مىرزا
مەنىسى: (1) كاتىپ، (2) خان، بەگ، (3) ئالىم، ئەپەندى، ئۇستاز، خوجا (ئىراندا ئەمەلدار، پادىشاھ جەمەتلىرى). ئىزاھات: بۇ ئىسىم يۇقىرىقىدەك مەنىلەرنى بىلدۈرۈپ يالغۇز قوللىنىلغاندىن سىرت، كۆپىنچە ھالدا باشقا ئىسىملارنىڭ بېشىغا قوشۇلۇپ، خۇددى بۇ بابتىكى «مەۋلا، مۇھەممەد، مىر» قاتارلىق ئىسىملارغا ئوخشاش قوش تەركىبلىك يېڭى ئىسىملارنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە ئاساس بولىدۇ. قازاقلاردا بۇ ئىسىم «ئەپەندى» دېگەن مەنىدىلا قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن، قاۋسىلقان مىرزا دېيىلسە، قاۋسىلقان ئەپەندى دەپ چۈشىنىلىدۇ. «مىرزا» نىڭ ئاخىرىغا باشقا ئىسىملار قوشۇلۇپ كەلگەندە، ئۇ «مىرزى» غا ئۆزگىرىدۇ. شۇڭا، ئادەت بويىچە مۇشۇنداق ئېلىندى ۋە ئەسلىيسى ئىزاھلانمىدى. «مىرزا» بەزىدە ئۆزى ئىسىم بولۇپ، «شاھ، باي، قۇل، خوجا، بەگ» ۋە «م» قوشۇمچىسى قاتارلىق تەركىبلەرنى سۈپەت قىلىپ كېلىدۇ.
جىنسى: ئوغۇل
ئۆزگىرىشلىرى: مىرزى، مىرزىجان، مىرزەم، مىرزىم
تىل تەۋەلىكى: پارسچە
كۆرۈلۈشى: (126)
ياقتۇرغانلار: (0) (بۇ ئىسىمنى ياقتۇرسىڭىز، يۈرەك بەلگىسىگە بېسىڭ.)
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...