ئېگىلىدىكەن ئالما شاخلىرى
ئۆمەرجان ئالىم

ئېگىلىدىكەن ئالما شاخلىرى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1993

ئۆمەرجان ئالىم ھەققىدە:
ئۆمەرجان ئالىم 1965-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان. دۇتتار بىلەن ئورۇنلىغان ناخشىلىرى خەلقنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولغان خەلق ناخشىچىسى. ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 195
ئېگىلىدىكەن ئالما شاخلىرى - ھەققىدە:
تېكىستى: تېيىپجان ئېلىيېۋنىڭ 
ئېگىلىدىكەن ئالما شاخلىرى،
مېۋىسى قانچە ئوخشىغانسېرى.
كەمتەرلىك بىلەن ئادەم چىرايلىق،
سەتلىشىدىكەن غادايغانسېرى.

ئىمتىھان بەردىم دەپ ئاق قەغەز بېرىپ،
بەزىلەر يۈرۈيدىكەن مەيدىسىنى كېرىپ.
كۆچەت تىكىشنى ئەسلا بىلمەيدۇ،
مېۋىسىنى يەيدۇ شېخىنى يىرىپ.
پەرۋىش قىلىشنى ئەسلا بىلمەيدۇ،
مېۋىسىنى يەيدۇ شېخىنى يىرىپ.

تەڭ ئىدۇق بىز تەڭرى ئالدىدا،
ۋە لېكىن تەڭ ئەمەس دەۋر ئالدىدا.
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن،
بىر كۈنى تەڭ بولىمىز قەبرە ئالدىدا.
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن،
ئاخىرى تەڭ بولىمىز قەبرە ئالدىدا.

پۇل دېدۇق، كۆڭۈلنى پۇلغا ئۆگەتتۇق،
پۇلنى دەپ قەدىناس دوستنى تۈگەتتۇق.
پۇلنى دەپ دوستلارنى تامام تۈگەتتۇق،
تاۋۇتقا سىغمىغاچ تاپقانلىرىمىز.
يالىڭاچ كەلگەندەك يالىڭاچ كەتتۇق.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...