تاجىخان
ھوشۇر قارى

تاجىخان

پلاستىنكا: بوم پەدە

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2004

ھوشۇر قارى ھەققىدە:
«بوم پەدە»، «قەمبەرخان»، «دېھقان بالىسى»، «بىلىم ئىشقىدا» قاتارلىق ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى ۋە «ئۇ دۇنياغا سەپەر»، «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ»، «سەرسان روھ» قاتارلىق فىلىملەردە ياراتقان جانلىق ۋە تەسىرلىك ئوبرازلىرى، «كىم قاتىل»، «كۈندە ئايەم»، «زىيارەت» قاتارلىق ئېپىزوتلىرىدىكى يۇمۇرىستىك ئوبرازى بىلەن تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئۇستاز سەنئەتكار ھوشۇر قارى 1964-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇ ... داۋامى
تۈر: خەلق ناخشىسى
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 483
تاجىخان - ھەققىدە:
سۆزى: خەلقنىڭ
مۇزىكىسى: خەلقنىڭ 
بارىسەن دېگەن يارىم،
يانىسەن دېگەن يارىم.
يانىسەن دېگەن يارىم.
سەن مېنىڭدىن ئايرىلساڭ، ۋاي تاجىخان!
ئۆلىسەن دېگەن يارىم.
ئۆرگىلەيمۇ دەردىڭدىن، ۋاي تاجىخان!
چۆرگىلەيمۇ دەردىڭدىن جېنىما…
ئۆرگىلەيمۇ دەردىڭدىن، ۋاي تاجىخان!
چۆرگىلەيمۇ دەردىڭدىن.

ئىشىك ئالدى كۆلچەككە،
شال پەيدا بولۇپ قاپتۇ.
قارا كۆز گۈزەل يارغا، ۋاي تاجىخان!
ھال پەيدا بولۇپ قاپتۇ.
ئۆرگىلەيمۇ دەردىڭدىن، ۋاي تاجىخان!
چۆرگىلەيمۇ دەردىڭدىن جېنىما…
ئۆرگىلەيمۇ دەردىڭدىن، ۋاي تاجىخان!
چۆرگىلەيمۇ دەردىڭدىن.

قاراڭغۇدىن قورقمايمەن،
قاراڭدىن قورقىمەن يارىم.
قاراڭغۇدىن قورقمايمەن،
قاراڭدىن قورقىمەن يارىم.
سەن ئۆزۈڭدىن قورقمايمەن، ۋاي تاجىخان!
ئاتاڭدىن قورقىمەن يارىم.
ئۆرگىلەيمۇ دەردىڭدىن، ۋاي تاجىخان!
چۆرگىلەيمۇ دەردىڭدىن جېنىما…
ئۆرگىلەيمۇ دەردىڭدىن، ۋاي تاجىخان!
چۆرگىلەيمۇ دەردىڭدىن.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...