خوجا


مەنىسى: ئۇستاز، خوجايىن؛ ئىگە. ئىزاھات: «خوجا» ئەسلىدە «خۇاجە، خاجە، خوجە» دېيىلسىمۇ، ئادەت بويىچە «خوجا» دەپ ئېلىندى. ئۇ مەنە جەھەتتىن «ئۇستاز، خوجايىن، ئىگە» دېگەنلىك بولۇپ، بەزىدە كۆچمە مەنىسى بولغان «ئىگەم، ئاللا» كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بولۇپمۇ كىشى ئىسىملىرىدا تېخىمۇ شۇنداق. مەسىلەن، «خوجامبەردى، خوجاميار» دېگەندە «ئاللابەردى، ئاللايار، ئىگەمبەردى، ئىگەميار» دەپ چۈشىنىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، « شاھ، خان، بەگ» قاتارلىق ئىسىملارمۇ خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەنە جەھەتتىن كۆپىنچە شاھ، خان ياكى بەگنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، بەلكى ئاللانى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، ئاللا ھەممىنىڭ شاھى، خانى ۋە بېگى دەپ ماختىلىدۇ. مەسىلەن، « شاھىمبەردى، خانقۇلى، بەگقۇلى» دېگەندىمۇ «ئاللابەردى، ئاللاقۇلى، ئاللاقۇل» دەپ تونۇيمىز. «خوجا» يەنە بەزىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، خوجىنىڭ ئەرەبچە ئاتىلىشى بولغان «سەييىد» (سېيىت) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. كىشلىەر دەل مۇشۇ سەۋەبتىنمۇ « خوجا» نى پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قىلىپ قويۇشقان. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئسىم ئۆزىنى «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى» دەپ ئاتىۋالغان ئاتالمىش خوجىلارغىمۇ قارىتىلىدۇ. مېنىڭچە، كىشى ئىسىملىرىدا خوجىلار كۆزدە تۇتۇلمايدۇ. ئۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىشلىرى بار: «خوجام، غوجا، غوجام، غوجى، خوجاش، غوجەش، خوجاق، غوجاش، غوجاق، غوجەك،غوجەم».

جىنسى: ئوغۇل

ئۆزگىرىشلىرى: خوجام، غوجا، غوجام، غوجى، خوجاش، غوجەش، خوجاق، غوجاش، غوجاق، غوجەك،غوجەم

تىل تەۋەلىكى: پارسچە

تۈركچە: Hoca

كۆرۈلۈشى: (297) كۆرۈلۈشى

ياقتۇرغانلار: (0) ياقتۇرۇش (بۇ ئىسىمنى ياقتۇرسىڭىز، يۈرەك بەلگىسىگە بېسىڭ.)