
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
قار مەلىكە
پلاستىنكا: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ناخشىلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2016
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
651

قار مەلىكە - ھەققىدە:
سۆزى: مۇختەر بۇغرا مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
ئاق قۇچقاچتەك ماڭىدۇ، قار ئۇسىتىدە قاردەك قىز. يالغۇز شاختا سايرايدۇ، قار ئۇستىدە تاردەك قىز. قار لەيلىسى قار مەلىكە، بەلكىم ئۇيغۇر پەرىشتە. كېلەر ئاتلىق شاھزادە، مەخپىي ئىغىر رەۋىشتە. جىلۋە قىلار يىراقتىن، قار دۆۋىسى ياكى بەدەن، ئاق توشقان دەپ شۇ زامان، ئوق ئۈزەر ئوقيا بىلەن. قىزدىن ئامەت قاچار، ئوق دەل يۈرەككە پاتار، شاھزادە پۇشايمانغا قالار. مەلىكىنى يۆگەشكە، ئاپپاق كىگىز تاپار، ئاندىن سەرەڭگىنى ياقار، مەلىكە، قار مەلىكە. مەلىكە، قار مەلىكە. مەلىكە، قار مەلىكە. مەلىكە، قار مەلىكە قار ئۈستىدە يارىدار قىز، قان چىچىكى چېچىلار. ئوۋدىن قايىتقان شاھزادە، گويا نۇردەك ئېتىلار. ئورار مەلىكىنى شاھزادە، قاردەك ئاپپاق كىگىزگە شۇئان. لىكىن تۇرۇپ قالدى داڭقىتىپ، كىگىزدىمۇ قىزىل قان. قارقىز ھۇشسىز ياتار، يىگىت دەرتكە پاتار، ياشلىرى قار بولۇپ ياغار. قىزنى باغرىغا باسار، توۋلار، چۇقان سالار، قار دالا قان بولۇپ ئاقار. مەلىكە، قار مەلىكە. مەلىكە، قار مەلىكە. مەلىكە، قار مەلىكە. مەلىكە، قار مەلىكە
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...