان كەتتى، ۋاي كەتتى! كىم مۇرادىغا يەتتى. ئاللا بالىخان كەتتى، ۋاي كەتتى! كىم مۇرادىغا يەتتى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...