
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
مەكتەپ گۈزىلى
پلاستىنكا: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ناخشىلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2016
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
935

مەكتەپ گۈزىلى - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئىشلىگۈچى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
Lets` Go بىللە كىلەر ھاياجان، سەن پەيدا بولغان زامان. مەكتەپ قورۇسى قايتا، خۇشال شادلىققا تولار ھەريان ماڭا سەن بەكمۇ ئەۋزەل، كەتسىمۇ مەندىن ھەرقانداق بەدەل. بۇندا كەسكىن رېقابەت، چۈنكى سەن مەكتەپتە بىردىنبىر گۈزەل. كەل يېقىن يېنىمدا، قالغىن قېشىمدا، ئورناي دېلىڭغا، چوڭقۇر يۈرەك قېتىڭغا. كەل يېقىن يېنىمدا، قالغىن قېشىمدا، ئورناي دېلىڭغا، چوڭقۇر يۈرەك قېتىڭغا. كۈلۈپ كۈلۈپ مەكتەپ گۈزىلى كەلدى كۈلۈپ، ئۇزۇن قارا چاچلىرىنى ئۇ تال-تال ئۆرۈپ. شۇنچە مەغرۇر قاراپ قويماستىن ئۆرگىلىپ، ھېچكىم سېنى خاپا قىلمىسۇن مەكتەپ گۈزىلى. مۇجەسسەم ئۇ گۈزەلگە، ئەخلاق بىلىم ۋە ناز كەرەشمە. قىلغۇم يوق ئىتىراپ لېكىن، نۇرغۇن يىگىت ئۇنىڭ پىيىدە. ھېچكىشى سالمىسۇن نەزەر، مەندىن ھەم ئەيلىسۇن كۆپرەك ھەزەر. بوشاشمايمەن يولۇمدىن، بارچە رەقىبلەرنى يەڭگەنگە قەدەر. كەل يېقىن يېنىمدا، قالغىن قېشىمدا، ئورناي دېلىڭغا، چوڭقۇر يۈرەك قېتىڭغا. كەل يېقىن يېنىمدا، قالغىن قېشىمدا، ئورناي دېلىڭغا، چوڭقۇر يۈرەك قېتىڭغا سومكىسىنى ئېسىۋالغان مۈرىسىگە، كىتابىنى مەھكەم تېڭىۋالغان يۈرىكىگە. ئەقىل-ئېدراك تۆكىلىدۇ لەۋلىرىدە، ھېچكىم سېنى خاپا قىلمىسۇن مەكتەپ گۈزىلى كەل يېقىن يېنىمدا، قالغىن قېشىمدا، ئورناي دېلىڭغا، چوڭقۇر يۈرە قېتىڭغا. كەل يېقىن يېنىمدا، قالغىن قېشىمدا، ئورناي دېلىڭغا، چوڭقۇر يۈرە قېتىڭغا كەل يېقىن يېنىمدا، قالغىن قېشىمدا، ئورناي دېلىڭغا، چوڭقۇر يۈرەك قېتىڭغا. كەل يېقىن يېنىمدا، قالغىن قېشىمدا، ئورناي دېلىڭغا، چوڭقۇر يۈرەك قېتىڭغا
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...