
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
ئاپتاپ چىق
پلاستىنكا: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ناخشىلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2016
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
812

ئاپتاپ چىق - ھەققىدە:
سۆزى: مۇختەر بۇغرا مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
ئاپتاپ چىق، ئاپتاپ چىق، بەش بالاڭنى باشلاپ چىق. ئاپتاپ چىق، ئاپتاپ چىق، چاققان بولغىن پارلاپ چىق. ئاپتاپ چىق، ئاپتاپ چىق، مۆكىۋالما ئويناپ چىق. كەل قوشۇلغىن بىزلەرگە، ئويناي دىسەڭ ئويۇن جىق. بەش بالاڭ بار ئوتقاشتەك، ئېغىزلىرى ئويماقتەك. بەش بالاڭنىڭ ئالدىغا، ئۇچۇپ بارسام قۇچقاچتەك. بۈگۈن بايرام بەزمىسى، قىززىپ كەتتى گۈلخاندەك. باللىرىڭنى ئېلىپ كەل، يىپقا تىزغان مارجاندەك. ماڭا ئاداش بولارمۇ؟ بىزنىڭ ئۆيدە قونارمۇ؟ ئاپتاپ چىق، ئاپتاپ چىق، بەش بالاڭنى باشلاپ چىق. ئاپتاپ چىق، ئاپتاپ چىق، چاققان بولغىن پارلاپ چىق. ئاپتاپ چىق، ئاپتاپ چىق، مۆكىۋالما ئويناپ چىق. كەل قوشۇلغىن بىزلەرگە، ئويناي دىسەڭ ئويۇن جىق. بىزنىڭ قازناق قاراڭغۇ، ئۇلار مۆكىۋالمىسۇن. ئوچاقتىكى قايناقسۇنى، پۇتىغا تۆكىۋالمىسۇن. مۆكىۋالدىڭ قەيەرگە، تاپالمىدۇق بىز ئىزدەپ. كەچ بولغاننى سەزمەستىن، بىز ئوينايمىز كۈن-كۈنلەپ. بولۇر ئويۇن ئويۇندەك، بولساق ئاكا-سېڭىلدەك. پاقىرايمىز ئاپتاپتا، پىيالىدەك، چىنىدەك. ئاپتاپ چىق، ئاپتاپ چىق، بەش بالاڭنى باشلاپ چىق. ئاپتاپ چىق، ئاپتاپ چىق، چاققان بولغىن پارلاپ چىق. ئاپتاپ چىق، ئاپتاپ چىق، مۆكىۋالما ئويناپ چىق. كەل قوشۇلغىن بىزلەرگە، ئويناي دىسەڭ ئويۇن جىق. نېمە تاپساق تەڭ يەيلى، سېنىڭ مېنىڭ دېمەيلى. بالا جانلىق ئانامنىڭ، قوينىدا تەڭ كۈلەيلى. ئانام ياقتى تونۇرغا، يۇمىلاق-يۇمىلاق زاغرىنى. سېنىڭ مېنىڭ دېمەستىن، تەڭ يىمەمدۇق بارىنى. ئاپتاپ چىق، ئاپتاپ چىق، بەش بالاڭنى باشلاپ چىق. ئاپتاپ چىق، ئاپتاپ چىق، چاققان بولغىن پارلاپ چىق. ئاپتاپ چىق، ئاپتاپ چىق، مۆكىۋالما ئويناپ چىق. كەل قوشۇلغىن بىزلەرگە، ئويناي دىسەڭ ئويۇن جىق.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...