مىراجىخان
ھوشۇر قارى

مىراجىخان

پلاستىنكا: بوم پەدە

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2004

ھوشۇر قارى ھەققىدە:
«بوم پەدە»، «قەمبەرخان»، «دېھقان بالىسى»، «بىلىم ئىشقىدا» قاتارلىق ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى ۋە «ئۇ دۇنياغا سەپەر»، «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ»، «سەرسان روھ» قاتارلىق فىلىملەردە ياراتقان جانلىق ۋە تەسىرلىك ئوبرازلىرى، «كىم قاتىل»، «كۈندە ئايەم»، «زىيارەت» قاتارلىق ئېپىزوتلىرىدىكى يۇمۇرىستىك ئوبرازى بىلەن تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئۇستاز سەنئەتكار ھوشۇر قارى 1964-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇ ... داۋامى
تۈر: خەلق ناخشىسى
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 444
مىراجىخان - ھەققىدە:
سۆزى: خەلقنىڭ
مۇزىكىسى: خەلقنىڭ 
ئۆزۈڭ مۇنداق بارامسەن، ۋاي!
مېنى مۇنداق (ئاھ يەنە) قويامسەن.
مېنى مۇنداق قويامسەن.
يۈرەگىم چاك-چاك بولدى، ۋاي!
كېلەي دەپمۇ (ئاھ يەنە) قويمايسەن. ۋاي!
ئاھ خېنىم مىراجىخان!

سېرىق قۇشقاچ بولۇپ سايراپ، ۋاي!
چۈمەننىڭ يولىغا (ئاھ يەنە) مەن قاراپ.
ئاھ خېنىم مىراجىخان!
قارا كۆزۈم ئەسىر بولدى، ۋاي!
سېنىڭ يولۇڭغا (ئاھ يەنە) مەن قاراپ.
ئاھ خېنىم مىراجىخان!

بۇلبۇل كەتسە كېلەرمۇ، ۋاي!
كاككۇك كەتسە (ئاھ يەنە) كېلەرمۇ. ۋاي!
كاككۇك كەتسە كېلەرمۇ. 
ئۇ ئالەمگە كەتكەنلەر، ۋاي!
ئەمدى قايتىپ (ئاھ يەنە) كېلەرمۇ. ۋاي!
ئاھ خېنىم مىراجىخان!
ئۇ ئالەمگە كەتكەنلەر، ۋاي!
ئەمدى قايتىپ (ئاھ يەنە) كېلەرمۇ. ۋاي!
ئاھ خېنىم مىراجىخان!
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...