سۆيگۈ ئۇلۇغ
ئابلەت ئابلىكىم

سۆيگۈ ئۇلۇغ

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2006

ئابلەت ئابلىكىم ھەققىدە:
ئابلەت ئابلىكىم 1971-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇغۇلغان. مەملىكەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك كومپوزىتور ، شىنجاڭ ئاممىباب مۇزىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﺎﺧﺸﺎ-ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺳﯩﭙﯩﺪﻩ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ مېۋﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﺵ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﻛﻮﻣﭙوﺯﯨﺘﯘﺭ ﮬﻪﻡ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﺋﺎﺑﻠﻪﺕ ﺋﺎﺑﻠﯩﻜﯩﻢ، ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﻪ 15 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﯩﺪﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺳۆﻳﯘﭖ ﺋﺎﯕﻼﭖ كېلىۋاتقان، «ﺋﯘﯞﺍﻟﯩﻢ»، «ﺟﺎﻧﺎﻥ ﺋﯘﻳﻘﯘﺩﺍ»، «ﺋۆﺯﻩﻣﻨﯩﯔ شورى ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 303
سۆيگۈ ئۇلۇغ - ھەققىدە:
سۆزى: مۇختار مەخسۇت
مۇزىكىسى: ئابلەت ئابلىكىم
ئاككوردلاشتۇرغۇچى: ئابلەت ئابلىكىم 
ئەلنى سۆيگەن ئەلگە كۆيگەنلەر،
ئەل قەلبىدە سۇلتان ئەمەسمۇ؟
ئەلنى سۆيگەن ئەلگە كۆيگەنلەر،
ئەل قەلبىدە سۇلتان ئەمەسمۇ؟
ئەلگە ئاپەت دەرت تىلىگەنلەر،
ئەل ئىچىدە ۋەيران ئەمەسمۇ؟
ئەلگە ئاپەت دەرت تىلىگەنلەر،
ئەل ئىچىدە ۋەيران ئەمەسمۇ؟

♬♬♬♬♬

سۆيۈلۈپ ھەم سۆيۈپ ئۆتەيلى،
دىلدىن-دىلغا مېھىر تۆكەيلى.
سۆيگۈ ئۇلۇغ بۇ دۇنيادا بىز،
يەتتە كۈنلۈك مېھمان ئەمەسمۇ؟

ئەقىدىسىزلەر ئۇچار يىكەندەك،
ئەلدىن كەچكەن قالار تىكەندەك.
پەرۋىش قىلساق كۆڭۈل بېغىنى،
ھەر ئىزىمىز رەيھان ئەمەسمۇ؟

ئەلنى سۆيگەن ئەلگە كۆيگەنلەر،
ئەل قەلبىدە سۇلتان ئەمەسمۇ؟
ئەلگە ئاپەت دەرت تىلىگەنلەر،
ئەل ئىچىدە ۋەيران ئەمەسمۇ؟

♬♬♬♬♬

سۆيۈلۈپ ھەم سۆيۈپ ئۆتەيلى،
دىلدىن-دىلغا مېھىر تۆكەيلى.
سۆيگۈ ئۇلۇغ بۇ دۇنيادا بىز،
يەتتە كۈنلۈك مېھمان ئەمەسمۇ؟

ئىنسان قەلبىدە سۆيگۈ يوقالسا،
بۇ دۇنيا بىر زۇلمەت ئەمەسمۇ؟
دۇنيا ئەسلىدە بىر گۈزەل دۇنيا،
مېھىر بىلەن گۈزەل ئەمەسمۇ؟
سۆيگۈ بىلەن گۈزەل ئەمەسمۇ؟
مۇھەببەتتە گۈزەل ئەمەسمۇ؟
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...