مۇھەممەد


مەنىسى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى بولۇپ، مەنىسى: دائىم مەدھىيەلەنگۈچى، مەدھىيە ئوقۇلغۇچى، ماختالغۇچى. ئىزاھات: «مۇھەممەد» نىڭ يەنە «مەممەت، مەمەت، مەخەت، مەخەم، مەختەم، مەت، مەتەك، مەھەم، مەتاق، مەقاش» قاتارلىق ئۆزگىرىشلىرى بار. خوتەن شىۋىسىدە بۇ ئىسىم قىسقارتىلىپ كۆپىنچە «مەد» (مەت) دەپ ئېلىنىدۇ ۋە ھەر خىل ئىسىملارنىڭ بېشىغا ياكى ئاخىرىغا قوشۇپ، «مەتقاسىم، مەتقۇربان، مەتتۇرسۇن، توختىمەت» دېگەندەك ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل ئىسىملار قاغىلىق قاتارلىق جايلاردىمۇ مەلۇم دەرىجىدە قوللىنىلىدۇ. كىشىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلۇغلاش يۈزىسىدىن «مۇھەممەد» دېگەن ئىسىمنى ئوغۇللىرىغا كۆپرەك قويغاندىن سىرت، مۇھەممەدنى سۈپەت قىلغان قوش تەركىبلىك ئىسىملارنىمۇ كۆپ قوللانغان. بۇ خىل شەكىلدىكى ئىسىملارغا مەنە بېرىشتە «مۇھەممەد» كە قوشۇلۇپ كەلگەن ئىسىم ئاساس قىلىنىدۇ («مۇھەممەد» ئاساس قىلىنىدىغان ئىسىملارمۇ بار، ئەلۋەتتە. مەسىلەن، «مۇھەممەدجان، مۇھەممەدخان، مۇھەممەدئاخۇن» قاتارلىقلارغا ئوخشاش). شۇنىڭ ئۈچۈن ئاشۇ ئىسىملار مۇستەقىل كەلگەن بابقا قاراشقا توغرا كېلىدۇ. ئومۇمەن «مۇھەممەد» نى سۈپەت قىلىپ قوللانغان بەزى ئىسىملارنى يېڭىدىن تېخىمۇ كۆپ ئۇچرىتىش مۇمكىن.

جىنسى: ئوغۇل

ئۆزگىرىشلىرى: مۇھەممەت، مەھەممەت، مەخەممەت، مەمەت، مەممەت، مەخەت، مەخەم، مەختەم، مەت، مەتەك، مەھەم، مەتاق، مەقاش

تىل تەۋەلىكى: ئەرەبچە

لاتىنچە: Muhemmet
تۈركچە: Muhammed, Mehmet

كۆرۈلۈشى: (363) كۆرۈلۈشى

ياقتۇرغانلار: (99) ياقتۇرۇش (بۇ ئىسىمنى ياقتۇرسىڭىز، يۈرەك بەلگىسىگە بېسىڭ.)