مىزانگۈل
ھوشۇر قارى

مىزانگۈل

پلاستىنكا: بوم پەدە

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2004

ھوشۇر قارى ھەققىدە:
«بوم پەدە»، «قەمبەرخان»، «دېھقان بالىسى»، «بىلىم ئىشقىدا» قاتارلىق ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى ۋە «ئۇ دۇنياغا سەپەر»، «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ»، «سەرسان روھ» قاتارلىق فىلىملەردە ياراتقان جانلىق ۋە تەسىرلىك ئوبرازلىرى، «كىم قاتىل»، «كۈندە ئايەم»، «زىيارەت» قاتارلىق ئېپىزوتلىرىدىكى يۇمۇرىستىك ئوبرازى بىلەن تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئۇستاز سەنئەتكار ھوشۇر قارى 1964-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇ ... داۋامى
تۈر: خەلق ناخشىسى
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 402
مىزانگۈل - ھەققىدە:
سۆزى: خەلقنىڭ
مۇزىكىسى: خەلقنىڭ 
قۇرغۇيۇم ئۇچۇپ كەتتى،
قەشقەر يولىغا قاراپ.
يادوست ئايارەي!
كۆزۈمنىڭ گۆھىرى ئاقتى،
يارنىڭ يولىغا قاراپ.
مىزانگۈلۈم مىزانگۈل،
يارنىڭ گۈلى رەيھانگۈل.
خۇش پۇرايدۇ رەيھانگۈل،
شازادىخان ئايارەي.
خۇش پۇرايدۇ رەيھانگۈل،
شازادىخان ئايارەي.

ئەجەپمۇ كەلمىدىڭ يارىم،
يولۇڭغا بارغۇدەك بولدۇم.
يادوست ئايارەي!
قولۇمغا قوش پىچاق ئېلىپ،
يۈرەكنى يارغۇدەك بولدۇم.
مىزانگۈلۈم مىزانگۈل،
يارنىڭ گۈلى رەيھانگۈل.
خۇش پۇرايدۇ رەيھانگۈل،
شازادىخان ئايارەي.
خۇش پۇرايدۇ رەيھانگۈل،
شازادىخان ئايارەي.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...