ئادارگۈل
ھوشۇر قارى

ئادارگۈل

پلاستىنكا: بوم پەدە

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2004

ھوشۇر قارى ھەققىدە:
«بوم پەدە»، «قەمبەرخان»، «دېھقان بالىسى»، «بىلىم ئىشقىدا» قاتارلىق ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى ۋە «ئۇ دۇنياغا سەپەر»، «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ»، «سەرسان روھ» قاتارلىق فىلىملەردە ياراتقان جانلىق ۋە تەسىرلىك ئوبرازلىرى، «كىم قاتىل»، «كۈندە ئايەم»، «زىيارەت» قاتارلىق ئېپىزوتلىرىدىكى يۇمۇرىستىك ئوبرازى بىلەن تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئۇستاز سەنئەتكار ھوشۇر قارى 1964-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇ ... داۋامى
تۈر: خەلق ناخشىسى
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 528
ئادارگۈل - ھەققىدە:
سۆزى: خەلقنىڭ
مۇزىكىسى: خەلقنىڭ 
لاچىن سوققان توشقاننىڭ دادەي، ۋاي ئادارگۇل،
جاڭگالدا ئۇۋاسى بار جان ئادارگۇل.
جاڭگالدا ئۇۋاسى بار جان ئادارگۇل.
بىز ۋاي غىرىپ مۇساپىرنىڭ دادەي، ۋاي ئادارگۇل،
بۇ يۇرتتا ۋاي نېمەسى بار.
بىز ۋاي غىرىپ مۇساپىرنىڭ دادەي، ۋاي ئادارگۇل،
بۇ يۇرتتا ۋاي نېمەسى بار.

ئانامغا نىمە دەپ يىغلاي دادەي ۋاي ئادارگۇل،
ئاتامغا نىمە دەپ يىغلاي جان ئادارگۇل.
ئېتىمنى ئالدىدىن ئاشقان دادەي ۋاي ئادارگۇل،
ساماندەك سارغىيىپ يىغلاي.
ئېتىمنى ئالدىدىن ئاشقان دادەي ۋاي ئادارگۇل،
ساماندەك سارغىيىپ يىغلاي.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...