
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
گۇمان ۋە ئارمان
پلاستىنكا: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ناخشىلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2016
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
654

گۇمان ۋە ئارمان - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئورۇنلىغۇچى: ئابلاجان-شېرىنگۈل-فېردەۋس
مېنى ئاۋارە قىلما، يەنە مۇھەببەت سورىما. ھەر دائىم ئىزدەپ يۈرۈپ ، ئېغىزىڭدا يالغان كۆيۈپ. ئەمدى تېلېفون قىلما، ھەرگىز ئۈمۈدۋار بولما، ماڭا ئىشەنىچ باغلاپ، ئۆزۈڭنى قالتىس چاغلاپ. ھەي قىز بىل كۆڭلۈمدە بىر سەن، ھەم راسىتتۇر سۆزلىرىمگە ئىشەن. قىلماسمەن ھېچكىمنى ساڭا تەڭ، بىر ساڭا كۆيۈپ چېن دىلدىن سۆيۈپ. سېنى دەپ غەمگە لىق تولدى باشىم، ئاز قالدى تۆكۈلگىلى ياشىم، كەلگىنە بولغىن قاياشىم، سۆيگۈڭنى بىرىپ قوينۇڭغا ئالغىن. سىزەلمىدىم ساداقەت سىزەلمىدىم مەن، ئىشەنمىدىم سۆزۈڭگە ئىشەنمىدىم ھەم، كۆزلىرىڭگە ئىشەنمىدىم بىلەلمىدىم سەۋەبى بىلەلمىدىم مەن، ئۇتالمىدىم كۆڭلۈڭنى ئۇتالمىدىم ھەم، ھاردىم كۆڭلۈڭنى ئۇتالمىدىم. ئاڭلىغىم يوق قايتا، چۈنكى سۆزۈڭ ساختا، ھەممىگە قىلما ھەۋەس، بىل سۆيگۈ ئويۇن ئەمەس. ساڭا ھېچ كۆڭلۈم يوق، كۆرۈشۈشكە ۋاقتىم يوق. سېنىڭدىن بولاي پەخەس، يىگىتىم بولمىقىڭ تەس. ھەي قىز مەن سۆزلىرىڭگە ھەيران، ئۇ مەن ئەمەس سەن ئويلىغان، ھەم ساختا نىيەت بولمىغان، قول ئۈزمەسمەن، ۋاز كەچمەسمەن. ئويلىما مېنى ئەسكى بالا، تىكىلىپ كۆزلىرىمگە قارا. سالماسمەن كۆڭلۈڭگە يارا، ئىشەن ھەردەم بۇ مېنىڭ ۋەدەم. سىزەلمىدىم ساداقەت سىزەلمىدىم مەن، ئىشەنمىدىم سۆزۈڭگە ئىشەنمىدىم ھەم، كۆزلىرىڭگە ئىشەنمىدىم. بىلەلمىدىم سەۋەبى بىلەلمىدىم مەن، ئۇتالمىدىم كۆڭلۈڭنى ئۇتالمىدىم ھەم، ھاردىم كۆڭلۈڭنى ئۇتالمىدىم. بۇ جاھان بەزىدە كەڭ بەزىدە تار، ھېچكىمنى ھېچكىمگە قىلماس خار. يالغان سۆزلەپ تۇتقان بىلەن قوش يار، بىر كۈنى ئاسار جاھان سېنى بولۇپ دار. پەيتى كىلىپ بۇ سىرلارمۇ ئېچىلار، ئىككى جۈپ كۆز غەزەپ بىلەن سورىشار. ئۇ كىم؟! ئۇ كىم؟! مەن زادى كىم! سىزەلمىدىم ساداقەت سىزەلمىدىم مەن، سېنىڭدىن ھېچبىر ۋاپا كۆرەلمىدىم ھەم. ساڭا پەقەت ئىشەنمىدىم ئىشەنمىدىم، بىلمىدىم بۇنىمە ھېچ بىلەلمىدىم مەن. ئالدىرىما سۆزىمگە قۇلاق سالغىن ھەم، قانداق چۈشەندۈرۈشنى ھېچ بىلەلمىدىم.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...