سېتىۋېلىش ئورنى
ھوشۇر قارى
ۋاي بالا
پلاستىنكا: بوم پەدە
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2004
ھوشۇر قارى ھەققىدە:
«بوم پەدە»، «قەمبەرخان»، «دېھقان بالىسى»، «بىلىم ئىشقىدا» قاتارلىق ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى ۋە «ئۇ دۇنياغا سەپەر»، «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ»، «سەرسان روھ» قاتارلىق فىلىملەردە ياراتقان جانلىق ۋە تەسىرلىك ئوبرازلىرى، «كىم قاتىل»، «كۈندە ئايەم»، «زىيارەت» قاتارلىق ئېپىزوتلىرىدىكى يۇمۇرىستىك ئوبرازى بىلەن تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئۇستاز سەنئەتكار ھوشۇر قارى 1964-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇ ...
داۋامى
تۈر:
خەلق ناخشىسى
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
654
ۋاي بالا - ھەققىدە:
سۆزى: خەلقنىڭ مۇزىكىسى: خەلقنىڭ
ئۇچاڭدىكى چەكمەنمۇ، ۋاي! شىللەڭدىكى كەتمەنمۇ. شىللەڭدىكى كەتمەنمۇ. ناخشا ئېيىتسام يىغلايىسەن، ۋاي بالا! سەنمۇ مەندەك دەرتمەنمۇ. ناخشا ئېيىتسام يىغلايىسەن، ۋاي بالا! سەنمۇ مەندەك دەرتمەنمۇ. ♪ ♪ ♪ ئاق چەكمەن، قىزىل چەكمەن، ۋاي! رەڭدە بويىغان چەكمەن. رەڭدە بويىغان چەكمەن. دەردىڭنى ماڭا ئېيتما، ۋاي بالا! سەندىن تولا مەن دەرتمەن. دەردىڭنى ماڭا ئېيتما، ۋاي بالا! سەندىن تولا مەن دەرتمەن. ♪ ♪ ♪ سەنمۇ ئۆستەڭ بويىدا، ۋاي! مەنمۇ ئۆستەڭ بويىدا. مەنمۇ ئۆستەڭ بويىدا. ئۆلمىسەك كۆرىشەرمىز، ۋاي بالا! ناچۇق ئۆستەڭ بويىدا ئۆلمىسەك كۆرىشەرمىز، ۋاي بالا! ناچۇق ئۆستەڭ بويىدا.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...