قېنىۋالاي دىدارىڭلارغا
ئۆمەرجان ئالىم

قېنىۋالاي دىدارىڭلارغا

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1993

ئۆمەرجان ئالىم ھەققىدە:
ئۆمەرجان ئالىم 1965-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان. دۇتتار بىلەن ئورۇنلىغان ناخشىلىرى خەلقنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولغان خەلق ناخشىچىسى. ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 206
قانچە ئادەملەر ئۆلۈپ كەتتىغۇ،
تىرىكلەرنى قان-قان يىغلىتىپ.
مۇرادىغا يەتتىمۇ ئىنسان،
ھاياتلىقتا شۇنچە قىيغىتىپ.

ياش دېمىدى، ۋە يا مويسىپىت،
ئېلىپ كەتتى ئەجەل تاللىماي.
قول قوشتۇرۇپ يىغلاپ قېلىشتۇق،
بۇ ئۆلۈمگە چارە قىلالماي.

جاپالاردا مۈكچىيىپ كەتكەن،
ئاپئاق ساقال ئاتىلار قېنى؟
بىزنى ئەللەيلەپ باغرىغا باسقان،
ئاشۇ جاپاكەش ئانىلار قېنى؟

كېلىدىكەن يىراق كەتكەنلەر،
كەلمەيدىكەن كەتمەنلەنگەنلەر.
ئۆلۈپ كەتسە بولدى رەھمەتلىك،
تىرىكلىكتە سەن-پەن دېگەنلەر.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...