ئىش كۆرمىگەنلەر
ئۆمەرجان ئالىم

ئىش كۆرمىگەنلەر

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1993

ئۆمەرجان ئالىم ھەققىدە:
ئۆمەرجان ئالىم 1965-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان. دۇتتار بىلەن ئورۇنلىغان ناخشىلىرى خەلقنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولغان خەلق ناخشىچىسى. ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 77
ئىش كۆرمىگەنلەر - ھەققىدە:
سۆزى، مۇزىكىسى: نامەلۇم 
يۈگۈرۈك ئاتنى سوك-سوك دەيدۇ،
ئات مىنمىگەنلەر.
تالقاننىمۇ سىراش دەيدۇ،
يەپ كۆرمىگەنلەر.

بۇغداي نېنىڭ بۇغداي بىلەن،
ئوخشار پولو گۆش-ماي بىلەن.
بۈركۈتنىمۇ لاچىن دەيدۇ،
قۇش كۆرمىگەنلەر.

ئۆزى سەگەك، خىيالى مەست،
ئۆتەر شۇ كۈنى.
بۇزار ئىشنى، تۈزىمەستىن،
ئىش كۆرمىگەنلەر.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...