
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
ساددا قىزچاق
پلاستىنكا: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ناخشىلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2016
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
634

ساددا قىزچاق - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
ساددا قىزچاق، بولما ئەخمەق، سېنى ئۇنتۇپ كېتىشىم ئەقىلدىن بەك يىراق. بىر جۈپ قوشماق، شۇنچە ئامراق، كۆڭۈل بۆلۈپ ئۆتەرمىز مەڭگۈ ئىجىل-ئىناق leydies and gentelman you are listening to Ablajan پەيدا بولسا، جىلۋە قىلىپ نازىنى. ئۇنتۇلدۇرار، ماڭا جاھاننىڭ زارىنى. قويسا شۇئان، ئۇ مۈرەمگە باشىنى، ھىس قىلدۇرار، بىر ئەركەكنىڭ زاتىنى. لىكىن يامان، گۈزەلىمنىڭ خۇي پەيلى. ئاچچىقلىنار، دېمەستىن بوپتۇ مەيلى. ھەممە قىزنى، رەقىپ چاغلار ئۆزىگە. قالدىم قاراپ، شۇ تەمەننازنىڭ كۆزىگە. ساددا قىزچاق، بولما ئەخمەق، سېنى ئۇنتۇپ كېتىشىم ئەقىلدىن بەك يىراق. بىر جۈپ قوشماق، شۇنچە ئامراق، كۆڭۈل بۆلۈپ ئۆتەرمىز مەڭگۈ ئىجىل-ئىناق ساددا قىزچاق، بولما ئەخمەق، سېنى ئۇنتۇپ كېتىشىم ئەقىلدىن بەك يىراق. بىر جۈپ قوشماق، شۇنچە ئامراق، كۆڭۈل بۆلۈپ ئۆتەرمىز مەڭگۈ ئىجىل-ئىناق خىيال قىلار، توسار گۇمان ئەقلىنى. تۈزەر پىلان، كىلىپ كۈچلۈك شەيتىنى. ئۇنتۇپ قالار، ئۇ كۆڭلۈمنىڭ ئەسلىنى، تارتماقتىمەن، ساددا قىزنىڭ دەردىنى زېرىكمەستىن، قىلىمەن كۆڭلۈمنى بايان. شۇ تۈگۈنلەر، يىشىلەر پاكىز شۇئان. ئەركىلەپ سۆيەر، مەڭزىمگە تەنتەك شەيتان. بەخىت ئۇ نېمە؟ ھېس قىلىمەن ئاشۇ زامان. ساددا قىزچاق، بولما ئاخماق، سېنى ئۇنتۇپ كېتىشىم ئەقىلدىن بەك يىراق. بىر جۈپ قوشماق، شۇنچە ئامراق، كۆڭۈل بۆلۈپ ئۆتەرمىز مەڭگۈ ئىجىل-ئىناق ساددا قىزچاق، بولما ئاخماق، سېنى ئۇنتۇپ كېتىشىم ئەقىلدىن بەك يىراق. بىر جۈپ قوشماق، شۇنچە ئامراق، كۆڭۈل بۆلۈپ ئۆتەرمىز مەڭگۈ ئىجىل-ئىناق ساددا قىزچاق، مەن ساڭا تولىمۇ ئامراق ساددا قىزچاق، كۆڭۈل بۆلۈپ ئۆتەرمىز مەڭگۈ ئىجىل-ئىناق ساددا قىزچاق، بولما ئاخماق، سېنى ئۇنتۇپ كېتىشىم ئەقىلدىن بەك يىراق. بىر جۈپ قوشماق، شۇنچە ئامراق، كۆڭۈل بۆلۈپ ئۆتەرمىز مەڭگۈ ئىجىل-ئىناق ساددا قىزچاق، بولما ئاخماق، سېنى ئۇنتۇپ كېتىشىم ئەقىلدىن بەك يىراق. بىر جۈپ قوشماق، شۇنچە ئامراق، كۆڭۈل بۆلۈپ ئۆتەرمىز مەڭگۈ ئىجىل-ئىناق
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...