
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
ئەتلەس كۆڭلەك
پلاستىنكا: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ناخشىلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2016
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
478

ئەتلەس كۆڭلەك - ھەققىدە:
سۆزى: مۇختەر بۇغرا مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
كىيىپ چىقساڭ ئەتلەس كۆڭلەك، كۆز ئالدىمدا مىڭلاپ چىچەك. كىيىپ چىقساڭ ئەتلەس كۆڭلەك، كۆز ئالدىمدا مىڭلاپ چىچەك. كەيدۈرگەندە ئەزىز ئاناڭ، كەيدۈرگەندە ئەزىز ئاناڭ، ئۈجمىلىكتە توقۇپ چىچەك كەيدۈرگەندە ئەزىز ئاناڭ، كەيدۈرگەندە ئەزىز ئاناڭ، ئۈجمىلىكتە توقۇپ چىچەك قارا چېچىڭ قارا ئوتتەك، تۇتسام قولۇم كۈل بولىدۇ. قارا چېچىڭ قارا ئوتتەك، تۇتسام قولۇم كۈل بولىدۇ سۆيسەڭ پىلە غوزىسىدەك، نازۇك تېنىڭ گۈل بولىدۇ. سۆيسەڭ پىلە غوزىسىدەك، سۆيسەڭ پىلە غوزىسىدەك نازۇك تېنىڭ گۈل بولىدۇ سۆيسەڭ پىلە غوزىسىدەك، سۆيسەڭ پىلە غوزىسىدەك نازۇك تېنىڭ گۈل بولىدۇ ئۇيغۇر خەلىق ناخشىسىنى، توۋلاپ بارسام مەن كوچاڭغا. ئۇيغۇر خەلىق ناخشىسىنى، توۋلاپ بارسام مەن كوچاڭغا. ھەسەن-ھۈسەن، گۈل چىمەننى ھەسەن-ھۈسەن، گۈل چىمەننى، كىيىۋاپسەن ئۆز ئۇچاڭغا ھەسەن-ھۈسەن، گۈل چىمەننى ھەسەن-ھۈسەن، گۈل چىمەننى، كىيىۋاپسەن ئۆز ئۇچاڭغا ھەسەن-ھۈسەن، گۈل چىمەننى ھەسەن-ھۈسەن، گۈل چىمەننى، كىيىۋاپسەن ئۆز ئۇچاڭغا كىيىۋاپسەن ئۆز ئۇچاڭغا
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...